يۇنۇس سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ھەزرىتى يۇنۇسنىڭ قەۋمىدىن ئازاپنىڭ كۆتۈرۋېتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان 98 – ئايىتىگە ئاساسەن، سۈرە يۇنۇس سۈرىسى دەپ ئاتالغان.

ھەزرىتى يۇنۇسنى باشتا ئىنكار قىلىپ مەسخىرە قىلغان، كېيىن بۇ پوزىتسىيىسى سەۋەبىدىن پۇشايمان بولۇپ خاتاسىنى تونۇغان ۋە توغرا يولغا يۈزلەنگەن قەۋمنىڭ قىسسىسى بۇ سۈرىدە بايان قىلىنغان. يۇنۇس پەيغەمبەر ( مىلاددىن بۇرۇنقى 860 – 784 ) بىر ئاسۇر شەھىرى بولغان نىنوۋاغا ئەۋەتىلگەن. سۈرە تەپسىر ۋە رىۋايەتلەردە بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان.

ساففات سۈرىسىدە يۇنۇس قەۋمى ھەققىدە كەڭ دائىرىدە بايانلار بېرىلگەن بولسىمۇ، بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالمىغان. بۇنىڭ سەۋەبى بۇ سۈرىگە ئىسمى بېرىلگەن ئايەتتە يەر ئالماقتا:

« يۇنۇس قەۋمىدىن باشقا ( ئازاپقا لايىق بولغاندىن كېيىن ) ئىمان ئېيتىپ، ئىماننىڭ پايدىسىنى كۆرگەن ھېچقانداق بىر قەۋم / شەھەر يوق » ( 98 ).

گەرچە سۈرىدە يۇنۇس قىسسىسىنىڭ ئالدىدا، باشقا تۆت پەيغەمبەرنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان بولسىمۇ، سۈرىنىڭ بۇ ئىسىم بىلەن ئاتىلىشى، پەيغەمبەرلەر تارىخىدىكى بۇ مۇستەسنا ئەھۋالدىن بولسا كېرەك. مۇسھابتا ئارقىمۇ – ئارقا كەلگەن ئۈچ سۈرىلىك « ئەلىف – لام – را » ئائىلىسىنىڭ تۇنجىسى. تۇنجى قۇرئان نەسلىنىڭ تىلىدا باشلانغۇچ ھەرىپلىرى ئوخشاش بولغان سۈرە گۇرۇپپىلىرىنى « ئائىلە » دەپ ئاتىغانىدى ( مەسىلەن: ھا – مىم ئائىلىسىگە ئوخشاش ).

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. ھەزرىتى ئوسمان تەرتىۋىدە 51 – ئورۇندا، ئىبن ئابباس تەرتىۋىدە 48 – ئورۇندا، ئىمام جافەر تەرتىۋىدە 50 – ئورۇندا يەر ئالغان. ھەر ئۈچ تەرتىپتە ئىسرا – ھۇد سۈرىسى ئارىسىغا توغرا كەلمەكتە. بۇ بىز ئۈچۈن توغرىدۇر. قولىمىزدا بۇنىڭغا ئېتىراز قىلىغۇدەك ھېچقانداق مەلۇمات يوق.

سۈرە قۇرەيش بويقۇتىدىن كېيىنكى مەزگىلىگە توغرا كەلگەن پەيغەمبەرلىكنىڭ 10 – يىلىدا نازىل بولغان. سۈرىنىڭ مەزمۇن، ئۇسلۇپ ۋە شەكلى بۇنى تەستىقلىماقتا. ۋەھىينىڭ نازىل بولۇش جەريانى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىنغان بارلىق نوپۇزلىق ئۇستازلارمۇ مۇشۇنداق دەپ قارىغان. بۇنىڭغا زەھەبى ۋە سۇيۇتىغا ئوخشاش قۇرئان ئىلىملىرى ساھەسىدە ئەسەر يازغان ئالىملارمۇ، بازەرگانغا ئوخشاش دەۋرداشلىرىمۇ شۇنداق دەپ قارىغان. ئارقىدا تىلغا ئېلىنغان ئىسىملەر، قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ نازىل بولۇش تەرتىۋى ھەققىدە ئەتراپلىق ئىزدەنگەن شەخسلەر ئىدى.

سۈرىنىڭ تېمىسى ئىلاھى يېتەكچىلىك ۋە بۇ رەھبەرلىكنى رەت قىلغۇچىلاردۇر بولۇپ، بۇ سۈرە « ئەلا » تەنبىھ قوشۇمچىسى ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان سۈرىلەردىن بىرىدۇر. بۇ، مەزكۇر سۈرىنىڭ ئاگاھلاندۇرغۇچى لەۋھە خاراكتېرىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتدۇ.

مۇقاتتائات بىلەن باشلىغان سۈرىلەردىكى ئومۇمىي ئالاھىدىلىكە ئاساسەن، بۇ سۈرىمۇ ۋەھىي شپى كەلتۈرۈلگەن ھالدا باشلانغان:

الر تِلْكَ آَيَاتُ الْكِتَابِ الْحَكِيمِ (1) أَكَانَ لِلنَّاسِ عَجَبًا أَنْ أَوْحَيْنَا إِلَى رَجُلٍ مِنْهُمْ أَنْ أَنْذِرِ النَّاسَ وَبَشِّرِ الَّذِينَ آَمَنُوا أَنَّ لَهُمْ قَدَمَ صِدْقٍ عِنْدَ رَبِّهِمْ قَالَ الْكَافِرُونَ إِنَّ هَذَا لَسَاحِرٌ مُبِينٌ (2)

ئەلىف، لام، را. بۇ، ھېكمەتلىك كىتاب (يەنى قۇرئان) ئايەتلىرىدۇر. ئىنسانلارنىڭ بىرىگە ( يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ): ئىنسانلار ( يەنى كاپىرلار ) نى ( اﷲ نىڭ ئازابىدىن ) ئاگاھلاندۇرغىن، مۆمىنلەرگە پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ( قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن ) يۇقىرى ئورۇنغا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن، دەپ ۋەھيى قىلغانلىقىمىزدىن ئۇلار ئەجەبلىنەمدۇ؟ كاپىرلار: « بۇ ھەقىقەتەن ئاشكارا سېھىرگەردۇر » دېدى ( 1 – 2 ).

ئۇنىڭدىن كېيىن مەنىۋىي ۋە كائىنات دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بايان قىلىنغان. يەنى، ئاسمانلار، زېمىن، قوياش، ئاي، كۈندۈز، كېچە… بۇلار كائىنات دۇنياسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئىچىدە يەر ئالماقتا ( 3 – 6 ). بۇ ئارقىلىق تاشقى دۇنيادىكى جىسمى ئايەتلەر ( كائىنات جىسىملىرى ) بىلەن قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ، ئىنسان ئىچكى دۇنياسىدا پىكىر – چۈشەنچە ئايەتلىرى بولۇپ پورەكلەپ ئېچىلىشى ئىستەنمەكتە. بۇنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توساق، دۇنياغا بېرىلىپ كېتىشتۇر. دۇنيا ھاياتىدىن مەمنۇن بولغان كىشىلەر دۇنياغا بېرىلىپ كەتكەنلەر بولۇپ، بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئاللاھ نىڭ ھوزۇرىغا چىققۇدەك يۈزى بولمايدۇ:

إِنَّ الَّذِينَ لَا يَرْجُونَ لِقَاءَنَا وَرَضُوا بِالْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَاطْمَأَنُّوا بِهَا وَالَّذِينَ هُمْ عَنْ آَيَاتِنَا غَافِلُونَ (7) أُولَئِكَ مَأْوَاهُمُ النَّارُ بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ (8)

« شۈبھىسىزكى، بىز بىلەن مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار ( يەنى اﷲ قا مۇلاقات بولۇشنى كۆزلىمەيدىغانلار )، دۇنيا تىرىكچىلىكىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەنلا رازى بولغانلار ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئارام تاپقانلار، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن غاپىل بولغانلاردۇر. ئەنە شۇلارنىڭ جايى، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن دوزاخ بولىدۇ » ( 7 – 8 ).

شۇنداقتىمۇ ئاللاھ جازالاندۇرۇشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ. چۈنكى ئۇ « رەھمان »دۇر، « رەھىم »دۇر. ئۇ جازالاندۇرۇشتا ئالدىراپ كەتمەيدۇ، شۇنداقتىمۇ ئىنسان ئۆزىگە قايتىش / خاتالىقىدىن يېنىش ئۈچۈن ئالدىرىشى كېرەك. ئىنسان مەنپەئەت بار دەپ ئويلىغان نېمەتلەرنى تىلەشتە دائىم ئالدىرايدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ نېمە بولغان ھىدايەتنى تەلەپ قىلىشتا سۇسلىق قىلىشى كىشىنى ئويغا سالىدۇ.

وَلَوْ يُعَجِّلُ اللَّهُ لِلنَّاسِ الشَّرَّ اسْتِعْجَالَهُمْ بِالْخَيْرِ لَقُضِيَ إِلَيْهِمْ أَجَلُهُمْ فَنَذَرُ الَّذِينَ لَا يَرْجُونَ لِقَاءَنَا فِي طُغْيَانِهِمْ يَعْمَهُونَ

« ئەگەر اﷲ كىشىلەر تەلەپ قىلغان يامانلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇلار تەلەپ قىلغان ياخشىلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئالدىرىغاندەك ئالدىرىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئەجىلى چوقۇم يەتكەن بولاتتى ( يەنى ھالاك بولاتتى ). بىز بىلەن مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلارنى گۇمراھلىقتا تېڭىرقاپ يۈرۈشكە قويۇپ بېرىمىز » ( 11 ).

تۆۋەندىكى ئايەت، ئىنسان يارىتىلغاندىن تارتىپ پەقەت ئۆزگەرمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئىبرەتلىك ئايەتتۇر:

وَإِذَا مَسَّ الْإِنْسَانَ الضُّرُّ دَعَانَا لِجَنْبِهِ أَوْ قَاعِدًا أَوْ قَائِمًا فَلَمَّا كَشَفْنَا عَنْهُ ضُرَّهُ مَرَّ كَأَنْ لَمْ يَدْعُنَا إِلَى ضُرٍّ مَسَّهُ كَذَلِكَ زُيِّنَ لِلْمُسْرِفِينَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ

« ئىنسانغا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتسە، ياتسىدۇ، ئولتۇرسىدۇ، تۇرسىدۇ، ( ئۇنى دەپئى قىلىشىمىزنى تىلەپ ) بىزگە دۇئا قىلىدۇ؛ ئۇلارغا يەتكەن زىيان ـ زەخمەتنى كۆتۈرۈۋەتسەك، گويا ئۇنى كۆتۈرۈۋېتىشىمىزنى تىلەپ بىزگە دۇئا قىلمىغاندەك، يامان ئىشنى يەنە داۋاملاشتۇرىدۇ، ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۇلارغا مۇشۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى » ( 12 ).

ئىنساننىڭ تەبىئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ مەلۇماتنى پەقەت ئاللاھ لا بېرەلەيتتى. سۈرىنىڭ داۋامىدا بايان قىلىنغان ئايەتلەر ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ ۋە خىتاپ پۈتۈن ئىنسانلارغا قارىتىلىدۇ. تۆۋەندىكى ئايەت ئانتىروپولوگىيىلىك تەتقىقات بىلەنمۇ قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ھەقىقەتنى بايان قىلماقتا:

وَمَا كَانَ النَّاسُ إِلَّا أُمَّةً وَاحِدَةً فَاخْتَلَفُوا وَلَوْلَا كَلِمَةٌ سَبَقَتْ مِنْ رَبِّكَ لَقُضِيَ بَيْنَهُمْ فِيمَا فِيهِ يَخْتَلِفُونَ

« ئىنسانلار ( ئەسلىدە ) بىر دىن ( يەنى ئىسلام دىنى ) دا ئىدى. كېيىن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى ( يەنى دىنلار كۆپەيدى، بۇتلارغا چوقۇنۇشتى ). رەببىڭنىڭ ئالدىنئالا ئېيتقان سۆزى ( يەنى جازالاشنى قىيامەتكە قالدۇرۇشتىن ئىبارەت تەقدىرى ) بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلاتتى ( يەنى دىندا ئىختىلاپ قىلىشقانلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا بۇ دۇنيادىلا جازا بېرىلەتتى ) » ( 19 ).

ئىلاھىي دەۋەت بولغان قۇرئان، ئىنساننى ئەبەدى سائادەت دىيارىغا چاقىرماقتا:

وَاللَّهُ يَدْعُو إِلَى دَارِ السَّلَامِ وَيَهْدِي مَنْ يَشَاءُ إِلَى صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ

« اﷲ ( كىشىلەرنى ) ئامان جايغا ( يەنى جەننەتكە ) دەۋەت قىلىدۇ ۋە بۇ جايغا بېرىشنى خالىغان ئادەمنى توغرا يولغا باشلايدۇ » ( 25 ).

قۇرئاندا بىزگە كۆپ ئۇچرايدىغان بىر ئوبراز بار. بۇ مەۋجۇت ھەقىقەتكە تەسلىم بولماي، چوقۇم ئۇنىڭدىنمۇ ئۈستۈن بىر ھەقىقەتنى قوغلىشىدىغان بىر ئوبرازدۇر. بۇ ئوبرازدىكى زېھىن، غەيرىگە چوقۇنۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىللەتلىك زېھىندۇر. ئەسلىدە تەپەككۇر كۆزى بىلەن قاراشنى بىلسە، ئەتراپىدا كۆرگەن ۋە ئادەتتىكى بىر نەرسە دەپ كۆزگە ئىلمىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بىر مۆجىزىدۇر. كۆزگە كۆرۈنىدىغان شەيئىلەرنىڭ ئاستىدا كۆزگە چىلىقمايدىغان بىر ھەقىقەت ياتىدۇ. شەيئىلەرنىڭ كۆرۈنۈشىنىڭ ئاستىدا ياتقان ھەقىقەتنى كۆرەلەيدىغان قەلب كۆزى، بۇ ھەقىقەتنى كۆرۈپ يېتىدۇ ۋە يۈرەكنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن چىققان بىر نىدا بىلەن « ئاللاھۇ ئەكبەر! » سادالىرىنى ياڭرىتىدۇ. لېكىن، بۇ ئوبراز بۇنداق قىلىشتىن ئاجىز. سۈرىنىڭ 20 – ئايىتى بۇ ئوبرازنى جانلىق تەسۋىرلەپ بېرىدۇ.

سۈرىدە ئاللاھ نىڭ ھەقىقەتنىڭ مەنبەسى ۋە ئۆلچىمىنى بەلگۈلىگۈچى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغاندىن كېيىن، مۇنداق سوئال قويۇلىدۇ:

« ھەقىقەتتىن قالسا، گۇمراھلىقتىن باشقا نېمە قالىدۇ؟ » ( 32 ).

ھەقىقەت نۇرى بولمىسا، ئىنسان نېمىگە ئەگىشىدۇ؟ قۇرئان بۇ سوئالغا ئوچۇق ۋە ئېنىق قىلىپ « زان (ظَنًّ ) – پەرەز »گە ئەگىشىدۇ دەپ جاۋاپ بېرىدۇ:

وَمَا يَتَّبِعُ أَكْثَرُهُمْ إِلَّا ظَنًّا إِنَّ الظَّنَّ لَا يُغْنِي مِنَ الْحَقِّ شَيْئًا إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ بِمَا يَفْعَلُونَ

« ئۇلارنىڭ تولىسى پەقەت پەرەزگىلا تايىنىدۇ، پەرەز دېگەن ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشتا ھەقىقەتەن ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ. شۈبھىسىزكى، اﷲ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر » ( 36 ).

ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىشنىڭ ئاستىدا مەنىۋى قارىغۇلۇق ياتقانلىقى داۋام قىلغان ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ۋەھىي ۋە ۋەھىي كۆرسەتكەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىش، ئەسلىدە خاتا چۈشۈنۈپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان:

بَلْ كَذَّبُوا بِمَا لَمْ يُحِيطُوا بِعِلْمِهِ وَلَمَّا يَأْتِهِمْ تَأْوِيلُهُ كَذَلِكَ كَذَّبَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الظَّالِمِينَ

« ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار قۇرئاننىڭ مەنىسىنى تولۇق چۈشەنمەي ۋە ھەقىقىتىگە تېخى ئەقلى يەتمەي تۇرۇپ ئۇنى ئىنكار قىلىشتى. ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرمۇ ( ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ) مۇشۇلارغا ئوخشاش يالغانغا چىقارغان ئىدى. زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ باققىن » ( 39 ).

جاۋاپكارلىقنىڭ كىشىنىڭ ئۆزىگە ئائىت ئىكەنلىكى، قۇرئان پات – پات تەكىتلەپ تۇرغان  بىر پىرىنسىپ. بۇ ئەسلىدە، پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋىتىگە جاھىللىق بىلەن قارشى چىققۇچىلارنىڭ قىلمىشىغا دەۋەت قىلغۇچىلارنىڭ جاۋاپكار ئەمەسلىكىنىڭ بايانى ئىدى:

وَإِنْ كَذَّبُوكَ فَقُلْ لِي عَمَلِي وَلَكُمْ عَمَلُكُمْ أَنْتُمْ بَرِيئُونَ مِمَّا أَعْمَلُ وَأَنَا بَرِيءٌ مِمَّا تَعْمَلُونَ

ئەگەر ئۇلار سېنى يالغانچى قىلىشتا چىڭ تۇرسا: « مېنىڭ ئەمەلىم ئۆزۈم ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، مېنىڭ ئەمەلىمدىن سىلەر ئادا ـ جۇداسىلەر، سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن مەنمۇ ئادا ـ جۇدامەن ( يەنى بىراۋ باشقا بىر كىشىنىڭ قىلغان گۇناھىغا جاۋابكار ئەمەس ) » دېگىن ( 41 ).

ھېچكىم ئۆزىنىڭ ھۆر ئىرادىسى بىلەن تاللىغان قارارىنىڭ نەتىجىسى سەۋەپلىك كېلىپ چىققان ئاقىۋەتنى، « تەقدىر – پىشانە » دەپ ئاللاھ قا تۆھمەت چاپلىماسلىقى كېرەك. تۆۋەندىكى ئايەت بۇ ھەقىقەتنى جاكارلىماقتا:

إِنَّ اللَّهَ لَا يَظْلِمُ النَّاسَ شَيْئًا وَلَكِنَّ النَّاسَ أَنْفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ

« شۈبھىسىزكى، اﷲ ئىنسانلارغا قىلچە زۇلۇم قىلمايدۇ، لېكىن ئىنسانلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلىدۇ » ( 44 ).

ئاللاھ قا تۆھمەت قىلىشنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسلۇبى، ئاللاھ تىن غەيرىگە ئىلاھلىق سۈپىتى بېرىش بولۇپ، بۇ ھەقتە قۇرئان مۇنداق دەيدۇ:

أَلَا إِنَّ لِلَّهِ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَمَنْ فِي الْأَرْضِ وَمَا يَتَّبِعُ الَّذِينَ يَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ شُرَكَاءَ إِنْ يَتَّبِعُونَ إِلَّا الظَّنَّ وَإِنْ هُمْ إِلَّا يَخْرُصُونَ

« راستلا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە اﷲ نىڭدۇر ( يەنى اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، بەندىسىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر ). اﷲ نى قويۇپ، بۇتلارغا چوقۇنىدىغانلار پەقەت يوقىلاڭ پەرەزگىلا تايىنىدۇ، ئۇلار پەقەت جۆيلۈيدۇ ( پادىغا ئوخشاش قارىغۇلارچە ئىش قىلىدۇ ) » ( 66 ).

ئاللاھ قا ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇھىييىتىگە قىڭغىرلىق بىلەن نەزەر تاشلىغان زېھىن، پەيغەمبەر ۋە پەيغەمبەرلىككىمۇ قىڭغىر قارايدۇ. تۆۋەندىكى ئايەت بۇ خىل ئەقىلگە ئۇرۇلغان تەستەككە ئوخشايدۇ:

قُلْ لَا أَمْلِكُ لِنَفْسِي ضَرًّا وَلَا نَفْعًا إِلَّا مَا شَاءَ اللَّهُ لِكُلِّ أُمَّةٍ أَجَلٌ إِذَا جَاءَ أَجَلُهُمْ فَلَا يَسْتَأْخِرُونَ سَاعَةً وَلَا يَسْتَقْدِمُونَ

ئېيتقىنكى: « اﷲ خالىمىسىلا، مەن ئۆزۈمدىن زىياننى دەپئى قىلىشقا، پايدا قازىنىشقا قادىر ئەمەسمەن، ھەر ئۈممەتنىڭ مەلۇم ۋاقتى بولىدۇ، شۇ ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار بىردەممۇ كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، بىردەممۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ » ( 49 ).

بۇ سۈرىدە ھەزرىتى نۇھ بىلەن باشلىنىپ، ھەزرىتى مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن داۋاملاشقان ۋە ھەزرىتى يۇنۇس بىلەن ئاخىرلاشقان قىسسەلەرنىڭ ھەممىسى ئىنكارچى قەۋملەردىن ئىبرەت ئېلىشقا دەۋەت قىلماقتا. ھەزرىتى مۇسا قىسسىسىدە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نوقتا، ئۆينى ئىنسانغا نىسبەتەن « توغرا يول »غا يۈزلىنىشتىكى بىرەر « قارارگاھ » قا ئايلاندۇرۇش ھەققىدىكى تەلماتتۇر:

وَأَوْحَيْنَا إِلَى مُوسَى وَأَخِيهِ أَنْ تَبَوَّآَ لِقَوْمِكُمَا بِمِصْرَ بُيُوتًا وَاجْعَلُوا بُيُوتَكُمْ قِبْلَةً وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَبَشِّرِ الْمُؤْمِنِينَ

بىز مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قېرىندىشىغا: « قەۋمىڭلار ئۈچۈن مىسىردا ئۆيلەر ياساڭلار، ئۆيلىرىڭلارنى ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، مۆمىنلەرگە ( دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقى بىلەن ) خۇش خەۋەر بېرىڭلار » دەپ ۋەھىي قىلدۇق ( 87 ).

بۇ، « پىرئەۋن زۇلۇمى ئانىلارنىڭ بالا ياتقۇسىغىچە يېتىپ بارغان بولسا، ئۇ يەردە قىلغۇدەك قانداق ئىش بار؟ » دېگەن سوئالغا جاۋاپتۇر.

ئاخىرقى قىسسە بولغان ھەزرىتى يۇنۇس قىسسىسى، تارىخى بىر ۋەقە ئۈستىدىن قۇرئان ۋەھىينىڭ تۇنجى خىتاپ قىلىنغۇچىلىرى بولغان مەككە مۇشرىكلىرىگە قاتتىق بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئىدى. بەلكىم، بۇ قىسسە ئارقىلىق رەسۇلۇللاھقا : « بىزنىڭ رۇخسىتىمىز بولماي تۇرۇپ، يۇنۇسقا ئوخشاش ۋەزىپەڭنى تاشلاپ كەتمە! » دېيىلگەن بولسا كېرەك.

سۈرە، ئىنسانلار تەقدىرىنى، ئۇلارنىڭ تەدبىرلىرى، قىلمىشلىرى بەلگىلەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان بىر بۆلەك بىلەن ئاخىرلىشىدۇ:

قُلْ يَا أَيُّهَا النَّاسُ قَدْ جَاءَكُمُ الْحَقُّ مِنْ رَبِّكُمْ فَمَنِ اهْتَدَى فَإِنَّمَا يَهْتَدِي لِنَفْسِهِ وَمَنْ ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيْهَا وَمَا أَنَا عَلَيْكُمْ بِوَكِيلٍ (108) وَاتَّبِعْ مَا يُوحَى إِلَيْكَ وَاصْبِرْ حَتَّى يَحْكُمَ اللَّهُ وَهُوَ خَيْرُ الْحَاكِمِينَ (109)

( ئى مۇھەممەد! ) ئېيتقىنكى، « ئى ئىنسانلار! سىلەرگە رەببىڭلار تەرىپىدىن ھەق دىن كەلدى، كىمكى توغرا يولنى تاللايدىكەن، ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن تاللىغان بولىدۇ، كىمكى ئازىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئازغان بولىدۇ، مەن سىلەرگە ھامىي ئەمەسمەن ». ( ئى مۇھەممەد! ) ساڭا نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە ئەگەشكىن ( يەنى ئۇنىڭغا ئۆزۈڭ ئەمەل قىلىپ، باشقىلارغا ئۇنى يەتكۈزگىن ). اﷲ ( سەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ) ھۆكۈم چىقارغۇچە ( دىنغا دەۋەت قىلىش يولىدىكى مۇشەققەتلەرگە ) چىدىغىن، اﷲ ئەڭ ھەققانىي ھۆكۈم چىقارغۇچىدۇر ( 108 – 109 ).