سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » يەھۇدىلىشىش مايىللىقى » « يەھۇدىلىشىش مايىللىقى » كىرىش سۆز

« يەھۇدىلىشىش مايىللىقى » كىرىش سۆز

IMG_3224.PNG

كىرىش سۆز
بارلىق مەدھىيەلەر ئاللاھقا، سالات ۋە سالام ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا، ئۇنىڭ كەىم دوستلىرىغا، ئەھلى بەيتىگە ۋە ئىزىدىن ماڭغانلارغا بولسۇن.

پەيغەمبەرلەر تارىخى ھەققىدە ئىزدەنگەنلەر بىلىدۇكى، ئاللاھ تىن ئالغان ۋەھينى ئىنسانلارغا يەتكۈزگەن بارلىق رەسۇللار ۋە ئۇلارنىڭ تەبلىغ قىلغان دىنى، ئىككى تۈرلۈك خەتەرگە يۈزلەنگەن. بىرىنچىسى، پەيغەمبەر ھايات ۋاقتىدا دۇچ كەلگەن خەتەرلەر؛ ئىككىنجىسى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن دۇچ كەلگەن خەتەرلەر.
ئاساسەن  پەيغەمبەرنىڭ شەخسىيىتىگە قارىتىلغان بىرىنچى تۈرلۈك رەددىيە ۋە خەتەرلەرنى تۆۋەندىكىدەك تۆت تۈرگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن:
1. كۆرمەسكە سېلىش، ئۇنتۇلدۇرۇشقا مەھكۇم قىلىش
2. كەمسىتىش، ئىناۋىتىنى تۆكۈش، ئۇنى ۋە رىسالىسىغا ھاقارەت ئېيتىش.
3. سۈرگۈن ۋە ئۆلۈم بىلەن تەھدىت قىلىش، كەيپىنى بۇزۇپ، ۋاز كەچتۈرۈش.
4. ئەمەلىي ھۇجۇمغا ئۆتۈش، قىيناش، ھاياتىنى قەستلەش.

پەيغەمبەرلەر تەبلىغ قىلغان  دىنىغا نىسبەتەن كېلىدىغان ئىككىنجى تۈرلۈك خەتەر –  ۋەھىينى  ئۆزگەرتىۋېتىش، ئۇنىڭدىن ئېلىۋېتىش ياكى قوشۇپ قويۇش، دىننى ھاياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇش، دۇنيا- ئاخىرەت، زاھىر (ئاشكارە )  –  باتىن ( يۇشۇرۇن )، تۇيغۇ –  چۈشەنچە، ئىبادەت –  سىياسەت، ئەقىل –  نەقىلغا ئوخشاش بىر بىرىنى تولۇقلايدىغان ئۇنسۇرلارنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىغان ۋەھىي تەركىپلىرىنى ئايرىپ،  دىننى پارچىلاپ، دىننىڭ ئۆزگىرىدىغان ۋە ئۆزگەرمەيدىغان يەرلىرىنى بىر بىرىگە ئارىلاشتۇرۇش بولۇپ، يىغىنچاقلىغاندا،  ۋەھىينى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش ۋە بۇزۇپ تاشلاش.

پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەن ئىلاھىي ۋەھىيگە قارىتىلغان ئىككىنجى تۈرلۈك خەتەر، پەيغەمبەرنىڭ ئۆزىگە قارىتىلغان بىرىنچى تۈرلۈك خەتەردىن تېخىمۇ قورقۇنچلۇق ۋە تېخىمۇ خەتەرلىك ئىدى. بۇ ئىككى تۈر خەتەر ئارىسىدا سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن پەرق بار. بىرىنچى تۈرلۈك خەتەر تاشقىرىدىن كەلگەن بولسا، ئىككىنجى تۈرلۈك خەتەر ئىچكى تەرەپتىن كەلمەكتە.  بىرىنچىسىنىڭ ئوبىكتى ۋەھىي ئېلىپ كەلگۈچى؛ ئىككىنجىسىنىڭ، بىۋاستە ۋەھىي ئىدى. بىرىنچىسى ئوچوق  ۋە روشەن؛ ئىككىنجىسى، يۇشۇرۇن ۋە ئوڭاي پەرق قىلغىلى بولمايدىغان شەكىلدە.
مانا بۇ سەۋەپتىن، پەيغەمبىرىمىزمۇ باشقا پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش بىرىنچى تۈر خەتەردىن بەكراق ئۆزىدىن كېيىن، يەتكۈزگەن دىنىغا يېتىدىغان ئىككىنجى تۈرلۈك خەتەردىن  قورققان ۋە ئۈممىتىنى بۇ خەتەردىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىرغان ئىدى. ھىجرەت كېچىسى ھاياتى ئۈچۈن، بەدىر كۈنى جامائىتى ئۈچۈن، خەندەك كۈنى دۆلىتى ئۈچۈن ھېس قىلمىغان ئەندىشىنى، ۋاپاتىدىن كېيىن تەبلىغ قىلغان دىنى ۋە قالدۇرۇپ كەتكەن ئۈممىتى ئۈچۈن ھېس قىلغان ئىدى. بۇ ئەندىشىسىنى ھەر قېتىم تىلغا ئالغىنىدا بەرگەن ئۆرنەكلىرى ئوخشاش ئىدى: ئىسرائىل ئوغۇللىرى…
ھەزرىتى پەيغەمبەر قۇرئاننىڭ 700 دىن كۆپرەك ئايەتتە، ھەم مەككە ھەم مەدىنىدە، ۋەھىي نازىل بولغان تۇنجى كۈندىن ئاخىرقى كۈنگىچە قەدەر تەكىتلەپ تۇرغان ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ يەھۇدىلىشىش قەدەم باسقۇچىنىڭ،  ئۈممىتىنىڭمۇ بېشىغا كېلىش  ئېھتىمالى بولغان خەتەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانىدى. بۇنى، قۇرئاننىڭ « يەھۇدىلىشىش خەتىرى » ھەققىدە ئۆزى ۋە ئۈممىتىنى ھەمىشە ئاگاھلاندۇرۇش ئىھتىياجى ھېس قىلىىشىدىن بىلىپ يەتكەنىدى ۋە مۇھەممەد ئۈممىتىنىڭمۇ ئىسرائىل ئوغۇللىرىغا ئوخشاش يەھۇدىلىشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە ھېس قىلىپ ھەر پۇرسەتتە بۇ مەسىلىنى تىلغا ئالغان. مەلۇم بولغىنىدەك، يەھۇدىلىشىشتىن بۇرۇن، ئىسرائىل ئوغۇللىرىمۇ قۇرئان تەكىتلىگەندەك مۇسۇلمان ئىدى.
يەھۇدىلىشىش ھەققىدىكى قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ تەپسىلى تەھلىللىرىنى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ مەسىلىگە ئائىت قايغۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملەردەئۇچرىتىسىز. بۇ مەسىلىنى نېمە ئۈچۈن « يەھۇدىلىشىش مايىللىقى » دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا قەلەمگە ئالغانلىقىمىزنى ئېيتىشقا توغرا كەلگەندە:
« يەھۇدىلىشىش مايىللىقى » نى تەھلىل قىلغان ۋاقتىمىزدا ئالدىمىزغا ئۈچ ئايرىم ئۇقۇم چىقىدۇ:
1.) يەھۇدىيلىك 2.) يەھۇدىيلىشىش 3.) يەھۇدىيلىشىش مايىللىقى.
ھەممىگە مەلۇم بولغىىدەك، يەھۇدىيلىك قوش مەنىگە، يەنى مىللىي – دىنىي مەنىگە ئىگە ئۇقۇم. تەبىئىتى ئىجابى، ھەم « ئىسرائىل ئوغۇللىرىغا مەنسۇپ بولۇش » مەنىسىدە مىللىي كىملىكنى ئىپادە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ دىنى بولغان « مۇسەۋىلىككە مەنسۇپ » بولۇش مەنىسىدە دىنىي كىملىكنى ئىپادىلەيدۇ.
يەھۇدىيلىشىش بولسا، مىللىي ۋە دىنىي تەۋەلىك ئىتىبارى بىلەن، گەرچە ئۆزى يەھۇدىيلىككە مەنسۇپ بولمىسىمۇ ئۇلارغا ئوخشاش بولۇش، ئۇلارغا ئوخشىۋېلىش، ئۇلارنىڭ پوزىتسىيە ۋە مۇئامىلىسىنى ئۆزىگە سېڭدۈرۋېلىش مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇكى، نېمە ئۈچۈن بۇ ئۇقۇمنى تاللىغانلىغانلىقىمىزنى، قۇرئان ۋە سۈننەتتىن دەلىل كەلتۈرگەن ھالدا مەركۇز كىتاپتا بايان قىلدۇق.
يەھۇدىيلىشىش مايىللىقى، جەمىئىيەت خاراكتېرلىق بولۇشتىن زىيادە، يەككە « يۈزلىنىش » بولۇپ، ھەر ئىنساندا يۇشۇرۇن ھالەتتە تېپىلىشى مۇمكىن. بۇ خىل مايىللىق، ھەر مەۋجۇت بولۇپ، ۋۇجۇت ئېمونت كۈچىنى يوقاتقاندىن كېيىن ئورتىغا چىقىدىغان بىر يۇقۇملۇق ۋىروسقا ئوخشايدۇ ۋە مۇۋاپىق مۇھىتتا پوزىتسىيە ۋە مۇئامىلە ئايلىنىپ ئۆزىنى نامايەن قىلىدۇ، يۇقۇشچان خۇسۇسىيىتى بىلەن جەمىئىيەتتە ئاممىۋى پالاكەتكە ئايلىنىدۇ.
« يەھۇدىيلىشىش » بىلەن يەھۇدىيلىشىش مايىللىقى » ئوتتۇرىسىدىكى پەرىقنى ئايرىۋېلىش ئۈچۈن، بىرىنچىسىنىڭ ئىجتىمائىي خاراكتېرلىق، ئىككىنجىسىنىڭ يەككە خاراكتېرلىق ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك. يەھۇدىيلىشىش مايىللىقلىرى بىر بىردىن بىر يەرگە جەم بولغاندا يەھۇدىيلىشىش مەيدانغا كېلىدۇ. بۇنىڭ جەمىيەتشۇناسلىقتىكى ئۆرنىكىنى، 2.دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىتالىيەدىكى فاشىزمنىڭ تەبىئىتنى تەتقىق قىلغان ئادورنونىڭ ئەسەرلىرىدىن تاپالايسىز. ئادورنو فاشىزمنىڭ بىر سېستىما بولۇپ پەيدا بولىشىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا، بەزى كىشىلەردە ئورتاق بولغان مايىللىقلارنى بايقايدۇ. بۇلار كەڭ تارقالغان، لېكىن يۇشۇرۇن ئاڭ ھالىتىدە مەۋجۇت بولغان مايىللىقلار بولۇپ، تەتقىقاتچى بۇنى « فاشىزم مايىللىقى » دەپ ئاتىغان. ئادورنونىڭ قارىشىچە، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ بېسىمى، مەجبۇرىي تېڭىلغان مائارىپ، مۇستەبىت ئائىلە، ھۆكۈمران دادادېگەندەك ھەرخىل سەۋەپلەر نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن بۇ ئېزىلگۈچى مايىللىقنىڭ، شەرت – شارائىتى پىشىپ يېتىلگەندە، ھەر بىر كىشىدە توساتتىن مەيدانغا كېلىشى، بىر سېستىما شەكلىدە « فاشىزم »نى مەيدانغا كەلتۈرگەن.
گەرچە ئىسمى قويۇلمىغان بولسىمۇ، بىر يەھۇدىيلىشكەن  جەمىئىيەتنى ياكى سېستىمىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن نەرسە،  ئوخشاشلا ئايرىم ئايرىم شەخسىلەردىكى يەھۇدىلىشىش مايىللىقى بولسا كېرەك.
يەنە بىر باشقا مەسىلىمىز،  يەھۇدىيلىشىش مايىللىقىغا ئۇچرىغان مۇسۇلمانلاردىن تەشكىل تاپقان بىر توپلۇم / جەمىيەت « ئاڭسىز يەھۇدىيلىك » ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بۇ يەردە، تارىختا تۇنجى قېتىم يەھۇدىيلەشكەن ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ، شۇ زامانلاردا بېشىغا كەلگەن سۈرگۈن، قىرغىنچىلىق ۋە خارلىنىشنى ئىچىگە سىڭدۈرۈپ ئۇنىڭغا مايىل بولۇپ قالغانلىقى ئارقىلىق نەزەردە تۇتۇلماقتا. بۇ ئۆزلەشتۈرۈش، ئاڭلىق ھالدا بىر يەھۇدىيلىشىشنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. خەلق، دائىما دۇچ كەلگەن خورلۇق ۋە پەسكۆرۈلۈش نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن « نەپرەت »نى، « دىن » غا ئايلاندۇرغان. بۇ « نەپرەت تولغان دىن » ياكى « دىنغا ئايلانغان نەپرەت »، « مۇقەددەس قەۋم » مۇتەئەسسىپلىكى شەكىللەنگەن. بۇ مۇتەئەسسىپ چۈشەنچىگە چىڭ يېپىشقان يەھۇدىيلەر، دىنلىرىنى، كىتاپلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى ۋە ھەتتا ئىلاھلىرىنى ( يەھوۋا ) مىللىيلەشتۈرۈپ ئىچىكە بېكىنىشكە باشلىغان ۋە يەھۇدىيلىك بىر يېپىق ھاۋازا دىنىغا، يەھۇدىيلەرمۇ بېكىنمە بىر مىللەت ھالىتىگە كەلگەن. بېكىمىچىلىك ئىچىدە ياشىغان خەلقلەر جامائەتلەر ئىجتىمائىيلىققا  ئىگە بولالمايدىغانلىقى ئۈچۈن، يەھۇدىيلەرمۇ ئىجدىمائىيلىققا ئىگە بولالمىدى، بۇنىڭ دەردىنى تارىخ بويىنچە تارتىپ كەلدى.

ھالبۇكى، ئىسلامنىڭ ئالەمشۇمۇل قۇرۇلمىسى، قاتتىق بىر مىللىيەتچىلىكىنى شەكىللەندۈرمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇسۇلمانلارنىڭ تارىخىدا « نەپرەت » قوزغايدىغان بىر مىللىي سۈرگۈن ۋەياكى قىرغىنچىلىق بولغان ئەمەس. بولۇپمۇ، قۇرئاننىڭ رەببى مەرھەمەتلىك ئاللاھ؛ ئاللاھ، ئۆزگەرتىۋېتىلگەن تەۋراتنىڭ يەھۇۋاسىغا ئوخشاش قىساسكار، پەقەت ياخشى كۆرمەيدىغان، ھەمىشە ئازارلايدىغان ئىلاھ ئەمەس، ئەكسىچە « مېھرى – شەپقەتلىك » بىر ئىلاھ.

ئۆزلىكىدىن يەھۇدىيلەشكەن ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ بۈگۈنكى دۇنيامىزدا كەلگەن نوقتىسى بىلەن،  ئاڭسىز شەكىلدە يەھۇدىيلەشكەن مۇسۇلمانلار كەلگەن نوقتا ئارىسدا چوڭ پەرق بار. ئاڭلىق يەھۇدىيلىك دۇنيانى قانچىلىك بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر سۈمۈرۈشنى، ھەم « ياتلار » ھەم « كاپىر » مەنىسىدىكى « گوئىم » نى، يەنى ئۆزىدىن بولمىغان بارلىق قەۋم ياكى جەلقنى ئۆز ئەمەللىرىگە خىزمەت قىلدۇرۇشنى، ھەر تۈرلۈك ساختىپەزلىكنى مۇباھ كۆرۈپ يەر يۈزىنىڭ تىزگىنىنى قولىغا كىرگۈزۈشنى غايە قىلغان بولسىا؛ ئاڭسىز يەھۇدىلەشكەن مۇسۇلمانلار ، بۇ دۇنيانى ھەمدە ئۇ دۇنيانى يۈتتۈرۈپ قويماقتا.

ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ قانداق قىلىپ يەھۇدىيلەشكەنلىكىنى بىلىش، ئۇلارنىڭ تارىخىنى پىششىق بىلىش بىلەنلا مۇمكىن بولىدۇ. شۇڭا، ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ يەھدىيلىشىش جەريانىنى قولىمىزدىن كېلىشىچە ئىخچام قىلىپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتۇق. بۇنىڭ بىلەنلا كۇپايىلەنمەستىن، بۇ نەسىلنىڭ ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىغا كېلىش ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىغىچە قەدەر بولغان تارىخىنىمۇ نەقىل قىلدۇق. ئەسرى سائادەتتىكى مۇسۇلمان – يەھۇدىي مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلاجى بار ئىشەنچلىك مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ بايان قىلىشقا تىرىشتۇق.

بارلىق تەتقىقاتىمىز نەتىجىسىدە شۇنى قورقماي ئېيتالايمىزكى: يەھۇدىلىشىش بۇ ئۈممەتنىڭ قىيامىتىدۇر. بۇنى بىز ئەمەس، بەلكى پەيغەمبىرىمىز مۇشۇنداق تەرىپلىگەن، ساھابىلەرمۇ مۇشۇنداق چۈشەنگەن. ئۇنداقتا ئۈممەتى مۇھەممەتنىڭ قىيامىتى بولغان يەھۇدىلىشىشنىڭ ئالامەتلىرى نېمە؟ دەل ئەشۇ نوقتىلارنى ئايرىم –  ئايرىم تېما ئاستىدا بىر بىرلەپ تەتقىق قىلدۇق. كۈنىمزدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن ئەسرى سائادەت يەھۇدىلىرى، ھەتتا قەدىمقى ئىسرائىل ئوغۇللىرى ئارىسىدىكى پوزىتسىيە ۋە مۇئامىلە پاراللىللىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە تىرىشتۇق.
بۇ تېمىنى تەتقىق قىلغاندا، ئەڭ باشتا قۇرئان ، 9 مەشھۇر ھەدىس كىتابىنىڭ ھەممىسىنى، تەۋرات، ئىنجىللەرنى، ئىبنى ھىشامنىڭ « سىرا » سى ۋە ئىبىن ھازىمنىڭ « ئەلفاسىل » ىغا ئوخشاش، تېمىمىزغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئانا مەنبەلەرنىڭ ھەممىسىنى باشتىن- ئاياق تەپسىلى تەتقىق قىلدۇق. بۇ كىتاپتا تىلغا ئېلىنغان ئايەتلەرنىڭ مەنا تەرجىمىسىنىڭ كۆپىنچىسى بىزگە ئائىت. بۇ سەۋەپتىن، ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ، قوللىرىدىكى مەنا تەرجىمەلەر بىلەن ئوخشىمايدىغان تەرجىمىلەرنى ئۇچرىتىشى تولىمۇ تەبىئىي بىر ئەھۋال.

كىتابىمىزدا قوللانغان بارلىق ھەدىسلەرنىڭ مەنبەسى،« ئەلمۇئجەمۇل مۇفەخرەس لى ئەلفازىل ھەدىس » دىن ئېلىنغان. ئەمما، 9 ھەدىس كىتابىنىڭ ئوخشىمىغان نۇسقىلىرىدىن ئالغان بەزى ھەدىسلەرنى، ئىزدەنگەن بولساقمۇ،  مەزكۇر ئەسەردىن تاپالمىدۇق، بۇلارنىمۇ ئىزاھاتتا ئەسكەرتىپ ئۆتتۇق. بولۇپمۇ تەۋرات ئايەتلىرىنى، تۈركچە تەرجىمىسىنى ئەرەپچە تەرجىمىسىگە سېلىشتۇرۇپ تەمىنلىدۇق. تۈركچە تەرجىمىدىكى ئىپادە خاتالىقى بىزنى بۇنىڭغا مەجبۇر قىلىپ قويدى.

زۆرۈر دەپ قارىغان مۇھىم ۋە نازۇك نەقىللەرنىڭ پەقەت تەرجىمىلىرىنى بېرىش بىلەنلام چەكلىنىپ قالمىدۇق، ئەھلىنىڭ پايدىلىنىپ قېلىشى مەقسىتىدە، تېكىتلىنىمۇ ئىزاھاتلاردا تەمىنلەشكە تىرىشتۇق.

ئوقۇرمەنلىرىمىزنى كىتاپ بىلەن يەكمۇ يەك قويۇش بىلەن بىرگە، ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ ۋە ئۈممەتى مۇھەممەتنىڭ بىر بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان يەھۇدىيلىشىش جەريانى، بۇ كىتاپنىڭ يېزىلىش مەقسىدىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بۇ  قۇرئان ئايىتىنى قايتا ئەسلىتىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇق: « بىر توپلۇم / قەۋم ئۆز نەپسىدە بولغاننى ئۆزگەرتمىگىچە، ئاللاھ مۇ ئۇ توپلۇم / قەۋمنىڭ ھالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ ».

يەھۇدىيلىشىش مايىللىقى، يەھۇدىيلەردىنمۇ بەكرەك خەتەرلىك. چۈنكى، بۇ ئۈممەت يەھۇدىيلىشىشتىن ئۆزىنى ساقلاپ قالىسا، يەھۇدىيلەر ئۈستىدىن غالىپ كېلەلىشى مۇمكىن. 6 مىليۇن نۇپۇس بىلەن 250 مىليۇن نوپۇسلۇق ئامېرىكىنى، شۇنداقلا دۇنيانى باشقۇرىۋاتقان يەھۇدىيلەردىنمۇ بەكرەك بولغان نەرسە، بۇ ئۈممەتنىڭ يەھۇدىيلىشىپ كېتىشى. بۇ ئۈممەت، ئالدى بىلەن يەھۇدىيلەر بىلەن ئەمەس،يەھۇدىلىشىشكە قارشى كۈرەش قىلىشى كېرەك.

بۈگۈن، ئۆز نەپسىمىزدە بولغان « يەھۇدىيلىشىش مايىللىقى » سەۋەبىدىن ئۈممەتچە كېلىپ قالغان قورقۇنچلۇق ھالىمىز ھەممىگە مەلۇم. ئۈممەتنىڭ قيامىتى، يەھۇدىيلىشىش نەتىجىسىدە قايىم بولدى. ئۈممەت جۇغراپىيەسىنىڭ ھەر رايۇنلىرىدىن كېلىۋاتقان ئاھۇ- پىغانلار بۇنىڭ ئاچچىق خەۋەرچىسى. ھەر قىيامەتكە بىر « بەئسۇل بەئدەل مەۋت / ئۆلۈمدىن كېيىنكى قايتا تېرىلىش » كېرەك. ئەگەر ئۆز نەپسىمىزدە بولغان « يەھۇدىيلىشىش مايىللىقى » نى تورمۇزلاپ، ئۇنى « مۇسۇلمانلىشىش مايىللىقى » غا ئۆزگەرتەلىسەك، ئۇ ۋاقىتتا چۆلدە سەرەپقا ئالدىنىپ ئېزىپ يۈرگەن ئاۋارە ئىسرائىل ئوغۇللىرىدەك، نېمە قىلىشىمىزنى بىلەلمەي قالغان شۇ زامان چۆلىدىن « چىقىش » قا قادىر بولۇپ، « ۋەدە قىلىنغان تۇپراقلار » غا ئەمەس، قۇرئاندا « ۋەدە قىلىنغان نىجاتلىق » قا ئېرىشەلەيمىز.
يىللارچە ئېلىپ بېرىلغان تەييارلىق نەتىجىسىدە، بۇ ئەسەرنىڭ ھازىرلىنىشىغا ئەجرى سىڭگەن ھۆرمەتلىك ئەلى قابانغا، ئىنگىلىزچە تېكىستلەرنىڭ تەرجىمىسىدە تۆھپىسى بولغان فاتىمە ئۆزتەن خانىم ئەپەندىمگە رەھمەت ئېيتىشنى ئۆز بۇرچۇم دەپ بىلىمەن.

غەيرەت بىزدىن، تەۋپىق ۋە ئىنايەت رەببىمىزدىن.

مۇستافا ئىسلامئوغلى
1995-يىل يانۋار، كۈچۈككۆي

ئۆزلەشتۈرگۈچى: ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق (alnoor024)
تەھرىر: باتۇر قاراخانلې

يازغۇچى ھەققىدە

ھايات كىتابىم

ماقالە سانى : 553

ئىنكاس يوللاش

© 2011 Powered By Wordpress, Goodnews Theme By Momizat Team

ئۈستىگە قايتىش