قەدەر رىسالىسىنىڭ قىممىتى

 1.3. بۆلشەلمىگەن كۈچ / ئىمام

 ھەر مەزھەپ ۋە مەشرەپ ھەسەن ئەلبەسرىنى ئۆزىگە مەنسۇپ قىلىشقا تىرىشقان. بىراق، ئۇنى شۇياكى بۇ تامغا بىلەن پىچەتلەپ خۇسۇسىيلاشتۇرۋېلىشقا بولمايدۇ.

ئۇنىڭ قەدەر رىسالىسى، ۋەھىيدىن باشقا ھېچبىر تەۋەلىكنى قوبۇل قىلمايدىغان دەرىجىدە قۇرئانىيدۇر. ئۇ ئىسلامنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنىڭ خەۋىپ ئاستىدا قالغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن بولۇپ، جاھىلىيەت تەقدىر سەپسەتىسىنى يېڭىدىن كۆتۈرۈپ چىققان ھۆكۈمران سىنىپنىڭ، ئەخلاقى مەسئۇلىيەتنىڭ ئاستىنى قېزىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان، ئىلاھى ئەمىر ۋە چەكلىمىلەرنى، مۇكاپات ۋە جازانى، ھەتتا ئاخىرەتنى بىكارغا چىقارغان بىر تەقدىرچىلىكنىڭ، قۇرئاننىڭ ئۈممەتكە بېغىشلىغان ئەخلاقى قىممەت قاراشلىرىنى يوق قىلىۋېتىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. رىسالە، مانا بۇ ئەندىشىنىڭ دەۋىرلەر ھالقىغان نىداسىدۇر.

شۇنىسى ئېنىقكى، ھەسەن ئەلبەسرى قەدەر رىسالىسى يېزىلغاندىن كېيىن مەيدانغا چىققان مەزھەپلەرنىڭ ھېچبىرىگە مەنسۇپ ئەمەس. ئۇ قۇرئاننىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ يولىدا ماڭغان بىر ئالىمدۇر. ئەڭ بۇرۇن بولغاندا ھىجرى 2 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان كالام مەكتەپلىرى، رەقىپلىرى بىلەن بولغان ماجرادا ئۇنىڭ ئىسمىنى سۈيئىستىمال قىلىپ مەنپەئەتكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلغان.

بۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭ قەدەرىييەچى بولۇپ – بولمىغانلىقى ھەققىدە تالاش- تارتىشلار بولغان. قەدەرىييە چۈشەنچىسىنى ئۆز مەزھىبىنىڭ قارىشىغا زىت دەپ قارىغانلارنىڭ ئالدىدا ئىككى خىل يول بار ئىدى. بىرى، 3 – ئەسىر مۇئەللىپلىرىدىن ئىبن قۇتەيبە ( ۋاپات، 276 / 889 )گە ئوخشاش ئەلبەسىرنىڭ ئىسمىنى قەدەرىييەنىڭ قۇرغۇچىلىرى تىزىملىكىگە قۇشۇش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكىلى بولىدىغانلىقىنى ئىما قىلىش. ئىككىنجى يۇل، ئىبن سائات ( ۋاپات 230 / 845 ) ۋە تابارى ( ۋاپات 310 ) غا ئوخشاش ئەلبەسرىنى قەدەرىييەنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇشقا ھەمدە قەدەرىييەنى قامچىلاشقا تىرىشىش ئىدى. بۇ ئىككى خىل پوزىتسىيە توغرا ئەمەس.

ئىمام ئەلبەسرىنىڭ قەدەرىييەگە مەنسۇپ ياكى ئەمەسلىكىنى تالاش – تارتىش قىلىش بىزنىڭچە بىھۇدە بىر ئىش. سەۋەبلىرىگە كەلسەك:

  1. « قەدەرىيە » دەپ ئاتاشنىڭ سەۋەبى نامەلۇم بولۇپ، بۇ مەپكۇرە، قولىغا چۈشكەن قارشى تەرەپتىكى كىشىگە چاپلايدىغان بىر لاي ( بۆھتان )دىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى، جەبىرچى/ تەقدىرچىلەرنىڭ ھۆر ئىرادە تەرەپدارلىرىغا كەيگۈزگەن بۇ مەپكۇرە، جەبىرچىلەر ئۆزلىرى ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلگەن. ئەسلىدە « قەدەرى ( تەقدىر ) » ئىسمى، مەنا نوقتىسىدىن ھۆر ئىرادىگە قارشى چىقىۋاتقانلارغا بەكرەك يارىشىدۇ. يەنە كېلىپ، بۇ ھەقتىكى شۈبھىلىك «ھەدىس »نىڭ بىر – بىرىگە زىت ئىككى خىل تىكىستى ئوتتۇرىدا ئايلىنىپ يۈرمەكتە.
  2. ئىمام ئەلبەسرى ئۆمرىنى ئەمەۋى تەقدىرچىلىك چۈشەنچىسىگە قارشى كۆرەش بىلەن ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭ ۋە تالىپلىرىنىڭ ھاياتى بۇنىڭغا شاھىت. بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك نەقىل قىلىنغان مىساللار بۇ شاھىيلىقنى ئىسپاتلايدۇ.
  3. ئۇنىڭدىن زامانىمىزغا قەدەر يېتىپ كەلگەن ئەڭ مۇھىم ۋە ئىشەنچىلىك ئەسىرى بولغان « قەدەر رىسالىسى »، بۇنداق تالاش – تارتىش قىلىشنىڭ بىمەنە ئىش ئىكەنلىكىگە ئوچۇق پاكىت بولالايدۇ.

بىز بۇ ئەسىرىمىزدە كېيىنكى ۋاقىتلاردا قېلىپلاشقان قەدەرىييە، جەبىرىييە، ئەھلى سۈننەت ۋە مۇتەزىلە… قاتارلىق مەزھەپ ئىسىملىرىنى ئىشلەتمىدۇق. چۈنكى، رىسالە قەلەمگە ئېلىنغان دەۋرلەردە بۇ ئىسىملارنىڭ ھېچبىرى يوق ئىدى.

مەسىلەن: جەبرىييەگە نىسبەت قىلغان جەھم بىن سەفۋاننى مىسالغا ئالساق، قەدەر رىسالىسى تەخمىنەن ۋاقتى ھىجرى 75 – 80 – يىللىرى ئارىسىدا قەلەمگە ئېلىنغان بولۇپ، بۇ ۋاقىت دەل ئابدۇلمەلىك ۋاپات بولغان 86 – يىلدىن ئۆتۈپ كەتمەيدۇ. رىسالە يېزىلغان ۋاقىتتا جەھم بىن سەفۋان تېخى دۇنياغا كەلمىگەنلىكى ئېھتىمالى يۇقىرى. نۇرغۇن مۇخالىپ مەزھەپ تەرەپدارلىرىنىڭ ئىسملىرىغا ئوخشاش ئۇنىڭدىن رەقىپلىرىنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق خەۋەردار بولدۇق. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا توغرا بولغان ئەخلاقى مۇئامىلە، ئۆزىگە قارىتىلغان ئاغزاكى ۋە يازما ھۇجۇملارغا « تەۋاققۇف (سۈكۈت) » قىلىشتۇر. چۈنكى، بىر ئىنساننى رەقىپلىرى ئاغزىدن تۇنۇش، ئۇنى تۇنىمىغانلىقتۇر.

ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى، جەبرىييە مەزھىبىنڭ قۇرغۇچىسى ئىكەنلىگى ئىلگىرى سۈرۈلگەن جەھم بىن سەفۋان ( ۋاپات 128 / 745 )، جەبىر چۈشەنچىسىنى قەتلى قىلىنىشىدىن 80 يىل بۇرۇن دۆلەتنىڭ رەسمىي ئىدىئولوگىيىسىگە ئايلاندۇرغان ئەمەۋىلەر تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان. جەھمنىڭ « ئىنسان شامالنىڭ ئالدىدىكى يۇپۇرماققا ئوخشاشتۇر » دېگىدەك دەرىجىدە جەبىرچى/ تەقدىرچى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئەمما، جەھمنىڭ جەبىرچىلىكى ھېچكىم ئۈچۈن زۇلۇمغا ئايلانمىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇ ھاكىميەتنىڭ زۇلۇمىغا قارشى كۆرەش قىلغان.

جەھم ياقىلىغان « جەبىر » چۈشەنچىسى بۈيۈك ئېھتىمال ئەمەۋىلەرنىڭ « جەبرى » بىلەن ئوخشاش ئەمەس بولسا كېرەك. بۇ خۇددى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ( ئىمام ئەزەم ) ئەرەپ بولمىغان بىگۇناھ ئىنسانلارنى، ئەرەپچىلىكنى رەسمىي دۆلەت سىياسىتى قىلىۋالغان بىر ھاكىمىيەتنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن « ئىرجا » پىكرىنى قوللىغانلىقتىن ۋە بۇ سەۋەپتىن « مۇرجىئە » قالپىقى كەيدۈرلگەندەك، جەھممۇ بۇ ۋەجىدىن جەبىر پىكرىنى قوللىغان ۋە كېيىن ئۇنىڭغا « جەبرىييە » قالپىقى كەيگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە ئەمەۋى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ جىزىيە كىرىمى ئازىيىپ كەتمىسۇن دەپ ئىمانلىرىنى ياراتماي مۇسۇلمان ھېساپلىمىغان ۋە جىزىيە بېرىشكە مەجبۇرلانغان غەيرى ئەرەپ مۇسۇلمانلار جەبىر / مەجبۇرىيەت ئىچىدە قالغان ئىدى. ئۇلار بۇ مەجبۇرىيەتتىن خالىي قىلىنىشى كېرەك ئىدى. جەھم « ئاللاھ گۆش ۋە قاندۇر » دېگەن ئازغۇن تەشبىھ ( مىسال، سېلىشتۇرۇش ) ئەھلىگە قارشى « تەنزىھ ( پاك دەپ بىلىش ) » نى ياقىلاش بىلەن داڭقى چىققان كىشى ئىدى.

 

قەدەرىييە ئىسمى ئۈچۈن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئۆرنەكلەر، مۇتەزىلە ئىسمى ئۈچۈنمۇ ئوخشاش مىسال بولالايدۇ. مۇتەزىلە ئىسمى، بۇ مەكتەپكە رەقىپلىرى تەرىپىدىن بېرىلگەن بولۇپ، بۇ مەزھەبنىڭ مەنسۇبلىرى ئۆزىنى « ئادالەت ۋە تەۋھىد ئەھلى ( ئەھلىل ئادل ۋەت تەۋھىد ) » دەپ ئاتىغان. بىرسىنى رەقىبى قويغان ئىسىم بىلەن ئاتاشنىڭ ئادىل بولمايدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. بۇنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ تۇرساق، ئوتتۇرىدا جاۋاپ بېرىلىشى كېرەك بولغان بىر قانچە سۇئال بار. ھەقىقەتەن « مۇتەزىلە » ئىسمى تارىختا كىمگە ۋەياكى كىملەرگە بېرىلگەن؟

بۇ سۇئالنىڭ يەتتە جاۋابى بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

  1. نەۋباھتىغا كۆرە، ھەزرىتى ئەلىدىن ئايرىلغان سەئىد بىن مالىك، سەئىد بىن ئەبى ۋاققاس، ئىبن ئۆمەر، مۇھەممەد بىن مەسلەمە ۋە ئۇسامە بىن زەيىد قاتارلىقلار مۇتەزىلە دەپ ئاتالغان بىرىنچى تۈركۈم كىشىلەر ئىدى. بۇلار ئۆز رازىلىقى  بىلەن بەيئەت قىلغاندىن كېيىن، بەيئەتلىرىنى بۇزۇپ ئايرىلغانلىقى ئۈچۈن « مۇتەزىلەر ( ئايرىلغانلار ) » دەپ ئالغان. ئۇلار « ئەلىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ياكى ئەلىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش جائىز ئەمەس » دەپ قارايتتى.
  2. ئەبۇلفىدانىڭ « ۋاقىئەتۇ سىففىن » ناملىق ئەسىرىگە ئاساسەن چىقىرىلىغان ئورتاق يەكۈنگە ئاساسلانغاندا، دەسلەپكى مۇتەزىلە، ھەزرىتى ئوسمان شېھىت قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنى قەتلى قىلغان مىسىرلىقلاردىن ئايرىلىپ يۇرتىغا قايتقان قەيىس بىن سەئىد ۋە تەرەپتارلىرى ئىدى. ئۇلار « مىسىر مۇتەزىلەسى » دەپ ئاتالغان.
  3. مىلەل – نىھەل ئەدىبىياتىنىڭ تۇنجى ئەسەرلىرىدىن بىرنى ۋۇجۇتقا چىقارغان « ئەتتەنبىھ ۋەر رەت » ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى ھەمشەھرىمىز ئەبۇل ھۈسەيىن ئەل مالاتى ( ۋاپات: 377 )نىڭ قارىشىچە، ئەڭ باشتا مۇتەزىلە دەپ ئاتالغانلار، ھەزرىتى ھەسەن ئەمىر مۇئاۋىيەگە بەيئەت قىلغاندىن كېيىن ( ھىجرى 41 – يىلى رەببۇلئاخىر ) ئۇنىڭدىن ئايرىلغان ئەھلى بەيت مەنسۇپلىرى ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۆيلىرىگە بەنت قىلىپ، « بىز بۇنىڭدىن كېيىن ھاياتىمىزنى ئىلىم ۋە ئىبادەتكە ۋەخفە قىلىمىز » دېگەنىدى. بۇ سەۋەپتىن مۇتەزىلە دەپ ئاتالغانىدى. بۇلارنىڭ ئەڭ ئالدىدا ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئالىم ۋە مۇتەپەككۇر ئوغلى مۇھەممەد ( بىن ھەنەفىييە ) ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بار ئىدى.
  4. تۇنجى تىلشۇناسلاردىن ئىبن دۇرەيدنىڭ « ئەل – ئىشتىقاق » ناملىق ئەسىرىدە يېزىلىشىچە، تۇنجى بولۇپ مۇتەزىلە دەپ ئاتالغان كىشى، ئەلبەسرى داۋاملىق دەرسلىرىگە قاتناشقان ئۇستازى ئەبۇ مۇسا ئەل – ئەشئەرى ( ۋاپات، 44 )نىڭ دەرس ھالقىسىدىن ئايرىلىپ تەركىدۇنيا بولۇپ كەتكەن « ئامر بىن ئابدىقەيس » ئىدى. بۇ كىشى، ھەسەن ئەلبەسرى ئەڭ كۆپ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ.
  5. ئىبن قۇتەيبەنىڭ « ئەلمائارىپ » ناملىق ئەسرىگە ئاساسلانغاندا، تۇنجى بولۇپ مۇتەزىلە دەپ ئاتالغان كىشى، ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ دەرس ھالقىسىدىن ئايرىلغان « ئامر بىن ئۇبەيد » ئىدى. بۇ، كېيىنكى مەزگىللەردىكى مىلەل- نىھەل كىتاپلىرىدا ئىتىۋارغا سازاۋەر دەپ قارالغان ئىككى قاراشنىڭ بىرسى.
  6. « مۇرۇجۇز زەھەب » ناملىق ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى مەسئۇدىنىڭ قارىشىچە، مۇتەزىلەنىڭ قۇرغۇچىسى ۋاسىل بىن ئاتا ئىدى. « ماقالەتۇل ئىسلامىييىن »نىڭ ئاپتۇرى ئەبۇ قاسىم ئەلبەلھى – ئەلقابىنىڭ قارىشىچە (ۋاپات، 319 )، ۋاسىل بىن ئاتا ۋە ئامر بىن ئۇبەيدلەر بىلەن بىرلىكتە يولداش بولغان مۇتەزىلەلەر، خارىجىلەرنىڭ تەكفىرچى چۈشەنچىسى بىلەن مۇرجىئەنىڭ تەئمىن چۈشەنچىسىدىن « ئايرىلىپ » ئوتتۇرا يولنى تۇتقانلىقى ئۈچۈن مۇتەزىلە دەپ ئاتالغان.
  7. « تاباقاتۇل مۇتەزىلە » نىڭ ئاپتۇرى قازى ئابدۇلجاببار ھەزرىتى ئەلىنى مۇتەزىلەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كىشىسى دەپ يازغان. ئۇنىڭدىن كېيىن مۇنداق تۆت ئىسىم تىلغا ئالغان: ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر، ھەزرىتى ئۆمەر، ھەزرىتى ئىبن مەسئۇد، ھەزرىتى ئىبن ئابباس. ئابدۇلجاببارنىڭ قارىشچە، يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان كىشىلەر مۇتەزىلەنىڭ تۈنجى تۈركۈمىنى تەشكىل قىلغۇچىلار ئىدى. ئابدۇلجاببار « مەزھەپنىڭ ئۇلى، دەلىل – پاكىتلارغا ئىتىبار بېرىش، تەۋھىد ۋە ئادالەت پىرىنسىپىغا مەھكەم ئېسىلىشتۇر » دەيدۇ. يەنە شۇ مەنبەدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەسەن ئەلبەسرى 3 – تۈركۈمدىكى مۇتەزىلە ئىماملىرىدىن بىرى ئىدى.

ئەمدى بىز شۇنى سوراپ باقايلى: كىمنىڭ سۆزىنى ئاساس قىلىپ، كىمنى مۇتەزىلە دەيمىز؟ كىمنىڭ مەيدانىنى ئاساس قىلساق، ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ نەزەر تاشلىغان بولىمىز؟ كىمنىڭ نوقتىنەزىرىدىن نەزەر تاشلىساق، ئۇنىڭ ئاجىزلىقى بىزنىڭمۇ ئاجىزلىقىمىز بولىدۇ؟ كىمنىڭ سېپىدە يەر ئالساق، ئۇنىڭ مۇخالىپلىرىگە قارشى چىققان بولىمىز؟ بۇ ئىنساپ، ۋىجدان ۋە مۆتىدىللىككە توغرا كېلەمدۇ؟

يۇقىرىدىكى تەپسىلاتنى نەقىل قىلىشىمدىكى مەقسەت، ئەسلىدە تارىختا بەزىلەر بەزىلەرنى قارىلىغان، قالپاق كەيگۈزگەن ۋە ئۇنى مەھكۇم قىلغان بولىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۆتمۈشنىڭ خۇسۇمىتىنى كەلگۈسى نەسىللەرگە مىراس قالدۇرۇشنى خالىمىساق، رەقىپلەرنىڭ بىر – بىرىگە قارشى يازغانلىرىنى نەقىل كەلتۈرگەندە، ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

ھەر قانداق مەزھەپ ۋە مەشرەپنىڭ  كۆز قاراشلىرىدىن خالىي ھالدا تۇرۇپ نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ھەسەن ئەلبەسرى ئىسلام تەپەككۇرىنى بەرپا قىلغۇچىلاردىن بىرسى بولۇپ، سەرخىل ساھابىلەرنىڭ ئەخلاق ۋە ئەقلىگە مۇكەممەل رەۋىشتە ۋەكىللىك قىلغان بىر ئۆرنەك. ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرىكىلەر بىلەن كېيىنكىلەر ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچلىك بىر كۆۋرۈك بولغانىدى. قۇرئان بىلەن بەرپا قىلىنغان ئەقىلنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنىڭ بىر جانلىق مىسالى بولغان. ئۆز دەۋرىدىكى جەبەرۇت ( زالىم ) ھاكىميەتكە قارشى قەلەمگە ئالغان « قەدەر رىسالىسى »دە ئەخلاقى مەسئۇلىيەت نوقتىسىدىن، ھۆر ئىرادىنى كۆكرەك كىرىپ تۇرۇپ ھىمايە قىلدى. ئۇ كۆرىشىنى ئېلىپ بارغاندا مۇراجەت قىلىدىغان تەك ئۆلچىمى بار ئىدى. يەنى،  ئۇ ۋەھىينى ئاساسىي ئۆلچەم قىلغانىدى.

ئۇ مۇنداق دېگەنىدى: « ئاللاھ نىڭ سۆزى قاراڭغۇلۇققا نىسبەتەن يورۇقلۇققا، ئۆلۈمگە نىسبەتەن ھاياتقا ئوخشايدۇ! ».