ھەزرىتى ئوسمان ( رەزىيەللاھۇئەنھۇ ) شىئەسى ( تەرەپتارلىرى ) ۋە مۇرجىئەگە ئايلىنىشى

 

تۇنجى تارىخىي مەنبەلەر، سىياسى مەنىدىكى تۇنجى ھىزىپنىڭ ھەزرىتى ئوسماننىڭ شىئەسى ئىكەنلىكىدە ھەمپىكىر. مەيلى ئىبنى ھىشام، مەيلى تابەرى، مەيلى ئىبىن سائادقا ئوخشاش بۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق زاتلار، ھەر خىل ۋەسىلىلەر بىلەن بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتكەن ۋە ھەتتا بۇ ئاتالغۇنى ( ئوسمان شىئەسى ) ئالاھىدە قوللانغان. « ئوسمان شىئەسى » نىڭ سىياسى بىر گۇرۇپپا بولۇپ شەكىللەنگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭ جىنازە نامىزىدا تاۋۇتىنى كۆتۈرۈپ ماڭغانلاردىن بىرسىنىڭ ئۆزلىرىنى « ئوسمانچىلار » دەپ ئاتىۋالغانلىقىنى يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدۇق.

ئۇمەييە ئوغۇللىرى ( بەنى مۇئايت )، مەككىنىڭ ئەڭ باي ۋە نوپۇسى كۆپ ئائىلىلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۈچىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئوسمان بۇ ئائىلىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئائىلىنىڭ باشقا ئەزالىرىغا ئوخشاش باي كىشىلەردىن بىرى ئىدى.

رەسۇلۇللاھنىڭ رەسۇل سۈپىتى بىلەن كىشىلەرنى ۋەھىيگە چاقىرىشقا باشلىغاندىن كېيىن، بۇنىڭغا قارىتا ئەڭ قاتتىق ئىنكاس قايتۇرغان ئائىلىلەردىن بىرى ئۇمەييە جەمەتى ئىدى. مەككىدە قۇرغان سەلتەنىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ كېتىش ئەندىشىسى، ئۇلارنى رەسۇلۇللاھقا قارشى چىقىشقا يۈزلەندۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ھەر قانداق بىر ئەزىيەتنى يەتكۈزۈشتىن ئۆزىنى تارتمىغان ئىدى.

مانا مۇشۇنداق ئائىلىگە مەنسۇپ بولغان ئوسمان ( رەزىيەللاھۇئەنھۇ )، ئايمىقىنىڭ بۇ پوزىتسىيىسىگە قارىماستىن مۇسۇلمان بولۇشنى تاللىغان، رەسۇلۇللاھ ئەرقامنىڭ ئۆيىگە كىرىشتىن بۇرۇن، تەلھە ( رەزىيەللاھۇئەنھۇ ) بىلەن بىرلىكتە مۇسۇلمان بولغان ئىدى. خۇلقى تولىمۇ مۇلايىم ۋە مېھرىبان بولغان ھەزرىتى ئوسمانغا رەسۇلۇللاھ ئىككى قىزىنى ياتلىق قىلىپ، ئۇنى شەرەپلەندۈرگەن. قەبىلىسىنىڭ ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولىشىغا قارىتا كۆرسەتكەن ئىنكاسى چىدىغۇسىز ھالغا كەلگەندە، تۇنجى بولۇپ رەسۇلۇللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن ھەبەشىستانغا كەتكەنلەر ھەزرىتى ئوسمان ۋە خانىمى ئىدى. بەدىرگە ھەزرىتى رۇقىيەنىڭ كېسىلى تۈپەيلى قاتنىشالمىغان ئوسمانغا، رەسۇلۇللاھ ئۇرۇشقا قاتنشقانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلغان ۋە ئەجرىنىمۇ ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. بىساتىنىڭ كۆپلىكى ۋە سېخيلىقى بىلەن داڭ چىقارغان ھەزرىتى ئوسمان، تۇنجى ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىي چىقىمىنى بىر قانچە قېتىم ئۆز ئۈستىگە ئالغان، بۇنىڭ ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ھەر قانداق پىداكارلىق كۆرسىتپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان ئىدى.

ھەزرىتى ئوسمان مەنسۇپ بولغان قەبىلە مۇسۇلمانلارغا ئاخىرىغىچە قارشى تۇرغان بولۇپ، بەدىردىن كېيىن مۇسۇلمانلارغا قارشى مۇشرىكلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ تەشكىللىگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مۇشۇ قەبىلىدىن چىققان ئىدى.

فەتىھ مەزگىلىدە مەككە شەھرىنىڭ ھاكىمىيىتى بۇ قەبىلىنىڭ قولىدا ئىدى. مەككە فەتىھ بولغىچە ئىسلام بىلەن جەڭ قىلىپ كەلگەن بۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى فەتىھتە ئىسلام ھالقىسىغا داخىل بولدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەبۇ سۇفيان، مۇئاۋىيە، ۋەلىد بىن ئۇقبە، مەرۋان بىن ھەكەم، ئىبىن ئەبى سارھ قاتارلىقلار بار ئىدى.

بۇ كىشىلەر ئىچىدىن رەسۇلۇللاھ ھايات ۋاقتىدا مەسىلە چىقارغانلار بولغاندەك، مۇرتەد بولغانلارمۇ بار ئىدى. مەرۋان بىن ھەكەم، سادىر قىلغان بىر ناخوش قىلىقى تۈپەيلىدىن تائىپقا سۈرگۈن قىلىنغان ئىدى. ئالدىنقى ئىككى خەلىپىدىن مەدىنىگە قايتىش ھەققىدە ئىجازەت سورىغان بولسىمۇ رۇخسەت قىلىنمىغان بولۇپ، ھەزرىتى ئوسماننىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە، ئۇنىڭ ئىجازىتى بىلەن ( بىر رىۋايەتتە ئەمرى بىلەن ) مەرۋان بىن ھەكەم مەدىنىگە قايتىپ كەلگەن ئىدى. ۋەلىد بىن ئۇقبە سادىر قىلغان بىر سەلبىي ئىش سەۋەبىدىن، ھەققىدە ھۇجۇرات سۈرىسىنىڭ 6 – ئايىتى نازىل بولغان ئىدى. ئۇنىڭ دادىسى ئۇقبە بىن ئەبى ئۇبەيدمۇ خېلى بۇرۇنلا مۇسۇلمان بولغان، لېكىن دوستى ئۇبەي بىن خەلەفنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ، ئۇنى رازى قىلىش ئۈچۈن دىندىن يېنىۋالغان ئىدى. ۋاھىدى، ئەسبابى نۇزۇلىدا، ئەئراف 27 – ئايەتنىڭ مۇشۇ سەۋەپتىن نازىل بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ۋەلىد بىن ئۇقبە، ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىدە ھەزرىتى سائاد بىن ئەبى ۋاققاسنىڭ ئورنىغا كۇفە ۋالىيلىقىغا تەيىنلىنىدۇ، ھاراققا خۇمار بولۇپ قالغاندىن كېيىن، مەھكىمە ئۇنىڭغا جازا يۈرگۈزگەن ئىدى. بىر قېتىم بۇ زات، بامدات نامىزىنى 4 رەكەت قىلىپ ئوقۇغان، جامائەت بۇنىڭغا ئېتىراز قىلغاندا، « ئەگەر خالىساڭلار تېخىمۇ كۆپەيتىپ ئۇقاي… » دېگەن.

ئىبن ئەبى سارھ ئىلگىرى مۇسۇلمان بولۇپ، كېيىن مۇرتەدلەردىن بولۇپ كەتكەنىدى. رەسۇلۇللاھ، كەبىنىڭ يۇپۇقىغا يۆگۈنىۋالغان تەقدىردىمۇ، تېپىلغان يەردە ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىغانىدى. ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئارىغا كىرىپ بىر قوشۇق قېنىنى تىلىشى بىلەن، ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان ئىبنى ئەبى سارھ، ئاخىرىدا رەسۇلۇللاھقا تەسلىم بولغان.

ھەزرىتى ئۆمەر تاللىغان شۇراغا ھەكەم بولغان ھەزرىتى ئابدۇراھمان بىن ئەۋف، ھىجرەتتە مەدىنىدە قېرىنداش بولغان ھەزرىتى ئوسمانغا بەيئەت قىلغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئوسمان رەسۇلۇللاھنىڭ ئۈچىنجى خەلىپىسى بولۇپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ئىدى.

ھەزرىتى ئوسماننىڭ تۇنجى ئىجرائىتىدىن بىرى، كونا ۋالىيلارنىڭ ئورنىغا يېڭى ۋالىي تەيىنلەش بولۇپ، تائىپ سۈرگۈنىدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن ھەكەمنىڭ ئوغلى ياش مەرۋانمۇ خەلىپە كاتىپلىقىغا ( باش مەسلىھەتچى ) تەيىنلىگەنىدى.

بۇ ئىشتىن تۇنجى بولۇپ ھەزرىتى ئائىشە نارازى بولغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ۋالىيلارمۇ نارازى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەشكەن. يېڭى تەيىن قىلىنغان ۋالىيلارنىڭ بولمىغۇر ئىشلىرى، خەلىپە ھەققىدە سەلبىي جامائەت پىكرى پەيدا قىلىشى بىلەن تەڭ، ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغان ۋەقەلەر سادىر بولۇشقا باشلاپ، ھەزرىتى ئوسماننىڭ شېھىت قىلىندى.

بولغۇلۇق بولغان ئىدى. مەيلى تۇققان، شەرئىي ۋەكىلى ۋەياكى ۋارىسى بولسۇن – بولمىسۇن، ھەر كىم يېڭى خەلىپىدىن ھەزرىتى ئوسماننىڭ قان قىساسىنى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلاتتى. يېڭى خەلىپىنىڭ « بۇنى مەنمۇ سىلەردەك ئارزۇ قىلىمەن. بىر ئاز سەبىر قىلىڭلار، دۆلەتنىڭ كۈچى قولىمىزغا ئۆتسۇن، ئاندىن كېيىن بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلايلى » دېگەن سۆزلىرى ھېچكىمنىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، « ئورۇش قىلامدۇق؟ ياق؟… » دەپ، ئۈممەتنىڭ بىر – بىرىگە قارشى ئىچكى نىزاغا كىرىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ھاياتىنى پىدا قىلغان ھەزرىتى ئوسماننىڭ نامىدا، ناھەقچىلىك، يولسىزلىق ۋە قەتلىئاملار ئېلىپ بېرىلىشقا باشلانغانىدى.

ھەزرىتى ئوسماننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئىسلام تۇپراقلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ قىسمىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغان ئۇمەييە جەمەتىگە مەنسۇپ ۋالىيلەر، شەرئىي خەلىپىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن بولۇپ، ھەزرىتى ئوسماننىڭ قېنىنى باھانە قىلىشقان ئىدى.

مەلۇم بولغان ئۇسۇللار بىلەن خەلىپىلىك ئۇمەييە جەمەتىنىڭ ئىلكىگە ئۆتكەندىن كېيىن، سىياسىي، ھەربىي ۋە دىنى ساھادە ئۈچ تۈرلۈك تۈپتىن  ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلدى.