مۇئاۋىيە بىن يەزىد

 

… كېيىن چوڭ دادامغا ( مۇئاۋىيە ) ئۆتتى. ھازىر ئەمدى ئۇ قەبىردە گۇناھلىرىنىڭ تۇتقۇنى ۋە گۇناھلىرىنىڭ ئەسىرىدۇر. دادامغا كەلسەك… بىزگە ئەڭ ئېغىر كەلگەن ئىش، ئۇنىڭ ياتقان يېرىنىڭ نېمە دېگەن يامان جاي ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز ئىدى. ئۇ كەتكەن يەر نېمە دېگەن يامان جاي. چۈنكى ئۇ، ئاللاھ رەسۇلىنىڭ بالىلىرىنى قەتىل قىلدى. ھارامنى مۇباھ قىلدى ۋە كەبىنى چېقىۋەتتى.

مەن ئۇلارنىڭ زۇلمىنى ئۈستۈمگە ئارتىۋالالمايمەن. سىلەرگە ئىشىڭلارنى تاپشۇرىمەن، ئۆزۈڭلار بىر تەرەپ قىلىڭلار. ئەگەر دۇنيا خەيىرلىك بولدىغان بولسا، بىز ئۇنىڭدىن ئۆزىمىزگە تېگىشلىكىنى ئالدۇق. ياق، ئەگەر بىز ئۈچۈن زىيانلىق بولسا، ئەبۇ سۇفياننىڭ نەسلىگە تەككەن ئۆلۈش يېتەرلىك.

مۇئاۋىيە بىن يەزىد

 

ھەزرىتى ھۈسەيىن شەھىد قىلىنغىنىغا 3 يىل بولغان ئىدى. ھىجرەتنىڭ 63 – يىلىدا مەدىنە خەلقى « فاسىق » ۋە « فاجىر » دەپ ئېلان قىلغان ھاكىمىيەتكە قارشى قوزغالغانىدى. بۇنىڭ بىر ئىپادىسى سۈپىتىدە يەزىدنىڭ ۋالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئابدۇللاھ بىن ھۇزافەنى ئۆزلىرىگە ۋالىي قىلىپ سايلىغانىدى.

شۇنىڭ بىلەن يەزىد، مۇسلىم بىن ئۇقبەگە ئوخشاش زۇلۇم قىلىش بىلەن داڭ چىقارغان بىرسىنى 12000 كىشىلىك بىر قوشۇن بىلەن مەدىنىگە ئەۋەتتى ۋە مۇنداق بۇيرۇق قىلدى:

« شەھەر خەلقىگە ئۈچ كۈن مۆھلەت بەر. ئەگەر بۇ مۆھلەت ئىچىدە بەيئەت قىلمىسا، ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلغىن. ئۇرۇشتا يېڭىۋالساڭ، ئۈچ كۈنگىچە ھەر قانداق ئىشنى قىلساڭ بولىدۇ. شەھەرنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلىشىڭغا رۇخسەت ».

ھاررە ۋەقەسى دېگەن ئىسىم بىلەن تارىخ بەتلىرىدە يەر ئالغان بۇ 3 كۈن ئىچىدە، ھەر تەرەپكە ئوت قويۇپ بېرىلدى، ئۆيلەر چېقىپ تاشلاندى، شەھەر ئاھالىسى تالان – تاراج قىلىندى. پەيغەمبەر شەھرىنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە بالىلىرىمۇ ئۆلتۈرۈلدى. ھەتتا بۇنىڭ بىلەن بولدى قىلماستىن، كۆپىنچىسى ساھابىلەرنىڭ قىزلىرى بولغان مۇسۇلمان ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىندى. بۇ ئەسنادا 1000 غا يېقىن ئايال بۇ باسقۇنچىلىق سەۋەبىدىن ھامىلە بولۇپ قالدى » ( ئىبنى كەسىر، ئەلبىدايە، VIII/224؛ تابارى، تارىخ، V/483-495 ).

تابىئىنلارنىڭ مەشھۇر ئالىملىرىدىن ھەسەن بەسرى ئۆزىدىن سورالغان بىر سوئالغا مۇنداق جاۋاپ بەرگەن ئىدى:

شامدىن ( ئەمەۋىلەردىن ) رازى بولۇش دېگەن قانداق گەپ؟ ئاللاھ ئۇلارغا تېگىشلىك جازاسىنى بەرسۇن. رەسۇلۇللاھ ھارام قىلغاننى ھالال، ھالال ھارام قىلغانلار، ئۈچ كېچە – كۈندۈز پەيغەمبەر شەھرىنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلىپ خەلقنى قەتلىئام قىلغانلار، پاك ئاياللارنىڭ نۇمۇسىغا تەگكەنلەر، بەيتۇللاھنى مەنچاناق تاشلىرى بىلەن چېقىۋەتكەنلەر ئۇلار ئەمەسمىدى؟ ئاللاھنىڭ لەنىتى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە ياغسۇن ۋە يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولسۇن » ( ئىبنى كەسىر، ئەلبىدايە، VI/587,588 ).

مەدىنە شەھرىنىڭ ئۇلۇغلىقى رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزى بىلەن قەيىت قىلىنغان. بۇخارى ۋە مۇسلىمدا بايان قىلىنغان بىر ھەدىستە « مەدىنە خەلقىنى زۇلۇم بىلەن قورقۇتقانلار ئاللاھنى قورقۇتقاندەك بولىدۇ. ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلىرىنىڭ ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ لەنىتى ئۇلارغا بولسۇن » دېيىلگەن ئىدى.

ئاللاھ رەسۇلىنىڭ بۇ ئىپادىلىرىنىڭ مۇھاتابى بولغان بۇ قوشۇن، ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىغان بولسا كېرەك، مەدىنىنى تالان – تاراج قىلغاندىن كېيىن، مەككىگە قاراپ يولغا چىقتى. 115 يىل بۇرۇن ئەبرەھە پىللار بىلەن كېلىپ مەقسىدىگە يېتەلمەستىن قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىشىنى، ئۇنىڭدىن 115 يىل كېيىن سەلتەنەتنىڭ باشقا بىر قانىتى قىلىۋاتاتتى – كەبىنى چېقىش … مەنچاناقلىرى بىلەن كەبىنى تاش يامغۇرىغا تۇتقان يەزىدنىڭ قوشۇنى بىلەن يەمەن ۋالىيسى ئەبرەھەنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر پەرق بار ئىدى. ئالدىنقىسى مۇسۇلمانلارنىڭ سەلتەنەتچى زالىملىرى، كېينكىسى كاپىرلارنىڭ سەلتەنەتچى زالىملىرى ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ سەلتەنەتلىرى ۋە زۇلۇملىرى ئوخشاش نوقتىدا ئۇچراشقانىدى. ھەسەن بەسرى، يۇقىرىدىكى سۆزلىرىدە بۇ ۋەقەلەرنى ئىما قىلغان ئىدى.

يەزىدنىڭ ھىجرى 64 – يىلىدا ئۆلىشى بىلەن ئۇنىڭ ئورنىغا ۋارىس بولغان ۋە تارىخچىلار ئانچە بەك تىلىغا ئېلىپ كەتمەيدىغان بىر زات بار ئىدى، يەنى « II. مۇئاۋىيە » دەپ ئاتالغان مۇئاۋىيە بىن يەزىد.

ھاكىمىيەت بېشىدا ئاران 3 ئاي تۇرغان بۇ زات، پوزىتسىيىسى ۋە مۇئامىلىسى بىلەن ئۆزىدىن بۇرۇنقىلارغا ئوخشىمايىتتى. دادىسى يەزىدنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، سىستېمىنىڭ تەقەززاسى بويىنچە خەلىپىلىك ماقامىغا ئولتۇرغان ۋاقتىدا، مەسچىتكە توپلانغان خەلققە مۇنداق دېگەن ئىدى:

« ئەي ئىنسانلار! چوڭ دادام مۇئاۋىيە، بۇ ئىشنىڭ ئەھلى ۋە پەيغەمبەر ( س ئە ۋ ) گە يېقىنلىقى سەۋەبىدىن، بۇ ئورۇنغا ئۆزىدىن تېخىمۇ لايىق بولغان ئەلى بىن ئەبى تالىپقا قارشى ئۇرۇش قىلدى ۋە سىلەر بىلىدىغان ئىشنى ( بەيئەت ) سىلەرگە تاڭدى. نىھايەت ئەجەل ئۇنى تاپتى. ئەمدى ئۇ قەبىردە گۇناھلىرىنىڭ تۇتقۇنى ۋە خاتالىرىنىڭ ئەسىرىدۇر. ئۇندىن كېيىن بۇ ئىشنى دادام تاپشۇرۇپ ئالدى. ھالبۇكى ئۇمۇ خىلاپەتنىڭ ئەھلى ئەمەس ئىدى. ھاۋايى –  ھەۋىسىگە ئاجىز كېلىپ قالدى، قانائەتسىزلىك ئۇنى ئالدىغا سېلىۋالدى ۋە ئەجەلمۇ ئۇنىڭ ياقىسىدىن ئالدى. ئەمدى ئۇمۇ قەبىردە گۇناھلىرىنىڭ تۇتقۇنى ۋە مەئىشەتلىرنىڭ ئەسىرى ».

مۇئاۋىيە يىغلىدى. كۆز ياشلىرى ياڭاقلىرىدىن ئېقىشقا باشلىدى ۋە سۆزىنى مۇنداق داۋام قىلدى:

« بىزگە ئەڭ ئېغىر كەلگەن ئىش، ئۇنىڭ ياتقان يېرىنىڭ نېمە دېگەن يامان جاي ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز ئىدى. ئۇ كەتكەن يەر نېمە دېگەن يامان جاي. چۈنكى ئۇ، رەسۇلۇللاھنىڭ نەۋرىسىنى قەتىل قىلدى. ھارامنى مۇباھ قىلدى ۋە كەبىنى چېقىپ تاشلدى. مەن ئۇلارنىڭ زۇلمىنى ئۈستۈمگە ئارتىۋالالمايمەن. سىلەرگە ئىشىڭلارنى تاپشۇرىمەن، ئۆزۈڭلار بىر تەرەپ قىلىڭلار. ئەگەر دۇنيا خەيىرلىك بولدىغان بولسا، بىز ئۇنىڭدىن ئۆزىمىزگە تېگىشلىكىنى ئالدۇق. ياق، ئەگەر بىز ئۈچۈن زىيانلىق بولسا، ئەبۇ سۇفياننىڭ نەسلىگە تەككەن ئۆلۈش يېتەرلىك. دىققەت قىلىڭلار! ھەسەن بىن مالىك نامازنى ئوقۇپ بەرسۇن ۋە خەلىپەڭلار ھەققىدە كېڭىشىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ياخشىلىق ئاتا قىلغاي » ( 62. ھ. ئىبراھىم ھەسەن، تارىخۇل ئىسلام، I/239 ).

بۇ ئېسىل مۇئامىلىنىڭ ئىگىسى بولغان مۇئاۋىيە بىن يەزىد، نەبەۋى سىياسەتنىڭ ئۇلى بولغان شۇرانى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، بەلكىم قولىغا ئۆتكەن مۇھىم پۇرسەتنى ياخشىلىققا قوللىنىشىنى ئويلاشقان ئىدى. ناھايىتى ئاز مۇددەت خەلىپىلىك ماقامىدا تۇرغان بۇ دۇرۇست زات، سىرلىق بىر شەكىلدە ئۆلۈپ كەتكەن.

نېمىشكىن ھەمىشە مۇشۇنداق بولاتتى. راشىد خەلىپە ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ ئاقىۋىتىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتەتتى. بەلكىم بۇ ئەھۋاللار سەلتەنەت قۇرۇلمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. كۆرۈنۈشتە سەلتەنەتنىڭ بېشىدا بىر كىشى باردەك كۆرۈنسىمۇ، بۇ ئىشنىڭ نېمىتىدىن پايدىلانغانلارنىڭ سانى ئاز ئەمەس. تارىخى بويىنچە بارلىق سەلتەنەتلەرنىڭ ئەڭ سادىق قوللىغۇچىلىرى بۇ « ئوتلاقچى گۇرۇپپا » بولۇپ كەلدى. ھەتتا سەلتەنەتنىڭ بېشىدا بولغان نەپەر بۇ ئىشتىن ۋاز كېچىشنى ئويلاشسا، ھاكىم كۈچ بولۇش نېمىتىنىڭ كويىدا يۈرگەن بۇ گۇرۇھ ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيتتى. سەلتەنەت بېشىدىكى زات چىڭ تۇرۇۋالسا، ئۇلار ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن ئۇنى يا ئالماشتۇراتتى ياكى كۆزدىن يوقۇتاتتى. بۇ ئەڭ ئاخىرقى چارە ئىدى.

سەلتەنەتنىڭ بۇ ئاساسلىق خۇسۇسىيىتى، ئىسمى پادىشالىق، ئەمىرلىك، سۇلتانلىق، خەلىپىلىككە ئوخشاش قەدىمكى دەۋرلەردە ئۆزگەرمىگەندەك، ئىسمى جۇمھۇرىيەت، سوتسىيالىست، دېموكراتىك بولغان زامانىۋى سەلتەنەتلەردىمۇ ئۆزگەرمىگەن ئىدى.

كېيىنكىلەر ھاكىمىيىتىنىڭ ئالدىغان ھۆكۈمەتلەرنى قونچاق قىلىپ تىكلىگەن بولۇپ، خەلقتىن بىر « زەربە » كەلسە زېيىنى ئۆزلىرى ئەمەس، ئۇ قونچاق ھاكىمىيەتكە كېلەتتى. ئاندىن قونچاق ساقلانىمىلار ساندۇقى ئىچىدىن باشقا بىرسىنى يەنە خەلقنىڭ ئۆزىگە تاللاتقۇزۇپ، خەلقنىڭ كۆزىنى بوياپ، كۆڭلىنى ئالاتتى. ئەگەر قونچاق ھاكىمىيەت، خەلقنىڭ بېسىمى بىلەن ھاكىمىيەتنىڭ پەردە ئارقىسىدىكىلەرنىڭ « ئالىي مەنپەئەتىگە » زىت بىر ئىشنى قىلسا، بۇ قېتىم زەربە ھۆكۈمەتنىڭ ئارقا تەرىپىدىن كېلەتتى ۋە پەردە ئارقىدىكى كۈچ ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلايتتى.

يەنى، مىڭ يىلدىن بېرى سەلتەنەتتە ئادەتلەر ئەمەس، ۋاستىلار ئۆزگەرگەن ئىدى.