ھۇمەزە سۈرىسىنىڭ قىسىقىچە مەزمۇنى

سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « سۇخەنچىلىك قىلىش، ئەيىپلەش » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان « ھۇمەزە » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان.

« ئاشكارا – يوشۇرۇن، ئالدى – ئارقىسىدىن دائىم تۆھمەت قىلىپ قارا چاپلىغان، چېقىشتۇرۇپ ئەيىپلىگەن ۋە ئەيىپ ئىزدەپ يۈرگەن كىشىلەر ئۆزىگە زۇلۇم قىلدى، ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! » ( 1 ).

« ھۇمەزە – لۇمەزە »گە ئوخشايدىغان بىر جۇپ ئۇقۇملار خۇددى « مۇززەممىل – مۇددەسسىر » بىر جۇپقا ئوخشاش بىر مەنىنىڭ ئىككى قۇتۇپىنى ئىپادىلەيدۇ. « ئاشكارا – يوشۇرۇن، ئالدى – ئارقىدىن » مەنىسى مەزكۇر كەلىمىنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىدىن كېلىپ چىققان. نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە مەزكۇر كەلىمىنىڭ « ھەمماز ۋە لەمماز » شەكلى ئىشلىتىلمىگەن دەپ سورالغاندا، بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئېنىق. جانابى ئاللاھ بىزنىڭ گۇناھكارنى ئەمەس، گۇناھنى نىشان قىلىشىمىزنى ئىما قىلماقتا. بىزنىڭ گۇناھكارنى تۈگىتىشىمىزنى ئەمەس، گۇناھنى تۈگىتىشىمىزنى، گۇناھكارنى ئەمەس، گۇناھنى نوقتا قىلىشىمىزنى ئىما قىلماقتا.

بۇخارى ۋە بەزى تەپسىرلەردە مەزكۇر سۈرە بىرىنچى ئايىتى بىلەن ئاتالغان.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. دەسلەپكى مەزگىلدىكى قۇرئان نازىل بولۇش تەرتىپلىرىدە قىيامەت ۋە مۇرسەلات سۈرىسىنىڭ ئارىسىغا تىزىلغان. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، بۇ سۈرە پەيغەمبەرلىكنىڭ 4 – يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا ياكى 5 – يىلىنىڭ باشلىرىدا نازىل بولغان بولىشى مۇمكىن. مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىتىگە قارىتا تۇتقان ئىنكار پوزىتسىيىسىنى مۇنداق تۆت باسقۇچقا ئايرىشقا بولىدۇ:

  1. سۈكۈت قىلىش
  2. مەسخىرە قىلىش
  3. تۆھمەت قىلىش
  4. رەسمىي ئەزىيەت يەتكۈزۈش

مەزكۇر سۈرە مۇشرىك مەككىلىكلەرنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىتىگە قارىتا تۇتقان « مەسخىرە قىلىش باسقۇچى »دىن ئىبارەت دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئەكىس ئەتتۈرمەكتە.

ھۇمەزە سۈرىسى، ئىنساننىڭ ئۆز جىنسىدىن بولغان ئىنسان قېرىنداشلىرىغا قارىتا تۇتقان تەربىيەسىز قىلىمىشلىرىنى روھىي جەھەتتىن مۇھاكىمە قىلىدۇ. خورلاش، ھاقارەتلەش، مەسخىرە قىلىش، قارا چاپلاش، ئىززەت – ئابرويىنى تۆكۈش، غەيۋەت قىلىش، كەمچىللىك ۋە ئەيىپلىرىنى ئىزدەش قاتارلىق قىلمىشلارنى ئەخلاقسىزلىق، روھى كېسەللىك دەپ قارايدۇ. بۇ ئەخلاقسىز قىلمىشلارنى رەت قىلغان مەزكۇر سۈرە، بۇ قىلمىشلارنىڭ ۋە ئىللەتنىڭ تېگىدە « ئۆزىنى بىلمەسلىك » ئامىلىنىڭ ياتقانلىقىنى يورۇتۇپ بەرمەكتە. چۈنكى، ئۆزىنى بىلمىگەنلەر « ئەبەدىي ياشايمەن » دەپ ئويلاپ قالىدۇ.

« ئاشكارا – يوشۇرۇن، ئالدى – ئارقىسىدىن دائىم تۆھمەت قىلىپ قارا چاپلىغان، چېقىشتۇرۇپ ئەيىپلىگەن ۋە ئەيىپ ئىزدەپ يۈرگەن كىشىلەر ئۆزىگە زۇلۇم قىلدى، ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! مانا بۇ مال – دۇنيا توپلىغان ۋە ئۇلارنى بايلىق دەپ ئويلاپ قالغانلار، ئۇ مېلى ئۆزىنى ( دۇنيادامەڭگۈ قالدۇرىدۇ دەپ ئويلايدۇ ) » ( 1 – 3 ).

بۇ سۈرىنىڭ مەككىدە نازىل بولغان سۈرىلەر ئارىسىدىكى قېرىندىشى قەلەم سۈرىسى بولۇپ، مەدىنە سۈرىلىرى ئارىسىدىكى تەپسىرى ھۇجرات سۈرىسىدۇر.

سۈرىنىڭ ئاساسىي تېمىسى ئەخلاق بولۇپ، سۈرە كىبىرلىك، ھاكاۋۇر كىشىلەرنىڭ پىسخولوگىيلىك ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ. سۈرىدە تىلغا ئېلىنغان « مال »، ئەسلىدە تەقۋا ( مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى )دىن سىرىت، باشقا كىشىلەردىن پەرقلىق ھالدا ئىگە بولغان بارلىق نەرسىلىرىمىزگە ۋەكىللىك قىلماقتا. باشقىلارغا قارىغان كۆپرەك ئىگە بولغان نەرسىلەرنى، ئۇلارغا ئىگە بولمىغانلارغا قارىتا ئۇلارنى كەمسىتىش ۋە خور كۆرۈش، ئۇلارنىڭ ھەققىنى دەپسەندە قىلىش ۋە ئىززەت – ئابرويىغا تىل تەككۈزۈش سەۋەبى دەپ قارىغانلار « ئىست سېنىڭ ھالىڭغا! » دېيىلگەن « ھۇمەزە ۋە لۇمەزە » سىنىپىغا كىرىدۇ. بۇ تۈردىكى كىشىلەر ئەلىمى يۈرەكلەرگە يېتىپ بارىدىغان ئازاپقا دۇچار قىلىنىپ، قاتتىق خارلىنىدۇ، ئازاپلىنىدۇ:

« ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، دەل ئەكسىچە يىلاندەك تولغاندۇرىۋېتىدىغان ۋە ئەلىمى يىلكىدىن ئۆتۈپ كېتىدىغان لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا تاشلىنىدۇ. سەن يىلاندەك تولغاندۇرىۋېتىدىغان  ئۇ ئوتنى نېمە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟  ئۇ ئاللاھ ياندۇرغان ئوتتۇر » ( 4 – 6 ).

تۆھمەت ۋە قارا چاپلاش سەۋەبىدىن بۇ ھەقسىزلىققە دۇچار بولغانلارنىڭ يۈرىكى قانداق ئەلەم تارتقان ۋە ئازاپلانغان بولسا، بۇ جىنايەتنىڭ جازاسىمۇ ھۇتەمەدە بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ يۈرىكىدە شۇنداق تۇيغۇنى پەيدا قىلىدۇ:

« ئۇ شۇنداق بىر ئوتكى، ئۇنىڭ ئەلىمى يۈرەكلەرگە يېتىپ بارىدۇ » ( 7 ).

يەنى خىيانەت قىلغان فىترىتى، باستۇرۇلغان ۋىجدان چۇقانى، ھاۋايى – ھەۋىسىنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇرغان ئىدراكى ۋە يامانلىققا مايىل قىلىنغان يوشۇرۇن ئېڭى، ئاللاھ تىن مەھرۇم قالدۇرۇلغانلىقنىڭ ئازابى بىلەن ئىگىسىنى كۆيۈپ پۇچلاندۇرغان بىر جەھەننەمگە ئايلىنىدۇ:

« مانا بۇ ئوت ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تاشلىنىدۇ. ئۇلار ئېگىز تۈرۈكلەرگە باغلىنىدۇ ( ئۆزى ياراتقان زىندانلارغا مەھكۇم قىلىنىدۇ ) » ( 8 – 9 ).

بەلكىم بۇ نوقتىدا « بۇ قىلمىش نېمە ئۈچۈن ئاللاھ نى بۇنداق غەزەپلەندۈرىدۇ؟ » دېگەن سۇئال تۇغۇلىشى مۇمكىن. قىسقىچە قىلىپ ئېيتساق، بۇ مۇئامىلە، كىشىنىڭ ئۆزىنى ئاللاھ نىڭ ئورنىغا قويغانلىقىدۇر. چۈنكى، ئىنسانلارنىڭ ئەمەل دەپتىرىنى ئاللاھ تۇتىدۇ، خاتالىقلىرىنى ۋە ئەيىپلىرىنى ئاللاھ خاتىرىلەيدۇ ( پەرىشتىلەر ئاللاھ نىڭ ئەمرى بىلەن بۇ ئىشلارنى ئادا قىلىدۇ ). باشقىلارنىڭ خاتالىقلىرىنى ۋە ئەيىپلىرىنى ئىزدىگۈچىلەر، ئاللاھ قا خاس بولغان ئىشقا تالىپ بولماقچى بولغانلار بولۇپ، بۇلار ھەددىدىن ئاشقان بولىدۇ.

« قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى » ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى