ئەدەب

By

يانۋار 8, 2015

ئەدەب

  1. « ئەدەپ!… » ئەجدادلىرىمىزنىڭ دەرگاھلىرى ( خانىقا )نىڭ كىرىش ئېغىزغا يېزىپ قويغان بۇ جۈملىنى، بۈگۈن ھەر كىشىنىڭ، بولۇپمۇ مۇسۇلمان ياشلارنىڭ پىشانىسىگە يېزىپ قويغۇم كېلىدۇ. ئەدەپ ئىماننىڭ جۇلاسى. ئەدەبىنى يوقۇتۇپ قويغان كىشىنىڭ ئىمانىنىڭ جۇلاسى بولمايدۇ.
  2. باشقىلارنى ھۆرمەت قىلسا، ئۆزىنى چۈشۈرۋالغان بولۇپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولغانلار، قانائەتسىز ۋە بىنورمال كىشىلەر بولۇپ، ئۆزىگە ئىشەنچى بولغان شەخسىيەتلىك كىشىلەر، ئىنسانى مۇناسىۋەتلەردە ئۆز ئارا ھۆرمەت ۋە مېھرى – مۇھەببەتنى ئاساسىي پرىنسىپ قىلىدۇ. پاراسەتلىك كىشىگە شۇ مەلۇمكى، باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىش تۇيغۇسىدىن مەھرۇم كىشىنىڭ، ئۆزىگىمۇ ھۆرمىتى بولمايدۇ. ئۇلار ھۆرمەت قىلسا، ھۆرمەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېسىدىن چىقارمايدۇ.
  3. بەزى ئىشلارغا مەنئىي قىلىنغان – ئەركىن قويۇپ بېرىلگەن، ھالال – ھارام، يوللۇق – يولسىز دائىرىسىدە ئەمەس، گۈزەل – رەزىل، ياخشى – يامان، مۇۋاپىق – نامۇۋاپىق دائىرىسى ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك. بەلكىم، ھەر ھۆرمەتسىزلىك ۋە ئەدەپسىزلىك ھارام بولماسلىقى مۇمكىن. لېكىن، كىشىنى يىرگەندۈرىدۇ، ناچار، قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. قىلمىش ئۈچۈن بىردىنبىر ئۆلچەمنىڭ ھالال – ھارام ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلار، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ سۆزىنى ئەسلىسۇن: « خىجىل بولمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل ».
  4. ئەدەپ ۋە ھۆرمەت بىر تەلىم ئەمەس بىر يىتىلدۈرۈش، يەنى تەربىيە خىرمىتى. ئادەتتە پەقەت ئۆگىتىلگەن، ئەمما تەربىيىلەنمىگەنلەر، تەلىمدىن ئۆتكۈزۈلگەن، تەربىيەدىن ئۆتكۈزۈلمىگەنلەر ئارىسىدىن چىققان ئەدەپ ۋە ھۆرمەت مەجرۇھى كىشىلەردۇر. شۈبھىسىزكى، بۇ خىل كىشىلەردىن ئېلىندىغان ساۋاقلارمۇ بار. بىر ئاقىلدىن: « ئەدەپنى كىمدىن ئۆگەندىڭ؟ » دەپ سوراپتۇ. ئۇ: « ئەدەپسىزلەردىن » دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
  5. ھايالىق ۋە ئەدەپلىك بولۇڭ. ئەدەپ ئىماننىڭ زىننىتى، ئۇنىڭ بىلەن زىننەتلىنىڭ. بەندىلەرگە قارىتا ئەيىپ بولغاندەك، ئاللاھ قىمۇ ئەيىپ بولىدۇ. شۇنى ئۇنۇتماڭ، « ئەل – ئىنسان ئابدۇل – ئىھسان: ئىنسان ياخشىلىقنىڭ بەرپا قىلغۇچىسىدۇر » دېگەنىكەن. يەنە شۇمۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئەدەپلىك ۋە تەربىيىلىك ھالدا ئېيتىلغان بىر باتىلنىڭ چۆپقىتى، ئەدەپسىز ۋە قوپال ھالدا ئېيتىلغان بىر ھەقنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ.
  6. قاقاقلاپ كۈلىدىغان، ئۇ يەر – بۇ يەردە ئايلىنىپ بىر نەرسە يەيدىغان، قالايمىقان كىيىنىپ ئايلىنىدىغان، كېرەكسىز چاخچاق قىلىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭ.
  7. ئەگەر قىلالىسىڭىز كۆپ يىغلاڭ. رەسۇلۇللاھنى ئازراق بولسىمۇ يىغلىيالايدىغانلار چۈشۈنۈپ يېتەلەيدۇ. بەزىدە كۆز يېشى ئوقتىنمۇ كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە. كۆز يېشىنى بىلمەيدىغان باغرىتاش بىر كىشىنىڭ كۆزى بىلەن قەلبى ئارىسىدىكى باغ ئۈزۈلگەن بولىدۇ. بۇنداق بىرىنىڭ، بىر نەرسىگە نەزەر تاشلىغاندا ئىماننىڭ پاراسىتى ۋە كۆزى بىلەن قارىمايدىغانلىقىنى، مەسلىھەتچى بولالمايدىغانلىقىنى، ۋەقە ۋە شەيئىلەرنى چۈشەنگەن ۋە ئۇلار ئۈستىدە تەپەككۇر قىلغاندا توغرا شەكىلدە قىلمايدىغانلىقىنى بىلىڭ!
  8. ھەر ۋاقىت تەمكىن ۋە ئەستائىدىل بولۇڭ. تەمتەكلىك قىلماڭ. « يېرىدە تۇرمايدىغان تاش يوسۇن تۇتمايدۇ » دەيدۇ ئاتالار. تەمكىنلىك ئىماننىڭ زىننىتى. تەمتەكلىك ئىنسانلار جەمىئىيىتىدە ھۆرمەتكە لايىق بولمايدۇ. تەمكىن، كەمتەر بولۇش بىلەن كىبىر ۋە ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشنى ئارىلاشتۇرۇپ قويماڭ. ئەگەر قامىتىڭىز قىممىتىڭىزگە لايىق بولمىسا، كەمتەرلىك نامى بىلەن كىبىر ۋە رىيا قىلىپ سالىسىز. قىممىتىڭىز شۆھرىتىڭىزگە مۇناسىپ بولسۇن. ئەگەر شۆھرىتىڭىز قىممىتىڭىزدىن ئۈستۈن بولسا، ئىككىسى ئارىسىدىكى بوشلۇقنى رىيا، ھىيلە ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن تولدۇرۇشقا ئۇرنۇپ قالىسىز. مانا بۇ ۋاقىتتا شۆھرەتمۇ، ئىلىممۇ بىر ئاپەتكە ئايلىنىدۇ.
  9. ئەستائىدىللىقىڭىز، مۇلايىم بولىشىڭىزغا ۋە يۇمشاق مۇئامىلە قىلىشىڭىزغا توسالغۇ بولۇپ قالمىسۇن، يەنى تەرسا بولماڭ. قېيدىغاقلىق بىلەن ئەستايىدىللىق ئوتتۇرىسىدا ئاسمان – زېمىن قەدەر چوڭ پەرق بار. ئەستايىدىل بولىمەن دەپ مۇز تەلەت بولۇپ كىشىلەرنىڭ كۆزىگە مۇچ چاچماڭ. شۇنى ياخشى بىلىڭكى، ئىنسان تەبەسسمۇ قىلىش ئارقىلىقمۇ ئەستايىدىل بولالايدۇ.
  10. قاقاقلاپ كۈلۈش بىلەن تەبەسسۇم، « ھۆڭگۈر – ھۆڭگۈر يىغلاش » بىلەن « كۆزلىرىدىن توختىماي ياش ئېقىش »، « خوشاللىقتىن ئۆزىنى تۇتىۋالالماسلىق » بىلەن خۇرسەن بولۇش، « ھۇشىنى يوقاتقىدەك دەرىجىدە ياخشى كۆرۈش » بىلەن ياقتۇرۇش، « كۆيۈپ قېلىش » بىلەن ياخشى كۆرۈش، « بولمىغۇر چاخچاق » بىلەن لەتىپە ئېيتىش، چاينىماي يۇتۇش بىلەن يېيىش، غادىيىپ مېڭىش بىلەن مېڭىش، مەدداھلىق بىلەن نۇتۇق، تەنتەكلىك بىلەن سۈكۈت، « بىر يەردە تۇرۇپ قېلىش » بىلەن « بولۇش » ئارىسىدىكى پەرق، ئەدەپلىك بولۇش بىلەن ئەدەپسىزلىك ئارىسىدىكى پەرقتەك چوڭ. بۇنى ئۇنتۇماڭ.