1. سۆزىڭىزدە ۋە ئۆزىڭىزدە توغرا بولۇڭ. يالغانچىلىققا ئادەتلىنىپ قالماڭ. سىز بىر نەرسە دېگەندە، كىشىلەر ئىككىلەنمەستىن « بۇ راست، توغرا گەپ قىلىدۇ » دېسۇن. بۇ « ئەمىن » بولۇشنىڭ دەل ئۆزى. شۇنى ئۇنتۇماڭكى، « رەسۇل » بولۇشتىنمۇ « ئەمىن » بولغان بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بىز. ئەمىنىيىتى زەخمىلەنگەن كىشىنىڭ ئىمانىمۇ زەخمىگە ئۇچرايدۇ. باشقا بىرى ئۈچۈن ئەمىن بولالمىغان كىشى « مۇئمىن » بولالمايدۇ. مۇئمىن باشقىلارغا زىيان كەلمەيدىغان كىشىدۇر. دېگەنلىرىڭنىڭ ھەممىسى توغرا بولىشى كېرەك، ئەلۋەتتە. لېكىن، توغرىنى توغرا يەردە، توغرا ۋاقىتتا ۋە توغرا بىر ئۇسلۇب بىلەن ئىپادە قىلىنمىسا، ئۇ توغرىغا زۇلۇم قىلغان بولسىز. يالغانچىنىڭ شامى خۇپتەنگىچە يېنىپ تۇرىدۇ ( يالغانچىنىڭ قۇيرىقى بىر تۇتام ). بۇرۇنلاردا خۇپتەننى ئوقۇماستىن ئۇخلىغان كىشى، يېتىپ بولغان بولسىمۇ، بۇ نىفاقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن شامنى ئۆچۈرمەيدىغان بولۇپ، خۇددى باشقىلارغا خۇپتەن ساقلاۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلاتتىكەن بەزى كىشلەر.
  2. قەيسەر ۋە ئىرادىلىك بولۇڭ. لېكىن، قەيسەرلىكىڭىز ھېسسىياتىڭىز ۋە نادانلىقىڭىزدىن ئەمەس، ئىلىم ۋە ئىمانىڭىزدىن كەلگەن بولسۇن. ئاللاھ نىڭ دوستلىرىغا جەننەت، ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىگە جەھەننەم بولۇڭ. شۇنى بىلىڭكى، ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈشنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتى، ئاللاھ ئۈچۈن نەپرەت قىلىش.
  3. قەتئىيلىك بولمىغان جاسارەت تەڭپۇڭلىقىنى يوقۇتۇپ قويغان بولىدۇ. ھەقىقەتەن شىجائىتى بولغانلار قەتئىي ئىرادىلىك بولىدۇ. جاسارىتىنىڭ مەنبەسى ئىلىم ۋە ئىمان بولمىغانلار قەتئىي ئىرادىلىك بولالمايدۇ.
  4. سېزىمىنى يوقاتقان ۋە توخۇ يۈرەكلەردىن بولۇپ قالماڭ. ئىچىدە ياشاۋاتقان ئىنسانلار توپى، مۇھىت ۋە كائىناتنى بايقاڭ. سىز ياشاۋاتقان جەمىئىيەتمۇ سىزنى بايقايدۇ، ئەلۋەتتە. باشقىلارنىڭ يالغانلىرىغا كۆرسەتكەن قىزىقىشىڭىزنى توغرىلارغا كۆرسىتەلمىگەن بولسىڭىز، رەسۇلۇللاھنىڭ ئىپادىسى بىلەن « ۋەھن » مىكروبى يۇقتۇرىۋاپسىز دېگەنلىك بولىدۇ. ۋەھن، سېزىمىنى يوقاتقان ۋە توخۇ يۈرەك دېگەنلىك بولىدۇ.
  5. سىر ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىڭ. سىزگە بېرىلگەن ھەر سىر بىر ئامانەت. سىرنى ئاشكارلاپ قويغۇچى خائىن بولۇپ، ئامانەتكە خىيانەت قىلغان بولىدۇ. كاللىڭىزنى ئالسىمۇ سىرىڭىزنى دەپ بەرمەڭ. ئەنە شۇ ۋاقىتتا ھەقىقىي مەنىسى بىلەن « مۇئمىن » بولىسىز.
  6. باسقىلارنىڭ سىرىنى بىلىشكە ئۇرۇنماسلىقمۇ خۇددى سىر ساقلاشقا ئوخشاش بىر ئەخلاقى مەسئۇلىيەت. بۇ، قىزىقىشنىڭ جىنايەتكە ئايلانغان ھالىتى. سىزگە دېيىلمىگەن مەلۇماتتىن خەۋەردار بولۇشتا چىڭ تۇرىۋالماڭ. ئۇ ئۇچۇر سىزگە كېرەك بولمىسا « پايدىسى يوق مەلۇمات » بولىدۇ. شۇنى بىلىڭكى، نەبى پايدىسىز بىلىم ( مەلۇمات، ئۇچۇر )دىن پاناھ تىلەپ ئاللاھ قا سىغىنغان.
  7. خاتالىقنى قوبۇل قىلىش ۋە كەچۈرۈم سوراشتىن خىجىل بولماڭ. خىجىل بولۇشقا تېگىشلىك نەرسە خاتالىقىدا چىڭ تۇرۇش ۋە كىشىلەردىن كەچۈرۈم سورىماسلىقتۇر. خاتالىق بىر ئەيىپ بولسا، ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇش مىڭ قات ئېغىر جىنايەتتۇر. « كىشىنىڭ خاتاسىنى بىلىشىدىنمۇ ئارتۇق ئېرپان بولمايدۇ » دېگەنىكەن پىشقەدەملەر. ئەل – ھەق توغرىدۇر. سىزنىڭ ھەقىقىي دوستىڭىز، سىز خاتالاشقاندا كۆيۈنۈپ سىزنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئەيىبىگە ( خاتالىقىغا ) تۈكۈرىشى كېرەك بولغان بىرسى بولسا، ئۇ دەل شۇ ئەيىپنى سادىر قىلغۇچىدۇر.
  8. كىشىنىڭ ئەڭ بىچارە ۋە كۈلكىگە قالغان ۋاقتى، دەل ئۇنىڭ ئۆز خاتاسىنى ئاقلىشى، ھەتتا توغرا دەپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىشى بولۇپ، بۇنى ھېس قىلماي قىلىپ سالغانلارنى توغرا چۈشنىش مۇمكىن. لېكىن، بىلىپ تۇرۇپ، قەستەنلىك بىلەن داۋام قىلغۇچىدىن مۇناسىۋىتىڭىزنى ئۈزۈڭ. چۈنكى، ئەخلاقى ئاجىزلىقلار يۇقۇملۇق كېسەلگە ئوخشاش يۇقىدۇ ۋە ئۇ مۇناسىۋەت قىممەت ياراتقۇچى ۋە پايدىلىق مۇناسىۋەت بولۇش ئالاھىدىلىكىنى يوقۇتۇپ قويغان بولىدۇ.
  9. خاتاسىنى ئاقلاش ھاۋايى – ھەۋسىنى ئاقلىغانلىق بولۇپ، مانا بۇ « ئۆز نەپسى – خاھىشىنى ئىلاھ قىلىش »نىڭ دەل ئۆزى.
  10. قانائەتچان ۋە كۆز – قارنى توق بولۇڭ. ئاچلىق مۇمكىن بولىدىغان، نورمال بىر ئەھۋال. بىنورمال بولغىنى توق تۇرۇپمۇ ئاچلىق ئەندىشىسى ھېس قىلىش. ئاچلىققا مۇپتىلا بولغانلار بىر قېتىم دەرت تارتىدۇ. ئەمما، ئاچلىق قورقۇسى دېگەن بالاغا مۇپتىلا بولغانلار، مال – دۇنياسى يەتتە جەمەتىگە يەتكىدەك بولغان تەقدىردىمۇ بىر ئۆمۈر دەرت تارتىدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئاچ قېلىش ئەندىشىسى، ئاچ قېلىشتىن مىڭ ھەسسە بەتەر. بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارغا دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنى بېرىپمۇ تويغۇزالمايسىز. يىغىش ۋە بىرىكتۈرۈش كېسىلى مانا بۇ ئىللەتتىن پەيدا بولىدۇ.
  11. قانائەتچان ۋە كۆز – قارنى توق بولغۇچىنىڭ كۆز ۋە قارنى توق بولىدۇ. لېكىن، قانائەت قىلمايدىغان ۋە ئاچكۆز كىشىنىڭ قورسقى تويسىمۇ كۆزى تويمايدۇ.
  12. دۇنيا ۋە دۇنيالىق نەرسىلەرنىڭ خوجايىنى بولۇڭ، ئۇلارنىڭ سىزگە خوجايىن بولىشىغا يول قويماڭ. نەرسە – كېرەكلەر سىزگە خىزمەت قىلسۇن، سىز ئۇلارنىڭ چاكىرى بولۇپ قالماڭ. ئەكسىچە بولۇپ قالغاندا، ئىززەت – ھۆرمىتىڭىزنى ۋە شەرىپىڭىزنى ئۆز قولىڭىز بىلەن تۆكۈپ، ئەڭ ھۆرمەتلىك مەخلۇقنى ئەڭ قەدىرسىز، خار ھالىغا چۈشۈرۈپ قويىسىز.
  13. ئاللاھ دۇنيانى ئۆزىگە تۇتاشقان يولدا سىزگە مېنىدىغان ئۇلاغ قىلغان. بۇنى دەل تەرتۈرىنى قىلىپ، سىز ئۇلارنىڭ ئۇلىغى بولۇپ قالماڭ. لات، مانات ۋە ئۇززانىڭ ئورنىنى ئۆي، ماشىنا ۋە نەرسە – كېرەكلەر ئالغان بىر جەمىئىيەتتە، سىز بۇلارنىڭ ئىنسانغا « خوجايىن » بولالمايدىغانلىقىنى ئەمەلىي ھاياتىڭىز بىلەن ئىسپاتلاڭ.
  14. غەيۋەت ۋە ئۆسەك سۆز قىلماڭ. بۇ ئىجتىمائىي خاراكتېرلىق كېسەل بولۇپ، بۇ كېسەلگە كۆپىنچە ھېچنەرسىدىن رازى بولمايدىغان ۋە كوت – كوت كىشىلەر مۇپتىلا بولىدۇ. ئۆمۈرنى باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈش، ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۇسلۇبى بولۇپ، بۇ كىشىنىڭ ئۆزىدىن قېچىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس…
  15. ئۆزىنى ئۆزىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشنى خالىمىغان كىشى، باشقىلارنى ئۆزىنىڭ كۈنتەرتىپىدىن ھەرگىز چىقىرىۋەتمەيدۇ، بۇ تولىمۇ بىچارىلىك. مۇئمىنلەر، قولىڭىزدىن ۋە تىلىڭىزدىن ئەمىن بولسۇن. قورال ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان قەتلىئامنى، تىلىڭىز بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ. شۇنى بىلىڭكى، « مۇئمىنگە مۇئمىننىڭ قېنى، مېلى، ئىززەت – نۇمۇسى ۋە ئۇنىڭ ھەققىدىكى يامان گۇمان ھارامدۇر ».
  16. غەيۋەتنىڭ بىر بەندە ھەققى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماڭ. ئولتۇرسا – قوپسا ئېغىزىدا مۇئمىنلەرنىڭ گۆشىنى يېگەنلەر، ئىنسان يېگەن ياۋايىلاردىن پەرقسىز. غەيۋەت ۋە ئۆسەك سۆز كېسلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بەزى كىشىلەر بۇنى بىر روھى تەسەللى، روھى ئاچلىقىنى تويغۇزۇش ئۇسلۇبى سۈپىتىدە قىلىدۇ. بۇ خىل ئىنسانلار بىلەن بىللە بولۇپ قالغان ۋاقتىڭىزدا، سىزگە مۇسۇلمان گۆشى يىگۈزۈشىگە يول قويماڭ.