image

1. چۈشەنچە ۋە ئىبادەت
ئىنسانىيەتنىڭ، ئىنسانلىقىنى ۋە تەبىئەتنىڭ تەبىئىيلىكىنى بۇزۇۋاتقان مەدەنىي تەلۋىلىككە قارىتا ئىماننى مەركەز قىلغان يېڭى بىر ھاياتنىڭ بەرپا قىلىنىشى زۆرۈردۇر. بۇ زۆرۈرىيەت يالغۇزلا مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىنىڭ قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەتنىڭ ۋە ھەتتا تەبىئەتنىڭ شۇنداقلا ئېكولوگىيىلىك سىستېمىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن زۈرۈردۇر. ھەقىقىي ئىنسان قىياپىتىدىكى بىر ھاياتنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن يېڭى بىر جامائەتنىڭ بەرپا قىلىنىشى شەرتتۇر. بەرپا قىلىنىدىغان بۇ جامائەتنىڭ ۋەزىپىسى يەر يۈزىدە تەۋھىد ۋە ئادالەتنى باشقىدىن بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك. بۇ تەلەپ بويىچە بولغاندا بۇ جامائەتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغۋار سۈپىتى ئۆزىدىن باشقا جامائەتلەرگە ئانا ئورنىدا ئانا بولالىغۇدەك لاياقەتتە بولۇشى زۈرۈردۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان بۇ جامائەتنى «ئۈممەت» ئىسمى بىلەن تىلغا ئالغاندۇر. «ئۈممەت» دېگەنلىك سۆز مەنىسى بويىچە بولغاندا «ئانا جامائەت» دېگەنلىكتۇر. ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئانىغا ئوخشاش بولالىغان، ئۇلارنى رەھىم ۋە شەپقەت بىلەن باغرىغا بېسىپ، بەخت-سائادەت يولىغا باشلايدىغان، خۇددى بەخت تارقاتقۇچى بۇلاقتەك ئىنسانلارنىڭ قەلبلىرىگە ھۇزۇر ئاتا قىلىدىغان، ئۇلارغا ھۆرلۈكنىڭ ۋە ئادالەتنىڭ ھەقىقىي يولىنى كۆرسىتىدىغان بىر جامائەت دېگەنلىكتۇر. بەندىگە قۇل بولۇشتىن ۋاز كەچتۈرۈپ، ھەقىقىي رەببىگە (ئىگىسىگە) قۇل بولۇشقا چاقىرىدىغان، ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزگەرمەس قىممەتلىرىنىڭ يەنە بىر ئىسمى بولغان ئىسلام بىلەن، مەخلۇقاتنىڭ ھۆرمەت بىلەن يېزىلغان تىزىملىكىدىكى تۇنجى رەتكە يېزىلغان ئىنساننى ئۇچراشتۇرغان بىر جامائەت. يېڭى بىر جامائەتنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۈچۈن، يېڭى بىر ئىنساننىڭ بارلىققا كېلىشى زۆرۈردۇر. يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ئىنسان، ئاللاھقا، ئۆزىگە، جەمئىيەتكە ۋە بارلىق مەۋجۇداتقا قارىتا مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلىپ يەتكەن، ئۆزى بىلەن روھىي دۇنياسى ئارىسىدا ھېچقانداق قارمۇ-قارشىلىق بولماستىن ماسلىشالىغان، تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا ئۆزىنى ۋە رەببىنى (ئىگىسىنى، خۇجايىنىنى) ئوبدان تۇنىغان بىر ئىنساندۇر. يەككىلا ئادەم بولۇشتىن ئېشىپ، ھەقىقىي ئىنسان بولۇش شەرىپىگە ئېرىشكەن، ئۆزىنىڭ بەخت-سائادەتنى، بىر ئەزاسى بولغان ئىنسانىيەت ئائىلىسىنىڭ سائادىتىدە كۆرگەن، ئۆزى بىلەن ئۆزى ياتلاشمىغان، بۇنىڭ بىلەن ھەقىقەتكە قارىتا ياتسىراش تۇيغۇسىدا بولمىغان، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى ئۆزىنىڭ ۋىجدان ئەينىكىدە كۆرۈشتىن قاچمىغۇدەك دەرىجىدە ئەمەلىيەتچان بولغان ئىنساندۇر. بىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ھەتتا ھەقىقىي ماھىيىتى بىلەن تونۇشۇش مەرتىۋىسىگە كۆتۈرۈلگەن، ھېس قىلىش بىلەنلا توختاپ قالماي تۇيغۇسىنى پەرقلەندۈرەلىگەن، قاراش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي ھەقىقىي ماھىيىتىنى كۆرگەن، ئاڭلاش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئۇنىڭ ماھىيىتىنى بىلىپ يەتكەن، ئاددى ئەقىدە بىلەنلا قالماي ئەقىدىسىنى ھاياتىدا ئەمەلىلەشتۈرگەن، شېرىكتىن يىراق تۇرۇش بىلەنلا قالماستىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدەك بۇتلارنى چېقىپ تاشلىيالىغان، تەۋبە قىلىش بىلەنلا قالماي، ئادەم ئەلەيھىسسالامدەك ئۆزىنىڭ جەننىتىنى ئىزدىگەن. شەيتانغا ئەگەشمەيلا قالماستىن شەيتانغا تاش ئاتالىغان، جىسمىنى پىدا قىلىپلا قالماي، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامدەك ئۆزىنىڭ نەپسىنى قۇربان قىلالايدىغان ئىنساندۇر. ھۆرلۈك ۋە بىخەتەرلىكىنى ئىمان بىلەن قوغدىغان ئىنسان، كىملىك ۋە شەخسىيىتىنى بەدەل تۈلەش ئارقىلىق تاپقان، ئىززەت ۋە ئابرويىنى ھەرگىزمۇ ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان قىممەتلىك نەرسىلەر قاتارىدا دەپ بىلگەن، ھەر ئىشتا تەجرىبىسىزلىكتىن، بارا- بارا تەجرىبىگە ئېرىشىپ پىشىپ يېتىلگەن بىر ئىنساندۇر. يېڭى بىر ئىنساننىڭ مەيدانغا كېلىشى يېڭى بىر چۈشەنچىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئارقىلىقلا مۇمكىن بولىدۇ. چۈشەنچە دېگىنىمىز كونىراپ قالمايدىغان مەنىسى بىلەن ئېيتقاندا ھېس-تۇيغۇدۇر. بۇ شۇنداق بىر تۇيغۇكى، يېڭى زاماندىكى بىر كىشىنىڭ ئاستىن- ئۈستۈن بۇلۇپ كەتكەن قىممەت قارىشىنى قايتىدىن ئەسلى جايىغا ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ شۇنداق تۇيغۇكى ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ھەم باشقىلار تەرىپىدىن تونۇلۇشقا ۋاسىتە بولغان تۇيغۇ. ئىگىسىنى ھايۋان بۇلۇشتىن ئادەم بۇلۇشقا باشلايدىغان بىر تۇيغۇ. ئويلاپ باقايلى: تۆگە مەككىگە كېلىدۇ. تۆگىگە مىنگەن ئىنسانمۇ ئۇنىڭ ئۈستىدە مەككىگە يېتىپ كېلىدۇ. تۆگە بىلەن ئاراپاتقا، مىناغا، مەشئارىل ھەرامغا ناۋادا ئۆزرىسى بولسا ھەتتا كەبىنى تاۋاپ قىلىشقا ۋە سەئى قىلىشقا بارسا بۇلىدۇ. سىز تۈگىنىڭ ئورنىغا ماشىنىدا ئولتۇرۇشنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق. بىراق يا تۆگە، يا ماشىنا ھاجى بولالمايدۇ. ئەمما، ئىنسان ھاجى بولىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى پەرق بولسا ھىس-تۇيغۇ مەسىلىسىدۇر. تۆگە ئۆزىنىڭ بۇ يەرلەرگە نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلمەيدۇ بىراق، ئىنسان بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن چۈشىنىش، بىر ئىشنى ئىبادەتكە ئايلاندۇرغان بىردىن – بىر ئالامەتتۇر. يېڭى بىر چۈشەنچىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك مۇھىم؟ چۈنكى، ھەربىرى شەخسىي ۋە ياكى جەمئىيەتتە بولغان كېسەللىكلىرىمىزگە مەلھەم، مۈشكۈلچىلىكلىرىمىزگە چارە بولغان ئىبادەتلەرنىڭ قايتىدىن قولغا كېلىشى پەقەت ۋە پەقەت يېڭى بىر چۈشەنچە بىلەن مۇمكىندۇر. ئىبادەتلەرنىڭ قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈلۈشى ھەققىدە توختالدىم. ھەقىقەتەن توغرا! چۈنكى بىز ئىبادەتلەرنى يوقىتىپ قويدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەينى زاماندا «نامازنى يوقىتىپ قويىدۇ» (ئەھمەد بىن ھەنبەل 3-28) دەپ مۆجىزىۋىي خەۋەر بەرگىنىدەك نامازنى يوقىتىپ قويدۇق. روزىنى يوقىتىپ قويدۇق. زاكاتنى يوقىتىپ قويدۇق. ھەجنى يوقىتىپ قويدۇق. ھېيتلارنى يوقىتىپ قويدۇق. قۇربانلىقنى يوقىتىپ قويدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا بىزگە پەقەت ھارغىنلىقىمىز ۋە ئاچلىقىمىزلا قېلىپ قالدى. ئەسلىدە ئىبادەتلەر مەيلى جەمئىيەتنىڭ بولسۇن، مەيلى شەخسنىڭ بولسۇن بىرمۇنچە كېسەللىكلىرىگە دەرمان بولاتتى. مەسىلەن: قۇرئاندا نامازنىڭ بىرمۇنچە ئىنساننى نۇرغۇنلىغان يامانلىقلاردىن، ھەدىدىن ئېشىشلاردىن توسۇپ قالالايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.(29. سۈرە 45- ئايەت) روزا ئىنساننىڭ ئاللاھقا قارىتا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان (2- سۈرە 183- ئايەت) زاكات ئىنساننى ۋە جەمئىيەتنى يامانلىقلاردىن پاكىزلايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ھەجنىڭ بولسا ئىنساننى چىداملىق بولۇشنى، ئاللاھ ئۈچۈن بىقارار تۇرۇشنى، چىدام – غەيرەتتە ھەقىقىي جۈرئەتلىك بولۇشنى ئۆگىتىدىغانلىقىنى بايان قىلغان (5-سۈرە 97-ئايەت) بۇلارنىڭ ھەممىسى، جىنايەت، گۇناھ، تېڭىرقاش، ھۇرۇنلۇق، نادانلىق، بەختسىزلىك، بويۇنتاۋلىق، ئۈمىدسىزلىك ۋە بۇنىڭدىن باشقا بىرمۇنچە ئىللەتلەرنىڭ دورىسى ئىدى. بىزدە يوق بولۇپ كېتىۋاتقان ھەربىر ئىبادەت بىزنى بەختتىن يىراقلاشتۇرۇپ، بالايى- قازاغا يېقىنلاشتۇرماقتا. روھىنى ۋە ھېس – تۇيغۇسىنى يوقىتىپ قويغان ئىبادەتلىرىمىز ئۆزىنىڭ قۇربانلىقىنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ يۈرگەن قابىلدەك مۈرىمىزدە كۆتۈرۈپ، بۇ ئىبادەتلەرگە بىرئاز بولسىمۇ بۇرۇنراق يەرلىككە قويۇۋېتىشىمىز كېرەك بولغان ئۆلۈكنىڭ مۇئامىلىسىنى قىلىپ كېلىۋاتىمىز. ئەسلىدە بولسا ھەر بىر ئىبادەت بىزنى مەڭگۈلۈك بەختكە ئېلىپ بارىدىغان «دۇلدۇل» بولۇشى كېرەك ئىدى. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ بىز بۇ «دۇلدۇل» لار بىلەن ئۇچۇشىمىز مۇمكىن ئىدىغۇ!؟ بىز روھىنى يۈتتۈرۈپ قويغان ئىبادەتلەر بىزنى جەننەتكە ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ پەرۋاسىزلىقلىرىمىز بىلەن ھاسىل بولغان بوشلۇقتىكى ھاڭلارغا تاشلىماقتا. سىز ھەر بىر ئىبادەتنى ئاللاھقا ئەۋەتىلگەن بىر خەتكە ئوخشاتسىڭىز بولىدۇ، روھسىز ۋە ھېس-تۇيغۇسىز ئىبادەتلىرىمىز ئىچى قورۇق بولغان خەتكە ئايلىنىپ قالدى. ئوتتۇرىدا بىر كونۋېرت بار. بۇ كونۋېرت ھەتتا ناھايىتى چىرايلىق، زىننەتلىك بىر كونۋېرت. لېكىن، ئىچى قۇرۇق بىر كونۋېرت. ئەسلىدە كونۋېرتنىڭ قىممىتى ئىچىدىكى خەتتە ئىدى. ئىچىدە خەت بولمىغان كونۋېرت قۇرۇق كونۋېرت بولۇپلا قالماي، كونۋېرت ئەۋەتكۈچىگە قىلىنغان بىر ھاقارەت مەنىسىدە كېلىدۇ. ناۋادا ئىچى بوش ئەۋەتىلگەن كونۋېرتنىڭ بىر مەنىسى بار دېگەندىمۇ، بۇ بىر ھېچ مەنىسى بولمىغان، ئەۋەتكۈچىنى ئوڭايسىز بىر ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان مەنىدۇر. دېمەك، ئىچىدە ھېچقانداق ھېس- تۇيغۇ بولمىغان بىر ئىبادەتمۇ، ئىچى بوش بىر كونۋېرتقا ئوخشايدۇ. نەتىجە شۇكى بەرمەكچى بولغان ئۇچۇر بېرىلمىدى. ئىبادەتتىن كۈتۈلگەن نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلمىدى. بۇلارنىڭ نەتىجىسىدە ئىبادەتلەرنى يۈتتۈرۈپ قويغان بولدۇق. نامازنى قايتىدىن قايتۇرۇپ كېلەيلى. روزىنى، زاكاتنى قايتىدىن قايتۇرۇپ كېلەيلى. بولۇپمۇ ھەجنى قايتىدىن قايتۇرۇپ كېلەيلى. ئۇلارنى پۇراش، تەمىنى تېتىش، ئاڭلاش، كىيىش ۋە ياشاش لازىم. مانا مۇشۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «دۇنيالىقتىن ماڭا ئۈچ نەرسە ياخشى كۆرسىتىلدى، بىرىنچىسى كۆزۈمنىڭ نۇرى بولغان ناماز» (ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل 12315: نەسەئى 5911) دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىنىڭ قەدرىگە يېتەلەيمىز. خوش! ئۇنداق بولسا قىبلىنىڭ ئېڭى بولماستىن نامازنىڭ ئېڭى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن! ئەلۋەتتە بۇ مۇمكىن ئەمەس. قىبلىدىن ئىبارەت يەنى جۇغراپىيىلىك ئۇقۇمنى ئەڭ چىرايلىق شەكلىدە يەنىلا ھەج ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ھەجنىڭ ئىبادەتلەر ئارىسىدىكى ئورنىنى، پەيغەمبەرلەر ئىچىدىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورنىغا، ئەرشىئەلادىن يوللانغان ئۇچۇرلار ئىچىدىن قۇرئانغا ئوخشىتالايمىز. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلىكى، پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ گۈزەل ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىدە جەم قىلغان بىر كىشىلىكتۇر. قۇرئان بولسا، بارلىق ۋەھىيلەرنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزىدە ئەكس ئەتتۈرگەن بىر خىتابتۇر. ھەج بولسا پۈتۈن ئىبادەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ئۆز ۋۇجۇدىدا بىرلەشتۈرگەن ئالاھىدە سىمۋوللۇق خاراكتېردىكى ئىبادەتتۇر. ھەج خۇددى نامازغا ئوخشاش، مۇئەييەن بىر ۋاقىت ئىچىدە ۋە مۇئەييەن بىر يەردە قىلىنىدىغان قائىدىلىرى بىلەن ۋاقىت تۇيغۇسى ۋە ماكان تۇيغۇسى ھېس قىلدۇرىدۇ. ھەج، خۇددى ناماز ۋە روزىغا ئوخشاش بەدىنى، ھەم زاكاتتەك ئىقتىسادى، ھەم جۈمە ۋە جىھادتەك ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي بىر ئىبادەتتۇر. ھەج بولسا مۇشۇنداق ئۈچ ئىبادەتنىڭ ماھىيىتىنى ئالاھىدە گەۋدىلىك بىر ھالەتتە ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن بىردىن – بىر ئىبادەتتۇر. بۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، ھەج ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقا ئىبادەت ئۈچۈن بېرىلمىگەن خۇش بېشارەتلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ بايان قىلغان. ئەمما، بۇ خۇش بېشارەتلەرنى ئېنىق قىلىپ تۆۋەندىكى شەرتلەر بىلەن بىرلەشتۈرگەن، يەنى ھەجنىڭ قوبۇل بولۇشىنى، ئىنسان ھاياتى ئۈچۈن بىر سۆيۈنچە بولۇشىنى «ئاللاھ دەرگاھىدا قوبۇل بولۇنغان ھەجنىڭ ساۋابى چوقۇم جەننەتتۇر» (بۇخارى 1683؛ مۇسلىم، ئەبۇداۋۇد، تىرمىزى) دېيىش ئارقىلىق ئىپادىلىگەن. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ھەجنىڭ قوبۇل بولغىنى ۋە بولمىغىنى باردۇر. قوبۇل بولمىغان ھەج بولسا جاپا-مۇشەققەتلىك بىر ساياھەت سەپىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. قوبۇل قىلىنغان ھەج بولسا باشقا بارلىق ئىبادەتلەرنى تىرىلدۈرگەن جانلاندۇرغۇچىدۇر. ھەربىر كىشىگە شۇنداق دېيەلەيمەنكى، ھەجنى ھەقىقىي ئورۇنلىيالىغان بىر ئىنسان- نامىزىنى، روزىسىنى، زاكاتىنى، جىھادىنى، دىن يولىدىكى داۋاسىنى، پاراسىتىنى، فىترىتىنى شۇنداقلا، كىشىلىكىنى تىرىلدۈرىدۇ. بۇ ئاڭ بىلەن قىلىنغان ھەج بولسا ئادەتتە يىغىپ ئېيتقاندا قايتىدىن تىرىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىبادەتلەرنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرۈشنىڭ ۋە قايتىدىن ئېرىشىشنىڭ ئەڭ قىسقا بىردىن – بىر يولى بولسا ھەجنى تىرىلدۈرۈشتىن باشلىنىدۇ. ھەجنى تىرىلدۈرگەن بىرەيلەن، ئۆزىنىڭ كىشىلىكىنى تىرىلدۈرگەن بولىدۇ. ھەجنى تىرىلدۈرگەن بىر ئۈممەت بولسا، يوقىتىپ قويغان غۇرۇر ۋە شەخسىيىتىگە قايتا قايتقۇچىدۇر. ھەج «يەر شارى خاراكتېرلىك قايتىدىغان ئەھيا بولغانلىق» نىڭ سىمۋولىدۇر. ھەج قىلغۇچى ئاللاھ بىلەن بولغان ئەھدىسىنى يېڭىلىغۇچى ئىنسان دېمەكتۇر. مەككە بولسا ئۆزىنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامىڭ دىنىغا تەۋە دەپ قارىغان ھەر بىر كىشىنىڭ ئورتاق مەركىزىدۇر. ئۆزىنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا تەۋە دەپ قارىغان ھەربىر ئىنسان ئۇنىڭ ئەقىدە نېگىزىگە تەۋەدۇر. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى مىلادى 7- ئەسىردىكى جاھالەت دەۋرىدە ئىجابەت بولغىنىدەك، ھەج قايتا تىرىلگەن ۋاقىتتا، 21- يۈز يىلنىڭ جاھالەت دەۋرى ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا لازىمدۇر. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام بىرلىكتە كەبىنىڭ ئۇلىنى ئېگىزلىتىۋاتقاندا مۇنداق دەيدۇ: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ (خىزمىتىمىزنى) قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن (داۋايىمىز) نى ئاڭلاپ تۇرغۇچى، (كۆڭۈلدىكىلەر) نى بىلىپ تۇرغۇچىسەن. ئى پەرۋەردىگارىمىز! ئىككىمىزنى ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن قىلغىن. بىزنىڭ ئەۋلادىمىزدىنمۇ ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن بەندە چىقارغىن. بىزگە ھەجىمىزنىڭ قائىدىلىرىنى بىلدۈرگىن. بىزگە ھەجىمىزنىڭ قائىدىلىرىنى ئۆگەتكىن! تەۋبىلىرىمىزنى قوبۇل قىلغىن، چۈنكى، سەن تەۋبىنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇرسەن. ناھايىتى مېھرىبانسەن.» (سۈرە بەقەرە 127، 128-ئايەتلەر)