كۆپىنچىمىزنىڭ زېھنىدە قۇرئانغا قارىتا « مەن ئۇنى چۈشىنەلمەيمەن » دەيدىغان چۈشەنچە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن. مانا بۇ خاتا قاراش بىزنى قۇرئاننى ئوقۇشتىن، ئۇنى ھاياتنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرىشتىن توسۇپ، تەكچىدە بويۇن قىسىپ تۇرغان مۇقەددەس كىتاپ ھالىتىگە چۈشۈرۈپ قويماقتا. ئەسلىدە قۇرئاننىڭ ئەۋەتىلىش مەقسىتىنى، ئانا پرىنسىپىنى چۈشەنسەك، قۇرئاندىنمۇ ئۇڭاي چۈشىنىشلىك كىتاپ يوق.

‏قۇرئاننىڭ ئەۋەتىلىش مەقسىتى، كىشىلەرنى ياخشى ئىنسانلاردىن بولۇش، ياخشى ئىشلارنى قىلىش، يامان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشقا تەشۋىق قىلىش ۋە يارنىڭ لىۋىگە كېلىپ قالغان كىشىنىڭ قولىدىن تۇتۇپ، ئۇنى يارنىڭ لىۋىدىن قايتۇرۇپ كېلىش.

‏بۇ مەركىزى ئىدىيىنى چۆرىدىگەن ھالدا قۇرئان مۇنداق ئۈچ قىسىمغا بۆلىنىدۇ ( مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ).

‏1ـ كائىنات، يەر، زېمىن، ئۆسۈملۈك، يامغۇر… ۋە ئىنساننىڭ يارىتىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر.

‏2ـ ئۆرنەكلەر، يەنى پەيغەمبەرلەر، سالىھ بەندىلەر ۋە قەۋىملەر؛ ئىبرەتلىك مەخلۇق ( ئىبلىس / شەيتان ) ۋە شەخسلەرنىڭ خاراكتېرى بايان قىلىنغان ئايەتلەر.

‏3 ـ كىشىنىڭ ئاللاھ بىلەن، كىشىلەر بىلەن، جەمىئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى شەكىللەندۈرۈشتە  ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پرىنسىپ ۋە بەلگىلىمىلەرنى بايان قىلغان ئايەتلەر.

‏1ـ مەزمۇننى تەشكىل قىلغان ئايەتلەردە، ئاللاھ تىن ئىبارەت بىر ياراتقۇچىنىڭ بارلىقى بۇ مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈلگەن.

‏2 ـ قىسىمغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە، ئىنسانغا ھاياتىدا ئۆرنەك ئېلىپ ياشايدىغان ئىككى تۈرلۈك ئىنسانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىش ـ ھەرىكىتى ( خاراكتېرى )، بۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئېلىپ كەلگەن مۇكاپات ۋە جازا ( جەننەت ۋە جەھەننەم ھاياتى ) بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئايەتلەر ئارقىلىق نەمرۇتتەك ياشاپ، ئىبراھىم ئىگە بولغان مۇكاپاتنى خىيال قىلما، قازاندا نېمە بولسا چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ، دەيدۇ ئىنسانلارغا.

‏3 ـ قىسىم ئايەتلەردە، مۇسۇلماننىڭ قىلىشقا ۋە ئۆزىنى تارتىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئارا، غەيرى مۇسۇلمانلار ئارا قانداق مۇناسىۋەت قۇرۇش؛ ئائىلە، مىراس مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش، جەمىئىيەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت… مۇشۇنداق ئىجتىمائي مەسلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى كۆرسىتىلگەن.

‏كۈنىمىزدە ئىنسانلار قۇرئانغا بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە قارىمىغانلىقتىن، ئۇنىڭ مەلۇم قىسمىغا قارىۋېلىپ قالغان قىسمىنى كۆرمىگەنلىكتىن پاتقاققا پېتىپ قېلىپ چىقالمايۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەر خىل يولنى سىناۋاتىدۇ.

‏بىر بەدەننى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ، بەش ئەزا بىر گەۋدىگە جەم بولغاندا ئۆز رولىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە جارى قىلدۇرىدۇ. ئەمما، قايسى بىر ئەزانى بەدىندىن ئايرىۋەتسىڭىز ئۆز رولىنى يوقىتىدۇ، قەپەت بەدەنگە ئائىت بىر پارچە ئىكەنلىكىنىلا بىلدۈرىدۇ، خالاس.

‏قۇرئان ئايەتلىرىمۇ بۇنىڭغا ئوخشايدۇ. شۇڭا ئۇنى چۈشەنگەندە ئانا گەۋدە ئىچىدە چۈشۈنۈش لازىم. قۇرئان ئايەتلىرى خۇددى موزايىك رەسىم تاختىسىغا  ئوخشايدۇ. بىر مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر ئوخشىمىغان سۈرىلەر ئىچىگە تارقىتىۋېتىلگەن بولۇپ، بۇلارنى بىر يەرگە جەم قىلالىغاندا، ھەقىقىي يول كۆرسەتكۈچىكە ئىگە بولغىلى بولىدۇ. شۇڭا بىر مەسىلىگە قۇرئاندىن جاۋاپ ئىزدىگەندە مەلۇم سۈرىدىكى بىر ئايەتكىلا قارىماستىن، باشقا سۈرىلەردىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بارمۇ – يوق؟ بۇ ھەقتە ئەتراپلىق ئىزدىنىڭ، ئايەتنىڭ ئارقا كۆرنۈشىنى نەزەردىن ساقىت قىلماڭ.

قۇئان، ھايات كىتابى بولغانلىقتىن 23 – يىلدا نازىل بولدى. ئۆز ۋاقتىدىكى مۇسۇلمانلار دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرىپ يول كۆرسىتىپ كەلدى. ئىنسانلار ياشىغان دەۋر، ماكان ئوخشاش بولمايدۇ، ۋەقەلىكلەر كۆرنۈش جەھەتتىن پەرقلىق بولىدۇ. ئەمما، ھەل قىلىش تەدبىرى – قانۇنىيەت ئوخشاش بولىدۇ. شۇڭا قۇرئان قىيامەتكىچە يول كۆرسەتكۈچتۇر. ئەگەر بۇنداق بولمىغان بولسا، مىلادى 610 – يىلى نازىل بولۇشقا باشلىغان كىتاپتا، ئۆزىدىن نەچچە ئون ئەسىر ئىلگىرى ئۆتكەن ئىجابىي ۋە سەلىبىي ئوبرازلار ھەققىدە بايانلار بېرىلمىگەن، ئۇلاردىن ئۆرنەك ياكى ئىبرەت ئېلىش ئىما قىلىنمىغان بولاتتى.

قۇرئان، ئەسلىدە ياراتقۇچى ئاللاھ نى تونۇشتۇرۇشتىن زىيادە، ئىنسانغا ئىنساننى ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرەپلىرى بىلەن تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ. ئۆزىڭىزنى تونۇماقچى بولسىڭىز، قۇرئاننى چۈشەنگەن ئاساستا ئوقۇڭ. قۇرئان قىسسەلىرىدىكى باش قەھرىمان ئورنىغا ئۆزىڭىزنى ۋە جەمىئىيتىڭىزنى قويۇپ تۇرۇپ ئوقۇڭ، سېلىشتۇرۇڭ. بەلكىم، ئوخشاشلىقلار ياكى پەرقلەرنى ھېس قىلىشىڭىز، نېمە قىلىش كېرەكلىكىڭىزنى تونۇپ يېتىشىڭىز مۇمكىن.

‏                                                                               قاراخانلې