Purpose of Life Uyghur

تۇنجى خەتلىك فىلىم ئەسىرىمىز،

ھاياتنىڭ مەقسىدى نېمە؟ – شەيىخ خالىد ياسىن ( خەتلىك فىلىم )

كۆكلەم تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىكى قېرىنداشلارنى ئەسلەپ…

 

يۇتىيۇپتىن كۆرۈش ئادرىسى: http://www.youtube.com/watch?v=AIrzeuvd1T4

شەيخ خالىد ياسىن (Shaykh Khalid Yasin) ، سابىق خىرىستىيان مۇرتى، ھازىر بولسا ئەنگىلىيەدىكى ئىسلامى تەلىم-تەربىيە ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرى (ITI) ، ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى دەۋەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئورگاندۇر.ئۇ ئەرەپچىنى مەدىنە ۋە مىسىردا ئۈگەنگەن بۇلۇپ ، سۈننەت فىقھىسى(قانىنشۇناسلىغى) ۋە سىيرە (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تارىخى) قانۇنشۇناسلىغى ۋە ئىسلام تارىخى ھەمدە قۇرئان يادلاش-ئوقۇش بۇيۇنچە سەئۇدى ۋە مىسىردىكى داڭلىق ئۇستازلاردىن تەلىم ئالغان. ئۆتكەن 10 يىل ئىچىدە (ITI) ئىسلامى تەلىم-تەربىيە ئىنىستىتوتى 5000 دىن ئۇشۇق ئادەمنىڭ ئىسلام كەلتۈرىشىگە ۋە 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن 1476 كىشىنىڭ ھىدايەتكە ئېرىشىشىگە ۋە سىلە بۇلىدۇ.
شەيخ خالىد ياسىن (Shaykh Khalid Yasin) سەئۇدى ئەرەبىستاندا 1994- يىلى «ھاياتنىڭ مەقسىدى» ناملىق مەشھۇر نۇتقىنى (تەبلىغ ) سۆزلىگەن ئۇ مۇبارەك كۈندە تەبلىغنى ئاڭلىغان 43 كىشى نەق مەيداندا ئىمان ئەيتىپ مۇسۇلمان بۇلىدۇ.خالىد ياسىن ئۈزلۈكسىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنى بۇرمىلاپ چۇشەندۈرگەن قىلمىشلارغا قارشى نۇتۇق سۆزلەپ ، ئىسلامغا دەۋەت قىلغۇچىلار ئۈچۈن كۇرۇىسلارنى ئېچىپ ، مەخسۇس يېڭى ئىمان ئېيىتقان مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مەخسۇس تەربىيلەش پروگراممىسى ئۇرۇنلاشتۇردى.
شەيخ خالىد ياسىن مۇسۇلمانلارنىڭ ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ ، ئۈزۈنىڭ مەسئۇلىيىتى بولغان دەۋەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنىشى ئۈچۈن بۈيۈك تۆھپىلەرنى قوشماقتا.ئاللاھ سۇبھانە ۋە تائالا ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن!