قۇرئاننىڭ يەنە بىر ئىسمى روھتۇر

روھ دېگەن نېمە؟

روھ بىر بەدەن ئۈچۈن، بەدەنگە مەنا بەرگەن قىممەتتۇر. بەدەن ئۈچۈن جاننىڭ، روھنىڭ ئەھمىيىتى نېمە بولغان بولسا

ھايات ئۈچۈنمۇ قۇرئاننىڭ مەنىسى شۇنداقتۇر. ئىچىدە قۇرئان بولمىغان ھايات، روھ بولمىغان بىر جەسەتكە ئوخشايدۇ. قۇرئان ھايات ئۈچۈن روھقا ئوخشايدۇ.

قۇرئاننىڭ 21 ئايىتىدە روھ سۆزى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان مەنىدە ئىشلىتىلگەن. بۇلاردىن بەشىدە روھ سۆزى ۋەھىي مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. مانا بىرى، شۇرا سۈرىسى 52 – ئايەتتە تىلغا ئېلىنىدۇ:

” ساڭا دەرگاھىمىزدىن بىر روھ ۋەھىي قىلدۇق “.

قالغان ئايەتلەر نەھىل سۈرىسى 2- ئايەت، مۆئمىن سۈرىسى 15 – ئايەت، مۇجادىلە سۈرىسى 22 – ئايەت ۋە قەدىر سۈرىسى 4 – ئايەتتە،  روھ سۆزى ۋەھىي مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن.

قۇرئاننىڭ ئىسمىنىڭ روھ بولىشى، ئۇنىڭ ئىنسانغا ھايات بەرگەنلىكى مەنىسىدىن كەلمەكتە. ئەنفال سۈرىسى 24 – ئايىتى، دەل مۇشۇ نوقتىدە بەلگىلىگۈچى رولغا ئىگە. رەببىمىز ئۇ ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

” ئاللاھ ۋە پەيغەمبىرى سىلەرنى تىرىلدۈرىدىغان نەرسىگە دەۋەت قىلسا، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار “.

دەۋەت قىلغۇچى ئاللاھ، تەكلىپ قىلغان يەر، بىزنى تىرىلدۈرىدىغان قىممەتتۇر. مانا بۇ قۇرئاندۇر. روھ دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى بىزگە ھايات بېغىشلايدىغانلىقىدىندۇر، شۇنداق ئەمەسمۇ؟

قۇرئانغا ھايات كىتابى دېيىشنىڭ نېمىدىگەن توغرا ئېيتىلغان سۆز ئىكەنلىكى بۇ يەردىن مەلۇم بولىدۇ. چۈنكى قۇرئاننىڭ بىر ئىسمى روھتۇر. ھاياتقا مەنا قوشقان بىر رولى بىلەن رەببىمىز كىتابىنى جەم قىلغان.

ناماز شام ۋە بامدات نامىزدىن كېيىن، ھەشىر سۈرىسىنىڭ ئاخىرىقى ئايەتلىرى ئوقۇلىدۇ. يەنى ” ھۇۋەللاھۇلەزى … “دەپ باشلىغان ئۈچ ئايەت بار ئۇ ئۈچ ئايەت ئوقۇلىدۇ. ئەمما، ئۇ ئايەتتىن ئىلگىرىكى بىر ئايەتنى 23 – ئايەتنىمۇ ئوقۇشنىڭ پايدىسى چوڭ، مېنىڭ پىكرىم.

ھەتتا 21،22،23،24 – ئايەتلەر، قىلالىساڭلار قېرىنداشلىرىم،  18 – ئايەتتىن باشلاپ ئوقۇشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى تېما ئۇ يەردىن باشلايدۇ.

” ئى ئىمان ئېيتقانلار، ئاللاھ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىڭلارنى بىلىڭلار، تەقۋا بولۇڭلار، ئاگاھ بولۇڭلار ۋە ھەر جان ئەتە ئۈچۈن نېمە تەييارلىغانلىقىغا قارىسۇن. ھەر جان، ھەر ئادەم قارىسۇن، ئەتە ئۈچۈن نېمە تەييارلىغانلىقىغا بىر قارىسۇن. ئاللاھ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىڭلارنى بىلىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر. ئاللاھنى ئۇنتۇغانلاردىن بولماڭلار “.

نېمە بولىدۇ ( ئۇنۇتساق )؟

ئاللاھنى ئۇنۇتقانلارغا ئاللاھ ئۆزلىرىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ، دەيدۇ. جۈملىنى تەكرارلايمەن، ” ئاللاھنى ئۇنتۇغان كىشىلەردەك بولماڭلار، ئاللاھمۇ بۇ كىشىلەرگە ئۆزلىرىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ “.

بۇنىڭ تۇرمۇشتا قانچىلىك مىسالى بولغانلىقىنى بىلىسىلەر.

” ئاللاھنى ئۇنۇتقانلار، ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئۆزلىرىنى ئۇنتۇلدۇرغانلىقىنى ئۇنۇتتى. ئەنە شۇلار پاسىقلاردۇر. ئەھلى دوزاخ بىلەن ئەھلى جەننەت ھەرگىز باراۋەر بولمايدۇ قىيامەت كۈنى “.

بۇ مەنىدە بەش – ئالتە تانە ئايەتى كەرىم بار قۇرئانى كەرىمدە، ” ئەھلى دوزاخ بىلەن ئەھلى جەننەت باراۋەر بولمايدۇ “ دەپ. مەسىلەن بىر تانە دەي،  قەلەم سۈرىسىدە ئۆتىدۇ.

” بىز مۇسۇلمانلار بىلەن كاپىرلارنى باراۋەر قىلامدۇق؟ سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقچە مۇنداق بەتەر ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟ “.

ئۇلار مۇنداق دېيىشەتتى، بىز دۇنيادا ئاللاھ تاللىغان بەندىلەر، ئۇ ئالەمدە (ئەگەر بولۇپ قالسا ) ئەگەر رەببىمگە قايتۇرۇلسام، بۇ يەردىن تېىخىمۇ ياخشى نەرسىگە ئىگە بولىمەن، دەيدۇ.

كەھف سۈرىسى 36 – ئايەت، فۇسسىلەت سۈرىسىنىڭ 50 – ئايىتى، جاسىيە سۈرىسى 21 – ئايەت.

” قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن، مۇبادا مەن پەرۋەردىگارىمغا قايتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ دەرگاھىدا چوقۇم جەننەتكە ئېرىشىمەن “ مۇشۇنداق قاراشلىرى بار مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ ئۇ يەردىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدىغانلىقىنى خىيال قىلىدۇ.

ئىشەنمىگەن ئالەم. ئەگەر مۇشۇنداق بىر ئىھتىمال بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ ۋاقىتتا بىز ئۇ يەردىمۇ ھۆرمەت سازاۋەر بولىمىز، دەيدىغان خاتا چۈشەنچىگە ئىگە ئىدى. ئۇلارغا جاۋاپتۇر مانا بۇ ئايەت.

” ئەھلى دوزاخ بىلەن ئەھلى جەننەت ھەرگىز باراۋەر بولمايدۇ “.

جاسىيە سۈرىسى 21 – ئايەتتە، ” يامان ئىشلارنى قىلغانلار ئۆزلىرىنى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلاردەك قىلىشىمىزنى،  ھاياتلىقتا، ماماتلىقتا ئۇلار بىلەن ئوخشاش قىلىشىمىزنى ئويلامدۇ؟ ئۇلارنىڭ چىقارغان ھۆكۈمى نېمىدېگەن يامان “.

قۇرئان كەرىم بۇ چۈشەنچىنى رەت قىلىدۇ.

ھەشىر سۈرىسى 20 – ئايەتتىمۇ بۇ بار، ” مەقسەتكە يەتكەنلەر جەننەتكە ئەھلىدۇر “ دەيدۇ.

ئەسلىدە بۇ يەرنى ئوقۇشۇمدىكى سەۋەپ 21 –ئايەت بولۇپ، رەببىمىز بۇ يەردە مۇنداق دەيدۇ:

” ئەگەر بىز قۇرئاننى بىرەر تاغقا نازىل قىلساق، تاغنى مۇنداق ھالەتتە كۆرەتتىڭلار، باش ئەگكەن، يېرىلىپ كەتكەن“.

نېمە ئۈچۈن؟

ئاللاھقا بولغان چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە قورقۇ سەۋەبىدىن، ” تاغنىڭ باش ئەگكەنلىكىنى ۋە يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرەتتىڭ “.

باش ئىگىش بىر ئىرادىنىڭ ئىپادىسىدۇر، ئىرادىسى بولمىغان باش ئەگمەيدۇ.

بۇ مۇنداق دېگەنلىك بولىدۇ:

قۇرئان تاغقا نازىل بولسا تاغنى جانلاندۇرۇپ ئۇنى ھۆرمەتلىك ھالغا كەلتۈرىدۇ. قۇرئان سىلەر جانسىز دەپ قارىغان تاغقا نازىل بولسا، تاغغا جان كىرگۈزۈپ ۋە ئۇ تاغ ئاللاھقا بولغان چوڭقۇر ھۆرمەت يۈزىدىن باش ئېگىپ يېرىلىپ كېتەتتى.

سىلەر ئويلاپ بېقىڭلار، قۇرئاننىڭ ھاياتىدا بىر تال تۈكىنى تەۋرەتمىگەن ئادەمنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭلار. قۇرئان ئادەمنىڭ بىر مىللىمىتېرىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. كەچكىچە قۇرئان ئوقۇيدۇ زەرەچىلىكمۇ تەسىر قىلمايدۇ.

نېمىشقا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ؟

چۈنكى، قۇرئاننى نېمە ئۈچۈن ئوقۇغانلىقىنى بىلمەيدۇ. چۈنكى، قۇرئاننى ئوقۇيدۇ مەنىسىنى بىلمەيدۇ. چۈشەنسىمۇ ھاياتىنى ئۇنىڭغا كۆرە شەكىللەندۈرۈشتەك بىر غايىگە ئىگە ئەمەس.  بۇنىڭ باشقا چۈشەندۈرۈشلىشى يوق پۈتۈن مەسىلە بۇنىڭدىن ئىبارەت.

قۇرئان روھتۇر، ھاياتنى مەنىگە ئىگە قىلغان ئەسلى قىممەتتۇر،  شۇڭا ئۇنىڭ ئىسمى روھ دەپ بېكىتىلگەن.

پروفېسسور دوكتۇر مەھمەت ئوقۇيان

تۈركىيە 19  مايىس ئۇنىۋېرسىتى ئىلاھىيەت فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى

تەرجىمە – باتۇر قاراخانلې