قۇرئان سىزنى قاچان تىرىلدۈرىدۇ ۋە تەربىيەلەيدۇ؟

قۇرئاننىڭ قەدرىنى بىلىڭ، چۈنكى ئۇ سىزگە ئىززەت ۋە ھۆرمەت تاپقۇزىدۇ.

يەنە قۇرئان شاھىت بولسۇن، قۇرئان سۆزلىسۇن.

ئىسمى مەفھۇل مەجىيد شەكلىدە بولغاندا،  ئاللاھ شانىدىن شان، شەرىپىدىن شەرەپ قوشقان دېگەنلىك بولىدۇ.

ئىسمى مەفھۇل بولغاندا قۇرئاننىڭ سۈپىتى، ئاللاھنىڭ شانىدىن شان، شەرىپىدىن شەرەپ ئالغان دېگەنلىك  بولىدۇ قۇرئان.

شۇنداقمۇ؟

ئىسمى مەفھۇل شەكىلدە؟

ئىسمى فائىل شەكىلدە، ئۆزىنى ئوقۇغان كىشىگە، قۇرئان بىلەن تىرىلگەن كىشىگە شان ۋە شەرەپ بېغىشلايدۇ.

يەنى ئىگە ( گرامماتىكىلىق ئاتالغۇ ).

مەجيىد، ئازىيم، شاھىت، قەييۇم، ھاكىم، بەششىر، مەسىر، ئەزىز، مۇجىيد، كەرىم ئىگە بولغان ھالدا كېلىدۇ. ە

بۇلار قۇرئاننىڭ قۇرئاندىكى ئىسىملىرى. ئىگە شەكلى. نېمە دېگەنلىك بۇ؟ مۇنداق دېگەنلىك بولىدۇ، قۇرئان سۆزلەيدۇ / خىتاپ قىلىدۇ. قۇرئاننى خىتاپ قىلغۇچى سۈپتىدە بىلىڭ.

قۇرئان سىزگە:

– ئالدىمدا ئولتۇر، مەن سېنى تەربىيەلەيمەن، دەيدۇ.

– سەن مېنىڭ ئوقۇغۇچىم بولىسەن. ماڭا ئۆزەڭنى تاپشۇر، قەلبىڭنى ئاچ، زېھنىڭنى ئاچ، مەن سېنى تىرىلدۈرىمەن.

ئەگەر ئاللاھ رازى بولىدىغان شەكىلدە سېنى تەربىيەلىمىسەن، ماڭا ھەق بەرمە، دەيدۇ.

بىز نېمە دەيمىز؟

– رۇھىم، بېشىم، كۆزۈمنىڭ تاجىسەن ئەي ئاللاھنىڭ كىتابى. سەن مۇشۇنداق دېگەن بولساڭ، سەن يالغان سۆزلىمەيسەن، دەيمىز.

نېمە ئۈچۈن؟

– لا رەيبە فىي ھى. سەندە ھېچ شەك يوق. سەن يالغان سۆزلىمەيسەن.

قۇرئان:

– سەن قەلبىڭنى ماڭا ئاچ، مەن سېنى تەربىيەلەيمەن، مەن ساڭا ئۇستاز بولىمەن، دەيدۇ.

قەلبىنى قۇرئانغا ئاچمىغان كىشىگە ئۇستاز بولمايدۇ.

يەنى قۇرئاننىڭ شۇنداق بىر مۇناسىۋەت ئۇسلۇبى باركى، سىز ئۇنىڭغا قانچە يېقىن بولسىڭىز، ئۇ سىزگە شۇنچە يېقىن بولىدۇ.

ئەگەر سىز ئۇنىڭغا ئىشكىتىن مارىغاندەك ياكى قولىنى ئۇزۇتۇپ، بېشىنى باشقا تەرەپكە بۇرىغان كىشىدەك مۇئامىلە قىلسىڭىز، ئۇمۇ بېشىنى باشقا ياققا بۇراپ سىزگە قول ئۇزىتىدۇ.

سىز ئەگەر قۇرئاننىڭ مەنىسىگە تەتۈر قارىسڭىز، قۇرئانمۇ سىزگە تەتۈر قارايدۇ.

ئەگەر سىز قۇرئاننى ئاللاھ ياشاش شەكلىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ھايات كىتابى سۈپتىدە ئوقۇمىسىڭىز، ئۇ سىزگە ھاياتى كۈچ بەخش ئەتمەيدۇ.

ئەگەر سىز قۇرئاننى ئۆلۈكلەر ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان كىتاپ دەپ قارىسىڭىز، قۇرئانمۇ سىزنى تىرىلدۈرمەيدۇ، تىرىك ئۆلۈك ھالىتىڭىزدە تاشلاپ قويىدۇ. قۇرئاننىڭ بىر گۇناھى يوق بۇ ئەھۋالدا.

مۆئمىنلەرگە شىپا بولۇپ ھىدايەتىنى، زالىملارنىڭ ئازغۇنلىقىنى كۈچەيتىدۇ.

كاپىرلارنىڭ دېمەيدۇ. كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. چۈنكى، قۇرئاننى ئاللاھ قويغان يەرگە قويماسلىق زۇلۇمدۇر.

قۇرئان ئىنسانلارنى تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن نازىل بولغان. قۇرئان ئىگە بولسۇن، دەپ نازىل قىلىنغان.

قۇرئاننىڭ ئىگە بولىشى مۇنداق دېگەنلىك بولىدۇ:

  1. ئەي مېنى ئوقۇغۇچى، سۆزۈمگە قۇلاق سالغۇچى، مەن سېنى تىرىلدۈرىمەن.
  2. مېنى شەيىئى دەپ قاراپ، ئەقلىڭدىكى چۈشەنچىنى ماڭا تاڭىمەن دېمە. يەنى دېمەكچى بولغانلىرىڭنى ماڭ دېگۈزمە، مەن دېمەكچى بولغانلارغا قۇلاق سال.
  3. مېنىڭ سېنىڭ زېھنىڭنى بەرپا قىلىدىغان ئۇستاز ئىكەنلىكىمنى قوبۇل قىل. ئۇستاز ئىكەنلىكىمنى ئىتىراپ قىلساڭ، ماڭا شاگىرت بولىسەن. شاگىرت ئىكەنلىكىنىڭ ئىتىراپ قىلساڭ، مەن سېنى ئۇستازغا ئايلاندۇرىمەن. ھاياتنىڭ ئۇستازى بولىسەن.
  4. ماڭا مۇجەسسەملەنگەن مەنىنى تاشلاپ قويۇپ، مېنىڭ قەغىزىم، مۇقاۋام، خەت نۇسخام بىلەن ئۆزەڭنى ئاۋارە قىلما. مەن ئىگە بولغان مەنىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىگىن. ئۇلارغىمۇ كۆڭۈل بۆل، ئەڭ سۈپەتلىك قەغەزلەرگە، ئەڭ چىرايلىق خەت نۇسخىلىرى بىلەن ياز، ئالتۇن ھەللەر بىلەن ياز. يېقىملىق شەكىلدە ئوقۇ، ھۆسنى قىرائەت قىلغۇچى بول، ئەڭ مۇڭلۇق شەكىلدە ئوقۇ. لېكىن، مەن بۇنىڭ ئۈچۈن نازىل قىلىنمىدىم. ھاياتنى شەكىللەندۈرۈش، تىرىك ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن نازىل قىلىندىم. مەن ھايات كىتابى. مەن مامات كىتابى، ئۆلۈكلەر كىتابى ئەمەس. مەن نېمە ئۈچۈن نازىل قىلىنغان بولسام؛ رەببىمىز مېنى سىلەرگە يول كۆرسىتىش ئۈچۈن، سىلەرگە رەھبەر بولۇش ئۈچۈن، ھىدايەتكە باشلاش ئۈچۈن نازىل قىلغانىكەن، مېنىڭ رەھبەرلىكىمگە بويسۇنۇڭلار.

قولى قۇرئانغا تەگمىگەن كىشىنىڭ، كۆڭلى خىتاپقا ئېچىلمايدۇ.

قۇرئان، ئىنسانىيەت ئالدىغا سېلىنغان ساماۋىي دوستىخاندۇر.

ئەسماھۇل ھۇسنا دەرسلىرى – « ئەل مەجىيد » دەرسىدىن ئۈزۈندە

مۇستاپا ئىسلامئوغلى

ئۆزلەشتۈرگۈچى قاراخانلې