«خۇراپات»

مۇھەممەدجان راشىدىن

https://wp.me/p5sdH6-1ey

يەر يۈزىنى ئارىلاپ بىزنى تاپقان خۇراپات.
جىمى ئەلدە شاللىنىپ بىزگە ياققان خۇراپات.
نادانلىقنىڭ تونىنى بىزگە ياپقان خۇراپات.

< بەخت > دىسەك بىرەلمەي بىزدىن قاچقان خۇراپات.
تىڭشاپ باقسام ۋەزىنى خانىقادا يات دەيدۇ.
كىيىپ ئۇزۇن پەرىجە قوپماي تەسبى تارت دەيدۇ.

ئاياللارنى يۈزۈڭگە قارا چۈمبەل ئارت دەيدۇ.
ئۆمۈر بويى بازادا ماتا – ناسۋال سات دەيدۇ.
تۈگەل تۇتقان يولىدا ئەگىز ئاققان خۇراپات.

تەقدىر دەيدۇ باشلايدۇ بىزنى ئۇدۇل قەبرىگە.
ھەقىقەتنى تېگىشەر سالا قىلىپ سەبرىگە.
قول قوشتۇرۇپ تۇرماقنى ئۇدۇم قىلدۇق نەۋرىگە.

كۆنۈپ كەتتۇق شۇڭلاشقا تاغدەك جاپا – جەبرىگە.
دۈشمەنلەرنىڭ قولىدا بولدى قاپقان خۇراپات.
<تاشقا چاچقىن بەختىڭدىن كۆر> نى ئەلگە ئۈگەتكەن.
خۇراپاتتۇر ئەجىرسىز قىلىپ بىزنى تۈگەتكەن.
ئاياللارنى غەپلەتتە مەڭگۈ ئوچاق پۈۋلەتكەن.
تىرىكلىنى ئەزەلدىن تەقدىر بىلەن كۈزەتكەن.
ئالغا دىسە ئاران بىر سوراپ ئاچقان خۇراپات.

تىلاۋەتنىڭ، ئىخلاسنىڭ ئەڭ ياخشىسى شۈكۈر دەپ.
پەرەنجىنى پەزىلەت، ناشۈكۈرلەر كۇفۇر دەپ.
كىلىۋەرسۇن بىز بىلەن ئاشۇ ئەسكى سۇپۇر دەپ.
ئايغا چىقماق بولغاننىڭ يۈزلىرىگە تۈكۈر دەپ.
ئايدا يۈرسە ئىنسانلار ئۇخلاپ ياتقان خۇراپات.

شۇ ئىخلاسنى ئۇلۇغلاپ پېتىپ كەلدۇق پاتقاققا.
بۇ دۇنيادا ئايلاندۇق ئەڭ ئالدىنقى ئەخماققا.
يامان دىسە جۈرئەت يوق كەچتە كىگىز قاقماققا.
ئىسكەنجىگە كۆنمىسەك باغلاپ سۆزلەر ئەخلاققا.

جىمى ئىشنى بىر ئەپلىك دىنغا چاتقان خۇراپات.
ئارا ئايدا توي قىلسام كىتەرمىشمەن ئايرىلىپ.
شامدا خوراز چىللىسا ئۆلەرمىشمەن جايلىنىپ.
شۇنداق دىدى بىر موللام ماڭا ئەتەي قايرىلىپ.
قەغەز تۇتساڭ تەرەتكە قالارمىشمەن ئايلىنىپ.
لايىقلاشماي زامانغا لايغا پاتقان خۇراپات.
يۈرسەم ياخشى بولارمىش مازارلارنى ئايلىنىپ.
كىملەر ئىچتى،كىم چەكتى ؟ يۈرسەم ياكى مارىلاپ.
ئىچىپ قويسام بىر شىشە <دەھرىي > دىدى قارىلاپ.
تالايلارنىڭ مېنىڭدەك يۈرەك – باغرىن يارىلاپ.
بوران بولۇپ شاخلاردىن غورا قاققان خۇراپات.

ئامراق كىلۇر ئەزەلدىن جاپاسى يوق بىنەمگە.
ئىخلاسى يوق زاۋۇتقا، قىززىقسىمۇ گىلەمگە.
قويۇپ بەرسەڭ قايتماقچى ساپان بىلەن سۆرەمگە.
ئۇسۇل ئويناپ ھارمىدى ئەجەپ كونا سەنەمگە.
ياستۇقىدا قەدىمنىڭ خورەك تارتقان خۇراپات.

تىرىكىدە سۈرەتكە چۈشسە گۇناھ بولارمىش.
ئاخىرەتتە ئۇ بىزدىن ئۆزىگە جان سورارمىش.
يىرىك دىسەك زاغىرنى خۇدا شۇئان ئۇرارمىش.
ھۇۋقۇش قونغان مەھەللە سۇ بولسىمۇ قۇرارمىش.
نادانلارغا بىھۇدە گۇناھ ئارتقان خۇراپات.

يانچۇقىدا پەتىۋا بۇرمىلايدۇ قۇرئاننى.
ئىلغىمايدۇ خۇراپات نومۇس بىلەن ۋىجداننى.
شەھىدلەرنى تىللايدۇ جىقراق بەرسە بىر ناننى.
تۆرەلگەن ئۇ، دۇنياغا بېقىش ئۈچۈن بىر جاننى.
ئون ئۈچ ياشلىق قىزلارنى پۇلغا ساتقان خۇراپات.

تۇرسا بىزگە بۇ ئالەم تۆت – بەش كۈنلۈك قونالغۇ.
مارىسلارغا ئۇچقانلار سالدى ئايغا تۇرالغۇ.
ياسالمىساق بىر لامپا ياكى دەزمال ئۈن – ئالغۇ.
قاشاقلىقتا كۈن ئۆتسە خەلقىمىزگە ئۇۋالغۇ ؟
پۇتىمىزغا ئەزەلدىن پالتا چاپقان خۇراپات.

1995 – يىلى فىۋۇرال، غۇلجا.

https://fb.watch/klupp90RhJ/

«خۇراپات» – مۇھەممەدجان راشىدىن