«قۇرئاندا يوق!»

1 -شاپائەت يا رەسۇلۇللاھ يوق!

2 -كېلىدىغان مەھدى يوق!

3 -قەبرە ئازابى يوق!

4 -مىراج يوق!

5 -قەدەرچىلىك يوق!

6 -تاش ئېتپ ئۆلتۈرۈش/رېجىم جازاسى يوق!

7 -ئاياللاردا شۇملۇق يوق!

8 -تەسبىھ سىيرىش (مونچاق ساناش)!

9 -مەزھەپچىلىك يوق!

10 -ئالتۇن / يىپەك ئەرلەر ئۈچۈن ھارام ئەمەس!

11 -شەيخ ياكى تەرىقەتكە باغلىنىش يوق!

12 -قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى يوق!

13 -ئەر-ئايال خەتنە قىلىش يوق!

14 -ھەيزدار / تۇغۇتتىن كېيىنكى ئاياللار ئىبادەت  چەكلەنمەيدۇ!

15 -قۇرئاننى چۈشەنمەي تۇرۇپ ساۋاپ ئۈچۈن ئوقۇش يوق!

 

16 -قۇرئاننى ئۆلۈكلەرگە ئوقۇش ياكى ساۋابىنى يۆتكەش/ئىبەرتىش يوق!

17 -شەيختىن تەۋبە ئېلىش، رابىتا ، پىرقىراش، بېشىنى چايقاش يوق!

 

18 -ئىنفاق/ زاكاتتا قىرىقنىڭ بىرى يەنى 2.5% يوق!

19 -ئايال ئەرگە ئىتائەت قىلىشى كېرەك دەپ يوق!

20 -ئەۋلىيا، ھابدال، ھېچقانداق كارامەت ئىگىسى يوق!

21 -مەۋلىد يوق!

22 -سالاۋات كەلتۈرۈش يوق!

23 -سۈننەت / نەپلە ناماز مەجبۇرىيىتى يوق!

24 -ئەرەب تىلىدا دۇئا يوق!

25 -تۇمار / سېھىرگەرلىك / كۆزتېگىش يوق!

26 – جۈمە نامىزى پەقەت ئەرلەر ئۈچۈنلا پەرز دېگەن نەرسە يوق!

27 -قۇللۇق / كېنىزەك(جارىيە) يوق!

28 -مېيىت ئۈچۈن دۇئا بار ، جىنازا نامىزى يوق!

29 -قازا نامىزى يوق!

30 -ھەرەملىك / سالاملىق تەلىپى يوق!

31 -ئاياللارنىڭ ئاۋازى ھارام دەپ يوق!

32 -مۇقەددەس كۈن / تۈنەگ يوق! (قەدىر كېچىسى باشقا)

 

33 -ئوقۇش ۋە ئايەتلەرنى ئوقۇپ سۈفلەش/ئەفسۈن يوق!

34 -سىرات كۆۋرۈكى يوق!

35 -قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغاندىن باشقا ھارام يوق!

36 -ئەرنىڭ ئايالنى ئۇرۇش ھوقۇقى يوق!

37 -دۇئا قىلغاندا قولىڭىزنى ئېچىش، ئامىن دېيىش مەجبۇرىيىتى يوق!

38 -تەراۋىھ نامىزى يوق!

49 -ئوڭ قول / ئوڭ پۇت سەپسەتىسى يوق!

40 -ھەر بىر ئەسكەر ياكى ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتكەنگە شەھىد دەيدىغان نەرسە يوق!

41 -ئاجرىشىش/تالاق قىلىش ھوقۇقى پەقەت ئەرلەرگىلا تەۋە ئەمەس!

42 -قەبرىنىڭ بېشىدا ئۆلۈكلەرگە ھېچقانداق تەكلىپ يوق!

43 -تاقۋالىق كىيىمى (ساقال ، لىباس ، سەللە قاتارلىقلار) يوق!

44 -سوئال-سوراقسىز بىر پىكىرگە ياكى ئادەمگە ئەگىشىش/شەرتسىز ئىتائەت يوق!

45 -قۇرئاننىڭ بارلىق بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرى پەرىز.

پەقەت 32 ياكى 52 پەرز دەيدىغان ئىش يوق!

46 -قۇرئاندا 6236 ئايەت بار ، 6666 ئايەت يوق!

 

47 -بالىلىق نىكاھ يوق!

48 -نومۇس/زىنا جازاسىدا ئەر-ئاياللارنىڭ پەرقى يوق!

49  -61 كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى تۇتۇش يوق!

50 -قەبرىدىن تىلەك تىلەش/ئۆلۈكتىن دۇئا تەلەپ يوق!

51 -تەسەۋۋۇپ، غاۋس، قۇتۇپ، شەيخ، سەييىدلىك/پەيغەمبەر نەسەبىنىڭ ئىسلامدا ئورنى يوق!

52 -قۇرئاننى چۈشىنىش تەس كىتاب دەيدىغان ئىش يوق!

53 -رەسۇلۇللاھ: تۆگە سۈيدۈكىنى ئىچكەن ۋە ئىچىڭ دەيدىغان بۇيرۇغان ئىش يوق!

54 -رەسۇل ۋە نەبى بار ، ئەمما «پەيغەمبەر» دېگەن سۆز قۇرئاندا يوق!

55 -قۇرئان ئوقۇش ئۈچۈن تاھارەت ئېلىش يوق!

56 -ساقال چۈشۈرۈش ھارام دەيدىغان نەرسە يوق!

 

57 -دوزاختا بىر كۆيۈۋېتىپ ئاندىن چىقىش يوق!

58 -دىندىن يېنىۋالغان (مۇرتەد)، ناماز قىلمىغان، ھاراق ئىچكەن ۋە زىنا قىلغان ئادەمنى ئۆلتۈرۈش دېگەن نەرسە يوق!

59 -ساقىلى شەرىف، ئاياغى شەرىف، پەلتويى شەرف، كاۋا، خورما، زەمزەم ، تەسبىھ، جەيناماز دېگەنلەرنى مۇقەددەسلەشتۈرۈش يوق!

60 – كەسلەنچۈكنى ئۆلتۈرسەڭ ساۋاپ، قارا ئىت دېگەندەك ھايۋانلارنى شۇملۇق دەپ قاراپ ئۆلتۈرۈش يوق!

61 – مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن، ئىسمىنى ئالاھىدە ئىسلامىي ئىسمغا ئۆزگەرتمەيمۇ ۋە خەتنىسىنى قىلمايمۇ مۇسۇلمان بولغىلى بولىدۇ! ئۇنداق مەجبۇرىيەت يوق!

 

62 -ھەدىسلەر چوقۇمكى پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزى دەيدىغان نەرسە يوق!

63 -فىقھى كىتابلىرىدا قۇرئاندىن باشقا ھۆكۈملەرمۇ بار دەيدىغان نەرسە يوق!

64 -ئادەم ئاتىمىزنى ھاۋا ئانىمىز ئازدۇرغىنى يوق!

65 -ئەسلى زەردۈشتلىك/ئاتەشپەرستلەرگە ئائىت بولغان، ئەسلى چىنۋات دەپ ئاتالغان پىلسىرات كۆۋرۈكى ياكى مىراج دېگەندەك خۇراپىي زوروئاستىيان ھېكايىلىرى يوق!

66 -ئاياللار يالغۇز ساياھەت قىلالماس دەيدىغان ئىش يوق!

67 -ئەقىل ۋە ئىلىم-پەنگە قارشىلىق يوق!

68 -مۇزىكا، رەسىم، شېئىر، ھەيكەلتىراشلىق، شاھمات ھارام دەيدىغان ئىش يوق!

69 -جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلگەن، مۇكەممەل ھەمراھى يوق!

70 -پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىگە دۇئا قىلدۇرىۋالغان ئاھىدە بىر ئەزان دۇئاسى يوق!

71 -قارا چارشاپ، نىقاپ يوق!

72 -دىن ئارقىلىق پۇل تېپىش/ دىنىي كەسىپ يوق!

73 -پەيغەمبەر ئەلەييھىسسالام قۇرئاندىن باشقا ھالال-ھارام قويغىنى يوق!

74 -مەسىھ ئەيسانىڭ چۈشۈشى ياكى دەججالنىڭ باش كۆتۈرۈشىدەك چۆچەكلەر يوق!

75 -ئىمان ۋە ئىسلامنىڭ شەرتلىرى دەيدىغان ئالاھىدە ماددا يوق!

76 -ئۆلگەندىن كېيىن زىياپەت بېرىش، ھالۋا، لوقما، 7-40-52 گى دەيدىغان قارىلىق كۈنلىرى يوق!

77 -ئىسلامدا خەلىپىلىك دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە ئورگان ياكى ماقام يوق!

78 -ئىسلامدا دادىدىن ئوغلىغا قالىدىغان سەلتەنەت-تەخت يوق!

79 -دىن تارقىتىش ئۈچۈن فەتھ قىلىش/كېڭەيمىچىلىك  يوق!

80 -ئوخشاش دىن ياكى مەشرەپتىن بولمىغانلارغا  دۈشمەن كۆرۈش ياكى دۈشمەنلىك قىلىش يوق!

81 -ئەرەب ئەنئەنىسى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى سۈننەت دەپ بازارغا سېلىش يوق! ئادەت، ئىبادەت ئەمەس!

82 -بىر يېرى قانىسا ياكى ئايال كىشىگە تېگىپ كەتسە تاھارەت سۇنىدۇ دەيدىغان ئىش يوق!

83 -ئەرەب تىلى مۇقەددەس تىل دەيدىغان بىر ئىش يوق! ئۇ ئاللانىڭ ياكى جەننەتنىڭ تىلى ئەمەس! قۇرئان تىلى!

84 -قۇرئاندىن باشقا دىننىڭ مەنبەسى يوق!

85 -رەسۇلۇللاھنىڭ قۇرئاندىن باشقا مۆجىزىسى يوق!

ئەمما لېكىنزە … مۇشۇ قۇرئاننى چۈشىنىپ ئوقۇپ، ئۇنىڭ بارلىق ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتىپ، ئايەتلەرگە ماس ھالدا ياشاپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئان نۇرىدا قىلغان ئىش-ھەرىكەتلەرگە ئەگىشىپ ياشاش بار!

 

(تەييارلىغۇچى: ئەركان ئۆزسائەتچىلار)

تەرجىمان: ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق

www.yuzlen.net

www.tedbiryay.com