بىرى مەندىن سورىدى :
ـ كىتاب ئوقۇپ نېمىگە ئېرىشتىڭ ؟
ئىككىلەنمەيلا جاۋاپ بەردىم :
ـ ھېچنىمىگە .
ئۇ ماڭا ئېچىنىش ھېسياتى بىلەن يەنە سورىدى:
ـ ئەمىسە يەنە داۋاملىق كىتاپ ئوقۇپ نېمىمۇ قىلارسەن؟
ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئېيتتىم :
ـ ئېرىشكەنلىرىمنى قۇيۇپ تۇرايلى، مەن ساڭا يوقاتقانلىرىمنى سۆزلەپ بېرەي ، ئوقۇغان كىتابلىرىمنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ مەن ئاستا ـ ئاستا ئاغرىنىشنى، باشقىلارغا تاينىۋېلىشنى ، دېلىغۇللۇقنى ،تار دائىرىدە پىكىر قىلىشنى ،باشقىلاردىن قۇسۇر ئىزدەشنى ،ئەيىپلەشنى ، ئۈمىدسىزلىك ۋە باشقىلارنىڭ كېلىپ تەغدىرىمنى ئۆزگەرتىشىنى كۈتۈشتەك پاسسىپلىقنى يوقاتتىم. تېيىز ،تار بولغان ئايرىمىلىققا قاراپ شەيئىلەرگە ھۆكۈم قىلىشنى، نادانلىقنى ،روھىيتىمدىكى توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىدىم.
ئەگەر ،كىتاپ ئوقۇشنىڭ پايدىسىنى ھېساپ ـ كىتاپ قىلىشقا توغرا كەلسە ، قوشۇش ئەمىلىنى ئەمەس ،ئېلىش ئەمىلىنى ئىشلەتكىن . كىتاپ ئوقۇش ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەس روھقا يۇققان كېسەلنى يوقىتىش ئۈچۈندۇر . كىتاپنى باشقىلارغا ئۆزۈڭنى بىلىملىك كۆرسىتىش ئۈچۈن ،شۆھرەت تېپىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ھايات ھەقىقىتىنى ، كائىنات سىرلىرىنى ۋە مەۋجۇتلۇقۇڭنى ئىدراك قىلىش ئۈچۈن ،مۇھىمى ئۆز روھىڭنى پاكىزە تۇتۇش ئۈچۈن ئوقۇغىن …
ئاياللار كىتاب ئوقۇش كېرەك
ئاياللار ئۆزىنى ۋە دۇنيانى بىلىش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش كېرەك. ياراملىق پەرزەنىت تەربىيلەش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش كېرەك. ئائىلىنى بەخىت قورغانىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش كېرەك. ئىجتىمائي تەرەققىياتقا بىر كىشلىك ھەسسە قوشالايدىغان، جەمئيەتنىڭ تىرىك ھۈجەيرىسى بۇلۇش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش كېرەك. ‏يەھۇدىيلار يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 64 پارچە، روسلار 55 پارچە، ئامرىكىلىقلار 50 پارچە، ياپۇنلار 40 پارچە، جۇڭگولۇقلار بولسا 2.8 پارچە كىتاب ئوقۇيدىكەن. ( ئەمسە ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب ئوقۇش نىسپىتى قانچىلىكتۇ؟؟؟ ) ئائىلىنى ئىدارە قىلغۇچى، پەرزەنىتنىڭ تۇنجى ئۇستازى بولغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش ئەھۋالىچۇ ؟؟؟؟؟؟ بۇ توغۇرلۇق ئېنىق سانلىق مەلۇمات بولمىسىمۇ ، جاۋاپنىڭ كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان…..

بىرلەشتۈرۈپ كۆرۈپ بېقىڭلار:
ھىلال تېلىۋىزىيە مەدرىسىسى ۋە دۇنيادا تېلىۋىزىيە ھەم كىتاپ

ھىلال تېلېۋىزىيە مەدرىسىسى ۋە دۇنيادا تېلىۋىزىيە Hilal TV ve Dünyada TV

ئاندىن مۇنۇ ئۆزبەك ئانىمىزنىڭ كىتاپ توغرىلىق ئېيتقانلىرىغا قۇلاق سېلىڭ.


مەنبە: ۋوتسئاپ گۇرۇپىمىزدىن