ئىمان ۋە ئىسلامنىڭ شەرتى قانچە؟

كالامچىلارنىڭ قىلغان تۇنجى ئىشى نېمىنىڭ ئىمان، نېمىنىڭ ئىمان ئەمەسلىكىنى ئېنىقلاش بولدى. بەلكىم بۇ تېمىدا ئۇلار مەلۇم نوقتىدىن توغرا قىلغان. چۈنكى ئېنىقلىمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان، چەك – چېگرىسى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن ھەرقانداق نەرسە مۇنازىرە قىلىنىشتىن خالىي بولالمايتتى.

بۇ سەۋەپتىن بەزى كالامچىلار ئىسلام ئەقىدىسىنى مەشھۇر بولغان « جىبرىئىل ھەدىسى » بىلەن ئىزاھلىدى. بۇ مەشھۇر ھەدىستە ئىمان بىر قانچە ماددا ھالىتىدە بايان قىلىنغانىدى[1].

كېيىن ئىلمى ھاللاردا ( كىشى ياكى مەلۇم ئىشنىڭ شەرىئى ئەھۋالى ) « ئىماننىڭ شەرتى » سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان ھەدىسنىڭ « تەقدىرگە ئىمان ( ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاللاھتىن ) » شەرتىدىن باشقا ئالدىنقى بەش شەرتى نىسا سۈرىسى 136 – ئايەتتە بار. ماتۇرىدى كالامچىسى نەسەفى، ئىمان ئاساسلىرىنى ئالتە ئەمەس، بەش ماددا ھالىتىدە تىلغا ئالغان بولۇپ، بۇلار ئىچىدىكى « تەقدىرگە ئىمان » ماددىسىنى تىلغا ئالمايدۇ[2]. ئىمان ئېيتىشقا تېگىشلىك ئامىللارنىڭ ھەممىسى مەزكۇر ھەدىستە تىلغا ئېلىنغانلار بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى بىر نەرسىنىڭ ئىمان تېمىسى بولالىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ھەققىدە دالالىتى ۋە سۇبۇتى ( شۈبھىسىز ) ئېنىق دەلىللەر بولىشى كېرەك. مەزكۇر ھەدىستىكى ئىمان ئاساسلىرىنى ئەقىدىمىزنىڭ تېمىسى قىلغان ئامىل مەزكۇر ھەدىس ئەمەس، بەلكى قۇرئاندىكى دالالىتى ۋە سۇبۇتى قەتئى دەلىللەردۇر.

بۇ بەش ئاساسلاردىن باشقا قۇرئاندا ئىمان ئېيتىلىشقا تېگىشلىك ئامىللار بار. مەسلەن: جەننەت، جەھەننەم، رىزىق، ئەجەل … دېگەنگە ئوخشاش. كېيىنكى مەزگىللەردە بەزىلەر بۇنىڭغا رۇيەتۇللاھ ( ئاللاھنىڭ ئاخىرەتتە ئۆزىنى كۆرسىتىشى )، ئاللاھ دوستلىرىنىڭ كارامىتى … دېگەنگە ئوخشاش ماددىلارنى قوشقان. كالامچىلار شەيئىلەرنىڭ ھەرىكىتى ياكى ھەرىكەت قىلماستىن مۇقىم تۇرۇشى، ئاتومنىڭ بۆلۈنمەيدىغانلىقى، يەزىدكە لەنەت ئوقۇپ – ئوقۇلمايدىغانلىقى، ھەتتا يەرشارىنىڭ ئايلانمايدىغانلىقىنى بىر ئەقىدە ئاساس سۈپىتىدە ئىمان شەرتلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.

ئىسلامنىڭ شەرتلىرىمۇ مۇشۇنداق باسقۇچلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. بۇ شەرتلەرمۇ ئوخشاش ئىسىمدىكى رىۋايەتنى ئاساس قىلىپ، ئىسلامنىڭ شەرتلىرىنى بەش ماددىغا ئىخچاملىغان. يەنى، « كەلىمەئى شاھادەت، ناماز، روزا، زاكات ۋە ھەج »[3].

ئىماننىڭ شەرتلىرى ھەققىدە ئېيتقانلىرىمىز، كېيىن كالامچىلار ۋە ئىلمى ھال يازغۇچىلىرى تەرىپىدىن ئىسلامنىڭ شەرتى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەدىس ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا كۈچكە ئىگە. « ئىمان ۋە ئىسلام » ئۇقۇملىرى نوقتىسىدا، بۇ ئۇقۇملارنىڭ ئايرىم – ئايرىم ئۇقۇممۇ ياكى بىر ئۇقۇممۇ؟ ھەققىدىكى مۇنازىرىگە كىرمەيمىز. قۇرئاندىكى ئايەتلەرگە ئاساسلانغان بۇ شەرتلەرگە، يەنە قۇرئاننىڭ ئۆزىدىن ئەمرى بىلمەئرۇف نەھى ئەنىلمۇنكەر، جىھاد، ئادالەت، ئاتا – ئانىغا ئېھسان بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ئىنفاق، رەسۇلغا ئىتائەت قىلىش، جۇنۇپلىقتىن پاكلىنىش… دېگەنگە ئوخشاش شەرتلەرنىمۇ ئىلاۋە قىلىش مۇمكىن. مەشھۇر جىبرىئىل ھەدىسىنىڭ رىۋايىتىدە ئىسلامنىڭ شەرتى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان بەش ماددا بىر خىل ئەمەس. مەسىلەن، مەزكۇر ھەدىسنىڭ ئەبۇ داۋۇدتىكى ۋاريانتىدا بۇ بەش شەرت مۇنداق بايان قىلىنغان: « ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، ھەجگە بېرىش، جۇنۇپلىقتىن پاكلىنىش ۋە كەلىمەئى شاھادەت ئېيتىش »[4].

بۇخارى نەقىل قىلغان باشقا بىر ھەدىستە بۇ بەش ماددا يەنە پەرقلىق بولۇپ، بۇ رىۋايەتتە رەسۇلۇللاھ بۇلارنى « ئىسلام نېمە؟ » دېگەن سوئالنىڭ جاۋابى سۈپىتىدە ئەمەس، « ئىمان نېمە؟ » دېگەن سوئالنىڭ جاۋابى سۈپىتدە بەرگەن. رىۋايەت مۇنداق:

رەسۇلۇللاھ ئالدىغا كەلگەن بىر گۇرۇپپا كىشىنى پەقەت ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشقا بۇيرىدى. ئاندىن:

  • پەقەت « ئاللاھقىلا ئىمان دېگەن نېمە، بىلەمسىلەر؟ » – دەپ سورىدى. ئۇلار:
  • ئاللاھ ۋە رەسۇلى بىلىدۇ، – دېدى. رەسۇلۇللاھ:
  • ئاللاھتىن غەيرى ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا ۋە مۇھەممەدنىڭ ئۇنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە شاھادەت ئېيتىش، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، زاكات بېرىش، بەشتە بىرى ( خۇمۇس – ئولجىنىڭ بەشتەن بىرى )نى بېرىشتۇر، دېدى[5].

شۇ بىر ھەقىقەتكى، « ئىمان ۋە ئىسلام »نىڭ شەرتلىرىنى بەلگىلەشتە ساھابىلەرنىڭ، تابىئىننىڭ ۋە مۇجتەھىد ئىماملارنىڭ ئۇسلۇبى، ئۇلاردىن بىرى بولغان ئەبۇ ھەنىفىنىڭ بۇ سۆزلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان:

« ئىمان، ئاللاھنى بىلىش، ئۇنى ئىقرار قىلىش، رەسۇلىنى بىلىش ۋە رەسۇلۇللاھ ئاللاھتىن ئېلىپ كەلگەن بارلىق نەرسىگە تولۇق ئىشىنىشتۇر »[6]. ئىسلام، رەسۇلۇللاھنىڭ ئاللاھتىن ئېلىپ كەلگەن بارلىق ئەمىرلىرىنى چىڭ تۇتۇش، چەكىلگەنلىرىدىن يىراق تۇرۇشتۇر.

ئىمان ۋە ئىسلامنىڭ ئۆزىنى ئوتتۇرىغا قويغان جىبرىئىل ھەدىسىنىڭ كالامچىلار تەرىپىدىن ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشى، تەقلىدى ئىمانغا ئىگە بولغانلار ئۈچۈن دىننىڭ ئاساسلىرىنى ئۆگىنىش ۋە ھاياتىغا تەدبىقلاشتا ئاددى ۋە ئوڭاي بىر ئۇسلۇپ سۈپتىدە قوبۇل كۆرۈلگەن.

ئاۋامنىڭ دىننىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىشىدىكى قېيىنچىلىققا، ئەجەملەرنىڭ مۇسۇلمان بولىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان تىل مەسىلىسىنى قوشقان ۋاقتىمىزدا، يۇقىرىدىكىدەك ئىخچام تۈرلەرگە ئايرىلىشنىڭ ئەجەم مۇسۇلمانلار نەزرىدىكى ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيمىز. لېكىن بۇ ئۇسلۇپ باشقا بىر سەلبىي مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەپ بولغانىدى. يەنى، ئىمان تېمىسى ۋە دىننىڭ ئەمرىنى مۇئەييەن ماددىلارغا يىغىنچاقلاش، ئۇنىڭدىن باشقا ئىمان ئېيتىلىشى ۋە ئەمەل قىلىنىشى كېرەك بولغان ئاساس ۋە بۇيرۇقلار يوقتەك ياكى سەل قاراشتەك چۈشەنچىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەپ بولغانىدى. گەرچە ئىسلامنىڭ شەرتى سۈپىتىدە ئىلمى ھاللاردا تىلغا ئېلىنغان بەش ئاساس كېيىن كېڭەيتىلىپ « 32 پەرز » ھەتتا « 54 پەرز » … دېگەندەك شەكىلدە ئىزاھلىنىپ، بىر قىسىمى پەرزلەر ئىلمى ھاللارغا كىرگەن بولسىمۇ، مەزكۇر سەلبىي تەسىر يوقالمىدى.

شۇ بىر ھەقىقەتكى، قۇرئاننىڭ ھەر بىر ئايىتىگە ئىمان ئېيتىش، ئىماننىڭ ئەڭ ئاساسلىق شەرتىدۇر. ئۇنىڭدىكى بىر ئايەت، بىر ھۆكۈمنى ئىنكار قىلغۇچىنىڭ ئىمان ۋە ئىسلام بىلەن ئالاقىسى قالمايدۇ.

*************************

[1]  بۇخارى، ئىمان، 37؛ مۇسلىم، ئىمان، 5،7؛ ئەبۇ داۋۇت، سۈننە، 15.

[2]  ھۇسەيىن ئاتاي، « قۇرئاندا ئىمان ئاساسلىرى »، 146 – بەت. 1988- يىلى، ئەنقەرە.

[3]  بۇخارى، ئىمان، 37؛ مۇسلىم، ئىمان، 5،7؛ ئەبۇ داۋۇت سۈننە، 15. ( ئىبنى باتتالغا ئوخشاش بەزى ئالىملار بۇ ھەدىسنىڭ بەزى پەرىزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغانلىقىنى، مەزكۇر ھەدىسنىڭ جىھاد پەرز بولۇشتىن بۇرۇن ئېيتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ). ئىبن ھاجەر، فەتقۇلبارى، I/65.

[4]  ئەبۇ داۋۇد، «سۈننە »، بابۇن فىل قەدەر،4696 (5/74) .

[5]  بۇخارى، ئىمان، ھەدىس نۇمۇرى، 53؛ ئەبۇ داۋۇد، « سۇننە »، بابۇن فىل قەدەر، 5/71.

[6]  ئەشئەرى، « ماقالات »، 138 – بەت.