بۇ مۇھىم مەسىللەردىن بىر قانچىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتەيلى:

ئاللاھنىڭ زاتى سۈپىتى بارمۇ – يوقمۇ؟ ئاللاھقا شەيئى دېيىشكە بولامدۇ؟ شەيئى دېگەن نېمە؟ ئىنسان مۇختار ( ئۆزىگە – ئۆزى خوجا )مۇ ياكى مەجبۇرمۇ؟ ئاللاھنىڭ ئەڭ ياخشى ( ئەسلاھ )نى خالىشى ۋاجىپمۇ؟ ئاللاھنى ئەقىل ئارقىلىق بىلەمدۇق ياكى نەقىل ئارقىلىقمۇ؟ ياخشىلىق ۋە يامانلىقنى ئەقىل ئارقىلىق بىلەمدۇق ياكى شەرىئەت ئارقىلىقمۇ؟ ئىتائەت قىلغۇچىنى مۇكاپاتلاش، ئىسيان قىلغۇچىنى جازالاش ئاللاھقا ۋاجىپمۇ – ۋاجىپ ئەمەسمۇ؟ ئاخىرەتتە ئاللاھ كۆرۈنەمدۇ – كۆرۈنمەمدۇ؟ چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ تەۋبە قىلماستىن ئۆلگۈچىنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ ئىمان كۈچىيەمدۇ – زەئىپلىشەمدۇ؟ كاپىرنىڭ كۇپۇرلىقىدىن شۈبھىلىنىشكە بولامدۇ؟ مۇتەشابىھنى تەئۋىل قىلىش جائىزمۇ؟ فەترەت ئەھلى ( ئىككى ئەلچى ئارىسىدا ئەلچىسىز ئۆتكەن كىشىلەر )نىڭ ئاخىرەتتىكى ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟ ئايال كىشىدىن رەسۇل بولامدۇ؟ رەسۇلۇللاھ ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ ئاللاھنىڭ رەسۇلىمۇ؟ ئەڭ ياخشى بار يەردە ياخشى ئىمام بولالامدۇ؟ كاپىرلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئاخىرەتتىكى ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ ئىمامەت مىراس يولى بىلەن بولامدۇ ياكى ئىجما بىلەن بولامدۇ؟ ئەلچىلەر گۇناھ سادىر قىلامدۇ؟ ئەلچىلەرنىڭ جەسىتى چىرىپ كېتەمدۇ؟ « ئىنشائاللاھ مەن مۇئمىنلەردىنمەن » دېيىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ تەقلىدى ئىمان جائىزمۇ؟…

بۇ خىل سوئاللار ناھايىتى كۆپ بولۇپ ھەممىنى تىلغا ئېلىشنىڭ ئورنى يوق. ھەم بۇلار بىزنىڭ ئاساسلىق تېمىمىز بولمىغانلىقى ئۈچۈن يۇقىرىقىلار بىلەن كۇپايىلىنىمىز.

مانا بۇلار يېڭى بىر مىزان – ئۇسۇلنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ خەۋەرچىسى ئىدى. بۇلار ئىلمى ئۇسۇلۇد دىن، ئىلمى تەۋھىد، ئەل – فىقىھۇل ئەكبەر، ئىلمۇل ئاقائىد دەپ ئاتالغان كالام ئىلىملىرى ئىدى.

كالام، بىزگە مەلۇم بولغاندەك « سۆز، گەپ، گەپ قىلىش » مەنىلىرىنى بىلدۈرىدىغان بىر كەلىمە[1]. مەزكۇر كەلىمە يەنە « دەتالاش، مۇنازىرىدە رەقىبىنى تىل بىلەن يارىلاندۇرۇش » دېگەن مەنىلەرنىمۇ بىلدۈرىدۇ. كەلىمىنىڭ مەنا دائىرىسى ئۈستىدە ئىنچىكىلىك بىلەن توختالغان ۋاقتىمىزدا مەزكۇر مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىمىز. كالام ئىلىمىنىڭ تېمىسى بولغان « كالام » يارىلاندۇرۇش بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن سوئاللاردىن مەلۇم بولغىنىدەك، ئىلگىرى ھېچكىم دەتالاش قىلمىغان بىر قاتار مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى نەزەرىيىۋى تېمىلار ئىدى. بولۇپمۇ دەتالاش قاتتىق بولغان تېمىلار، ھەقىقىتىنى ئاللاھتىن غەيرى بىلمەيدىغان مەسىللەر ئىدى.

چوڭ گۇناھ سادىر قىلغۇچىنىڭ ئاخىرەتتىكى ئەھۋالى بۇنىڭغا بىر مىسال. بۇ ئاخىرەتكە مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلە ئىدى. بۇ مەسىلە ئاخىرەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ ھەقتە كەسكىنلىك بىلەن بىر نەرسە دېيىش نە مۇمكىن، نە زۆرۈر ئىدى.

بۇ مەسىللەردىن بەزىلىرى رىئال ھاياتتا ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمىغان نەزەرىيىۋى تېمىلار بولۇپ، « ئىمان مەخلۇقمۇ – ئەمەسمۇ؟ » بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

مەزكۇر سوئاللار ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان دەتالاشلار ( كالام )، ئۇستا مۇنازىرچىلارنىڭ ( مۇتەكەللىمىن ) ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەپ بولغانىدى. ئۇ دەۋردە ئالىي مەكتەپ رولىنى ئويناۋاتقان ئىلىم ھالقىلىرىمۇ ئۆزىنى بۇ مۇنازىرىلەردىن چەتتە تۇتالمىدى. ئۇلارمۇ ھەر تەرەپنى قاپلىغان بۇ مودىنىڭ جىلۋىسىگە ياق دېيەلمىدى، يەنە بىر تەرەپتىن بۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇشقا مەجبۇر ئىدى. شۇنداق قىلىپ بۇ دەتالاش كوچا – كويلاردىن ئىلىم ھالقىلىرىغا شۇڭغۇپ كىردى.

مەدىنە، كۇفە، بەسىرە، باغدات… بۇ شەھەرلەر ئۆز دەۋرىدە خەلىپىلىك مەركىزى بولۇش بىلەن بىرگە ئىلىم، سەنئەت ۋە تىجارەت مەركىزى ئىدى. لېكىن بۇ مەركەزلەرنىڭ ئەڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى كۈنىمىزدىكىگە ئوخشاش بىرەرئۇنىۋېرسىت شەھىرى بولىشى ئىدى.

مەدىنىدە مەركەزلەشكەن ئېقىملار بۇ مودىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئاز ئۇچرىغانىدى. چۈنكى مەدىنىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان سۈننەت ئەنئەنىسى بار بولۇپ، بۇ ئەنئەنە مودا شاماللىرىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاجىزلىتىش رولىنى ئوينايتتى. شۇڭا توقۇلما خەۋەرلەر ۋە بۇ مەزگىللەردە يۇقىرى پەللىگە چىققان توقۇلما ھەدىسلەر، رەسۇلۇللاھ مىراس قالدۇرغان ئۈلگىلىك ياشاش شەكلى بولغان سۈننەت سېپىلىدىن ئۆتەلمەيتتى ۋە مەزكۇر رىۋايەتلەر مەدىنىدە ئۆزىگە خېرىدار تېپىشتا قېينالغانىدى. بۇ ئەھۋالدا كۇفە، بەسىرە ۋە باغدات ئۇلارنىڭ بازىرى بولغانىدى.

ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە، ئۇنىڭ پەرمانى بىلەن ساد بىن ئەبى ۋەققاس تەرىپىدىن لەشكەرگاھ سۈپىتىدە بىنا قىلىنغان كۇفە شەھىرى، ئۇزۇن ئۆتمەي ئىلىم ۋە مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغانىدى. بۇنىڭدا تۆتىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئەلىنىڭ بۇ جاينى خەلىپىلىك مەركىزى قىلىپ تاللىشىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان بولسا كېرەك.

كۇفە، مەدىنىگە رەقىپ بولغانىدى، بۇ يەردە گۈللەنگەن ئىلىم ئەنئەنىسى مەدىنىگە قارىغان پەرقلىق بولۇپ، كۆپ قىرلىق ئىدى.

نەقىل ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان مەدىنە ئېقىمىنىڭ قارشى قۇتۇبىدا، تەپەككۇر ۋە ئەقىلنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان كۇفە ئېقىمى ئوتتۇرىغا چىققانىدى. بۇنىڭدا كۇفەدىكى كىشىلەرنىڭ مىللىي تەركىۋى ۋە ئىجتىمائى قۇرۇلمىسى مۇھىم رول ئوينىغان. ئىسلام قوشۇنىنىڭ ئۆتكۈنچى قارارگاھى سۈپىتىدە بەرپا قىلىنغان كۇفە، ئۇزۇن ئۆتمەي كىسرانىڭ تەسلىم بولغان سەرخىل قوشۇنىنى تەشكىل قىلغان مىڭلىغان كىشى كېلىپ جايلاشقان شەھەرگە ئايلانغانىدى. ئەبۇ ھەنىفەگە ئوخشايدىغان ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئالىملىرىنىڭ بۇ ئىرانلىق كۆچمەنلەرنىڭ نەۋرىلىرى ئىچىدىن چىققانلىقى، مەزكۇر شەھەرنىڭ ئىلىم ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە مۇھىم ئورۇننى تۇتىدىغانلىقىنىڭ نامايەندىسىدۇر.

قەدىمى ماكان بولغان بەسىرە قىسقا بىر مۇددەت ئىچىدە كۇفەگە رەقىپ بولغان بولسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ ئورنىنى ئابباسى خەلىپىلىكى تەرىپىدىن يېڭىدىن بىنا قىلىنغان باغدات ئالدى. ئەمەۋىلەرنىڭ مەركىزى بولغان شام، بىر ئىلىم مەركىزى بولۇشتىن زىيادە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەركەز ئىدى.

يۇقىرىدا ئالاھىدىلىكى تىلغا ئېلىنغان بۇ شەھەرلەر كۆپىنچىسى سىياسىي سەۋەپتىن ئوتتۇرىغا چىققان نەزىرىيىۋى سوئاللارنىڭ جاۋاپلىرى ئىزدەنگەن مەركەزلەر ئىدى.

رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولغان كۈنى بەنى سەئىد قوروسىدىكى خەلىپىلىك سايلىمى، ھەزرىتى ئۆمەرگە قىلىنغان سۈيقەست، ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئىجرائاتلىرى ۋە شېھىت قىلىنىشى، مۇئاۋىيەنىڭ خەلىپىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشى، جەمەل، سېففىن ۋە نەھراۋان ۋەقەلىرىدە سورالغان سوئاللار يۇمۇلىغان قار پومزىكىدەك بارغانسېرى چوڭايغان بولۇپ، بۇ توپ ئاخىرىدا ئىلىم ھالقىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشتى.

سەلەفنىڭ ساپ ۋە ئاددى ئەقىدىسى ئۈگىتىلگەن، ئىلىم ئازغىنە دۇنياۋى مەنپەئەت ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ئەبەدىي سائادەت ئېرىشىش ئۈچۈن ئۈگىتىلگەن بۇ دەۋردە، مەزكۇر ئىلىم ھالقىلىرىغا ئىلىمىنىڭ ئىززىتىنى ھۆكۈمرانلارغا سېتىۋەتمىگەن ئالىملار يېتەكچىلىك قىلىۋاتقانىدى.

بۇ ھالقىلارنىڭ ئوقۇشلىقى ناھايىتى ئاددى ۋە ساپ ئىدى. بۇ ئوقۇشلۇقنىڭ مەنبەسى قۇرئان ۋە ھاياتنىڭ ئىچىدە بىر نەبەۋى ئەنئەنە سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان سۈننەت ئىدى. مۇرەككەپ بولمىغان سوئاللار ۋە مەسىللەر مانا مۇشۇنداق ئاددى ۋە چۈشۈنۈشلىك ئوقۇشلۇق بىلەن بىر تەرەپ قىلىناتتى. ئۇستازلار، بۇ ھالقىدىكى تالىپلارنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپلا قالماستىن، ئۆرنىكى، پەرۋىش قىلغۇچىسى ۋە تەربىيەچىسى ئىدى.

مەدىنىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، كېيىن بەسىرەگە ماكانلاشقانلىقى ئۈچۈن « بەسرى » تەخەللۇسى بىلەن ئاتالغان مەشھۇر تابىئىن ئالىملاردىن ھەسەن بىن يەسارنىڭ ( ھىجرى 21 – 110 ) بەسىرەدىكى ھالقىسى، بۇ ھالقىلارغا بىر ئۆرنەك بولالايدۇ.

سىياسىي سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئوتتۇرىغا چىققان مەزكۇر سوئاللار قايسى ئىلىم ھالقىسىدا مۇنازىرە قىلىنىشقا باشلىسا، شۇ ھالقىنىڭ بىرلىكى بۇزۇلاتتى. چۈنكى كۆپىنچىسى نەزەرىيىۋى بولغان ۋە رىئال ھاياتقا قارىتا ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمىغان بۇ سوئاللارغا ئېنىق جاۋاپ بېرىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى « پالانچىنىڭ ئاخىرەتتىكى ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ »، « فەترەت ئەھلىنىڭ ئاخىرەتتىكى ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ »، « كاپىرنىڭ بالىلىرىنىڭ ئاخىرەتتىكى ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ »، « تەۋبە قىلمىغان پاسىقنىڭ ئاخىرەتتىكى ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ »… دېگەندەك سوئاللارنىڭ جاۋابىنى ئاللاھتىن غەيرى ئېنىق بىلمەيتتى.

ياكى ئاللاھنىڭ زاتى سۈپىتى، بۇ سۈپەتلەر قەدىممۇ ياكى ھادىس ( كېيىن پەيدا بولغان )مۇ؟ بۇلار قانچە؟ بۇ ئىسىملار قانداق قويىلىدۇ؟ قەدىم دېگۈچىنىڭ ئاخىرەتتىكى ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ ھادىس دېگۈچىنىڭ ئاخىرەتتىكى ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ ئەڭ ياخشى بار يەردە ئاللاھنىڭ ياخشى ( سالاھاسالاھ )نى يارىتىپ ياراتمايدىغانلىقى، جازالاش ۋە مۇكاپاتلاشنىڭ ئاللاھقا ۋاجىپ بولۇپ – بولمىغانلىقى … قاتارلىق ئىلگىرى سورالمىغان، كېيىن پەيدا بولغان ۋە پۈتۈنلەي پەرەزگە تايىنىدىغان مەسىلىلەردە كېسىپ جاۋاپ بېرىش ياكى بىر جاۋاپ ئۈستىدە بىرلىككە كېلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا « ئايال كىشىدىن رەسۇل بولامدۇ؟ »، « ئەلچىلەرنىڭ جەسىتى چىرىپ كېتەمدۇ؟ »، « ئىمان مەخلۇقمۇ؟ »… دېگەندەك ئەنجۈر ئىچىدىكى ئۇرۇقچىلىكمۇ قىممىتى يوق ۋە رىئال ھاياتتا ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمىغان سوئاللار، مەسلىلەر باركى، بۇلارنىڭ جاۋابى ئۇنداق ياكى بۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدىغانلىقى ئىنىق بولسىمۇ، قاتتىق دەتالاش قىلىندى. ھەتتا بۇلارغا بېرىلگەن جاۋاپلار كىشىنىڭ ھەق ياكى باتىلدا، ئىمان ياكى كۇپۇردا ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى قىلىندى.

دەتالاش بۇ دائىرىدە چەكلىنىپ قالماي، بۇ سوئاللارغا يېڭى سوئاللار قوشۇلۇپ، ھەر چۈشەنچە يېڭى بىر مەزھەپكە ئايلىنىپ، بۇ سوئال ۋە تېمىلارغا بېرىلگەن جاۋاپلار مەزكۇر مەزھەپنىڭ ئەقىدىسىگە ئايلاندۇرۇلدى. كۇفەدە بىر بىپەرۋانىڭ شۇنداقلا سوراپ قويغان بىر سوئالى، بەسىرە ئىلىم مۇنبەرلىرىدە قاتتىق مۇنازىرە قىلىنغان، ھەتتا ھەل قىلغۇچ ۋە ئەقىدىۋى مەسىلىگە ئايلانغان، ھەمدە بېرىلگەن جاۋاپلارمۇ ئەقىدە ئاساسلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە ئورۇن ئېلىشقا باشلىغانىدى.

مانا بۇ ئەقىدىنىڭ كالامغا ئايلاندۇرۇلىشى ئىدى…

[1]  لوغەتتە قۇلاق بىلەن ئاڭلاپ زېھىندە ئىدراك قىلىنغان سۆز، يارىلاندۇرۇش، تېشىش قاتارلىق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان « كالام » لوغەتشۇناسلارغا كۆرە ئىسىم، پېئىل ۋە ياردەمچى سۆز سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. كالامچىلارغا كۆرە « كالام » پايدىلىق، مەنىسى تولۇق بىرىككەن جۈملىدۇر. ئەل – ئىسفاھانى، « مۇفرەدات »، 456 – بەت.