« مۇھىم » مەسىللەر

« چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگۈچىنىڭ ھۆكمى نېمە؟ » سوئالى بىلەن باشلانغان دەتالاش، بۇ سوئالغا « ئۇ كاپىردۇر، جەھەننەمدە ئەبەدىي قالىدۇ » دەپ جاۋاپ بەرگەن خاۋارىچلار ۋە بۇ پوزىتسىيىگە رەددىيە سۈپىتىدە « ئۇ كامىل مۇئمىندۇر، گۇناھى ئۇنىڭغا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزمەيدۇ » دەپ جاۋاپ بەرگەن مۇرجىئەنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن پەرقلىق بىر باسقۇچقا كىردى.
باشتا قەيت قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، بۇ يېڭى باسقۇچ « ئىماننىڭ كالامغا ئايلاندۇرۇلىشى » ئىدى.
نەتىجىدە بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئاشقۇن پىكرىنى ئوتتۇراھال يەرگە ئېلىپ كېلىشنى مەقسەت قىلغان ئۈچىنچى بىر تەرەپ ئۆزلىكىدىن ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇلار مۇتەزىلە ئىدى .
مۇتەزىلە، خاۋارىچلار ۋە مۇرجىئەلەر تەرىپىدىن دەتالاش قىلىنغان بۇ مەسلىلەرگە قارىتا پەرقلىق بىر قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەرنى نە خاۋارىچلارغا ئوخشاش مۇتلەق جەھەننەمدە قالىدۇ، نە مۇرجىئەگە ئوخشاش مۇتلەق مۇئمىن سۈپتىدە جەننەتكە كىرىدۇ، دېدى. ئۇلار چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ جەننەت بىلەن جەھەننەم ئارىسىدىكى بىر يەردە تۇرىدىغانلىقىنى ( ئەل مەنزىلەتۇ بەينەل مەنزىلەتەيىن ) ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەرگە بېرىلگەن ئىسىم تېپىلغانىدى، يەنى « پاسىق » .
مۇتەزىلەنىڭ تۇنجى مەشھۇر ئىمامى ۋاسىل بىن ئاتا ( ۋاپات، ھىجرى 131 ) مەشھۇر تابىئىن ئالىم ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ دەرس ھالقىسىدىن يېتىشىپ چىققان. كېيىن ئۆزىگە خاس پىكىر ئېقىمىنى شەكىللەندۈرۈپ ھالقىدىن ئايرىلغان بولۇپ، ئۆز دەۋرىدىكى سىياسىي ۋەقەلەرنىڭ تەسىرىگە قاتتىق ئۇچرىغان. بۇ سەۋەپتىن ھەزرىتى ئەلىدىن كەلگەن رىۋايەتلەرنى قوبۇل قىلمىغان، بۇنىڭغا ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىنىڭ مەقبۇل ئەمەسلىكىنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن .
مۇتەزىلە، ئەمرى بىلمەئرۇف نەھىي ئەنىل مۇنكەرنى بەش پرىنسىپنىڭ ئەڭ بېشىغا تىزغان بولۇپ ، ئۆز ئىچىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالماي بىر قانچە گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ كەتكەن. بۇلاردىن بىر قىسمى مۇتەزىلەنى تەكفىر پاتقىقىغا سۆرەپ كىرىپ، ئاللاھنىڭ بەلگىلىك شەكىلدە كۆرۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان سۈننىلەرنى « تەكفىر » قىلغان. ھەتتا تېخىمۇ چەكتىن ئېشىپ بۇ كىشىلەرنىڭ كۇپۇرلىقىدىن شەكلەنگۈچىلەرنىڭمۇ كاپىر بولىدىغانلىقىنى داۋا قىلغان . ئۇلاردىن يەنە بىر گۇرۇپپا، مۇسۇلمان بولغان تەقدىردىمۇ رەقىپلىرىگە قارشى سۈيقەست قىلىشنى جائىز دەپ قارىغان .
مۇتەزىلەنىڭ خاۋارىچلار ۋە مۇرجىئەلەرنىڭ ئاشقۇنلىقىغا قارىتا ئوتتۇرا يولنى تۇتقانلىقىدىن ئىبارەت ئىجابى تەرىپىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. بولۇپمۇ، ئىنساندىكى ئىرادە ئەركىنلىكىنى يوق دەپ ھاكىمىيەتنىڭ زۇلۇمىنى يوللۇق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان ئېقىمغا قارشى، ئىنساننىڭ ھەققى ۋە ھۆرلىكىنى ھىمايە قىلغان. بۇ سەۋەپتىن ھاكىمىيەتنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ ئېغىر بەدەل تۆلىگەن.
بۇ دەۋردە شىئەلەرنىڭ، سىياسىي دەتالاشنىڭ ئەقىدىۋى مەسىلىگە ئايلىنىشىدا ئەڭ چوڭ رول ئوينىغانلىقىدا شۈبھە يوق.
شىئە، ئىمامەت ( يېتەكچىلىك، رەھبەرلىك )نى « ۋارىسلىق ۋە ۋاكالەت » سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ، ئۇنى « ھاشىم جەمەتى »گە خاس قىلغانىدى. بۇنىڭغا قارشى سۈننى ئىماملار ئىمامەتنى « قۇرەيش »كە خاس قىلدى. شىئەلەر ئىمامەتنىڭ ھاشىم جەمەتىنىڭ ھەققى ئىكەنلىكىنى داۋا قىلسا، سۈننى ئىماملار بۇ ھەقنىڭ ئەرەپلەرنىڭ قۇرەيش قەبىلىسىگە خاس ئىكەنلىكىنى داۋا قىلدى . ئىمامەت مەسىلىسىدە ئەڭ ئادىل ۋە توغرا بولغان پوزىتسىيە خاۋارىچلارنىڭ قارشى ئىدى. ئۇلار ئىمامەتنى بىر نەسەپ، بىر قەبىلە، تەرەپۋازلىققا خاس قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۈممەتنىڭ ئىختىيارىغا قويۇپ بەرگەنىدى. ئۇلار ھاشىمىلار ياكى قۇرەيشتىن بولۇشنىڭ ئۈستۈن بولۇش ( ئەفدالىيات ) سەۋەبى ئەمەسلىكىنى، ئۈستۈنلىكنىڭ پەقەت « تەقۋالىق » بىلەن بولىدىغانلىقىنى ياقىلىغانىدى.
خاۋارىچلار مۇنداق دەيتتى: « قۇرەيش قەبىلىسىدىن بولمىغانلارمۇ خەلىپە بولالايدۇ. ھەتتا بىر قۇرەيشلىك بىلەن بىر نەباتى ( ئەرەپ بولمىغانلار ) خەلىپىلىك ئۈچۈن نامزات بولغان بولسا، بىز نەباتىنى قوللايمىز. چۈنكى ئۇ ئاز سانلىققا مەنسۇپتۇر. شەرىئەتكە قارشى ئىش قىلغاندا قەبىلە نوقتىسىدىن ئاجىز بولغاننى ھوقوقىدىن ئېلىپ تاشلاش ئوڭاي » .
بۇ جەرياندا شىئە تەرىپىدىن ئەقىدىگە ئايلاندۇرۇلغان يەنە بىر مەسىلە ئوتتۇرىغا چىقتى. يەنى، « مەھدى » مەسىلىسى. ئەمەۋىلەرنىڭ قەبىھ زوراۋانلىقىغا قارشى ئۆكتىچىلىكتە قېيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن بولۇپ، تەرەپتارلىرىنى يېنىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارغا مەنىۋى ئىلھام ئىزدىگەن گورۇپپىلار « مەھدى » چۈشەنچىسىگە چىڭ يېپىشتى. ۋەدە قىلغان زەپەردىن بارا – بارا يىراقلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن ئەمەۋى ئۆكتىچىلىرى، كېلەچەكتىكى زەپەرنىڭ كاپالىتى سۈپىتىدە « كۈتىۋاتقان مەھدى » پىكرىنى بىر ئىمان ئاساسى سۈپتىدە ئەگەشكۈچىلىرىگە سۇنغانىدى. بۇ چۈشەنچە، ھاكىمىيەتنىڭ زۇلۇمىدىن بىزار بولغانلار ئۈچۈن بىر ئۈمىد ۋە ئىلھام رولىنى ئوينايتتى.
ئەقىدىنىڭ كالامغا ئايلاندۇرۇلۇشى باسقۇچىدا « قەدەر ( تەقدىر – پىشانە ) » مەسىلىسىنىڭ تۇتقان ئورنى ئۆزگىچە. بۇ مەسىلە شۇنداق قاتتىق مۇنازىرە قىلىنغان بولۇپ، پەقەت « قەدەر » ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى سەۋەپلىك يېڭى مەزھەپلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇلارنى كالامى مەزھەپلەر دېيىشنىڭ ئورنىغا « قەدەرى مەزھەپلەر » دەپ ئاتاش تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ. قەدەرىييە ۋە جەبەرىييە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇرلىرىدۇر.
بۇ ئىككى ئاشقۇن مەزھەپلەردىن جەبەرىييە ئىنسان ئىرادىسىنى يوق دەپ قاراپ، ئىنساننى ئادەتتىكى بىر نەرسە ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويغان. قەدەرىييە بۇنىڭغا قارشى چىقىپ، ئىنسان ئىرادىسىنى ئىلاھلاشتۇرغانىدى.
بۇ ئىككى چۈشەنچىنى رەت قىلىپ، ئوتتۇراھال بىر قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇش تىرىشچانلىقى بارا – بارا بىر مەزھەپكە ئايلىنىپ « سىفاتىييە » ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇلارنىڭچە ياخشىلىق، يامانلىق ۋە قەدەرنى ئاللاھ يارىتىدۇ، بەندە ئۇنى ئىجرا قىلىدۇ. تەبىئىيكى بۇ ئوتتۇراھال يولمۇ بىر قاتار يېڭى سوئاللارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولدى. بۇ سوئاللار قىلمىش، كۈچى يېتىش، ئىرادە، ھىدايەت، زالالەت، قەلىبنىڭ مۆھۈرلىنىشى، رىزىق، ئەجەل… دېگەنگە ئوخشاش تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
بۇ دەۋرلەردە ئوتتۇرىغا تاشلانغان ئەڭ بىمەنە ۋە ئەڭ قاتتىق دەتالاش بولغان مەسىللەردىن بىرسى « ئاللاھنىڭ كالامى » ئىدى. بۇ دائىرىدە « قۇرئان مەخلۇق »تۇر دېگەن مۇتەزىلە، بۇ قارىشىنى بىر مەزگىل قوبۇل قىلدۇرغان خەلىپە مەئمۇننىڭ ياردىمى بىلەن، بۇ قارىشىغا قارشى چىققان ئالىملارنى قەبىھ شەكىلدە جىمقتۇرۇشقا ئۇرۇندى.
كۆز قارىشىنى قوبۇل قىلمىغانلارنى تەكفىر قىلغان مۇتەزىلە، ئۆكتىچىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق قارشىلىققا دۇچ كېلىپ، قەدەر مەسىلىسىدە « بەندە، قىلمىشىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر » دېگەن چۈشەنچىسى سەۋەبىدىن « مەجۇسىلەردىنمۇ قاتتىق كاپىر »لىققا مەھكۇم قىلىندى.
بۇ مالىمانچىلىق ئىچىدە ئۈممەتنىڭ كۈنتەرتىپىنى تېخىمۇ « مۇھىم (!) » مەسىللەر ئىشغال قىلغان ئىدى. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى نەزىرىيىۋى مەسىلىلەر بولۇپ، پەرەزلەرگە ئاساسلانغان بۇ تېمىلار ئايلاپ، ھەتتا يىللاپ دەتالاش قىلىندى. بۇ دەتالاش سەۋەبىدىن يېڭى – يېڭى مەزھەبلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، رەقىپ ئېقىملار بىر – بىرىنى زالالەت، بىدىئەتچىلىك، كۇپۇر ھەتتا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بىلەن ئەيىپلەپ، قولىدىن كېلىشىچە ھاكىمىيەتنى يېنىغا تارتىپ، رەقىپلىرىنى دۆلەت كۈچى بىلەن جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنغا بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاخىرىدا دىننىڭ « ئەقىدە ۋە ئىمان » خانىسىگە كىرگۈزۈلگەنىدى.
بۇ مۇھىم مەسىلىلەردىن بىر قانچىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتەيلى: