تۇنجى پىرقىلەر

دەسلەپكى مەزگىلدە ئوتتۇرىغا تاشلانغان سوئاللار مانا بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان سوئاللار ئىدى. بۇ سوئاللارغا ھەر كىم ئۆزىنىڭ بىلىمى، چامى ۋە رايىغا ئاساسەن جاۋاپ تېپىشقا ئىنتىلگەن بولۇپ، بۇ سوئاللارغا بېرىلگەن دەسلەپكى جاۋاپلار تۇنجى پىرقىلەرنىڭ ئۇلىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.

سىياسىي ئىختىلاپلارنى ئەقىدىۋى ئىختىلاپقا ئايلاندۇرغان تۇنجى پىرقە خاۋارىچلار ئىدى. بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى قارا قوساق ۋە مۇتەسسىپ بەدەۋى ئەرەپلەر ئىدى. ئۇلار ئادەتتە قۇرئاننى كۆپ ئوقۇيتتى، كۆپ ئىبادەت قىلاتتى، دىننىڭ « زاھىرى ( كۆرۈنۈشى ) »غا سادىق، ئەمما « روھى ( مەقسىتى ) »دىن بىخەۋەر ئىدى. خاۋارىچلار، خەلىپە ھەزرىتى ئەلىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن شام ۋالىيسى مۇئاۋىيە بىلەن ھەزرىتى ئەلى ئوتتۇرىسىدىكى ھاكەم ۋەقەسىنىڭ باش جاۋاپكار تۇرۇقلۇق، « ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقا خاستۇر » ئايىتىنى دەلىل كۆرسىتىپ خەلىپىنىڭ قوشۇنىدىن ئايرىلىپ چىقتى. ھالبۇكى، ئۇلار باشتا خەلىپىنى سۈلھى قىلىشقا مەجبۇرلاپ، خەلىپىنىڭ ھاكىمنى قوبۇل قىلىشىغا سەۋەپچى بولغانىدى. كېيىن ھەزرىتى ئەلىنى ھاكىم ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنى قوبۇل قىلدى دەپ دىندىن چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مانا شۇنداق قىلىپ ئىمان تارىخىدا تۇنجى قېتىم « تەكفىر ۋەقەسى » مەيدانغا چىقتى. تەكفىر، يەنى بىر – بىرىنى كۇپۇرلۇق بىلەن قارىلاش…

ئۇلار، « ئىمان نېمە؟ »، « كۇپۇرلۇق نېمە؟ » دەپ سورىمىدى. بۇنى سوراپ باقمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ سوئالغا قۇرئان ۋە سۈننەتتىن جاۋاپمۇ ئىزدىمىدى. خاۋارىچلار، « كاپىر كىم؟ »، « مۇسۇلمان كىم؟ » دېيىش بىلەن بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلدى.

ئۇلارنىڭ كاپىرلار، مۇشرىكلار، يەھۇدىيلار ۋە خىرىستىيانلار بىلەن كارى يوق بولۇپ، دەردى مۇسۇلمانلار ئىدى. ئالىئىمران سۈرىسى 97 – ئايەتكە ئاساسەن ھەجنى تەرك قىلغۇچىنىڭ كاپىر بولغانلىقىغا ھۆكۈم قىلدى. تاغابۇن سۈرىسى 2 – ئايىتىنى « پەقەت مۇئمىن ۋە كاپىر بار، پاسىق ۋە مۇناپىق يوق » دەپ شەرھىلىدى.

ئۇلارنىڭ بۇ ھالىتى كۈنىمىزدە قۇرئاننىڭ مەنا تەرجىمىسىنى چالا – پۇلا ئوقۇپ ھۆكۈم چىقارغان، ئىجتىھاد قىلغان ۋە ھۆكۈم ئىجرا قىلغان زېھنىيەتكە ئوخشاپ كېتىدۇ. بىر پەرقى، ئۇلار ھەقىقەتەن دىننىڭ ئەمىر ۋە نەھىيلىرىنى ھاياتىغا تەدبىقلىغان، كۆپ ئىبادەت قىلىدىغان، تەسبىھ، زىكىر، شۈكۈر، خاۋف ( قورقۇ ) ۋە خاشىيەت ( ئەندىشە ) ساھىبى قارا قوساق كىشىلەر ئىدى. ئەمەلسىز بولمىغاندەك، ئىسلام بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ئىدىئولوگىيلىك ئەمەس ئىدى.

كېيىن خاۋارىچلار بىر قانچە تارماققا بۆلۈنۈپ كەتتى. تۈنۈگۈن باشقىلارغا قارشى مۈرىنى – مۈرىگە تىرەپ كۆرەش قىلغانلار، ئەتىسى ئايرىلىپ ئۆزئارا بىر – بىرىنى تەكفىر قىلاتتى. چۈنكى تەكفىر ئۇلاردا شىپاسىز بىر كېسەلگە ئايلانغانىدى. كېيىن بۇ ئىللەت ئەھلى سۈننەت قاتارلىق بارلىق پىرقىلەرگىمۇ يۇقتى.