ئىماننىڭ كالاملىشىشى

ئىسلام ئەقىدىدە، رۇبۇبىيەت ( ئاللاھنى رەب دەپ بىلىش )، ئۇلۇھىيەت ( ئاللاھنى  بىردىنبىر ئىلاھ دەپ بىلىش )، چۈشەنچە، ھەرىكەت، ئىبادەت ۋە سىياسەتتە، ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى بارلىق ساھالەردە تەۋھىدنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان بىر پۈتۈن ھايات نىزامىدۇر.

تەۋھىد ئەقىدىسىنىڭ نۇبۇۋۋەت ساھەسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى كاتتا مۇجەددىدى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، « ئىمان ھاكىمىيىتى » ھەرىكىتىنى ئالدى بىلەن شەخىسلەردىن باشلىدى.

بۇ دەۋردە ئىنسانلار پەقەت مۇئمىن ياكى مۇشرىك دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلغان ئىدى.

قىسقا مۇددەت ئىچىدە شەخسى ھالەتتىن جامائەت ھالىتىگە ئۆتكەن ئىسلام جامائىتى، بىر تەرەپتىن غوللۇق شەخسلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا تىرىشقانىدى. مەككىدىكى مەۋجۇدىيىتى دائىم خەۋپ ئىچىدە بولغان مۇسۇلمانلار، باشقا يۇرتلاردىن ئۆزىگە ماكان تېپىپ، ئۇ جايلاردا غوللۇق شەخسلىرىنى ماكانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىزدەنگەنىدى.

ئالدى بىلەن نەجاشىنىڭ ھەبەشىستانى، ئۇنىڭدىن كېيىن يەسرىب… نۇبۇۋەتنىڭ 12 – يىلىدا ئېلىنغان تۇنجى بەيئەت، رەسمىي جامائەتلىشىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنىڭ بىشارىتى ئىدى.

بەيئەتتىن بۇرۇنقى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى « ھەر كىم ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش » ھالىتىدە ئىدى، دېيىشكە بولىدۇ. بۇ باسقۇچتا تەۋھىد ۋىجدانلاردا ۋە تىلدا بولۇپ، تېخى ئىجتىمائى ياكى سىياسىي بىر كىملىككە ئايلانمىغان ئىدى. بۇ سەۋەپتىن، مۇئمىنلەرگە بولغان مېھرى – شەپقىتىگە ئاللاھ گۇۋاھ بولغان رەسۇلۇللاھ، قىيىن – قىستاققا ئېلىنغان ياسىر ئائىلىسىنى پەقەت مۇنداق تەسەللى بېرىش بىلەنلا كۇپايىلىنەتتى:

« ئى ياسىر ئائىلىسى، سەبىر قىلىڭلار، مەنزىلىڭلار جەننەتتۇر »[1].

بەيئەتتىن كېيىن باشلانغان تەشكىللىك جامائەتلىشىش قىسقا مۇددەت ئىچىدە ھىجرەت بىلەن دۆلەتكە ئايلانغانىدى. ئىماننىڭ سىياسىي خاراكتېرلىق ھاكىمىيىتى دېسەكمۇ بولىدىغان دۆلەتلىشىش باسقۇچىدا، ئىلگىرى مۇئمىن ۋە مۇشرىك دەپ ئايرىلغان ئىككى سىنىپقا يەنە بىر سىنىپ قوشۇلدى: مۇسلىم.

مۇسلىم، ئىسلام دۆلىتىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قوبۇل قىلغان، ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىگە سىياسىي مەنادا تەسلىم بولغان، لېكىن ئىمان قەلىپلىرىدە تېخى يىلتىز تارتمىغان، ئىچكى دۇنياسىدىكى ھاكىمىيەتنى تېخى ئۆزگەرتمىگەن كىشىلەرگە بېرىلگەن ئىسىم ئىدى:

« بەدەۋىلەر ئىمان ئېيىتتۇق » دېيىشتى.

ئېيىتقىنكى: « ياق، ئىمان ئېيىتمىدىڭلار. ئەمما مۇسۇلمان بولدۇق دەڭلار، ئىمان تېخى دىلىڭلارغا كىرگىنى يوق » ( ھۇجۇرات، 14 ).

نۇبۇۋۋەتنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا بۇ ئىسىملار ئىپادىلەشتە ئاجىز كېلىپ قالغان ئېتىقاد ۋە كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك ئۆرنىكى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى داۋا قىلىپ چىققان ۋە يەمامەدە ئىسلام قوشۇنىغا مەغلۇپ بولۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىبن ھەبىب ئەل ھەنەفى ئىدى ( ئۆلۈم، ھىجرى 12، مىلادى 633 ).

قەبىلىسى ھەنىفە ئوغۇللىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەن ئەل ھەنەفى، ئاللاھقا، قۇرئانغا، ئاللاھ رەسۇلىغا، پەرىشتىلەرگە، ئاخىرەتكە… خۇلاسە كالام ئىمان ئېيتىشى كېرەك بولغان ھەممىگە ئىشىنەتتى. تەرەپتارلىرى مەسجىد سالغان بولۇپ، ئەل ھەنەفى ئۇلارغا ئىماملىق قىلاتتى. ئۇنىڭ پەقەت بىر تەلىپى بار بولۇپ، ئۆزىنىمۇ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشىنى تەلەپ قىلاتتى. بۇ كىشى ۋە تەرەپتارلىرى مەۋجۇد ئېتىقادى تۈركۈمىدىن ھېچقانداق بىر تۈرگە كىرمەيتتى. رەسۇلۇللاھ ۋە ئەسھابى ئۇنى مۇسۇلمانچاقلار ( مۇسەيلىمە ) دەپ ئاتىدى[2].

بۇلاردىن بەزىلەرنىڭ ئىمانىدا مەسىلە بولمىغان بىلەن ئەمەلدە، بەزىلىرىنىڭ قەلبىدە مەسىلە بار ئىدى. ئاندىن كېيىن، ئىلگىرىكى مۇئمىن، مۇشرىك ۋە مۇسلىم ( مۇسەيلىمە ) ئىسمى بىلەن ئاتالغان بۇ ئۈچ تۈركۈمگە تەۋە بولمىغان يېڭى گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىتائەتسىزلىكى ئەمەل نوقتىسىدا بولغانلار « پاسق »، ئىمانى نوقتىدا ئاجىز كېلىپ قالغانلار « مۇناپىق » دەپ ئاتالدى.

بۇ سىنىپلار ئارىسىدا ئېنىق بىر پاسىل يوق بولۇپ، ھېچكىم بۇ سۈپەتلەرنى تۇغۇلۇش بىلەن بىرگە ئۆزىگە ھەمراھ قىلمىغانىدى. بۇ سەۋەپتىن ئۇھۇدقا مۇئمىن ساھابە سۈپىتىدە ئاتلانغانلاردىن بەزىلىرى، ئەمەللىرى سەۋەبىدىن مۇناپىق ۋە پاسىق سۈپتىدە قايىتقانىدى[3].

بۇ تۈركۈمگە ئايرىلىشلار ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا كۇپۇر سېپى بار ئىدى. بۇ سەپتىمۇ ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى ئەھۋاللار يېڭى ئىسىملارنى تەقەززا قىلاتتى، مەككىدە مۇشرىك دېيىلگەندە كىملەرنىڭ نەزەردە تۇتۇلغانلىقى ھەممىگە مەلۇم ئىدى. مۇسۇلمانلار مەدىنىدە ئىككى يېڭى سىنىپ، يەنى يەھۇدىيلار ۋە ئاز ساندىكى خىرىستىيانلار بىلەن ئۇچراشتى[4].

بۇ يېڭى تۈركۈمدىكى كىشىلەر ئەقىدە ۋە ئەمەل جەھەتتىن كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە پەرقلىق بولۇش بىلەن بىرگە، مۇئامىلە ۋە پوزىتسىيە، دۈشمەنلىك ۋە قارشى چىقىشتا مۇشرىكلار بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە ئىدى. بۇ ئورتاق نوقتىلار سەۋەبىدىن قۇرئان ھەممىسىنى « كاپىر » دەپ ئاتاش بىلەن بىرگە، پەرقلىق نوقتىلىرى جەھەتتىن ئۇلارنى مۇشرىكلار بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويماستىن، « ئەھلى كىتاپ » دېگەن ئومۇمىي ئىسىم بىلەن ئاتايدۇ.

مۇسۇلمانلارنىڭ ۋە كاپىرلارنىڭ ھۆكمى ئېنىق. مۇناپىقلارغا كەلسەك، ئەسرى سائادەتتە مۇناپىقلار كۆرۈنۈشتە مۇسۇلمان، ئەمىلىيەتتە كاپىر دەپ قارىلاتتى، لېكىن بۇنى ئىزاھلىمايتتى. ئىبن مەسئۇد ( رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ )، ساھابىلەرنىڭ بۇ پوزىتسىيىسى ھەققىدە توختۇلۇپ، ئەقىدە نوقتىسىدا ساھابە نەسلى ئۈچۈن « ياسالمىلىقى ئەڭ ئاز بولغان كىشىلەر ئىدى » دېگەن[5].

بۇ دەۋردە مەرىپەت، تەستىق، ئىقرار ۋە ئەمەل ھەممىسى بىر گەۋدىدە بىرلەشتۈرۈلۈپ « ئىمان » دەپ ئاتالغان بولۇپ، ھېچقانداق شەكىلدە پارچىلانمىغان ئىدى. ئەسرى سائادەتتە ئەقىدىنىڭ ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى ئاددى ۋە ئېنىق بولىشى ئىدى. چۈنكى ھەممە « لا ئىلاھە ئىللەللاھ » دېيىش بىلەن نېمىگە ئىشىنىپ نېمىنى ئىنكار قىلغانلىقىنى؛ نېمىنى قوبۇل قىلىپ، نېمىنى رەت قىلغانلىقىنى؛ شاھادەتنىڭ ئۆزىگە قانداق مەسئۇلىيەتلەرنى يۈكلەپ، بۇلار ئۈچۈن نېمىلەرنى ۋەدە قىلغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى بىلەتتى.

بۇ ھەقىقەتنى پەقەت « لا ئىلاھە ئىللەللاھ » دېگەنلەرلا بىلىپ قالماستىن، بۇ كەلىمەئى شاھادەتنى ئېيتىشقا قارشى چىققۇچىلارمۇ بۇ جۈملىنىڭ نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ياخشى بىلگەنلىكتىن، ئۆلۈمگە رازى بولۇپ ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشقا رازى بولمىغانىدى.

ئۇلار « لا ئىلاھە ئىللەللاھ »نىڭ بىر ھايات شەكلى، بىر دۇنيا قاراش، ھەممە ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پۈتۈن مىزاننىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى. بۇ جۈملىنى ئېيتىش، ئۇزۇن بىر تىزىملىكنىڭ ئاستىغا قول قويۇش ئىدى. « لا ئىلاھە ئىللەللاھ » دېيىش بىلەنلا ئىش تۈگىمەيتتى، ئەكسىچە بۇ جۈملىنى ئېيتىش بىلەن باشلىناتتى. ئۇلار بۇنى ئوبدان بىلەتتى.

بۇ شاھادەت، ئاللاھنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەلچىسى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇ ئارقىلىق بارلىق ئەلچىلەرگە، جىبرىئىل سىمۋولى بىلەن بارلىق پەرىشتىلەرگە، قۇرئانغا ئىمان ئېيتىش بىلەن بارلىق ساماۋى كىتاپلارغا، ئاخىرەتكە ۋە تەقدىر ( ھەممىنىڭ بەلگىلىك قانۇنىيەت ئىچىدە يارىتىلغانلىقىغا ) ئىشىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ ماددىلارنىڭ ھېچبىرسى بۇ دەۋردە كالاملاشتۇرۇلمىغان، پەلسەپىسى ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان، دەتالاش قىلىنمىغان، چەكلىمە قويۇلمىغان، خۇلاسەكالام، لېيىتىلمىغانىدى.

رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتى بىلەن تەڭ بىر قىسىم ۋەقەلەر مەيدانغا كەلدى. بۇلار « رىددە ۋەقەسى » ئىسمى بىلەن مەشھۇر بولغان بولۇپ، بۇ ئەسلىدە مەدىنىدىكى ئىسلام ھاكىمىيىتىگە قارشى كۆتۈرۈلگەن ئىسيان ئىدى. ئىسيانچىلار ئىسلام ھاكىمىيىتىنىڭ سىمۋولى بولغان « سەدىقە »[6] بېرىشنى رەت قىلغانىدى.

ھالبۇكى، بۇ ئادەملەر مۇسەيلىمىگە ئوخشاش ئىمان ئېيتىش كېرەك بولغان بارلىق ئاساسلارغا ئىشىنىپ، ئاللاھنىڭ باشقا ئەمىر ۋە چەكلىمىلىرىنى قوبۇل قىلاتتى. شۇنداقتىمۇ ئىسلام دۆلىتىنىڭ يېڭى رەئىسى، ئۇلارنى « مۇرتەد » دەپ ئېلان قىلغان ۋە ئۇلار مەدىنە ئىسلام دۆلىتىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قايتىدىن قوبۇل قىلىپ، سەدىقە بەرگىچە[7] ئۇرۇش قىلىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغانىدى[8].

ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىدىكى مالىمانچىلىققىچە ئۈممەت ئىچىدە « ئەفدالىيات ( ئەۋزەللىك، ئۈستۈنلىك ) »تىن باشقا ئەقىدىۋى دەتالاش ۋە ئىختىلاپ كۆرۈلمىگەنىدى.

ئۈستۈن بولۇش مەسىلىسى تۇنجى بولۇپ رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولغان كۈنى، بەنى سەئىد قورۇسىدا خەلىپىنىڭ كىملەردىن بولىدىغانلىقى ياكى كىملەرنىڭ خەلىپە بولالمايدىغانلىقى ھەققىدىكى دەتالاشتا ئوتتۇرىغا چىقتى. قۇرەيشتىن بولغانلار خەلىپىنىڭ ئەرەپلەرنىڭ قۇرەيش قەبىلىسىدىن بولىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. چۈنكى قۇرەيش، ئاللاھ رەسۇلى مەنسۇپ بولغان قەبىلە ئىدى ۋە بۇ سەۋەپتىن باشقا قەبىلىلەردىن « ئەفدال ( ئۈستۈن ) » ئىدى. بۇ چۈشەنچە كېيىنكى مەزگىللەردە بەزى ئەھلى سۈننەت ئىماملىرى تەرىپىدىن بىر ئىمان ئاساسى ھالىغا كەلتۈرۈپ، ئەقىدە كىتاپلىرىغا كىرگۈزۈلدى[9].

ئۈستۈنلىك چۈشەنچىسى بۇ دائىرىدە چەكلىنىپ قالمىدى. كېيىنكى مەزگىلدە شىئەلەر بۇنىڭ ئۆلچىمىنى تېخىمۇ تارايتىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ نەسەبى ( ھاشىمىلەر ) خەلىپىلىككە ھەممىدىن بەك لايىق چۈشەنچىسى بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، بۇ نەسەبنىڭ داۋامى بولغان ھەزرىتى پاتىمەنىڭ نەسلىنى ئىمام ياكى يېتەكچى دەپ قارىدى ۋە بۇ چۈشەنچىنى بىر « ئىمان » ئاساسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلدى.

مۇرجىئە قوللاپ – قۇۋەتلىگەن ئەمەۋىلەرمۇ بۇ ئۈستۈنلۈك چۈشەنچىسىنى ئەرەپلەرنىڭ ئەجەملەردىن ئۈستۈن بولىشى سۈپىتىدە چۈشۈنۈپ، بۇ ئەقىدىنى دۆلەت سىياسىتىدىن بىرسى قاتارىدا ئىجرا قىلىشقا باشلىدى. بۇلاردىكى مەنتىق يۇقىرىدىكى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، نەبى ئەرەپلەردىن چىقتى، قۇرئان ئەرەپچە نازىل قىلىندى، ئىسلامنى ئەڭ ئېغىر كۈنلەردە ھاياتىنى پىدا قىلىپ ھىمايە قىلغۇچىلار ۋە تارقاتقۇچىلار ئەرەپلەردىن ئىدى، بۇنداق بولغانىكەن، ئەرەپلەر ئەجەملەردىن ئۈستۈندۇر.

ئۈستۈنلىك چۈشەنچىسى بۇ دائىرىدىنمۇ ھالقىپ چىقتى. ئەجەملەر ئىسلامنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغاندا، ئۈستۈنلىك چۈشەنچىسى ئۆزىنى ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە قايتىدىن يېڭىلاندى. بۇ قېتىم ئۈستۈن بولغان تار دائىرىدە ئۆزى تەۋە گۇرۇپ، مەزھەپ، ئېقىم؛ كەڭ دائىرىدە ئۈممەت ئىدى. ئۆزى تەۋە بولغان گۇرۇپپا باشقا گۇرۇپپىلارنىڭ ھەممىسىدىن، ئۆزى مەنسۇپ بولغان مەزھەپ باشقا مەزھەپلەرنىڭ ھەممىسىدىن، ئۆزى تەۋە بولغان ئېقىم باشقا ئېقىم ۋە ئىلىملەرنىڭ[10] ھەممىسىدىن، ئۆزى مەنسۇپ بولغان ئۈممەت باشقا ئۆتمۈش ئۈممەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئۈستۈن ئىدى.

ھەزرىتى ئوسماننىڭ شاھادىتى بىلەن نەتىجىلەنگەن ۋەقەلەر، ئىمان تارىخىدىكى يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلانغۇچى بولدى[11].

سىياسىي داۋالغۇشلار ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتى ۋە سىياسىي ئىختىلاپلار قىلىچ بىلەن ھەل قىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئوتتۇرىدا نەپرەت ۋە ئىنتىقام پەيدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن جەمەل ( تۆگە ) ئۇرۇشى، ئاندىن سىففىن ۋە نەھراۋان … ئۇرۇشلىرى بولدى.

بۇ مالىمانچىلىقتا كىشىلەر ھەر نەرسىنى دەتالاش قىلىشاتتى. مۇسۇلمانلار بىر – بىرىنىڭ كىكىردىكىنى بوغۇپ، بىر – بىرىگە تىغ تەڭلەپ جانلىرىغا قەست قىلىشقانىدى.

ئادەم ئۆلتۈرۈش چوڭ گۇناھ ئىدى. ئۇنداقتا بۇ چوڭ گۇناھنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟ بۇ توقۇنۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئاخىرەتتىكى ئەھۋالى قانداق؟ بۇ مەزگىلدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ باش قەھرىمانلىرى يا ساھابە ياكى تابىئىن ئىدى[12]. بۇ سەۋەپتىن يۇقىرىدىكى سوئاللارغا جاۋاپ تېپىش ناھايىتى قىيىن ئىدى.

*********************************

[1]  ئىبن ھاجەر، « ئەل – ئىسابە »، II/512.

[2]  مۇسەيلىمە ھىجرى 10 – يىلىدا رەسۇلۇللاھقا يازغان مەكتۇبىدا مۇنداق دېگەن: « ئاللاھنىڭ رەسۇلى ( مۇسەيلىمە )دىن ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەدكە، سالام ساڭا! مەن بۇ ئىشتا ساڭا شېرىك بولدۇم. زېمىننىڭ ( دۆلەتنىڭ ) يېرىمى بىزنىڭ، قالغان يېرىمى قۇرەيشنىڭ. لېكىن قۇرەيش ھەددىدىن ئېشىپ ھەممىنى ئۆز چاڭگىلىدا تۇتىۋاتىدۇ ». رەسۇلۇللاھ بۇ مەكتۇبقا مۇنداق جاۋاپ يازغانىدى: « رەھمان رەھىم بولغان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەدتىن ساختىپەز مۇسۇلمانچاققا. ھىدايەتكە مەنسۇپ بولغانلارغا سالام. مەن دەيمەنكى، زېمىن ئاللاھنىڭدۇر. ئۇ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىلەرنى ئۇنىڭغا ۋارىس قىلىدۇ. ئاقىۋەت مۇتەققىلەرنىڭدۇر ». مۇسەيلىمە، خالىد بىن ۋەلىد قۇماندانلىقىدىكى ئىسلام قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى ۋە ئۆلتۈرۈلدى ( زىرىكلى، « ئەل ئائلام »، VII/226 ).

[3]  « ئاللاھ مۇئمىنلەرنى ھازىرقى پېتىدا قويمايدۇ، يامان ( مۇناپىق )نى ياخشى ( مۇئمىن )دىن ئايرىيدۇ » ( ئالىئىمران، 179 ).

[4]  بەزى تارىخچىلار ھىجرەت مەزگىلىدە ئەڭ ئاخىرقى خىرىستىياننىڭ ۋاپاتى بىلەن تەڭ مەدىنىدە خىرىستىيان قالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

[5]  جەزەرى، « جامىئۇل – ئۇسۇل »، I/293

[6]  بۇ نوقتىدا سەدىقىنى، مەدىنە ئىسلام دۆلىتى ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشىنىڭ بىر نامايەندىسى سۈپىتىدە قاراش ۋە بىر تۈر « ئولپان » دەپ چۈشۈنۈش تېخىمۇ توغرا بولىدۇ.

[7]  بەقەرە سۈرىسى 154 – ئايىتىنى بەزى مۇپەسسىرلەر زاكات ( ئىنفاق ) بەرمىگەنلەرنى، قۇرئان كاپىر دېگەن دەپ تەپسىر قىلغان.

[8]  رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولغاندىن كېيىن زاكات بېرىشنى رەت قىلغان قەبىلىلەر « ئۇلارنىڭ ماللىرىدىن سەدىقە ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى پاكلىغايسەن ۋە ( ياخشىلىقلىرىنى ) كۆپەيتكەيسەن. ئۇلارغا دۇئا قىلغىن، شۈبھىسىزكى، سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ » ( تەۋبە، 103 ) ئايىتىنى دەلىل كەلتۈرۈپ، « بىز سەدىقە بېرەتتۇق، رەسۇلۇللاھمۇ بىزنى پاكلايتتى. ئۇ ۋاپات بولدى، بىزنى پاكلىيالمايدىغانلارغا نېمە ئۈچۈن زاكات بېرىمىز؟! » دەيتتى. رىددە ۋەقەسىگە قوشۇلغان خائىنلارنىڭ كۆپچىلىكى بىلىنگەننىڭ ئەكسىچە تولۇق مەنىسى بىلەن « مۇرتەد » ئەمەس ئىدى. خەلىپە ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر « ۋاللاھى، رەسۇلۇللاھقا بەرگەن بىر تۆگىنىڭ چۇلۋۇرى چاغلىق نەرسىنى ماڭا كەم بەرسە، ئۇلار بىلەن ئاداققىچە ئۇرۇش قىلىمەن » دەپ جەڭگە ئاتلانغان ئىدى. بۇ ئىسيانچىلار ئىچىدىكى بەزى قەبىلىلەر زاكات ئايرىغان بولسىمۇ، ئۇنى يېڭى خەلىپىگە بېرىشنى، ئۇنىڭ خەلىپىلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىغانىدى. مەسىلە دىنىي بولۇشتىن زىيادە سىياسىي خاراكتېرغا ئىگە ئىدى. بۇلارنىڭ مۇرتەد ئىكەنلىكىگە ھەزرىتى ئۆمەرمۇ چىن دىلىدىن رازى بولمىغان بولسا كېرەك خەلىپە بولغاندىن كېيىن، رىددە ئۇرۇشىدا ئەسىر ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىپ، مال – بىساتىنى قايتۇرۇپ بەرگەن ( شەھرىستانى، « ئەل مىلەل »،  I/25).

[9]  بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا تۆت خەلىپىنىڭ پەزىلەتلىرى خەلىپىلىك نۆۋىتىگە ئاساسەن بولۇپ، بۇ بىر ئەقىدە ئاساسى ئىدى. پەزدەۋى، 277 – بەت. نەسەفى، تافتازانى، 94 – بەت. بەزى كالامچىلار بۇ مەسىلىنى ئەقىدە دائىرىسىگە كىرگۈزمىگەن ( ماتۇرىدى ۋە ئەشئەرى ). غەزالى ئېيتقاندەك كىمنىڭ كىمدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ، قالغىنى پەقەت پەرەزدىن ئىبارەت. بۇ مەسىلىدە سەھىھ ناسلاردىن دەلىل كۆرسىتىشمۇ مۇمكىن ئەمەس ( غەزالى، « ئەل – ئىقتىساد »، 153 – بەت ).

[10]  مەسىلەن، ھەدىس ئەھلى، ھەدىس ئىلىمىنى ئىلىملەر ئىچىدە ئەڭ ئەۋزەلى دەپ قاراپ، ھەدىس ئەھلى بولمىغان بولسا دىننىڭ ئەسلىنىڭ يوقاپ، بىدىئەت قاپلاپ كېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. كالامچىلار كالام ئىلىمىنى ئىلىملەر ئىچىدە ئەڭ ئەۋزىلى ( پەرزئەيىن ) دەپ قاراپ، ئۆزلىرى بولمىغان بولسا ئەقىدىنىڭ بۇزۇلۇپ، ئەتراپنى زىندىقلار قاپلاپ كېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

[11]  ھەزرىتى ئوسمان، ئۆكتىچىلىرى تەرىپىدىن ئۆزى ۋە ئايالنى مال – دۇنيا يىغدى دەپ ئەيىپلىگەن ئەبۇ زەرنى پالاش، ساھابىنى ھاسىسى بىلەن ئۇرۇپ جازالاش، ئۇرۇق – تۇققانلىرىغا ئەمەل – مەنسەپ بېرىش، ئۇلارغا دۆلەتنىڭ مال – مۈلكىنى تارقىتىپ بېرىش، شام ۋالىيسىغا يازغان مەكتۇبىدا ئۆكتىچىلەرگە ئىشكى ئالدىدا بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشىدا رەسۇلۇللاھنىڭ كۆرسەتمىسىدىن يىراقلىشىش، مىنادا سۈننەتنىڭ ئەكسىچە نامازنى تولۇق ئوقۇش، ھۇرمۇزان ۋە كىچىك ئوغلىنىڭ قاتىلى ئۇبەيدۇللاھ بىن ئۆمەرگە شەرىئەت جازاسىنى تەدبىقلىماسلىق، قۇرئاننى يىغىپ بىر نۇسقىدىن باشقىسنى كۆيدۈرۋېتىش، رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنبىرىنىڭ ئۈستىگە مۇنبەر ياسىتىش، بەدىرگە چىقماسلىق، رىزۋان بەيئىتىگە كېچكىپ قېلىش ( باقىللانى، « ئەت تەمھىد »، 220 – 227 )، رەسۇلۇللاھ پالىۋەتكەن ھاكەم بىن ئۇمەييەنى مەدىنىگە قايتۇرۇپ كېلىش، بۇزۇقچىلىقى بىلەن مەشھۇر ۋەلىدنى كۇفەگە، مۇئاۋىيەنى شامغا ۋالىي قىلىپ تەيىنلەش، قىزىنى ھاكەمنىڭ ئوغلى مەرۋانغا بېرىش، ئابدۇللاھ بىن مەسئۇدنى مۇسھابىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئۇرۇش بىلەن ئەيىپلىگەنىدى ( شەھرىستانى، « ئەل مىلەل »، I/57 ).

[12]  مەسىلەن، ئەڭ مۆتىۋەر ساھابىلەرنىڭ جەمەلدە بىر – بىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشى، ھەزرىتى ئوسماننىڭ قەتلى قىلىنىشىدىن ئىلگىرى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئىبن مەسئۇد ۋە ئاممار بىن ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارغا ئوخشاش ساھابىلەر ئوتتۇرىسىدا يۈزبەرگەن ۋەقەلەر بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ ( بەزى مەنبەلەردە ھەزرىتى ئوسمان، ئىبن مەسئۇدنىڭ قارنىنى يېرىپ تاشلىغان، ئاممارنىڭ تاغاق سۆڭىكىنى سۇندۇرىۋەتكەن. ئىبنۇل ئەرابى ( قازى )، ئەل ئاۋاسىم مىنەل قاۋاسىم، دارۇل جىل، بەيرۇت، 1987، 76 – بەت ).