wpid-mmexport1412068042066.jpg

قېرىندىشىمىز باتۇر قاراخانلې قەلىمىدە ئۆزلەشتۈرۈلگەن تەنقىت ئەخلاقىغا ئائىت قىسقا سۆھبەتنىڭ تامتەسۋىر ھۆججىتىنى چۈشۈرۈشنى خالىغانلار بۇيەردىن چۈشۈرۈۋېلىڭ: تەنقىت ئەخلاقى

ئەقلىڭنى ئىشلەت، چۈنكى ئاللاھ ئۇنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ. بۇ جەھەتتە مېنى بىئارام قىلغان نەرسە شۇ ياكى بۇ ئېقىمنىڭ بولغانلىقى ئەمەس. مېنى بىئارام قىلىۋاتقان نەرسە باياتىنمۇ دېدىم، بىرىنچى، پىكىر ئەخلاقى بارمۇ؟ بۇنىڭغا قارايمەن. ئىككىنجىسى، بىراۋنى تەنقىد قىلغاندا ئىنساپ ۋە ئېغىر بېسىقلىق ئۆلچىمىگە رىئايە قىلامدۇ – يوق؟ يەنى ئىنساپ ۋە تەمكىنلىك دەيدىغان بىر نەرسە بار. ئىنساپتىن ئايرىلىپ قالغان كىشىنىڭ تەنقىدى تەنقىد ئۆلچىمىدىن چىقىپ كېتىدۇ. ئىنساپ يوق يەردە تەنقىد ھەققىدە سۆز قىلغۇچى ھاقارەتتىن سۆز قىلغان بولىدۇ. بىراۋنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈۋاتقان، تۆھمەت قىلىۋاتقان بولىدۇ. ئۇنىڭ تەنقىد بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟
ئۇنى ئاللاھ چەكلىگەن، ئۇ يەردە ئەخلاقسىزلىق بار. شۇڭا بۇ جەھەتتە يېتەركى ئۆلچەمگە رىئايەت قىلايلى. شۇڭا ياشىسۇن، ھەممىسى مەۋجۇت بولسۇن.
تەنقىد قىلىشىمىز، تەنقىد قىلىنىشىمىز ناھايىتى نۇرمال. يەنى ھېچ خاتالىق سادىر قىلمامدۇق؟ كەچكىچە خاتا بىلەن شۇغۇللىنىمىز. ئىنسان بولغان بەندە مۇكەممەل ئەمەس بەندە خاتالىق سادىر قىلىدۇ. خاتالىق سادىر قىلغۇچى تەنقىد قىلىنىدۇ. لېكىن، تەنقىد ئېيتقىنىمدەك بىر ئەخلاقتۇر. تەنقىد ئەخلاقى بىلەن تەنقىد قىلسىڭىز، ئۇ تەنقىد بولىدۇ. بولمىسا ئۇ تەنقىد بولمايدۇ، ئەكسىچە ئەخلاقسىزلىق بولىدۇ. چۈشەندىڭلارمۇ؟
تەنقىد قىلىدىغان يېرى بار تەنقىد قىلمايسىز، تەنقىد قىلمايدىغان يېرىگە قارا سۈكەيسىز. سىز تەنقىد قىلىۋاتىسىز، لېكىن ئىلغاش ئۈچۈن تەنقىد قىلمايسىز، ئەخلەتكە تاشلاش ئۈچۈن قىلىسىز. ھەتتا ئەخلەتكە تاشلىۋېتىپ ئاندىن باھانە ئويدۇرىۋاتىسىز، چۈشەندىڭلارمۇ؟
ئىلغىمايسىز، سىزنىڭ ئۇنداق بىر مەقسىتىڭىز يوق. ئۇنىڭ ئىچىدە جەۋھەر بارلىقىنى قوبۇل قىلمايسىز، بىراقلام مەھكۇم قىلىۋېتىسىز، سۈپۈرۈپ تاشلاپسىز. ئۆزىڭىزنىڭ كاللىسىدىكىنىمۇ قارا – قويۇق سۈپۈرۈپ ئېلىپسىز نېمىسى بولسا ھەممىسىنى يىغىپ، نېمە بەرگەن بولسا ھەممىسىنى ئېلىپسىز.
بالامنى ياخشى كۆرىمەن دەپ نىجاسەتكە تولغان زاكىسىنىمۇ قوشاپ قۇچاقلاپ تۇرۇپسىز، چۈشەندىڭىزمۇ؟
مەن دەيمەنكى، بالىنى قۇچىقىڭغا ئال، مەينەت زاكىسىنى ئەخلەتكە تاشلىۋەت.
ئالمىنى يېگىن، قۇرتىنى يېمىگىن.
تەنقىد قىلغۇچى، ئالمىنى ياخشى كۆرسەڭ، قۇرتىنىمۇ قوشۇپ ياخشى كۆر، دەيدۇ ماڭا.
ئالمىنى ياخشى كۆرىمەن، لېكىن قۇرتىنى ياقتۇرمايمەن دېسەم
ئۇنداقتا ئالمىنىمۇ ياخشى كۆرمە دەيدۇ
بۇنىڭ قەيىرى تەنقىد؟
شۇڭا، تەنقىد بىر ئەخلاق مەسىلىسىدۇر
تەنقىد ئەخلاقى بولغان يەردە تەنقىد كارغا كېلىدۇ.
رەھمەت

مۇستاپا ئىسلامئوغلى

YOUTUBE دىن كۆرۈشنى خالىغانلار بۇيەردىن كۆرۈۋېلىڭ: http://www.youtube.com/watch?v=wN7H33l0hRY