bayrakli-meali-diş-kapak

كىرىش سۆز

جانابى ئاللاھ، بارلىق مەۋجۇداتنىڭ، كائىناتنىڭ ھەر ئىشىغا كۆڭۈل بۆلگەندەك، ئىنساننىڭ بارلىق ئېھتىياجلىرىغىمۇ كۆڭۈل بۆلگەن. بۇ ئېھتىياجلار ئىچىدە ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسى ۋە ئەخلاقى مەركىزىي ئورۇندا تۇرىدۇ. مېڭە، دىل / قەلىب ۋە نەپىس دەپ ئاتالغان مەنىۋى، پىسخىلوگىيىلىك مەركەزلەرنىڭ يېتىلىشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئۇلىنى تۇرغۇزۇش قۇرئان تەربىيىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىدۇر. قۇرئان، ئىنساننى بەشەرى پىكىرلەرنىڭ ئەسىرىگە ئايلىنىپ قېلىشتىن قۇتقۇزۇپ، ئۇمۇمىيلىققا ئىگە بولغان، ئالەمىي ۋە تەرەپسىز بىلىم بىلەن تەربىيەلەش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن. جانابى ئاللاھ بىزگە ئۇزاتقان ئەقىل ئارغامچىسى بىلەن ۋەھىي ئارغامچىسىنى بىرلەشتۈرۈش ۋە ئىنساننى مەخلۇقاتلار ئىچىدىكى مۆتىۋەر ئورنىغا ئىگە قىلىش، دىنى تەلىم – تەربىيىنىڭ ئاساسلىق نىشانىدۇر.

bayrakli-meali-girrissözبۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ يولى، ئانا تىلى بىلەن تەلىم – تەربىيە ئېلىپ بېرىشتۇر. ھەر قەۋم قۇرئاننى پەقەت ئۆز تىلى بىلەنلا ياخشى چۈشۈنەلەيدۇ، بىلەلەيدۇ ۋە ھاياتىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرەلەيدۇ. قۇرئان مېئالىنى ( مەنا تەرجىمىسى ) ۋە تەپسىرىنى يېزىشىمىزنىڭ مەقسىدىنىمۇ مانا بۇ پىرىنسىپ بەلگىلىمەكتە.

قۇرئان كەرىمنىڭ ئەرەپچىسىنى ئوقۇش بىلەن بىرگە مېئالىنىمۇ ئوقۇپ چۈشۈنۈشكە تىرىشىشىمىز كېرەك. خەتمە قىلىش ( 30 پارە قۇرئاننى تولۇق ئوقۇپ چىقىش )، ئەرەپچە شەكلىدە قىلىنغاندەك مېئالىدىن قىلىنسىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرئاننى چۈشۈنۈپ ئوقۇش تېخىمۇ ساۋاپقا لايىقتۇر. چۈنكى قۇرئان، چۈشۈنۈپ ۋەز – نەسىھەت ئالسۇن دەپ ئەۋەتىلگەن ( يۈسۈپ، 1 ).

بۇ مېئالدە، تېمىلار ۋەياكى ئاتالغۇلار ئۇزۇن – ئۇزۇن ئىزاھلانمىغان، بەك زۆرۈر بولمىغاندا تىرناقمۇ قوللىنىلمىغان. چۈشەندۈرۈلىشى ياكى ئوقۇرمەنلەر مۇھتاج بولىشى مۇمكىن دەپ ئويلىغان مەسىلىلەر، خېلى بۇرۇنلا 21 جىلىت ھالىتىدە ئېلان قىلغان « يېڭى تەپەككۇر نۇرى ئاستىدا قۇرئان تەپسىرى » ناملىق ئەسىرىمىزگە مۇرجەت قىلىنسۇن دەپ ئىزاھاتلار ئارقىلىق ئورنى كۆرسىتىلىپ بېرىلدى.

بۇ مېئالنى تەييارلاۋاتقان ۋاقتىمدا پايدىلانغان بەزى مېئاللار بار. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشۈم ئىمكانسىز؛ شۇنداقتىمۇ بىر قانچەيلەننىڭ نامىنى تىلغا ئېلىشنى مۇۋاپىق دەپ قارىدىم. مۇھەممەد ئەسەدنىڭ قۇرئان خوشخەۋەر مېئال – تەفسىرى، پىروف.در. ئالى ئۆزەك ۋە دوستلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى بولغان قۇرئان كەرىم ۋە تۈركچە ئىزاھاتلىق مېئالى، پىروف. در. ئۆمەر دۇملۇ ۋە پىروف. در. ھۈسەيىن ئەلمالىنىڭ قۇرئانى كەرىمنىڭ تۈركچە مەناسى، پىروف. در. مەھمەت چاكىرنىڭ قۇرئانى كەرىم ۋە تۈركچىسى، پىروف. در. سۇلايمان ئاتەشنىڭ قۇرئانى كەرىم ۋە ئۇلۇغ مېئالى، پىروف.در. ھۈسەيىن ئاتاينىڭ قۇرئاننىڭ تۈركچە تەرجىمىسى، پىروف. در. سالىھ ئاقدەمىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چاقىرىق قۇرئان، پىروف.در. ياشار نۇرى ئۆزتۈركنىڭ قۇرئانى كەرىم مېئالى ( تۈركچە تەرجىمىسى )، ئەلمالى م. ھەمدى يازىرنىڭ قۇرئانى كەرىمنىڭ مېئالى ۋە قىسقىچە تەفسىرى.

بۇ مېئالغا دوچەنت. در. مەھمەت ئوقۇياننىڭ كاتتا ئەجرى سىڭدى. ئۇنىڭغا ۋە مېئالنىڭ بېسىلىشىغا ماددى ياردىمىنى ئايىمىغان در. ئەرسىن ئارائوغلىغا تەشەككۈر ئېيتىمەن. جانابى ئاللاھ تىن ئۇلارغا ۋە ئائىلە – تاۋاباتلىرىغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە كاتتا ئەجىر بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

پىروف.در. بايراقتار بايراقلى

 

 

Bayraktar-Bayrakli-Meali

مئېالنىڭ تور نۇسقىسىنى بۇيەردىن ئوقۇۋېلىڭ: http://www.kuranmeali.tv/bayraktar

مېئالنىڭ WORD نۇسقىسىغا ئېھتىياجىڭىز بولسا، ئۇستازنىڭ ئوغلى بىلەن ئالاقە قىلىڭ.

سەلىم بايراقلى selim.bayrakli@gmail.com

باشقا قېرىنداشلارغىمۇ تەۋسىيە قىلىڭ، قۇرئان مېئالى تورىدىنمۇ ئوقۇيالايسىز.

http://kuranmeali.com/mobil/m-ayetkarsilastirma.asp

********************

ئۇستازغا ئالاقىدار باشقا ئەسەرلەر:

ھايات كىتابىم تورىدىكى مەخسۇس سەھىپىمىزدە: https://yuzlen.net/?cat=31

« قۇرئاندىن كۆڭۈلگە » پىروگراممىسى

https://yuzlen.net/?p=4287

 « قۇرئاندا ئايال، مۇھەببەت ۋە ئاساسى ھەق- ھوقۇقلىرى » ناملىق ئىنگىلىزچە ئەسىرىنى تور بېتىمىزدىن ئوقۇڭ.
https://yuzlen.net/?p=3287

باشقا كىتاپلىرىدىن بىرقانچە ئۆرنەك رەسىملەر:

12033657_10206468032432299_978496174_n 12030742_10206468032512301_1397577535_n

 

 

YENİ BİR ANLAYIŞIN IŞIĞINDA

KUR’ÂN MEÂLİ


ÖNSÖZ

Yüce Allah, tüm varlıkların, kâinatın her şeyi ile ilgilendiği gibi insanın bütün ihtiyaçlarını da temin etmektedir. Bu ihtiyaçların merkezinde yer alanlardan biri onun içsel ve ahlâkî eğitimidir. Beyin, gönül ve nefs denen manevî, psikolojik merkezlerinin işlenmesi, gelişimi ve güzel ahlâkın temelini oluşturmak Kur’ân eğitiminin ana amacı olmaktadır. Kur’ân, insanı, beşerî fikirlerin tutsağı olmaktan kurtarıp genel geçer, evrensel ve tarafsız bir bilgi ile eğitmek için gönderilmiştir. Yüce Allah’ın bize uzattığı akıl ipi ile vahiy ipini buluşturmak ve insanı yüceltmek, din eğitiminin hareket noktası olmaktadır.

Bunu gerçekleştirmenin yolu, ana dili ile öğretimdir. Her toplum Kur’ân’ı kendi dili ile daha iyi anlayabilir, tanıyabilir ve hayatı ile buluşturabilir. Kur’ân mealini ve tefsirini yapmamızın amacını da bu ilke belirlemektedir.

 

Kur’ân’ı Arapçasından okuduğumuz kadar mealinden de okuyup anlamaya çalışmalıyız. Hatim, Arapçasından yapıldığı gibi mealinden de yapılır. Üstelik Kur’ân’ı anlayarak okumak daha sevaptır. Çünkü Kur’ân, anlaşılmak için gönderilmiştir.

Bu mealde, konular veya terimler uzun uzadıya izah edilmemiş, çok zorunlu olmadığı sürece parantez de kullanılmamıştır. Açıklanmasını istediğimiz veya okuyucunun ihtiyaç duyduğunu düşündüğümüz meseleler, daha önce 21 cilt halinde yayınladığımız Yeni Bir Anlayışın Işığında KUR’ÂN TEFSÎRİ adlı eserimizden takip edilsin diye dipnotlarla yer belirlemesi yapılmış ve tefsirimize müracaat edilmesi istenmiştir.

Bu meali hazırlarken desteğini aldığımız mealler olmuştur. Biz bunların hepsini burada sıralamayacağız; ancak birkaçını vermeyi uygun buluyoruz. Muhammed Esed’in Kur’an Mesajı Meal-Tefsir’i, Prof. Dr. Ali Özek ve arkadaşlarının Kur’an-ı Kerîm ve Türkçe Açıklamalı Meali, Prof. Dr. Ömer Dumlu ve Prof. Dr. Hüseyin Elmalı’nın Kur’an-ı Kerim’in Türkçe Anlamı, Prof. Dr. Mehmet Çakır’ın Kur’an-ı Kerim ve Türkçesi, Prof. Dr. Süleyman Ateş’in Kur’an-ı Kerim ve Yüce Meali, Prof. Dr. Hüseyin Atay’ın Kur’an Türkçe Çeviri, Prof. Dr. Salih Akdemir’in Son Çağrı Kur’an, Prof. Dr. Yaşar Nuri Öztürk’ün Kur’an-ı Kerim Meali (Türkçe Çeviri), Elmalılı M. Hamdi Yazır’ın Kur’an-ı Kerim Meali ve Muhtasar Tefsiri.

Bu meale Doç. Dr. Mehmet Okuyan’ın büyük hizmeti geçmiştir. Ona ve mealin basımında maddî desteğini esirgemeyen Dr. Ersin Arıoğlu’na teşekkür ediyor, Yüce Allah’ın kendilerine ve ailelerine dünya ve ahirette güzellikler vermesini diliyoruz.

Prof. Dr. Bayraktar BAYRAKLI

—————————————————————

Yeni Bir Anlayışın Işığında Kuran Mealı kullanma izni

Tarafımdan hazırlanmış olan ve telifhakkı bana ait ISBN Tk.No: 978-9944-288-07-1 olan 2007 Bayraklı Yayınlarınca 2007 Ağuston 1-Baskılı
» Yeni Bir Anlayışın Işığında Kuran Mealı » kitabımın ticari
faaliyetlerde kullanılmamak şartı ile, Türükçe haliyle veya Uygur Türkçesine çevirilmiş WORD / PDF / e-book
veya elektronik ortamda mobil cihazlar uygulaması şeklinde sanal alem veya özellikle www.hayatkitabim.com internet
sitesi yüzerinden yayınlanmasına izin veriyorum. 14.09.2015