ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋە بەرەكەتەھۇ ھايات كىتابىم تورى ئەزىز ئوقۇرمەنلىرى!

جۈمە ئاخشىمىڭلار مۇبارەك بولسۇن! ھەپتە ئاخىرىدا كۈنۈڭلارنى تېخىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزۈشۈڭلار ئۈچۈن « 2015 ئۇيغۇرلار كىتاپ ئوقۇش يىلى » دا ئوقۇيدىغان كىتاپ تىزىملىكىڭلىگە يەنە بىر يېڭى كىتاپ « ئىماملار ۋە سۇلتانلار » نىڭ ئۇيغۇرچىسى قېتىلدى!

كىتاپنىڭ ھەرخىل تور نۇسخىسىنى توركىتاپ سەھىپىمىزدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ: https://www.facebook.com/groups/torkitap/

خۇپتەندىن يېنىپ ئۆيگە كىرگىنىمدە كىتاپنىڭ پۈتكەنلىك خوش خەۋىرى كەلدى. ئېلخېتىمگە ئىككى خىل نۇسقىدىكى ئېلكىتاپنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم، ھادۇقۇم خېلى چىققاندەك بولدى! ئەلھەمدۇلىللاھقا شۈكرى!

بۇ كىتاپنىڭ تەرجىمىسىنى تۈگۈتۈپ بولۇپلام، قەيسەرى ئەرجىيەستىكى خەلقارالىق رىباتقا يۈرۈپ كەتكەن ئىدۇق. ئۇ يەردىكى رىباتمۇ ( ئېتىقاد ۋە رىشتىنى كۈچەيتىدىغان 3 كۈنلۈك دىنى ئۈگۈنىش ) ناھايىتى ئوڭۇشلۇق تۈگەپ، ئۇستازدىن « ھەي ئابدۇلئەزىز، بۇ رىبات سېنىڭلام رىباتىڭ بوپكەتتى مىنە! » دېگەن مەمنۇنىيەتلىك ئالقىشلىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە ئىستانبۇلغا ساق – سالامەت قايتىپ كېلىۋالغان ئىدىم.

ئارىدىن بىر قانچە ھەپتە ھايات كىتابىم تورىدىكى قېرىنداشلارنىڭ دۇنيا ھەلەكچىلىكى بىلەن ئالدىراش ئۆتكەن ئىدى…

شۇنداقتىمۇ قايسى كۈنى تېخى باتۇر قېرىندىشىم بىلەن « ئەمدى قايسى كىتاپنى باشلايلى؟ » دېگەن توغرۇلۇق ئارىمىزدا مۇنداق بىر مەنىلىك سۆھبەت بولۇپ ئۆتتى:

– ھاجىم، ماڭ قايلىسلا. « يەھۇدىلەشمە مايىللىقى » بىلەن « ئىمان » كىتابىنىڭ قايىسىسىنى باشلىساق بولا؟

– قاراخانلې ئۇستاز، ئوقۇرمەنلەر ئەمدى تېخى « ئىماملار ۋە سۇلتانلار » نىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇپ ھەزىم قىلىۋاتىدۇ. « يەھۇدىلەشمە مايىللىقى » مۇ سەل سالمىقى ئېغىرراق كىتاپ، ئەڭ ياخشىسى مۇشۇ ئۇستازنىڭ مۇخالىپەتچىلىرىمۇ / ئۆكتىچىلىرىمۇ ھەتتا قول قويغان « ئىمان – ئىنساننىڭ بەختى » دېگەن كىتاپتىن چۈشەيلى-دېدىم ۋە مۇنۇ سۆزنىمۇ قېتىپ قويدۇم. – 2014 ئەقەبە ۋەقپى ئېتىكاپىدا تونۇشقان بىر مۆھتۈرەم قېرىندىشىمىز بولىدىغان، ئۇ « مۇستافا ئىسلامئوغلى ئەڭ ئىلمىي ئۇسۇلدا، ئاكادېمىك تەتقىقاتلار بىلەن يازغان ئەڭ ئېسىل كىتىبى « ئىمان » دۇر، بۇ كىتاپنى چوقۇم ئوقۇ! بەك ئېسىل كىتاپ » دېگەن ئىدى، دېدىم.

شۇنداق قىلىپ « ئىماملار ۋە سۇلتانلار » نىڭ ئېلكىتابى پۈتكەنمىدۇ دەپ سۈرۈشتۈرگەچ تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ، يەنە « ئىمان » دېگەن كىتاپ توغرۇلۇق مۇنداق دېيىشتۇق.

– ھەي قېرىندىشىم باتۇر، بۇ « ئىمان » دەل « يۈرەك دۆلىتى » دە كام بولغان « ھاكىمىيەت » ئىكەن ئەمەسما!

شۇنداق، بىز « باشقىلار نېمە دەپ قالا؟ » دېگەن ئىچىمىزدىكى شېرىك، بۇتنى ئاللىبۇرۇن چېقىپ تاشلىغان بولغاچقا، يەنىلام ئۇستازنىڭ كىتاپلىرىنى تەرجىمە قىلىشقا داۋام قىلىۋېرىمىز. نېمىلا بولمىسۇن « ئىمان – ئىنساننىڭ بەختى » ئىكەنلىكىدىن خەبەردار بولسۇن! خوش مۇبارەك ئىزدەنگەنلەر…

شۇنداق قىلىپ بۇ يېڭى كىتاپ « ئىمان » نىڭ تەرجىمىسى 35- بەتتىن ئاشقاندا، مانا بۈگۈن « ئىماملار ۋە سۇلتانلار » نىڭ 2 خىل نۇسقىدىكى ئېلكىتابىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئوتتۇراپتىمىز. قەدىرلىك خالىسانە بەتچىك قېرىندىشىمىزغا ئاللاھتىن كاتتا ئەجىر تىلەش بىلەن بىرگە، تەرجىمىسىدە ئىزچىل ياردەملەشكەن قېرىندىشىم باتۇر قاراخانلېغا، ئائىلىسىگە ۋە بىزگە ھەر تۈرلۈك ماددى ۋە مەنىۋى ياردەمدە بولغان بارلىق دۇئاگۇي قېرىنداشلارغا ۋە ئائىلەمگە  چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

بايام تېخى بىزنىڭ داڭلىق بىر ئالىىمىز « ئۇكام، مەن سىزنىڭ دىن توغرىسىدا قاتتىق ئىزدەنگەنلىكىڭىزگە ئىشىنىمەن، باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشى مېنىڭ ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس، مەن سىزگە ئىشىنىمەن. ئۇلار سىزنى شىئە دەيدىغۇ؟ » دېگەن گېپىگە « قەدىرلىك ئاكا، بىرىلىرى بىرىنى سەتلەشتۈرۈشنى خالىسا، ئۇنى خەلىق ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان كىشىنىڭ سىياقىدا تەسۋىرلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشى مۇھىم ئەمەس، گەپ بولسا ئىلمىي قىلسا بولىدۇ. مەزھەپچىلىكنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈرگەن بىر بەلەن كىتاپ بار. بىز قانچە كېچىلىرىمىزنى قۇربان قىلىپ تەرجىمە قىلىپ چىقتۇق. سىز خاپا بولماي كىرىش سۆزىنى بولسىمۇ ئوقۇپ چىقىڭ دەپ، 25 بەتلىك كىرىش سۆزىنىڭ ( بىز تەرجىمە قىلغان ئەسەرلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئۇزۇن كىرىش سۆز ھېساپلىنىدۇ ) ئۇلانمىسىنى يوللاپ بەرگەن ئىدىم. https://yuzlen.net/?p=67

راست گەپنى قىلسام، « ئورتا شەرقتىكى ئەرەپلەرنىڭ مەزھەپ ئۇرۇشلىرىدا بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسىنىڭ ھەققى بارمىدۇ؟ » دەپ قاتتىق ۋارقىرىغۇم كېلىدۇ. بەزىلەر بىزنى بىر مەزگىل « ئامېرىكا دۈشمىنى » قىلىپ قۇيۇپ چىققان بولسا، يەنە ئۇ قېلىپنى ئۆزگەرتىپ « شىئە دۈشمىنى » قىلىپ مېڭىمىزنى يۇيۇپ چىقىشتى…

شۇ ۋەجىدىن خەلقىمىزنىڭ، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ قاتتىق سوغۇققان بولىشىنى، توختىماي دىنى – قۇرئانى توغرۇلۇق ئىزدىنىشىنى ۋە ئالەملەرگە رەھمەت پەيغەمبىرىمنىڭ ئالەملەرگە « زەخمەت » ئۈممىتى بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن توختىماي ئىزدىنىشىنى ئۆتۈنىمەن.

دوكتور بىلال فېلىپىس ( تۇنجى ئىسلام تور ئۈنىۋېرسىتىسىىنىڭ قۇرغۇچىسى ) مۇنۇ سۆزى يادىمدىن چىقمايدۇ.

  • بىزنىڭ ھەممىدىن بەك چارچاتقىنى « ماۋۇ مۇسۇلماننىڭ قىلغان قىلىقى، ئىسلامنىڭ ئەمەس » دېيىش بىلەن ئىسلام بىلەن مۇسۇلماننى ئايرىپ چۈشەندۈرۈش بولدى.

باشقا بىر مۇھىم گەپنى پىروف. در. جانەر تاسلامان دىن ئاڭلىغان ئىدىم.

  • بىز مۇسۇلمانلارنىڭ بوينىدىكى ئەڭ كاتتا ۋەزىپىسى، باشقىلارغا مۇسۇلمان بىلەن ئىسلامنىڭ پەرقىنى ئايرىپ چۈشەندۈرۈش. دېگەن ئىدى.

باشقا يەنە بىر سۆيۈملۈك ياش ئۇستاز پىروف.در. ئەمرە دورمان بولسا،

  • قۇرئاننى قولۇڭغا ئال، بارلىق بىلگەنلىرىڭنى ئۇنۇت ۋە ئىسلامنى ئۇنىڭدىن ئۈگىنىشكە باشلا، ئەڭ توغرا بىلىمنى ئاللاھ ساڭا ئۇ يەردە ئۈگىتىدۇ.

ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يازاي قېرىنداشلار، ئىشقىلىپ، ئەنئەنىۋى دىننى بىزگە ئۈگىتىپ كېلىۋاتقان سۆيۈملۈك ئۇستازلار دائىما ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىدىغان، قەتئىي ئېچىشنى خالىمايدىغان، ھەتتا ئۇ توغرۇلۇق مۇلاھېزە قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، سۇئال سوراشقىمۇ پېتىندۇرمايدىغان، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى 4 خەلىپە دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدا توخۇمى سېلىنغان ۋە ئۇمەۋى ھەم ئابباسىلار دەۋرىدە رەسمىي شەكىلدە مەزھەپلىشىشنىڭ ئۇلى سېلىنغان، 100 مىڭدىن ئوشۇق مۇسۇلماننىڭ قېنى ئاققان تارىختىكى داڭلىق ئىككى ۋەقە « سىففىن » ۋە « تەھكۇم » ھادىسىسىنى ۋە ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفىنىڭ بارلىق ھاياتىنى ( سىياسى ھاياتى نورمالدا ھېچ سۆزلەنمەيدىغان ) مول تارىخى ئەسەرلەردىن پايدىلىنىپ يېزىپ چىققان، ئۇستازنىڭ تۇنجى ئەسىرى ئاخىرى تەرجىىسى پۈتۈپ، ئېلكىتابى قولىمىزدا بار بولدى.

بارلىق ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ يېڭى ئوقۇش ۋە خىزمەت ھاياتىغا ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە، مەزھەپچىلىك زەھىرىدە نېمە قىلىشىنى بىلەلمەيۋاتقان ۋە سىياسىلارنىڭ ئىسلامنى سۈيئىستىمال قىلىشىنىڭ ھېكمىتىنى چۈشەنمىگەن قېرىنداشلارغا بىراز بولسىمۇ ئۈمىت چىرىغى بولۇپ بېرەرمىكىن دېگەن ئۈمىتتە بۇ كىتاپنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

كۆڭۈل قويۇپ، سوغۇققانلىق بىلەن ئوقۇپ، تەنقىدىي ۋەيا ئىجابىي تەلەپ – پىكىرلىرىڭلارنى بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن

ھايات كىتابىم تورى

ئابدۇلئەزىز بەشتوغرراق

2015 – يىلى 11- سېنتەبىر كېچە

ئىستانبۇل

كىتاپنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى:

imamlar_ve_sultanla1pdf-QRCode-kapak

1-خىل نۇسقا « ئىماملار ۋە سۇلتانلار » ئېلكىتابى

سىغىمى: 7.34 مېگابايت بەت سانى: 195 بەت

imamlar_ve_sultanla1pdf-QRCode

 

چۈشۈرۈش ئادرىسى: imamlar_ve_sultanla1

 

 

imamlar_ve_sultanla2pdf-QRCode-kapak

2-خىل نۇسقا « ئىماملار ۋە سۇلتانلار » ئېلكىتابى

سىغىمى: 6.63 مېگابايت بەت سانى: 193 بەت

 

imamlar_ve_sultanla2pdf-QRCode

چۈشۈرۈش ئادرىسى: imamlar_ve_sultanla2

WORD ھۆججىتىنى چۈشۈرۈش: imamlar-ve-sultanlar-WORD

كىتاپقا ئائىت رەسىملەر: