ئىسيان ھەققى

 

« ئاجايىپ ئىش! مۇسۇلمانلار قېنىنىڭ ئىتنىڭ قېنىدەك تۆكۈلىشىگە سۈكۈت قىلغانلار، بۈرگە قېنىنىڭ ھۆكمىنى سورىشىدۇ ».

ھەسەن ئەلبەسرى

 

ئىمام ئەزەم، مۇسۇلمانلارنىڭ پاسىق ۋە زالىم ھاكىمىيەتكە قارشى ئېلىپ بارغان قوراللىق كۆرىشىنى، ئەمرى بىلمەئرۇف نەھىي ئەنىلمۇنكەر پەرزىنىڭ بىر پارچىسى دەپ قارىغان.

ئەبۇ ھەنىفە بۇ قاراشتىكىلەرنىڭ تۇنجىسى ئەمەس بولۇپ، ئەمەۋىلەر خەلىپىلىكنى چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋالغاندىن تارتىپ، قوراللىق ئىسياننى قوللىغان ساھابە ۋە ئۆلىمالار ئىزچىل چىقىپ تۇرغانىدى.

ساھابىلەردىن ھىجىر بىن ئادىي ۋە دوستلىرىمۇ بۇ قاراشتا بولۇپ، ھاكىمىيەت تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان ئىدى. ھەزرىتى ئائىشە ۋە ئابدۇللاھ بىن مەسئۇدقا ئوخشاش مەشھۇر كىشىلەرمۇ بۇ ھەرىكەتلەرنى قوللىغان. ھەزرىتى ھۈسەيىن زالىم ۋە پاسىق ھاكىمىيەتكە قارشى قىيام / قوزغىلاڭ ( خۇرۇج ئەلەسسۇلتان )نىڭ پەرزلىكىگە ئىشەنگەن ۋە بۇ يولدا شېھىت بولغان ئىدى. ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرنىڭ نەۋىسى ئابدۇللاھ بىن زۇبەيىرمۇ ئۇلار بىلەن ئوخشاش چۈشەنچىدە بولۇپ، بۇ يولدا كۆرەش قىلغان ۋە شېھىت قىلىنغان ئىدى.

ئىبن ئەشئاس قوزغىلاڭ كۆتەرگەندە تابىئىننىڭ ئەڭ داڭلىق ئالىملىرى، ئۇنىڭ بۇ ئىسيانىنىڭ شەرئىي ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، خەلقنى ھاكىمىيەتكە قارشى ئۇنى قوللاشقا چاقىرغان بولۇپ، ئىبنى ئەبى لەيلا، ئەششابى، ئەبۇل بەھتەرى ۋە سەئىد بىن جۇبەير بۇلاردىن بىر قانچىسى ئىدى. ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ داڭلىق فاقىھلىرىدىن بولغان بۇ زاتلار ئىبن ئەشئاس قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ بىۋاستە ياردەم قىلغان.

ھەسەن بەسرىمۇ قوزغىلاڭلارنى شەرىئى دەپ قاراش بىلەن بىرلىكتە، غەلبىلىك بولىشىنى شەرت قىلغان بولۇپ، غەلبە قىلالمىغان تەقدىردە كۆپ قان تۆكىلىدۇ دېگەن قاراش سەۋەبىدىن قوزغىلاڭلارغا بىۋاستە قاتناشمىغان. ئەمما ھاكىمىيەتنىڭ بەرگەن مائاشىنى رەت قىلىپ، قىلغان زۇلۇملىرىنى ئۇلارنىڭ يۈزىگە بىرمۇ بىر سالغان. بۇنىڭ غەيۋەت بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانلارغا: « زالىمنىڭ زۇلمىنى تىلغا ئېلىش غەيۋەت ئەمەس » دەپ جاۋاپ بەرگەن. بۇ دەۋردە، ھەر تەرەپتە مۇسۇلمانلارنىڭ قېنى دەريادەك ئېقىۋاتسا، ئالىملاردىن بەزىلىرىنىڭ « ئىلىم » نامى ئاستىدا كىچىك مەسىلىلەر بىلەن خەلقنى ئالدىماقچى بولىۋاتقانلىقىغا نارازى بولغان ھەسەن بەسرى، ھەيرانلىقىنى مۇنداق ئىپادىلىگەن:

« ئاجايىپ ئىش! مۇسۇلمانلار قېنىنىڭ ئىتنىڭ قېنىدەك تۆكۈلىشىگە سۈكۈت قىلغانلار، بۈرگە قېنىنىڭ ھۆكمىنى سورىشىدۇ »[1].

ئىمام زەيد بىلەن ئىمام مۇھەممەد ۋە ئىبراھىمنىڭ قوزغىلاڭلىرىغا قارىتا ئىمام ئەزەمنىڭ تۇتقان پوزىتسىيىسى ناھايىتى ئېنىق ئىدى. مەزكۇر قوزغىلاڭنى بەدر زەپىرىگە ئوخشىتىشى ۋە ئىمام زەيدكە قولىدىن كېلىدىغان ھەر تۈرلۈك ياردەمنى قىلىشى، ئۇنى ئۆز دەۋرىنىڭ باشقا فاھىھلىرىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئۆزگىچىلىكىدۇر. بۇ ۋەقەلەردە بەرگەن پەتىۋا ۋە تۇتقان پوزىتسىيىلىرىدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى، ئىمام ئەزەم، ئىمام زەيد بىلەن ئىمام مۇھەممەد ۋە ئىبراھىمغا بەيئەت قىلغان.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، ئىبراھىم بىن ھەسەننىڭ قوزغىلىڭىدا « بوينىمىزغا دار ئاغامچىسى سېلىنغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا ۋەدىسىدىن يېنىۋالغانلاردىن بولمايمىز » دېگەن ئىدى. بەسىرەلىك شاگىرىتى ئەبۇ ئىسھاققا: « ئىبراھىمنىڭ سېپىدە جىھاد قىلغان قېرىندىشىڭ ئالغان ساۋاب، سېنىڭ كاپىرلار بىلەن قىلغان ئۇرۇشتا ئالغان ساۋابىڭدىن ئۈستۈندۇر » دەيتتى.

ئىمام ئەزەمنىڭ زالىم ۋە پاسىق ھاكىمىيەتكە قارشى تۇتقان بۇ مۇئامىلىسى ھەققىدە زامانداشلىرىدىن فاقىھ ئەۋزائىي مۇنداق دەيدۇ:

« ئەبۇ ھەنىفىنىڭ بارلىق ئىجتىھادلىرىغا چىدىدۇق. ئەمما بۇ قېتىم زالىم ۋە پاسىق ھۆكۈمدارلارغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭنى قوبۇل قىلىپ، ئۈستىمىزگە قىلىچ بىلەن كەلدى. ئەمرى بىلمەئرۇف نەھىي ئەنىلمۇنكەرنىڭ ۋاجىپلىقىغا ئىشىنەتتى. ئۆزىدىن بۇ ھەقتە پەتىۋا سورىغانلارغا رەسۇلۇللاھنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسىنى نەقىل قىلاتتى:

شېھىتلەرنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىكى، ھەمزە بىن ئابدۇلمۇتتەلىب ۋە زالىم ھۆكۈمدارغا ياخشى ئىش قىلىشنى بۇيرۇپ، ئۇنى يامانلىقتىن توسىغانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن كىشىدۇر »[2].

ئىمام ئەزەم بۇ ئىجتىھادىنىڭ ئاستىغا قېنى بىلەن قول قويغان بولۇپ، ئاللاھ مۇ ئۇنىڭ نامىنى يۇقىرى كۆتۈردى ۋە ئەبەدىيلەشتۈردى.

ئىمام ئەزەمنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىجتىھادلىرى ۋە مەيدانىنى ناھايىتى ئېنىق بىر شەكىلدە ئىخچاملىغان ھەنەفى مەزھىپىنىڭ مەشھۇر ئىمامى ئەبۇ بەكىر ئەلجاسساس، ھۆكۈمدارلارنىڭ زۇلمىغا ۋە پىسقى – فۇجۇرلىرىغا قارشى ھۇشيارلىقىنى يوقاتقان بەزى ئالىملارنى تەنقىت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

« … ئۆتمۈشتە ۋە كۈنىمىزدە، نادان ۋە ھاماقەت بەزى ھەدىسچىلەردىن باشقا، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئالىملىرىدىن ھېچقايسىسى مۇنداق بىر ئەھۋالدا قوراللىق قوزغىلاڭغا قارشى چىقمىغان ئىدى. بۇ نادان ۋە ھاماقەتلەر، باغى بولغان جامائەتنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىنى، ئەمرى بىلمەئرۇف نەھىي ئەنىلمۇنكەرنىڭ قوراللىق ئېلىپ بېرىلىشىنى ياقتۇرماي ئۇنىڭغا قارشى چىقتى. ئاللاھ نىڭ شۇ ئايىتىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ قوراللىق ئېلىپ بېرىلىغان ئەمرى بىلمەئرۇف نەھىي ئەنىلمۇنكەرنى پىتنە دەپ قاراپ، ئازغۇن مۇشتۇمزورلارنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىنى ئەيىپلەپ كەلدى:

« زوراۋانلار / تاجاۋۇز قىلغۇچىلار تاكى ئاللاھ نىڭ ھۆكمىگە بويۇن ئەگكەنگە قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار » ( ھۇجۇرات، 9 ) ئايىتىنىڭ لەبزى، ئۇرۇشنىڭ قىلىچ ياكى باشقا ۋاستىلار بىلەن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

بەزىلەر، سۇلتاننىڭ زۇلمىغا، پىسقىغا، ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جانلارغا زامىن بولىشىغا قارشى تۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئەمما سۇلتاندىن باشقا ھۆكۈمدارلارغا قارىتا تىل بىلەن ياكى باشقا بىر شەكىلدە قارشى تۇرسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۈممەتكە دۈشمەنلەردىنمۇ بەكرەك يامانلىق قىلىشتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا ئوخشايدىغان پەتىۋالىرى، ئىنسانلارنى مۇشتۇمزورلارنى ئۆلتۈرۈشتىن، زالىم ۋە گۇناھكار ھۆكۈمدارلارغا قارشى چىقىشتىن توسقانىدى. ئىنسانلار قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ زالىم ھۆكۈمدارلارغا قارشى مەئرۇفنى بۇيرۇپ، مەيلى قوراللىق ۋەياكى باشقا شەكىلدە بولسۇن ئۇلارنى مۇنكەردىن نەھىي قىلالمىغان ( يامانلىقتىن توسىيالمىغان ) كۈندىن باشلاپ، ئىسلام تۇپراقلىرىنى قارا زۇلمەت بۇلۇتى قاپلىدى. دىنمۇ، دۇنيامۇ قولدىن كەتتى ۋە نۇرغۇنلىغان زىندىق ئېقىمى پەيدا بولدى ».

 

**************

 

[1]  مۇھەممەد ئاممارا، مۇسلىمۇنە ساۋۋار، 154، 155- بەت

[2]  جاسساس، ئەھكامۇل قۇرئان، I/ 87