ئەمرى بىلمەئرۇف ۋە نەھىي ئەنىلمۇنكەر

 

بىزگە نەسىھەت قىلمىساڭلار، بىز سىلەرگە قۇلاق سالمىساق، بىز ( ھەممىمىز )دە ياخشىلىق يوق.

ھەزرىتى ئۆمەر

 

ئىنسان، ھەر دائىم نەسىھەتكە مۇھتاج شەكىلدە يارىتىلغان. مىللەتمۇ بۇ ھەقىقەتتىن مۇستەسنا ئەمەس. بۇ سەۋەپتىن ئاللاھ، پات – پات ئەلچىلەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق توغرا يۆنىلىشتىن قېيىپ كەتكەن ئىنساننى قايتىدىن توغرا يولغا يېتەكلىگەن ۋە كىتاپلار نازىل قىلغان. ئەلچىلەرنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن نوقتىلىنىشى، ئىنسانلارنى توغرا يولغا يېتەكلەش ھەركىتىنىڭمۇ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئىسلام ئۆزگىچە بولغان قۇرۇلمىسىنىڭ تەقەززاسى سەۋەپلىك، نەسىھەت ۋەزىپىسىنى بىر مەسئۇلىيەت سۈپتىدە بارلىق مەنسۇپلىرىنىڭ زىممىسىگە يۈكلىگەن ۋە بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ئىسمىنى « ئەمرى بىلمەئرۇف نەھىي ئەنىلمۇنكەر » دەپ ئاتىغان.

قۇرئاندا قايتا – قايتا تىلغا ئېلىنغان بۇ پەرزگە مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە ئايەتنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:

« مۇئمىن ئەرلەر، مۇئمىن ئاياللار بىر – بىرى بىلەن دوستتۇر. ئۇلار كىشىلەرنى ياخشى ئىش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ … » ( تەۋبە، 71 ).

« … ياخشى ئىشلارغا دەۋەت قىلىپ، يامان ئىشلاردىن توسقۇچى، ئاللاھ نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلغۇچى مۇئمىنلەرگە جەننەت بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن » ( تەۋبە، 112 ).

« مۇناپىق ئەرلەر ۋە مۇناپىق ئاياللار بىر – بىرىگە ئوخشايدۇ. ئۇلار يامانلىققا بۇيرۇپ، ياخشىلىقتىن توسىدۇ ۋە قوللىرىنى چىڭ يۇمۇۋالىدۇ … » ( تەۋبە، 67 ).

« سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيىرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلارنى مەنئى قىلىدىغان بىر جامائەت بولسۇن؛ ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر » ( ئالىئىمران، 104 ).

« ئۇلار ئاللاھ قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدۇ؛ ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ … » ( ئالىئىمران، 114 ).

« سىلەر، ئىنسانلار مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىدىغان، ئاللاھ قا ئىمان ئېيتىدىغان / ئىشىنىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەت … » ( ئالىئىمران، 110 ).

« ئۇلار ئۆزلىرى قىلغان يامان ئىشلاردىن بىر – بىرىنى توسمايتتى؛ ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى نېمە دېگەن يامان! » ( مائىدە، 79 )

« ئەپۇنى دوست تۇتقىن، ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن » ( ئەئراف، 199 ).

« ئۇلار قولىدىكى تەۋرات ۋە ئىنجىلدا تىلغا ئېلىنغان ئۇ ئەلچىگە، ئۇ ئۇممى رەسۇلغا ئەگىشىدۇ. ئۇ ئۇلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىش قىلىشتىن توسىدۇ … » ( ئەئراف، 157 ).

« ئۇلار شۇنداق كىشىلەردۇركى، ئەگەر ئۇلارنى يەر يۈزىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلساق، نامازنى ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ… » ( ھەج، 41 ).

« ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى ( ۋاقتىدا تەئدىل ئەركان بىلەن ) ئوقۇغىن، ياخشىلىققا بۇيرىغىن، يامانلىقتىن توسقىن، ساڭا يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغىن. چۈنكى، بۇ ھەقىقەتەن قىلىشقا ئىرادە تىكلەشكە تېگىشلىك ئىشلاردۇر » ( لوقمان، 17 ).

دۆلىتى بار بىر ئەلدە دۆلەتنىڭ ۋەزىپىسى، خەلقنىڭ جان، مال، ئەقىل، نەسىل ۋە دىن بىخەتەرلىكىنى قوغداشتۇر. بۇ بىخەتەرلىكلەرنى قوغداشنىڭ بىردىنبىر كاپالىتى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « ئەمرى بىلمەئرۇف نەھىي ئەنىلمۇنكەر »دۇر. ئەلۋەتتە باشقۇرغۇچىلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.

راشىد خەلىپىلەر دەۋرىگە نەزەر تاشلىغان ۋاقتىمىزدا، خەلقنىڭ باشقۇرغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرىشىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆرنىكى كۆزىمىزگە چىلىقىدۇ. ئاددى بىر پۇقرا دۆلەتنىڭ ئەڭ يۈكسەك ماقاملىرىدىكى باشقۇرغۇچىغا « سەن نېمىشقا بۇنى بۇنداق قىلدىڭ؟ » دەپ سورىيالايتتى. تەبىئىيكى، بۇنداق پۇقرالارنىڭ مۇنداق دېيەلەيدىغان يېتەكچىلىرى بار ئىدى:

« بىزگە نەسىھەت قىلمىساڭلار سىلەردە ياخشىلىق يوق؛ بىز سىلەرگە قۇلاق سالمىساق، بىزدە ياخشىلىق يوق ».

بۇ، دۇنيا سىياسەت تارىخىدا نادىر كۆرۈلىدىغان بىر پىكىر ئەركىنلىكى ئۆرنىكى ئىدى. مەنبەسىنى ئىسلامنىڭ ئىنسانغا بەرگەن قىممىتىدىن ئالغان بۇ ئەركىنلىك، سەلتەنەتنىڭ كېلىشى بىلەن چەكلىمىگە ئۇچرىدى. بۇ چەكلىمە شۇنداق بىر نوقتىغا كەلدىكى، ئەمەۋى پادىشاھى ئابدۇلمەلىك مۇنبەرگە چىقىپ، « ماڭا، ئاللاھ تىن قورق دېگەننىڭ كاللىسىنى ئالىمەن » دېگەن ۋە كىشىلەرنىڭ كاللىسىنى ئالغان ئىدى.

سەلتەنەت ھاكىمىيىتىنىڭمۇ ياردىمى بىلەن ئەمرى بىلمەئرۇف نەھىي ئەنىلمۇنكەر پەرزى تەرك ئېتىلمەكچى بولغان بولۇپ، زاكاس قىلىنغان پەتىۋالار بېرىلگەن ئىدى. مۇرجىئە چۈشەنچىسى، بۇ پەرزنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئەمرى بىلمەئرۇف نەھىي ئەنىلمۇنكەرنىڭ ھاكىمىيەتكە قارشى بىر پىتنە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە بۇ ئارقىلىق زالىم، پاسىق ھۆكۈمدارلارنىڭ زۇلمى ۋە پىسقى – فۇجۇرلىرىغا ( گۇناھلىرىغا ) شېرىك بولۇشقانىدى.

ئىمام ئەزەمنىڭچە بولغاندا، ئەمرى بىلمەئرۇف نەھىي ئەنىلمۇنكەر پەرز ئىدى. ئەبۇ بەكىر جاسساس، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بىلەن خۇراساننىڭ داڭلىق فىقھى ئالىمى ئىبراھىم ئەسسائىگ ئوتتۇرىسدا بولۇپ ئۆتكەن تۆۋەندىكى ۋەقەلىكنى نەقىل قىلىدۇ:

« ئىبراھىم ئەسسائىگ بىلەن مۇنداق تېمىدا پىكىر بىرلىكىگە كەلدۇق: ئەمرى بىلمەئرۇف نەھىي ئەنىلمۇنكەر پەرزدۇر. مېنىڭ بۇ سۆزۈمگە ئىبراھىم قول كۆتۈرۈپ بۇ ھەقتە ئۆزىگە بەيئەت قىلىشىمنى تەلەپ قىلدى ».

ئۇ ۋەقەلىكنى نەقىل قىلغان ئابدۇللاھ بىن مۇبارەك مۇنداق دەيدۇ:

« زۇلۇمغا قارشى تىلى بىلەن جىھاد قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئەبۇ مۇسلىم خۇراسانىنىڭ ئىبراھىم ئەسسائىگنى ئۆلتۈرگەنلىكى خەۋرى ئەبۇ ھەنىفىگە يېتىپ كەلگەندە، ئۇ شۇنداق قاتتىق يىغلاپ كەتتىكى، ھەممىمىز ئۇنى دىل غەشلىكى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىغان بولدى دەپ ئويلىغان ئىدۇق. ئىمام مۇنداق دېگەن ئىدى:

« ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇنىڭ بېشىغا مۇشۇنداق بىر كۈن كېلىپ قېلىشىدىن ھەمىشە ئەنسىرەيتتىم. ئۇ، بەكمۇ ئەقىللىق بىر زات ئىدى. ئۇ، ئاللاھ نىڭ ھەققىدىن بىر ھەقنى ئېلىش ئۈچۈن مېنى بىر ئىشقا ( ئىسيانغا ) دەۋەت قىلدى. ئۇنىڭغا شۇلارنى دېدىم: ئەگەر بىر كىشى ئۆزى يالغۇز مۇشۇنداق ئېغىر بىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالسا، ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەستىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇنىڭ پايدىسى يوق. ئەمما ئۆزىنى ئاللاھ قا ئاتىغان سالىھ كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە، مۇۋەپپىقىيەت ئۈچۈن زۆرۈر بولغان شەرتلەرنى ھازىرلاپ، ئاندىن قوزغالسا شۇندىلا بۇ توغرىسىدا بىرەر توسقۇنلۇق يوق ».

ئىبراھىم يەنە كېلىپ چىڭ تۇرۇۋالغان ئىدى. ھەر قېتىم كەلگەندە مۇنداق دېگەن ئىدىم: ھاكىمىيەتكە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش باشقا نۇرغۇنلىغان پەرزلەرگە ئوخشاش يالغۇز ھالدا ئادا قىلغىلى بولىدىغان پەرزلەرگە ئوخشىمايدۇ. ئاللاھ ئەۋەتكەن ئەلچىلەرمۇ ھەتتا ئۆزلىرىگە ئەرشنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلغانغا قەدەر كۈتكەن ئىدى. بۇ پەرز ( ئىسيان ) باشقا پەرزلەرگە ئوخشىمايدۇ. باشقا پەرزلەرنى يالغۇز ھالدا ئادا قىلغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدا بولسا يالغۇز چىققان ۋاقتىڭدا ئىنسان ھاياتى بىلەن ئويناشقان بولىدۇ. ئۆز نەپسىنىڭ ھالاك بولىشىغا ياردەم قىلغان بولىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداقلا بولسا ئۇندىن كېيىن قىيامغا ئاتلىنىدىغانلار ( قوزغىلاڭ كۆتۈرىدىغان )غا سەلبى بىر ئۆرنەك بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىم بۇ ئىشقا پېتىنالماس بولۇپ قالىدۇ »[1].

ئىمام ئەزەمنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈش نوقتىسىدىن تولىمۇ مۇھىم بولغان بۇ ۋەقەدىن كېيىن، ئىمام جاسساسنىڭ « بابۇ فەرزىل ئەمرى بىلمەئرۇف ۋەننەھىي ئەنىلمۇنكەر » تېمىسى ئاستىدا يازغانلىرىغا قاراپ باقايلى:

« قۇرئان ۋە سۈننەتتىن چىقىرىلغان ھۆكۈم شۇكى، ئەمرى بىلمەئرۇف نەھىي ئەنىلمۇنكەر بىر پەرزدۇر. بۇ پەرز، سالىھ ئۈچۈنمۇ، گۇناھكار ئۈچۈنمۇ ئوخشاشتۇر. ئەمرى بىلمەئرۇف نەھىي ئەنىلمۇنكەر پەرزى مۇستەقىل بىر پەرزدۇر. ئىنسان بەزى پەرزلەرنى تەرك قىلىشى بىلەن باشقا پەرزلەر ئۇنىڭدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتمەيدۇ. مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، ئىنسان نۇرغۇنلىغان قۇسۇرلىرى تۈپەيلى ئەمرى بىلمەئرۇف نەھىي ئەنىلمۇنكەر پەرزىنى تەرك قىلالمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، كىمكى ئاللاھ نىڭ بارلىق بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنداپ چەكلىگەنلىرىدىن ئۇزاق تۇرغان ھالەتتىمۇ، باشقىلارنى مۇنكەردىن نەھىي قىلمىسا ( يامان ئىشتىن توسمىسا ) بۇ پەرزنى تەرك قىلغان بولىدۇ. ئەبۇ ھۈرەيرە مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ:

ساھابىلەردىن بىر گۇرۇپ كىشى رەسۇلۇللاھتىن مۇنداق دەپ سورىدى:

– بىز ياخشىلىققا بۇيرۇپ، بۇيرىغانلىرىمىزنى تولۇق ئادا قىلالمىساق ۋە باشقىلارنى يامانلىقتىن توسۇپ ئۇنىڭ بەزىلىرىدىن ئۆزىمزىنى توسىيالمىساق، شۇنداقتىمۇ يەنىلا ئەمرى بىلمەئرۇف نەھىي ئەنىلمۇنكەر قىلايلىمۇ؟ رەسۇلۇللاھ:

– سىلەر ياخشىلىقنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلىپ بولالمىغان ۋە يامانلىقنىڭ ھەممىسىدىن قاچالمىغان تەقدىردىمۇ، ئەمرى بىلمەئرۇف نەھىي ئەنىلمۇنكەرنى تاشلىماڭلار، دەپ جاۋاپ بەردى.

رەسۇلۇللاھ بەزى ۋاجىپلارنى ئادا قىلالمىغان تەقدىردىمۇ، ئەمرى بىلمەئرۇف نەھىي ئەنىلمۇنكەرنى باشقا پەرزلەر بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويدى، ئۇنىمۇ پەرزلەردىن بىرى قاتارىدا زىكىر قىلىپ ئۆتتى ».

[1]  جاسساس، ئەھكامۇل قۇرئان، II / 319 – 320