image

مۇستەقىل فىقىھ كېڭىشى

ئەسرى سائادەتتە مۇسۇلمانلار دۇچ كەلگەن مەسلىلىرىنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باراتتى، رەسۇلۇللاھ بىلىدىغانلىرىغا جاۋاپ بېرەتتى، بىلمەيدىغانلىرى ئۇنىڭغا ۋەھىي ئارقىلىق ئۈگىتىلىدىغان بولۇپ، ھەممە ئىش جانلىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلاتتى. ھېچقانداق بىر نەرسىنى يىغىشقا ياكى يۇشۇرۇپ قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. يەنى بىلىم بىر « مىراس » ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر پەيغەمبەر بار ئىدى. بىرەر مەسىلىدە شۈبھىلىنىپ قالغاندا، ۋەھىينىڭ نۇرى، ئۇلارنىڭ ئالدىدا يول كۆرسەتكۈچى چىراق بولاتتى. ۋەھىينىڭ چۈشۈپ تۇرۇشى، سائادەت نەسلىگە بىلىم توپلاش ( يادلاش )، تۈرلەرگە ئايرىش ۋە يېزىپ قالدۇرۇش ئىھتىياجىنى تۇغدۇرمىغانىدى.
راشىد خەلىپىلەر دەۋرىدىمۇ مۇشۇنداق بولدى. تېخى ئىسسىقىدا تۇرغان ۋەھىي، ۋەھىي بىلەن تەربىيىلەنگەن جانلىق نەسىل ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان تەجرىبىلىك غوللۇق ساھابىلەر سايىسىدە مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىلىرى ھەل قىلىنغان ئىدى.
ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردە نۇرغۇن مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ چىقىش سەۋەبى سىياسى ئىدى. ھاكىمىيەت « نەبەۋى » ئاساسلاردىن ئايرىپ تاشلىنىپ، « سۇلتانى » تۈس ئېلىشى بىلەن تەڭ ئىككى ئۇچلىق بىر مەسىلە ئوتتۇرىغا چىقتى: دىنى يېتەكچىلىك ۋە دۇنياۋى يېتەكچىلىك. نۇبۇۋەت ۋە خەلىپىلىك دەۋرلىرىدە بۇ ئىككى يېتەكچىلىك بىر گەۋدە ئىدى. ھاكىمىيەتنىڭ، لايىق بولغاننىڭ ئەمەس كۈچلۈك بولغاننىڭ قولىغا ئۆتىشى بىلەن تەڭ، « ھەق » بىلەن « كۈچ » بىر – بىرىدىن ئايرىپ تاشلاندى.
دىنىي يېتەكچىلىككە ۋەكىللىك قىلغان ئالىملار ( ئۆلىما – فاقىھلار ) « ھەق »نى؛ دۇنياۋىي يېتەكچىلىككە ۋەكىللىك قىلغان سەلتەنەت بولسا كۈچنى قولىدا تۇتقان بولۇپ، ئەبەدىي كۆرەش قايتا باشلانغان ئىدى. « كۈچ – قۇدرەت »نى قولىدا تۇتۇپ تۇرغانلار « ھەق »لىق بولغانلارغا ھەققىنى بەرمەسلىك ئۈچۈن بۇ كۈچنى قوللىناتتى. ھەققى بولغانلار تەبئىي ھالدا بۇ كۈچنىڭ ئالدىدا باش ئەگمىدى. ئاخىرىدا ئۇرۇش چىقتى، يەنى ھەق ئىگىلىرى بىلەن كۈچلۈكلەرنىڭ ئۇرۇشى… ھەقنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەر بىر ئېنتىلىش، كۈچنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغان ھۆكۈمدارلار تەرىپىدىن رەھىمسىزلىك بىلەن قانلىق شەكىلدە باستۇرۇلدى. نەتىجىدە بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا قان كىردى ۋە داۋا شۇنىڭ بىلەن خۇن داۋاسىغا ئايلىنىپ كەتتى.
بۇ كۆرەشتە كۈچلۈكلەر، ھەقىقەتنى قولغا كىرگۈزەلمىگەنلىگى ئۈچۈن غەيرى يوللارغا مۇراجىئەت قىلغان بولۇپ، سېتىۋېلىش، مەنسەپ بېرىش بۇ يوللاردىن بىر قانچىسى ئىدى. ئۇلارنىڭ « ھەقنى كۈچ بىلەن بىرلەشتۈرەيلى » دەيدىغان غەم – قايغۇسى يوق ئىدى. شۇڭا ئىلكىدىكى كۈچنى شەرئىلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ھەقىقەتنىڭ ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولغان ئىلىمنى قولغا كىرگۈزمەكچى بولدى. بۇ مەقسەتتە مەخسۇس مۇئەسسەسەلەر قۇردى، مەبلەغ ئاجراتتى. « كۈچ »نىڭ قاناتلىرى ئاستىغا كىرگەن، لېكىن ھېچبىر زامان كۈچ بىلەن تەڭ ھالغا كېلىشىگە يول قويمىغان « ھەق »نىڭ ۋەكىلى دەپ قارىغان ئالىملارنى، زۆرۈر تېپىلغاندا ئىشلىتىش ئۈچۈن يېنىدا تۇتتى.
ھەقىقەتكە كەلسەك… ئۇ ئۆزىدىن مەجبۇرىي ئايرىلغان كۈچ بىلەن بىرلىشىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. چۈنكى كۈچى بولمىغان ھەقنىڭ ھەق بولالمايدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ قان بەردى، جان بەردى. بۇ كۆرەش ئالدى بىلەن سىياسى ساھەدە ئېلىپ بېرىلدى. ئۇ ساھە پۈتۈنلەي كۈچلۈكلەرنىڭ قولىدا ئىدى. ئۇ ساھەدە ئېلىپ بېرىلغان كۆرەشلەر بەك قانلىق بولۇپ، مەغلۇبىيەت بىلەن نەتىجىلىنەتتى. بۇنى كۆرگەن بەزى ھەق ئىگىلىرى چۈشكۈنلىشىپ پاسسىپ قارشىلىق كۆرسىتىش، يەنى ئىچىدە نارازى بولۇش يولىنى تۇتاتتى. بەزىلىرى بۇ ئىشتىن پۈتۈنلەي قول ئۈزۈپ ئىشنى « تەقدىر پىشانە » گە ئارتتى. يەنە بەزىلەر مەيلى نېمە بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئاقىۋىتى قانلىق شەكىلدە ئاخىرلىشىدىغان كۆرەشنى داۋام قىلدۇرغان بولسا، يەنە كىملەردۇر ھەقنىڭ ئەڭ چوڭ تايانچى بولغان « ئىلىم » نى « كۈچ »كە قارشى قوللىنىشقا تىرىشتى.
ئەڭ ئاخىرقى ئۇسلۇپ خېلى نەتىجە بەردى. كۈچ ئىگىلىرى ئۇلارغا مۇھتاج بولاتتى، ئۇلارمۇ بۇنىڭدىن مەخسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا پايدىلىناتتى. ئالىملارنىڭ بەزىلىرى « كۈچ » ئالدىدا ئۆزىگە خەلقنى يار – يۆلەك سۈپىتىدە كۆرگەن بولۇپ، خەلق قەلئەسىنىڭ بۇرچلىرىدىن ئۆزىگە ماكان تۇتۇپ، ئۆزىگە « كۈچ – قۇۋۋەت » ئالاتتى. خەلق « كۈچ »كە يۆلەنگەن ئۆلىمادىن قاچاتتى. گەرچە خەلقنىڭ بۇ تەبىئىتى ئۇلارنى جاسارەتلەندۈرگەن بولسىمۇ، بۇ جاسارەتتىن پايدىلىنىپ تەشكىللىك شەكىلدە ھەرىكەت قىلىدىغانلار چىقمىغانىدى.
بۇ ئارىلىقتا، كېڭەيگەن دۆلەت تېرىتورىيىسى، يېڭى دىنغا كىرگەن ئوخشىمىغان تىلدىكى قەۋملەر ۋە يېڭى – يېڭى مەسىلىلەر بىر توپ سوئاللارنى پەيدا قىلغانىدى. بۇ ئادەتتە شەخىسلەر ھەل قىلىپ كېتەلمەيدىغان چوڭ مەسلىلەر ئىدى. ئوتتۇرىدا شۇنچە كۆپ مەسىلە ۋە ئۇنىڭغا ماس ھالدا شۇنچە كۆپ كۆز قاراشلار بار بولۇپ، توغرىسىنى ئىسپاتلاش بىلەنلا ئىش تۈگىمەيتتى، خاتانى تېپىپ ئۇنى بىكار قىلىش كېرەك ئىدى. بۇ يالغۇز بىر كىشى ئەمەلگە ئاشۇرالىشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىش بولۇپ، بۇ ئىشنى رەتكە سالىدىغان مەركەز ۋە كۈچ يەنىلا ھاكىمىيەت ئىدى. ئەمما ئۇنى خەلق ئېتىبارغا ئالمايتتى. خەلقنىڭ قارشىلىقىنى كۆرمەسكە سالساقمۇ، بۇ قېتىم، بۇ ئىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالالايدىغان قابىلىيەتكە ئىگە بولغانلارنىڭ رازى قىلىنىشى كېرەك بولۇپ، ئۇ تېخىمۇ مۇشەققەتلىك ئىدى. سۇلتاننىڭ بوسۇغىسىغا يېقىن كەلمىگەن فاقىھلاردىن قېچىپ قۇتۇلالىغانلار قاچاتتى، قۇتۇلالمىغانلار يا خەلقنىڭ نەزرىدىكى ئىتىبارىنى يوقۇتۇش بەدىلىگە نارازى بولغان ھالدا ۋەزىپىنى قوبۇل قىلاتتى ياكى ئىمام ئەزەمگە ئوخشاش ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماستىن، ھاكىمىيەتنىڭ بېسىمى ئالدىدا تىك تۇراتتى.
شۇنداقتىمۇ ئۈممەتنىڭ كۆپەيگەن سوئال ۋە مەسىلىلىرى ھەل قىلىنىشنى ساقلاۋاتاتتى. مانا بۇ، دۆلەت ئۆكتىچىلەر سەۋەبىدىن، ئالىملارمۇ يېتەرلىك خادىمنىڭ بولماسلىقى ۋە شارائىتىنىڭ يار بەرمەسلىكى سەۋەبىدىن ھەل قىلالمىغان ئىش ئىدى. بۇ مەسلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۇنجى بولۇپ ئىمام ئەزەم يەڭنى تۈرگەن ئىدى.
ئىمام ئالدى بىلەن زىرەك كىشىلەردىن تەشكىللەنگەن بىر كېڭەش / ھەيئەت قۇرۇپ چىققانىدى. بۇلارنىڭ سانىنى مەككى ئۇنىڭ ئاغزىدىن نەقىل قىلىدۇ:
« بۇ 36 كىشىدىن 28 ى قازىلىق ئورۇنلىرىغا لايىقتۇر. ئالتىسى يۇقۇرى تالانتى بىلەن مەنبەلەردىن مەسىلىلەرگە ھەل قىلىش چارىسى تاپالىغۇدەك قابىلىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئىككىسىنىڭ ئىلمىي سەۋىيەسى ناھايىتى يۇقۇرى ئىدى » .
ئەبۇ ھەنىفە، تالىپلىرىنى تاشلاپ قويۇپ ئۆزى يالغۇز ھالدا ئىجتىھاد قىلمىدى. ئۇلارنىڭ قىممىتى ۋە قەدرىنى بىلدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىلمىي تەقسىمات ئېلىپ باردى. مەسىلەن، ئىمام زۇفەر ھەيئەتنىڭ ھەدىس مەسئۇلى ئىدى. ئالدىغا بىر مەسىلە كەلگەندە، ئەڭ باشتا ھەيئەتتىكى مەزكۇر مەسىلىگە مەسئۇل كىشىنىڭ پىكىرى ئېلىناتتى ۋە بۇ ھەقتە ھەممە بىردەك ئويلىناتتى. ھەيئەتتىكى ھەر ئەزانىڭ پىكىر قىلىش ھوقوقى بار بولۇپ، بۇ پىكىر – قاراشلارنىڭ ھەممىسى ھەيئەت كاتىپى ئەبۇ يۈسۈپ تەرىپىدىن خاتىرلەنگەنىدى. ئەبۇ يۈسۈپ: « بۇ مەجلىس خاتىرىسى ئوقۇلىدىغان ۋاقىتتا پەقەت ئەبۇ ھەنىفەنىڭ قارىشىنىلا ئوقۇيتتىم. بىر قېتىم يادىمدا يوق باشقا قاراشلارنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا، » بۇ كىمنىڭ سۆزى » دەپ سورىدى » دېگەن.
ھەيئەت بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە نەچچە ئاي توختىلاتتى. مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىلاتتى، مەسلىلەرگە ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا تىرىشاتتى.
خەلق بۇنى بىلگەنلىكتىن، ھەر تەبىقىدىن ۋە ئىسلام جۇغراپىيىسىنىڭ ھەر تەرىپىدىن مەسلىلەرگە جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن كىشىلەر كېلەتتى ۋە جاۋابىنى ئېلىپ يۇرتىغا قايتاتتى. ئەبۇ ھەنىفىنىڭ دەرس ھالقىسى خەلقنىڭ بىردىنبىر ئىشەنچلىك قازى مەھكىمىسىگە ئايلىنىپ قالغانىدى.
بەزى مەسلىلەر ھەققىدە نەچچە كۈن مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلاتتى، ئىمام پەقەت بىر نەرسە دېمەيتتى، ھەر كىم ئۆزىنىڭ پىكرىنى ئەركىن ھالدا بايان قىلاتتى، ئەڭ ئاخىرىدا ئىمام بۇ ھەقتىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قوياتتى. قەردەرى مۇنداق دەيدۇ: « ئۇ ۋاقىتتا مەزكۇر سورۇندىكى ھېچكىمدىن بىر ئېغىز سۆز چىقمايتتى، خۇددى مەجلىستە ھېچكىم يوقتەك جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرەتتى ».
ئابدۇللاھ بىن مۇبارەك مۇنداق دەيدۇ:
« بىر قېتىم بىر مەسىلە ھەققىدە ھەيئەت ئارىسىدا ئۈچ كۈن مۇنازىرە بولدى. لېكىن ئۈچىنچى كۈنى ناماز شام ۋاقتىدا مەسىلە ھەل بولدى ».
ئىمام قۇرۇپ چىققان بۇ « مۇستەقىل شەرىئەت شۇراسى / كېڭىشى »دە تەخمىنەن 83 مىڭ سوئالغا جاۋاپ تېپىلغان ئىدى. بۇ مەسىلىلەر ھەر تۈرلۈك بولۇپ، ئىقتىسادىي، سىياسى، ئىبادەت، مەدەنى، شەخسى، ئىجتىمائى تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ھەتتا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە مىللەتلەر ئارا ھەق – ھوقۇق ۋە پرىنسىپقا مۇناسىۋەتلىك مەسلىلەرنىڭ ئاساسى بۇ يەردە سېلىنىۋاتاتتى. كېيىنكى مەزگىللەردە توپلانغان ئەبۇ يۈسۈپنىڭ « كىتابۇل ھەرەج » ۋە ئىمام مۇھەممەد ھەسەن ئەششەيبانىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان « كىتابۇس سىيەر » ناملىق ئەسەرلىرى بۇ بىرىكىمنىڭ مېۋىسىدى.
ئىمامنىڭ فىقھى، دۆلەت نوقتىسىدا « ئادالەت »، شەخسى نوقتىسىدىن « ھۆرىيەت »نى ئاساس ئالغان ھالدا تۈزۈلگەن بىر فىقھتۇر. بۇ فىقھىنىڭ 3 مېۋىسى بار:
1. ئىمام ئەزەمنىڭ ئۆزىدە نامايەن بولۇپ، ئۇنى سىياسەتتىمۇ ئىمام قىلغان ئۆرنەك ھايات.
2. ئىسلامى سىياسەتنىڭ ئۇلى بولغان شۇرا / كېڭەش ئىلىم ساھەسىگە ئېلىپ كىرىلىپ، فىقىھشۇناسلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىنى ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن روياپقا چىقىرىشى.
3. ئادالەت ۋە ھۆررىيەت ئاساس قىلغان ئۇسلۇب بىلەن ھەل قىلىنىپ توپلانغان مىڭلىغان مەسىلە ۋە بۇ سەۋەپتىن ئوتتۇرىغا چىققان بىر فىقىھ ئېقىم.
ھەنەفى فىقىھ ئېقىمىنىڭ بۇنچىلىك كەڭرى يېيىلىپ كېتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرىدىن بىرى، مەزھەپنىڭ قۇرۇلما ئالاھىلىكى ( رەيچى – مەقسەت، چۈشەنچىنى ئاساس قىلىش ) سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان « كەڭ ئىمكان » بىلەن تەمىنلىگەنلىكى بولۇپ، ھاكىمىيەت ھەنەفى فىقىھىنى « ياقتۇرۇش »تىن بەكرەك « قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان » دېسەك تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ. ھەر قانداق فىقىھ ئېقىمى، ھەر قانداق شارائىتتا تۇتۇپ مېڭىشقا ماس كەلمەيدۇ. بولۇپمۇ بەزى فىقىھ ئېقىملار قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى سەۋەبىدىن، شەخس ۋە ئاۋامنىڭ ھەرىكەت ساھەسىنى تارايتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئانچە قوبۇل قىلىنمىغان، قوبۇل قىلىنغان تەقدىردىمۇ « تەدبىقلىنىشچانلىقى » بولمىغانلىقى ئۈچۈن تەرك قىلىنغان. بېرىلگەن ئىمكانلارنىڭ كەڭرىلىكى سەۋەپلىك ھەنەفى فىقىھ ئېقىمى ھاكىمىيەتنىڭ ئىھتىياجىغا جاۋاپ بېرەلىگەن ئىدى. ئەمما ھاكىمىيەت، ئۇنىڭ بۇ خاسلىقىنى سۈيئىستىمال قىلىپ، « ئۆرپ » ۋە باشقا ئىسىملار بىلەن سەلتەنەت ۋە ھاۋايى – ھەۋەسلىرىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان بولىشى مۇمكىن. تارىختا كۆرۈلگەن بۇنداق بۇرمىلانغان ۋە خاتا ئىجرائاتلارنىڭ بەدەلىنى ئەلۋەتتە مەزھەپكە ئارتىپ قويماسلىق كېرەك.
تېمىمىز تەقەززاسى سەۋەبىدىن ئىمامنىڭ سىياسى ئىجتىھادلىرى ھەققىدە توختالماي بولمايدۇ. « سىياسى » – « ئىبادى »دىن ئىبارەت خاتا بىر مەنتىقە بىلەن، بىر پۈتۈن گەۋدىنى ئايرىۋېتىشكە ئاساسى نوقتىدىن قارشى تۇرۇش بىلەن بىرلىكتە، مەقسىتىمىزنى چۈشەندۈرۈشتە قولايلىق بولسۇن دېگەن ئوي بىلەن بۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلدۇق.
ئىمان ۋىجدانلارغا، ئىسلام مەسچىتلەرگە، فىقىھ كىتاپلارغا قاماپ قويۇلغان بىر دەۋردە، بەزى نەرسىلەرنى ئېيتىشنىڭ بەدىلى تولىمۇ ئېغىر بولىدۇ. بۇ بەدەللەرنى تۆلەشكە تەييار بولماي تۇرۇپ، نۇرغۇنلىغان ھەقىقەتلەرنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن ئەمەس. بۇلاردىن بىرى « دىن ۋە سىياسەت ».
ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ھەققىدە توختۇلۇپ، ئۇنىڭ ھاياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە جېنىنى پىدا قىلغان سىياسى پىرىنسىپلىرى ھەققىدە توختالماسلىق، خۇددى گۈرۈچسىز پولو ئەتكەندەكلا بىر ئىش. ئىمام ھەققىدە توختۇلۇپ، ئۇنىڭ بۇ تەرىپىنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمىغانلارغا ئەقلىم ھەيران.
شەرىئەت، ئىسمىدىن مەلۇم بولغاندەك سىياسەت بىلەن كۈچ سىنىشىۋاتقان بىر مۇئەسسەسە. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بولسا، پەقەت ئىسلام تارىخىلا ئەمەس، دۇنيا تارىخى يېتىشتۈرۈپ چىققان نادىر قانۇنشۇناسلاردىن بىرى. ئەمدى بىز، ئۇنىڭ چۈشەندۈرە – چۈشەندۈرە يادقا ئالدۇرۇۋەتكەن تەرەپلىرىنى ئەمەس، ئۇنى بىلمەيدىغان نەسىلگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان سىياسى ئىجتىھادلىرىغا بىر قۇر نەزەر سېلىپ ئۆتەيلى. بۇ ئىجتىھادلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىمۇ قاتتىق تالاش – تارتىش قىلىۋاتقان بەزى تېمىلارغا جاۋاپ تېپىشتا پايدىسى بولىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.