رەب ئىسمى بىرلىكتە ئىشلىتىلگەن باشقا ئىسىملار

قۇرئاندا، ئەسمائى ھۇسنادىن بىر ئىسىمنىڭ باشقا بىر ئىسىم بىلەن بىرلىكتە ئىشلىتىلىشى ھەرگىزمۇ تاسادىبىيلىقتىن ئەمەس. بىر ئىسىم باشقا بىر ئىسىم بىلەن بىرگە تىلغا ئېلىنغان بولسا، بۇ ئىككىسى ئارىسىدا بىر مۇناسىۋەت ۋە باغلىنىش بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىرلىكتە تىلغا ئېلىنغان ئىككى ئىسىم شەيئى ھەققىدىكى ئەزۋاج ( جۇپ، ھەمراھ ) تەجەللىسىنى ياكى ئەزداد ( زىتلىق ) تەجەللىسىنى كۆرسىتىدۇ. بىرلىكتە تىلغا ئېلىنغان ئىسىملار بەزىدە بىر – بىرىنى تەستىقلايدۇ، بەزىدە تەكىتلەيدۇ، بەزىدە ئاشكارىلايدۇ، بەزىدە ئىزاھلايدۇ، بەزىدە تەپسىر قىلىدۇ، بەزىدە تولۇقلايدۇ، بەزىدە خۇلاسىلايدۇ، بەزىدە مەخسۇسلاشتۇرىدۇ. بەزىدە بۇلاردىن بىر قانچىسىنى بىراقلا ئىپادىلەيدۇ.

رەب ئىسمى بىلەن بىرلىكتە تىلغا ئېلىنغان ئىككى ئىسىم، يەنى رەھىم ۋە غەفۇر ئىسمى بار. رەھىم ئىسمى ياسىن 58 – ئايەتتە ئارىسىدا ھېچقانداق ھەرپ ياكى كەلىمە ئىشلىتىلمىگەن ھالدا رەب ئىسمى بىلەن بىرلىكتە تىلغا ئېلىنىدۇ:

سَلَامٌ قَوْلًا مِنْ رَبٍّ رَحِيمٍ

مېھرىبان رەببىڭلار تەرىپىدىن ( ئۇلارغا ) سالام دېيىلىدۇ / مېھرىبان رەببىڭلار تەرىپىدىن سۆز شەكلىدە كەلگەن بىر نىجادلىقتۇر بۇ ۋەھىي ( 36:58 ).

ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان رەھىم ئىسمى بىلەن رەب ئىسمى بىرلىكتە ئايەتتە ئىگىنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىدۇ. يەنى « ئۇ قانداق بىر رەب؟ » سۇئالىغا « ئۇ رەھىم بىر رەبتۇر » جاۋابىنى بېرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇ ياراتقان مەخلۇقلىرىنى پەرۋىش قىلىدىغان بىر رەبتۇر دېگەن جاۋاپقا ئېرىشىمىز. خالىسا ئۇلارنى رەھمىتى بىلەن، خالىسا غەزىپى بىلەن؛ خالىسا لۇتپى بىلەن، خالىسا قەھرى بىلەن؛ خالىسا جامالى بىلەن، خالىسا جەلالى بىلەن تەربىيە قىلىدىغان بىر رەب ئىكەنلىكى ئىما قىلىنماقتا. لېكىن، ئۇ، مەخلۇقلىرى تەربىيىسىنى رەت قىلمىغان ۋە ئۇنىڭ رۇبۇبىيىتىگە خىيانەت قىلمىغان ئەھۋالدا، مەخلۇقلىرىغا رەھمىتى بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ رەھىم بىر رەبتۇر. ئۇنىڭ رەھمىتى ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ( ئەئراف 156 – ئايەت ). مەخلۇقلار ئۇنىڭ رەھمىتىنى بىر قالقان سۈپىتىدە يېنىغا ئالغان. ئۇنىڭ غەزىپىدىن يەنە ئۇنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەھمەت قالقىنى قوغدايدۇ. شۇڭا ئىنسان ئۇنىڭدىن غەزىپىدىن رەھمىتىگە، قەھرىدىن لۇتپىغا. جەلالىدىن جامالىغا سېغىنىدۇ.

رەب ئىسمى بىلەن بىرلىكتە ئىشلىتىلگەن ئىككىنجى ئىسىم غەفۇر ئىسمى بولۇپ، يۇقىرىدىكى مىسالدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، بۇ ئىشلىتىشمۇ يەنە ئايەتتە ئىگىنىڭ سۈپىتىنى ئېنىقلاپ كېلىدۇ:

كُلُوا مِنْ رِزْقِ رَبِّكُمْ وَاشْكُرُوا لَهُ بَلْدَةٌ طَيِّبَةٌ وَرَبٌّ غَفُورٌ

« رەببىڭلار بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىڭلار! سىلەرگە تەڭدىشى يوق گۈزەل ماكان بەخش ئەتكۈچى مەغپىرەت قىلغۇچى رەبتۇر » ( سەبە 15  ).

بۇ يەردە يەنە « ئۇ قانداق بىر رەب؟ » سۇئالىغا « ئۇ غەفۇر بىر رەبتۇر » جاۋابىنى بېرىدۇ. يەنى چەكسىز مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە تەربىيە قىلغۇچى بىر رەب.

رەب نېمە ئۈچۈن « غەفۇر »دۇر؟

تەربىيىگە مۇھتاج بولغۇچى كەمتۈكسىز ئەمەس، شۇڭا ئۇ تەربىيىگە مۇھتاج، شۇڭا تەربىيلىنىدۇ. تەربىيلىنىش جەريانىدا، ئەلۋەتتە تەربىيلىگۈچىسىكە قارىتا خاتالىق سادىر قىلىدۇ. سېڭدۈرۈلگەن ئىلاھى ئەجىرنى ئۆز ۋۇجۇدىدا ئەكس ئەتتۈرمەسلىكنىڭ ئۆزىمۇ ئۆز ئالدىغا بىر كەمچىللىك بولۇپ ھېسابلىنىشى كېرەك. بولۇپمۇ تەربىيلەنگۈچى ئىنساندىن ئىبارەت ئىرادە ۋە ئەقىل ئىگىسى بولغان بىر مەخلۇق بولسا، كەمچىللىك ۋە خاتالىقى بولىشى ئۇنىڭ تەبىئىيتىدە بولىدۇ. ئۇنداقتا، تەربىيچىسىنىڭ مەغپىرەت قىلغۇچى بولىشى، رەب بولۇشتىن ئىبارەت تەبىئىيتىنىڭ تەقەززاسىدۇر. مانا بۇ سەۋەپتىن راببۇن غەفۇرۇندۇر.

بۇ جەھەتتە تەلىم – تەربىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا تىگىشلىك بىر ھەسسە بار. ئۇ بولسىمۇ، تەلىم – تەربىيە بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچى، تالىپ ياكى شاگىرتلىرىغا قارىتا مېھرى – شەپقەت ۋە ئەپۇچانلىق تۇيغۇسى بىلەن مۇئامىلە قىلىش. چۈنكى، تەلىم – تەربىيەنىڭ ئۇلىدا مېھرى – شەپقەت ياتىدۇ. شۇڭا رەھمان سۈرىسىنىڭ بېشىدا « ئۇ قۇرئاننى ئۆگەتتى » ئايىتىنىڭ ئالدىدا رەھمان ئىسمى يەر ئالماقتا. مېھرى – شەپقەت گويا مۇنبەت تۇپراققا ئوخشايدۇ.

رەھىم ۋە غەفۇر سۈپەتلىرى، رەب بىلەن ئوخشاش بىر جۈملە ئىچىدە ياكى ئالدى – ئارقىدىكى جۈملىدە بىرلىكتە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: مەككىدە مۇشرىكلارنىڭ قاتتىق زۇلۇمى ئاستىدا، ئۆزىگە تېڭىلغاننى مەجبۇرى دېگەن ۋە كېيىن ھىجرەت قىلغان مۇئمىنلەر ھەققىدە توختالغان ئايەت مۇنداق ئاخىرلىشىدۇ:

إِنَّ رَبَّكَ مِنْ بَعْدِهَا لَغَفُورٌ رَحِيمٌ

« سېنىڭ رەببىڭ ئۇ ( ئېغىر مۇشەققەتتىن ) كېيىن، ئەلۋەتتە چەكسىز مەغپىرىتى ۋە رەھمىتى بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ » ( 16:110 ).

بۇ يەردىن شۇنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇكى، مەككىدىكى مەزگىل مۇئمىنلەر ئۈچۈن پەقەت زۇلۇم ۋە ئازاب مەزگىلى ئەمەس، تەربىيە ۋە تەلىم مەزگىلى ئىدى. ئاللاھ مۇئمىنلەرنى مەككە مەكتىۋىدە ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ قولى بىلەن تەربىيلىگەنىدى. بۇ تەربىيە جەريانىدا چىدىغۇسىز قېيىن – قىستاق ۋە ئازاپقا دۇچار بولغانلارغا، ئۇلار ( مۇشرىكلار، دىن دشمەنلىر ) ئارزۇ قىلغان نەرسىنى شەكىلگە بولسىمۇ دەپ قويىشىغا رۇخسەت قىلغانىدى. بۇ رۇخسەت ئۇنىڭ رەھىم ۋە غەفۇر بىر رەب ئىكەنلىكىنىڭ نامايەندىسى.

رەب رۇبۇبىييىتىنىڭ دائىم مەغپىرەت ۋە مېھرى – شەپقەت بىلەن تەجەللى قىلغانلىقى ھەقىقىتى، پەقەت زۇلۇم، قېيىن – قىستاق ئاستىدا قالغان مۇئمىنلەرگىلا خاس ئەمەس بولۇپ، ئۇنىڭدىنمۇ ھالقىغان. بۇتپەرەست مىسىرلىقلارنىڭ كالا ئىلاھىغا چوقۇنغان ئازغۇن ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ئۈستىدىمۇ نامايەن بولغان. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ھەزرىتى مۇسانىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىدى. ئۇلار پىرئەۋننىڭ زۇلۇمىدىن ئىلاھىي ياردەم بىلەن قۇتۇلغان. ئاللاھ نىڭ ياردىمىنى بىر قانچە قېتىم كۆرۈپ شاھىت بولغانىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار يەنە ئازدى. ئۇلار شۇ ھالەتكە يەتكەنكى، دۈشمەنلىرىنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇندى ۋە بۇ ھالى بىلەن خار مايمۇنلارغا ئوخشاپ قالغانىدى / ئايلىنىپ كەتتى. بۇلارنىڭ بۇ ھالىنى بايان قىلغان بۆلۈمدە، ئازغۇن ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنىڭ بۇ ئازغۇنلىقى سەۋەبىدىن جازالىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئايەتنىڭ ئاخىرىدا رەب ئىسمى بىلەن بىرگە غەفۇر ۋە رەھىم ئىسمى بىرلىكتە تىلغا ئېلىنىدۇ:

إِنَّ رَبَّكَ لَسَرِيعُ الْعِقَابِ وَإِنَّهُ لَغَفُورٌ رَحِيمٌ

« شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ( ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى ) ئەلۋەتتە تېز جازالىغۇچىدۇر، ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر » ( 7:167).

ئۇ، رەببىدىن يەتكەن بۇنچە كۆپ ياخشىلىق ۋە ئىكرامغا، بۇنداق تۇزكورلۇق قىلغانلارغا قارىتا تەربىيىسىدە مەرھەمەت ۋە مەغپىرەت بىلەن مۇئامىلە قىلغان بىر ئاللاھ.