مانا مۇشۇنداق شارائىتتا راشىت خەلىپە ھەزرىتى ئەلى، نەبەۋى خىلاپەتنىڭ ئاساسى بولغان ئادالەتكە داغ تەككۈزمىگەن بولۇپ، ئۇ جەمەل ئۇرۇشىدا قوشۇنىغا تۆۋەندىكىدەك بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىدى:

»  ئۇرۇشنى تەرك ئېتىشنى خالىغانلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىڭلار، قېچىپ كېتىشىگە يول قويۇڭلار. يارادار بولغانلارغا ھۇجۇم قىلماڭلار. زەپەر قۇچقان تەقدىردىمۇ مۇخالىپلارنى ئېزىشكە تەمشەلمەڭلار. زەپەردىن كېيىن، ھەر ئىككى تەرەپتىن ئۆلگەنلەرنىڭ مېيىت نامىزىنى چۈشۈرۈڭلار ۋە شېھىتلىرىنى ھۆرمەت قىلىڭلار! ».

قارشى تەرەپنىڭ ماللىرىنى غەنىمەت ھېساپلىمىغان ھەزرىتى ئەلى، بەسىرە جامەسىگە كەلتۈرۈلگەن ماللارنى ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بەرگەن ئىدى. ئۆزى ھەققىدە، « بەسىرە ياشلىرىنى قىلىچتىن ئۆتكۈزۈپ، ئاياللىرىنى جارىيە قىلىدىكەن » دېگەن ئۆسەك سۆزلەرنى ئاڭلاپ كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا:

» مەندەك بىر ئىنسان، مۇنداق ئىشلارنى كاپىرلارغىمۇ راۋا كۆرمىگەن يەردە، قانداق بولۇپ مۇسۇلمانلارغا بۇنداق مۇئامىلە قىلسۇن؟! » دېگەنىدى.

ھەزرىتى ئەلى خەلىپىلىك ماقامىغا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەلى ئەمىر مۇئاۋىيەنى شام ۋالىيلىقىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا ساھابىلەردىن سەھىل بىن ئاھنەفنى ۋالىي قىلىپ تەيىنلىدى. مۇئاۋىيە خەلىپە تەيىن قىلغان ۋالىينىڭ ئالدىغا بىر بۆلۈك ئەسكەر ئەۋەتىپ ئۇلارنى قايتۇرۇۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن خەلىپە ھەزرىتى ئەلى، ئەھنەف ۋە مۇئاۋىيەگە ئايرىم – ئايرىم ھالدا بىر پارچىدىن مەكتۇپ ئەۋەتتى. مۇئاۋىيە بۇ مەكتۇپقا ئۇزۇن بىر مۇددەت جاۋاپ يازمىدى. ھىجرى 36 – يىلى ئۇ ھەزرىتى ئەلىگە بىر مەكتۇپ ئەۋەتتى. خەلىپە كانۋېرتنى ئاچسا، ئىچىدىن ھېچنەرسە چىقمىدى. ھەزرىتى ئەلى خەتنى ئېلىپ كەلگەن كىشىدىن بۇنىڭ نېمە مەنىسى بارلىقىنى سورىدى:

– بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، مېنىڭ ئارقامدا ھەزرىتى ئوسماننىڭ قان قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن توپلانغان 60 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بار، دەپ جاۋاپ بەردى ئۇ كىشى.

– ئوسماننىڭ قېنىنى كىمدىن تەلەپ قىلىدىكەن؟ دەپ سورىغان ھەزرىتى ئەلى، بۇ قېتىم مۇنداق جاۋاپقا ئېرىشتى:

  • زاتى ئالىيلىرىنىڭ بويۇن تومۇرىدىن ( تابارى، تارىخ، IV/444 ).

ئىبن ئەسىرگە يېقىنراق بىر ئىپادە بىلەن ئېيتىلغان تابارى نەقىل قىلغان بۇ سۆزلەر، شام ۋالىسىنىڭ پەقەت ئىتائەتتىن باش تارتىپلا قالماستىن، يەنە خىلاپەت قوشۇنىنى خەلىپىگە قارشى كۈشكۈرتۈش مەنىسىنى ئىپادىلەيتتى. ئۇنىڭ ھەزرىتى ئوسماننىڭ قاتىللىرى بىلەن ھېچقانداق ھېساپ – كىتابىنىڭ يوقلىقى ئاشكارە بولغان ئىدى.

ھەزرىتى ئەلى جەمەل ئۇرۇشىدىن كېيىن، بويۇنتاۋلىق قىلغان شام ۋالىسىنىڭ ئۈستىگە قوشۇن ئەۋەتمەكچى ئىدى. ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن جەرىر بىن ئابدۇللاھ ئارقىلىق شام ۋالىسىغا بىر مەكتۇپ يوللىدى، نەسىھەت قىلدى.

شام ۋالىسى جەرىرنى بىر مۇددەت گوللاپ تۇردى. بۇ مۇددەت ئىچىدە جەرىر، شامنىڭ چوڭلىرى بىلەن بىر قاتار كۆرۈشۈپ، ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئۆلۈمىدە ھەزرىتى ئەلىنىڭ ھېچقانداق بىر مەسئۇلىيىتىنىڭ يوقلىقىنى چۈشەندۈردى ۋە كۆپىنچە كىشىلەرنى قايىل قىلدى. شام ۋالىسى جىددىلىشىپ ئامىر بىن ئاس بىلەن مەسلىھەتلەشتى. ئۇمۇ نەبەۋى خەلىپىلىكنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىدىغان تۆۋەندىكىدەك مەسلىھەتنى بەردى:

»  ئوسماننىڭ قېنىنىڭ تۆكۈلىشىدە ئەلىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار » دەپ جەڭنى باشلايمىز.

بۇ ئارلىقتا ئۇلار، ھەزرىتى جەرىرنىڭ غەيرىتى بىلەن ۋەقەنىڭ ھەقىقىنى چۈشۈنۈشكە باشلىغان شام خەلقىنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن شاھىتلار تەييار قىلىپ، ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئۆلۈمىدىن ھەزرىتى ئەلىنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى يالغانچى شاھىتلار بىلەن ئىسپاتلىدى.

خەلىپىنىڭ قوشۇنى بىلەن ۋالىينىڭ قوشۇنى فىرات دەرياسىنىڭ غەرپ تەرىپىدىكى سىففىن دېگەن يەردە بىر – بىرىگە قارمۇ – قارشى سەپ تۈزدى. ئۆزلىرىدىن بۇرۇن كېلىپ سۇ بار جايلارنى ئىگەللىگەن، خەلىپە قوشۇنىغا سۇ بەرمىگەن شام قوشۇنىنىڭ ئەكسىچە، بۇ يەرلەرنى قولغا كىرگۈزگەن ھەزرىتى ئەلى ئەسكەرلىرىگە مۇنداق دېدى:

»  يەتكۈدەك سۇ ئېلىۋالغاندىن كېيىن، قارشى قوشۇندىكىلەرنىڭ سۇ ئېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلماڭلار » ( تابارى، تارىخ، IV/572 ).

خەلىپە ئۆزىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن شام ۋالىىسىگە ئەڭ ئاخىرقى بىر ئاگاھلاندۇرۇش قىلماقچى بولدى. ئاگاھلاندۇرۇشنى ئاڭلاشنى خالىمىغان ۋالىينىڭ سۆزى مۇنداق ئىدى:

« بۇ يەردىن چىقىپ كېتىڭلار. ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا پەقەت قىلىچلار سۆزلەيدۇ ».

قىلىچلار كۈچىنى كۆرسىتىشكە باشلاپ، ئۇرۇش باشلىنىپ كەتتى. ھەزرىتى ئەلى ( رەزىيەللاھمۇ ئەنھۇ ) قۇشۇنىغا مۇنداق نەسىھەت قىلدى:

»  دىققەت قىلىڭلار! ئۇرۇشنى ئاۋۋال سلەر باشلىماڭلار. ئۇلار سىلەرگە ھۇجۇم قىلمىغىچە ھۇجۇمغا ئۆتمەڭلار. ئەگەر ئۇلارنى يېڭىۋالساڭلار، قاچقانلارنى قوغلىماڭلار. قاچقانلارنى ۋە ئۇرۇشتىن چېكىنگەنلەرنى ئۆلتۈرمەڭلار. يارىدارلارغا ھۇجۇم قىلماڭلار. ھېچكىمنىڭ كىيىمىنى سالدۇرماڭلار. ئۆلۈكلەرنىڭ بۇرۇن ۋە قۇلاقلىرىنى كەسمەڭلار. ھېچكىمنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە تاجاۋۇز قىلماڭلار، مېلىنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلماڭلار. سىلەرگە ھاقارەت قىلغان تەقدىردىمۇ ئاياللىرىغا ھەرگىز چېقىلماڭلار » ( تابارى، تارىخ، III / 164-167؛ ئىبنۇل ئەسىر، ئەلكامىل،  III/94 ).

ئەممار بىن ياسىر ھەر زاماندىكىدەك بۇ ئۇرۇشتىمۇ ھەزرىتى ئەلى تەرەپتە ئىدى. ئەمىر مۇئاۋىيەنىڭ ئەسكەرلىرى ھەزرىتى ئەممارنى شېھىت قىلدى. بۇ شاھادەت ھەقلىق ياكى ھەقسىز تەرەپنى ئايرىپ بولالمىغان كۆپلىگەن ساھابە تەرىپىدىن ئېنىق بىر بۇرھان يەنى ئىسپات دەپ قارالدى. چۈنكى كۇتۇبۇس – سىتتە ۋە باشقا سەھىھ ھەدىس مەنبەلىرىنىڭ ھەممىسىدە نەقىل قىلىنغان بىر مەشھۇر ھەدىستە، رەسۇلۇللاھنىڭ ئەممارغا مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىنىدۇ:

»  سېنى باغى، يەنى ئىسيانكار بىر گورۇھ كىشىلەر قەتىل قىلىدۇ ».

ھەزرىتى ئەممارنىڭ شېھىت قىلىنىشى بىلەن، كىمنىڭ ھەقلىق كىمنىڭ ھەقسىز ئىكەنلىكى توغرىسىدا شۈبھىگە چۈشكەن ساھابىلەرنىڭ بەزىلىرى ئىككىلىنىشتىن يانغان ئىدى. ئابدۇللاھ بىن ئاس بۇ ھەدىسنى مۇئاۋىيەگە ئوقۇغاندىن كېيىن، مۇئاۋىيە ھەدىسنى يالغانغا چىقارمىدى ۋە ئىنكارمۇ قىلمىدى، تەئۋىل قىلىشنى خالاپ:

» ئەممارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەپ بولغانلار ئەسلى قارشى تەرەپ ئىدى. ئەگەر ئۇلار ئۇرۇشقا قاتناشمىغان بولسا ئەممار ئۆلمىگەن بولاتتى ».

بۇ سۆزلەرنى نەقىل قىلغان جەسساستىن باشقا ھاپىز ئىبن كەسىر مۇندا ھۆكۈم چىقىرىدۇ:

» بۇ ۋەقەدە رەسۇلۇلاھنىڭ ئالدىنئالا خەبەر قىلغان ئىشنىڭ سىررى ئاشكارىلانغان بولدى. يەنى، ئەممارنى باغى ۋەياكى ئىسيانكار بىر گۇرۇھ ئۆلتۈرىۋېتىدۇ دېگەن سۆزىنىڭ ھېكمىتى، ھەزرىتى ئەلىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقاردى ».

ھەزرىتى ئەلى مۇئاۋىيەنىڭ يۇقۇرىدىكى تەئۋىلىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان:

« ئەگەر بۇ تەئۋىل توغرا بولىدىغان بولسا، ھەزرىتى ھەمزىنىڭ قاتىلىمۇ ھەزرىتى رەسۇلۇللاھ ئىدى ».

بۇ ۋەقە شام قوشۇنىنىڭ مەغلۇبىيىتىگە سەۋەپ بولىدۇ. ئامىر ئىبنى ئاس، قۇرئاننى نەيزىلەرىنىڭ ئۇچىغا ئېسىپ: « سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا بۇ ( قۇرئان ) ھاكىم / قازى بولسۇن! » دېگەن تەكلىپنى قويىدۇ ۋە بۇنىڭدىكى مەقسىتىنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ:

« بۇ قۇرئاننىڭ ھاكىم بولىشىنى ئېيتىپ، نەيزىنىڭ ئۇچىغا تاقىۋېلىشىمىز ئەلىنىڭ قوشۇنىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. ئۇلار بىز بۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئۇنىڭدىن باشقا گەپنى ئاڭلىمايمىز دېيىشىدۇ ۋە قوشۇنى بۆلۈنىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا بىزگە پۇرسەت چىقىدۇ » ( تابارى، تارىخ،  v/48 ).

ھەزرىتى ئەلى: « بۇ بىر ھىلىدۇر، بۇنىڭغا ئالدانماڭلار! » دېگەن بولسىمۇ، ئەتراپىدىكىلەر ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە قۇلاق سالماي، بۇ تۇزاققا چۈشتى.

نەتىجىدە نەبەۋى خىلاپەت ئېغىر يارا ئالدى. سۇلتانى خىلاپەتكە قاراپ ئاستا – ئاستا ئىلگىرلەش يولىدىكى بىر بۇرۇلۇش نوقتىسى بولغان « تەھكىم ۋەقەسى »، ئىسلام سىياسىي تارىخىدىكى تۇنجى يېرىقنىڭ مەيدانغا چىقىشىدىكى سەۋەبى ئىدى.

داۋامى بار….