قۇرئانى نوقتىدىن « رەب » كەلىمىسى

رەب سۈپىتى قۇرئاندا تۇنجى نازىل بولغان ئايەتتە تىلغا ئېلىنىدۇ:

اقْرَأْ بِاسْمِ رَبِّكَ الَّذِي خَلَقَ

« ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇ! » ( 96:1 ).

بىسمىللاھ بۇ ئايەتتە بېرىلگەن ئەمىرنىڭ ئىجراسى. بۇ سەۋەپتىن، بىسمىللاھ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاللاھ لەبزى، ئەسمانىڭ ئىمامى ( بېشى ) بولۇش سۈپتىدە بىلەن ئەڭ باشتا يەر ئالىدۇ. ئەڭ باشتا ئورۇن ئېلىشى كېرەك بولغان ئاللاھ ئىسمىنىڭ ئورنى، تۇنجى نازىل بولغان ئايەتتە ئەمەس، « قۇرئاننىڭ ئانىسى » بولغان ۋە نازىل بولۇش تەرتىۋىدە ئەڭ باشتا يەر ئالغان فاتىھە سۈرىسىنىڭ ئورنىغا ئوخشاپ قالىدۇ. نازىل بولۇش تەرتىۋىدە 4 – ئورۇندا تۇرىدىغان فاتىھە سۈرىسى، تولۇق نازىل بولغان تۇنجى سۈرە. شۇڭا، ئەسمائى ھۇسنانىڭ بىرىنچى ئىسىم – سۈپىتى رەب. چۈنكى « ئاللاھ نىڭ 99 ئىسمى بار » دېگەن ھەدىستە، بارلىق ئىسىملار ئاللاھ ئىسمىغا قوشۇمچە قىلىنىپ، ئاللاھ ئىسمى ئۇلارنىڭ سىرتىدا تۇتۇلغان. بۇنىڭغا ئاساسەن رەب ئىسمى قۇرئاننىڭ نازىل بولۇش جەريانىدا تۇنجى تىلغا ئېلىنغان ئىسىم – سۈپەت ۋە مۇسھاب ( كىتاپ )نىڭ ئەڭ باشتىكى ۋە ئەڭ ئاخىرقى سۈرىسىدە يەر ئالغان ئىسىم – سۈپەت.

رەب ئىسمىنىڭ سان جەھەتتىكى ئۈستۈنلىكى، ئۇنى ئاللاھ ئىسمىدىن كېيىنكى قاتارغا تىزىشىمىزغا سەۋەپ بولغان يەنە بىر ئامىل. ئاللاھ ئىسمى قۇرئاندا 2697 قېتىم تىلغا ئېلىنىدۇ، رەب ئىسمى 962 قېتىم زىكىر قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا تۆت يەردە « دۆلەت رەئىسى » مەنىسىدە يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام مەزگىلىدىكى مىسىر پادىشاھى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. يۈسۈپ سۈرىسى 23 – ئايەتتە، ھەزرىتى يۈسۈپ دۇچار بولغان ئېغىر شارائىت تەقەززاسىدىن ئىككى بىسلىق شەكىلدە ئىشلىتىلگەن. ھەزرىتى يۈسۈپ ئاللاھ نى نەزەردە تۇتقان، پادىشاھ ئۆزىنى نەزەردە تۇتىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالغانىدى. نازىئات 24 – ئايەتتە، پىرئەۋىن ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەتكەن، ئەنئام 164 – ئايەتتە ئاللاھ تىن باشقا بىر رەب ئىزدىمەسلىك بايان قىلىنغاندا ئىشلىتىلگەن. رەب نىڭ كۆپلىك شەكلى ئەرباب، تۆت يەردە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ھەممىسىدە بىردىن ئارتۇق ئىلاھنى رەب قىلىۋالغانلىق ئەيىبلەنگەن مەنىدە ئىشلىتىلگەن. « رەبكە بويۇن ئەگكەن، رەب ئادىمى » مەنىسىدە تۆت يەردە رىببىييۇن ۋە راببانىييۇن شەكلىدە كەلگەن. كۈنىمىزدە يازما ياكى ئېغىز ئەدەبىياتىدا كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىۋاتقان ئەسمائى ھۇسنا تىزىملىكى، تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ ئىككى تىزىملىكتە، قۇرئاندا ئاللاھ ئىسمىدىن قالسا، سان جەھەتتە ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدىغان رەب ئىسمىنىڭ يوقلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇ ئەھۋال، ھازىر ئىشلىتىۋاتقان بۇ ئىككى تىزىملىكنىڭ سەھىھ ھەدىسكە كېيىن قۇشۇمچە قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلغان مۇھەددسىلەرنىڭ قارىشىنى كۈچلەندۈرىدۇ.

رەقەملەر بىلەن رەب ئىسمى

 رەب ئىسمى قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغاندا، ئەل قوشۇمچىسى بىلەن كەلمەسلىكى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇنىڭ ئورنىغا كۆپىنچە ئېنىقلانغۇچى بولۇپ كېلىدۇ. ھەر خىل ئىسىم ۋە ئالماشلارغا قوشۇلۇپ كېلىدۇ. ھەممىدىن كۆپرەك ئىككىنجى شەخس ئالمىشى بىرلىك شەكلىگە قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ ( رەببۇكە – سېنىڭ رەببىڭ ). 242 يەردە بۇ شەكىلدە كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ 200دىن ئارتۇقىدا رەسۇلۇللاھقا خىتاپ قىلىنغان. 243 يەردە كۆپلۈك ئالماشلىرى بىلەن « ئۇلارنىڭ رەببى، سىلەرنىڭ رەببىڭلار » شەكلىدە، 178 يەردە « رەببىم، رەببىمىز » شەكلىدە دۇئا ۋە يالۋۇرۇش ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. بۇلاردىن ئىككى يەردىن باشقا ھېچقانداق يەردە يا ( ئەي … ) نىدا شەكلىدە ئىشلىتىلمەيدىغانلىقى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇ ئىككى مۇستەسنا ھالنىڭ بىرسى فۇرقان 30، يەنە بىرسى زۇخرۇف 88 – ئايەتتە ئىشلىتىلگەن. بۇ ئىككى يەردە رەسۇلۇللاھنىڭ قىيامەتكە قالدۇرغان شىكايىتى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، خىتاپ قىلىنغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇش رولىنى ئوينىماقتا. ئادەتتە قۇرئاندا ئاللاھ بەندىلەرگە خىتاپ قىلغاندا يا ( ئەي … ) خىتاپ شەكلى ئىشلىتىلىدۇ. بۇنى مۇنداق چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ: يا ( ئەي … ) خىتاپ شەكلى ئاساسەن بىخەۋەر بىرسىنى ئاگاھلاندۇرۇش ياكى يىراق تۇرغان بىرسىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. رەب ھەر نەرسىدىن خەۋەردار ۋە ئىنسانغا جان تومۇرىدىنمۇ يېقىن.

دەسلەپ نازىل بولغان 20 سۈرىدە ئاللاھ ئىسمى 27 قېتىم تىلغا ئېلىنىدۇ، رەب ئىسمى 46 قېتىم تىلغا ئېلىنىدۇ ( ئاللاھ ئىسمى دۇھا، شەرھ، قەلەم، لەيل، فەجىر، قەدىر، ئەسىر، ئادىيات، كەۋسەر، تاكاسۇر، مائۇن، كافىرۇن، تەببەت، فىل، قۇرەيىش، قارىئە، فەلەق، ناس ۋە ئەبەسە سۈرىلىرىدە تىلغا ئېلىنمايدۇ. فاتىھە، ئەلەق، تەكۋىر، ئەئلا، شەمس ۋە تىن سۈرىسىدە بىر قېتىم؛ ئىخلاستا ئىككى قېتىم؛ مۇدەسسىر ۋە بۇرچتا ئۈچ قېتىم؛ نەجىمدە ئالتە قېتىم؛ مۇززەممىلدە يەتتە قېتىم تىلغا ئېلىنىدۇ. رەب ئىسمى ئەسىر، تەكاسۇر، مائۇن، كافىرۇن، تەببەت، قارىئە، ئىخلاس، ئەبەسە ۋە تىن سۈرىسىدە تىلغا ئېلىنمايدۇ. فاتىھە، شەرھ، تەكۋىر، لەيل، قەدىر، كەۋسەر، فىل، قۇرەيىش، فەلەق، ناس، شەمس ۋە بۇرۇچ سۈرىلىدە بىرەر قېتىم؛ ئەلەق، مۇدەسسىر، ئەئلا، ئادىيات سۈرىلىرىدە ئىككى قېتىم؛ مۇززەممىلدە تۆت؛ نەجىمدە بەش؛ فەجىردە يەتتە؛ قەلەمدە توققۇز قېتىم تىلغا ئېلىنىدۇ ). بۇ، ۋەھىينىڭ تۇنجى مۇھاتابى ( خىتاب قىلىنغۇچىلىرى ) بولغان مەككىلىك ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئاللاھ نىڭ ئۇلۇھىيىتى بىلەن ئەمەس، رۇبۇبىييىتى ھەققىدىكى چۈشەنچىسىدە مەسىلە بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بەلكىم، بۇ مەسىلە ئاخىر زاماندا بارلىق ئىنسانلارنىڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ئاللاھ نىڭ ئاسماندا ئىلاھ بولىشىنى رەت قىلمايتتى. لېكىن، يەردە رەب بولىشىنى ۋە ھاياتىغا مۇداخىلە ( ئارلىشىش )قىلىشىنى رەت قىلاتتى. قۇرئان ئۇلارنىڭ بۇ چۈشەنچىسىنى قەتىئىيلىك بىلەن رەت قىلدى: « ئاللاھ ئاسماندىمۇ ئىلاھتۇر، زېمىندىمۇ ئىلاھتۇر » ( 43:84 ). پىرئەۋنمۇ ئاللاھ نىڭ ئۇلۇھىيىتىنى ئەمەس، رۇبۇبىييىتىنى رەت قىلغانىدى. شۇڭا ئۇ « مەن سىلەرنىڭ بۈيۈك رەببىڭلار بولىمەن » دەپ ئىنكارنى بۇ شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويغان ( 79:25 ). ئىچىدە ھېچ ئاللاھ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان ۋە 36 قېتىم رەب ئىسمى تىلغا ئېلىنغان رەھمان سۈرىسىدە يەر ئالغان بۇ ئايەت، رۇبۇبىييەتنىڭ مەۋجۇدىيەتتە ھەر ۋاقىت تەجەللى قىلغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىدى: « ئۇ ھەر ۋاقىت ھاياتقا ۋە مەۋجۇدىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ھەر ئىشقا مۇداخىلە قىلىدۇ » ( 55:29 ). ناس سۈرىسىدە رۇبۇبىييەت، ئۇلۇھىيەتتىن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى، رۇبۇبىييەت جانلىق – جانسىز، ئاڭلىق – ئاڭسىز، مۇئمىن – مۇنكىر ھەر مەخلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇ ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭمۇ رەببى، لېكىن پەقەت ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئىلاھىدۇر. مەزكۇر سۈرىدە رەب بىلەن ئىلاھ ئىسمى ئارىسىدا مەلىك ئىسمى يەر ئالىدۇ. رۇبۇبىييەتنىڭ كامالى مالىكىيەت، مالىكىيەتنىڭ كامالى ئۇلۇھىيەتتۇر. ئۇلۇھىيەت، بۇ ئىككىسىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەن زاتنىڭ ھەققىدۇر.

رەب ئىسمى ئۆتكەن 94 سۈرىنىڭ مەزمۇنىغا قارىغان ۋاقتىمىزدا، ھەممىسىدە ئىلاھى تەربىيەنىڭ ئاللاھ نىڭ شەپقەت ۋە مەرھەمىتىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىنغان ھەدىستە، ئاللاھ رەسۇلى مۇئاز ب. جەبەلگە: « ئى مۇئاز، ئاللاھ نىڭ بەندىلىرى ئۈستىدىكى ھەققى نېمە؟ دەپ سورىغان ۋە تىللارغا داستان شۇ جاۋاپنى يەنە ئۆزى بەرگەن: بەندىلىرىگە ئازاپ قىلماسلىق » ( مۇسلىم، ئىمان 1. 10، 1/58 ؛ بۇخارى، رىقاق 84.37، 5/2384 ). ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىنغان بىر ۋەقەدە، يەنە بۇنى كۆرىۋالالايىمىز: رەسۇلۇللاھ ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بالىلار ئارىسىدا ئايلىنىپ يۈرگەن بىر ئايالنىڭ، بىر بالىنى باغرىغا بېسىپ ئەمگۈزىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ ۋە يېنىدىكىلەرگە: « سىلەرنىڭچە، باشقىلارنىڭ بالىسىغا مۇشۇنداق مېھرىبان بولغان شۇ ئايال، ئۆز پەرزەنتىنى ئوتقا تاشلارمۇ؟ دەيدۇ. يېنىدىكىلەر: ياق، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. رەسۇلۇللاھ: ئاللاھ نىڭ بەندىلىرىگە بولغان مېھرى – شەپقىتى، بۇ ئايالنىڭ بالىسىغا بولغان مېھرى – مۇھەببىتىدىنمۇ كۈچلۈك، دەيدۇ » ( بۇخارى، ئەدەب، 18؛ مۇسلىم، تەۋبە، 22 ).

قۇرئاندا رەب ئىسمى ئەل قوشۇمچىسى بىلەن ئىشلىتىلمەيدۇ. لېكىن بۇ ئەھۋال، رەب ئىسمىنىڭ ھەرگىزمۇ بەلگىلىك قېلىپتا كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. 962 يەردە تىلغا ئېلىنغان ئىشلىتىش شەكلىنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقىنى تەشكىل قىلغان رەببى، رەببۇنا، رەببۇھۇم …غا ئوخشاش شەكىللەردە ئاللاھ ئىسمى، ئېنىقلىغۇچى سەۋەپلىك ئېنىق مەلۇم بولىدۇ. ئۆز ئالدىغا كەلگەن ئۈچ يەردە نامەلۇم شەكىلدە كېلىدۇ. بۇلاردىن بىرى ئەنئام 163 –  ئايەتتە ئاللاھ ئۈچۈن ئىشلىتىلمەيدۇ. سەبە 15 ۋە ياسىن 58 – ئايەتتە رەببۇن شەكلىدە كېلىدۇ. بۇ باشقا شەكىللەرنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا كەلگەندە نامەلۇم شەكىلدە كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. رەببى ئىسمىنىڭ نامەلۇم شەكىلدە كېلىشى، ئۇنىڭ رۇبۇبىييەتىنىڭ تەجەللىرىنىڭ مەلۇم بولغانلار بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.  يەنى ئۇنىڭ رۇبۇبىييەتىنىڭ تەجەللىرىگە ئەقىل يەتمەيدۇ. ئاتا – ئانا ئارقىلىق پەرزەنتنى، پەرزەنت ئارقىلىق ئاتا – ئانىنى تەربىيلەيدۇ. زالىم ئارقىلىق مەزلۇملارنى، مەزلۇملار ئارقىلىق زالىمنى تەربىيلەيدۇ. مۇئمىن ئارقىلىق ئىنكار قىلغۇچىلارنى، ئىنكار قىلغۇچىلار ئارقىلىق مۇئمىننى تەربىيلەيدۇ. تىۋىپ ئارقىلىق بىمارنى، بىمار ئارقىلىق ئۇنىڭ يېقىنلىرىنى تەربىيلەيدۇ…

رەب ئىسمىنىڭ نامەلۇم شەكىلدە كېلىشى، رەب رۇبۇبىييەت تەجەللىرىنىڭ مەلۇم بىر سەۋەپ، مەلۇم بىر تەبىقە، مەلۇم بىر زامان ۋە ماكانغا، مەلۇم بىر تەرىپ ياكى شەكىلگە مەھكۇم بولمايدىغانلىقىنى ئىما قىلىدۇ. ئۇ ئاسمانلارنىڭ، يەرنىڭ ۋە بۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى بارلىق مەخلۇقلارنىڭ رەببى. ئۇنىڭ ئاسمىنى مۇئمىنلەرگە، مۇنكىرلەر ( گۇناھكار، ئىنكار قىلغۇچىلار ) گىمۇ سايىۋەن بولىدۇ. ئۇنىڭ قوياشىدىن قويلار، قۇرۇت – قوڭغۇزلارمۇ پايدىلىنىدۇ؛ ئۇ ياراتقان ھاۋادىن مەزلۇملارمۇ، زالىملارمۇ نەپەس ئالىدۇ؛ ئۇنىڭ يامغۇرىدىن گۈللەرمۇ، تىكەنلەرمۇ مەنپەئەتلىنىدۇ…

رەب ئىسمىنىڭ تەرىپىنى يەنىلا قۇرئان ئەڭ ياخشى شەكىلدە بايان قىلىدۇ. بۇ ھەزرىتى مۇسا بىلەن پىرئەۋن ئارىسىدىكى دىئالوگدا تىلغا ئېلىنىدۇ:

قَالَ فَمَنْ رَبُّكُمَا يَا مُوسَى (49) قَالَ رَبُّنَا الَّذِي أَعْطَى كُلَّ شَيْءٍ خَلْقَهُ ثُمَّ هَدَى  (50)
پىرئەۋن: ئى مۇسا، سىلەرنىڭ رەببىڭلار كىم؟ دېدى. مۇسا ئېيتتى: رەببىمىز شۇنداق زاتتۇركى، ھەممە نەرسىگە ( ئۆزىگە مۇناسىپ ) شەكىل ئاتا قىلدى، ئاندىن ئۇلارنى يارىتىلىش مەقسىتىگە يۈزلەندۈرگۈچىدۇر ( تاھا سۈرىسى ).

مانا بۇ! رەب شۇنداق زاتتۇركى، ئالدى بىلەن شەيئىلەرنىڭ يارىتىلىشنى ئىرادە قىلىدۇ. بۇ  ئىرادە بىر ئىتا، يەنى « بەخش ئېتىشتۇر ». ئەرەپچىدە « بېرىش، بەخش ئېتىش»، ئاۋازلىرى ئوخشايدىغان، لېكىن يېزىلىشى ئوخشىمايدىغان ئىككى پېئىل بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بىرى، ئىتا ( ئەيىن تى يا )، يەنە بىرى ئىتا ( ئەلف – تە – يا ). تەخمىن قىلىنغاندەك، بۇ ئىككى بېرىش ئارىسىدا پەرق بار. بۇ يەردىكىگە ئوخشاش ئاللاھ نىڭ بېرىشىدە ئىشلىتىلگەن ئىتا، بېرىلىشى قېيىن بولغاننى، خالاپ – خالىمىغانلىقىغا قارىماستىن بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ، ھېچكىم بېرەلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاڭلىق – ئاڭسىز، جانلىق – جانسىز، مۇئمىن – مۇنكىر، ئەۋلىيا – قاراقچى دەپ ئايرىماي بېرىدۇ. ئىتا، « ئۆزى خالاپ، ئىختىيارى ھالدا بېرىش » نى كۆرسىتىدۇ. زاكات بېرىش بۇ پېئىل بىلەن كېلىدۇ. چۈنكى، زاكات ئۆزى خالىغان ھالدا بېرىلىشى كېرەك.

ئاللاھ شەيئىلەرگە يارىتىلىشىنى، يەنى يارىتىلىش مەقسىتىنى بەخش ئېتىدۇ. ئۇ يارىتىلىش مەقسىتى ئىچىدە فىترىتىمۇ بولىدۇ. پاقلان بىلەن بۆرىنىڭ، شامال بىلەن سۇنىڭ، ئىنسان بىلەن پەرىشتىلەرنىڭ يارىتىلىش مەقىسىتى ئوخشاش بولمايدۇ.

سوئال: يارىتىلىش مەقسىتىنى بەخش ئېتىش نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟

جاۋاپ: يارىتىلىش مەقسىتىنى بەخش ئېتىش، قۇرئان ئىپادىسى بىلەن « تەۋسىيە قىلىش » دېگەنلىك بولىدۇ. ئاللاھ يارىتىلىش مەقسىتىنى ئۇنىڭغا بىلدۈرگەن ۋە ئۇنى بۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغىدەك قابىلىيەتكە ئىگە قىلغاندىن كېيىن، ئۇنى بۇ يولغا يۈزلەندۈرىدۇ.

سوئال: ئىنسان ئەسلىدە نېمە؟ يارىتىلىش مەقسىتىچۇ؟

جاۋاپ: ئامانەتكە سادىق بولۇش، ھاياتنى بەرپا قىلىش، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى، قەرزلىك ( ئاللاھ قا ) ئېڭىنى ئۆزى ئىچىگە ئالغان بەندىلىكتۇر.

سوئال: بەندىلىكنىڭ كامالى ئۈچۈن نېمە كېرەك؟

جاۋاپ: ئەسما ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە تەجەللى بولغان بىر ئەينەك بولۇش كېرەك. بۇ، ئايەتنىڭ ئاخىرىدىكى « يارىتىلىش مەقسىتىگە يۈزلەندۈرۈش » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ھىدايەتنىڭ دەل ئۆزى. ئەقىل، ۋەھىي ۋە پەيغەمبەر مانا بۇنىڭ ئۈچۈن بار بولغان.