ئۆمۈرگە تەڭداش كېچە – قەدىر كېچىسى

ئەل قۇددۇس ئاللاھ قا ئائىت بىر سۈپەتتۇر. ئىسلام ۋەھىيسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولغان قۇرئان، بۇ سۈپەتنى پەقەت ئاللاھ ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. كەلىمىنىڭ گرامماتىكىلىق قۇرۇلمىسى جەھەتتىن « ئۆزى مۇتلەق مۇقەددەس بولغان » ۋە « مۇقەددەس قىلىش ھەققى پەقەت ئۆزىدىلا بولغان » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

بۇنىڭ بىرىنچى مەنىسى، ئاللاھ تىن غەيرى مۇقەددەس دەپ قارىلىدىغان ھاكىمىيەت ياكى ھۆكۈمدارنى رەت قىلىدۇ. بۇ خىل مۇئامىلە، پەقەت ئاللاھ قا خاس بولغان بىر سۈپەتنى باشقىلاردا كۆرۈش ياكى بار دەپ قاراش مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، بۇ ئاللاھقا « شېرىك » كەلتۈرگەنلىك بولىدۇ. ئىككىنجى مەنىسى، « قەتىئىي ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان مۇقەددەسنىڭ دائىرىسىنى بەلگىلەش بولۇپ، « قدس » سۆزىدىن تۈرلەنگەن سۆزلەرنىڭ قۇرئاندىكى ئىشلىتىلىشى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات، كونا ۋەھىيدىن قۇرئان ۋەھىيگە بولغان مۇقەددەسلىك دائىرىسىنى قانداق شەكىلدە تارايتىپ، پەقەت ئاللاھ قىلا خاس قىلىنغانلىقىنى روشەن ھالدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئىسلامنىڭ زامان ۋە ماكان تەسەۋۋۇرىدا، چوقۇم ياخشى ياكى يامان زامان يوق. زامان ياكى ماكاننىڭ ياخشى – يامان بولىشى ئىنسانغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىلغان زامان – ماكان ياكى يامان يولغا سەرپ قىلىنغان زامان – ماكان بولىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتساق، ئوڭ ۋە تەلەيلىك ياكى تەتۈر ۋە شۇم زامان – ماكان يوق. زامان ۋە ماكاننى ياخشى ياكى يامان يولغا ئىشلىتىش ئىنساننىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇرۇلغان. مانا بۇ سەۋەپتىن رەسۇلۇللاھ ئۆزىگە يېتىپ كەلگەن زامان ۋە ماكان ھەققىدىكى « ياخشى » ياكى « شۇم » دەپ ئاتاشلارنى جاھىلىيەتنىڭ ئىزنالىرى دەپ رەت قىلغان. چۈنكى بۇنداق بىر ئەقىل ئىنساننىڭ روھىي دۇنياسىنى زاۋاللىققا يۈزلەندۈرىدۇ، مەنىۋىي كۈچ ۋە قابىلىيىتىنى كاردىن چىقىرىدۇ.

ئەگەر يەز يۈزىدە ئەڭ مۇقەددەس بىر ماكان بولىدىغان بولسا، بۇ « كەبە » بولىدۇ. ھالبۇكى، كەبىنىڭ تارىختىن بۇيان نەچچە ئون قېتىم تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىغانلىقى مەلۇم. بۇ جەھەتتە داڭلىق تەتقىقاتچى ئەزراقى كەبىنىڭ ئالتمىش نەچچە قېتىم بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلغان. يەمەنلىك خىرىستىيان قوماندان ئەبرەھە كەبىگە ھۇجۇم قىلغاندا، ئىلاھىي جازاغا ئۇچرىغان بولسا، ھەججاج مەنچاناقلىرى بىلەن كەبىنى ئاسانلا چىقىپ تاشلىغان ۋە ھېچقانداق بىر جازاغا ئۇچرىمىغان. مۇشرىكلار كەبىنىڭ ئىچىنى شېرىك سىمۋوللىرى بىلەن توشقۇزغانىدى. كەبىنىڭ قىسمىتىدىكى بۇ ۋەقەلەر، مۇقەددەسنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە ئىلاھى تەقدىر ( قازا / قەدەر )نى ئېنىقلاش مەقسىتىدە ئومۇمىي بىر ئىزدىنىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىشى كېرەك.

ئەگەر زامانلار ئىچىدە مۇتلەق مۇقەددەس بىر ۋاقىت بار بولسا، بۇ قەدىر كېچىسىدۇر. چۈنكى قۇرئان ۋەھىي، ئۆز بايانىغا كۆرە بۇ كېچىدە نازىل بولۇشقا باشلىغان. يەنە ئۆزى نازىل بولغان كېچىنىڭ بىر رامىزان ئېيى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلماقتا ( 2:185 ). قۇرئان قەدىر كېچىسى ئۈچۈن ئايرىم بىر سۈرە ئايرىغان ( 97 – سۈرە )، « قەدىر كېچىسى – قىممەتلىك كېچە »دۇر.  ئاللاھ تەرىپىدىن مۇبارەك قىلىنغان بىر كېچە ( 44:3 ). بۇ كېچنىڭ قىممىتى ئايەتتە رەقەم بىلەن ئېنىق بايان قىلىنماقتا: « قەدىر كېچىسى مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر »(97:3 ).

مىڭ ئاي تەخمىنەن 83 يىلغا توغرا كېلىدۇ. يەنى مەنلىك شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئۆمۈر دېگەنلىك بولۇپ، بۇ ئايەتنى مۇنداق چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ: « قەدىر كېچىسى بىر ئۆمۈردىن ئارتۇقتۇر ».

قەدىر كېچىسىگە بېغىشلانغان بۇ قىممەت، كېچىنىڭ ئۆزىدىنمۇ ياكى كېچىنىڭ بۇنچە ئەۋزەل بولىشىغا سەۋەپ بولغان باشقا بىر ئامىل تۈپەيلىدىن بولغانمۇ؟

بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى بىرىنچى ئايەت روشەن ھالدا ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇنىڭغا كۆرە، مەزكۇر كېچە بۇ قىممىتىنى قۇرئاندىن ئالماقتا. چۈنكى قۇرئان ۋەھىي بۇ كېچىدە نازىل بولۇشقا باشلىغان. بىر كېچىنى 30 مىڭ ھەسسە ئارتۇق قىلغان ئامىلنىڭ كېچە / زامان – ۋاقىت ئەمەسلىكى، بۇ كېچىنىڭ مۇقىم بىر ۋاقىت قىلىپ بەلگىلەنمىگەنلىكىدىن مەلۇم بولىدۇ. تىلغا ئېلىنغان ۋاقىت / زامان قەمەرىيە ( ئاي ) كالېندارغا تەۋە بولۇپ، قەمەرىيە كالېندارىنى شەمسىيە ( قوياش ) كالېندارىدىن ئايرىپ تۇرغان بىر خۇسۇس، ئۇنىڭ مۇقىم ئەمەس، ئۆزگىرىشچان بولىشىدۇر. بۇنىڭغا قارىتا، قەمەرىيە يىلى ئىچىدە مۇبارەك قىلىنغان ھەر بىر ۋاقىت ( رامىزان، قەدىر كېچىسى ۋە ئىسرا كېچىسى )، مۇبارەك ۋە بەرىكەتلىك بولىشىنى ئۆزىدىن ئەمەس، ئەكسىچە باشقا بىر ئامىلدىن ئالماقتا. قۇرئاننىڭ ئاينى كالېندار تۈزۈشتە ئۆلچەم قىلىپ بېكىتىشى ( 10:5 )،  بۇنى مۇشرىكلارنىڭ شەمسىيە كالېندارى بىلەن ئوخشاش ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقارغان ھىيلە « نەسى » ئۇسۇلى مەنتىقىنى تەنقىد قىلىشى ( 9:37 ) مانا بۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك.

قەدىر كېچىسىنى 30 مىڭ ھەسسە مۇبارەك قىلغان ئامىلنىڭ قۇرئان ئىكەنلىكى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، بارلىق مۇبارەكلىك، ئۇلۇغلىق ۋە بەرىكەتنى نوقۇل بىر زامان پارچىسىغا / كېچىگە مەركەزلەشتۈرۈلمەستىن، قۇرئانغا مەركەزلەشتۈرۈش توغرا بىر مۇئامىلە بولىدۇ. بۇ مۇنداق دېگەنلىك بولىدۇ:

ئەي ئىنسان! ۋەھىي نازىل بولغان ۋاقىتنى 30 مىڭ ھەسسە مۇبارەك قىلدى. چۆل شەھىرىدە ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۇرمۇشى بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان ئابدۇللاھنىڭ ئوغلى مۇھەممەدكە ۋەھىي نازىل قىلىنىشى بىلەن، ئۇ « ئالەملەرگە رەھمەت قىلىنغان » بىر ئەلچى بولدى. ئادەتتىكى بىر چۆل شەھىرى بولغان مەككىنى « شەھەرلەرنىڭ ئانىسى » بولغان مۇبارەك ۋە ھۆرمەتلىك بىر شەھەر قىلدى.

بۇ ئۆزگۈرۈشلەرنى ھاسىل قىلغان قۇرئان ئەگەر سېنىڭ قەلبىڭگە، زېھنىڭگە، ھاياتىڭغا ۋە دۇنيارىڭغا نازىل بولسا، ساڭا بىر كېچىسى بىر ئۆمۈردىنمۇ بەرىكەتلىك بولغان بىر ھايات بېغىشلىماسمۇ؟ سېنىڭ ھېس – تۇيغۇ، تەپەككۇر ۋە ھەرىكەت قابىلىيىتىڭنى نەچچە مىڭ ھەسسە ئاشۇرماسمۇ؟

ساھابىلەردىن بەزى كىشىلەر چۈشىدە قەدىر كېچىسىنىڭ رامىزاننىڭ ئاخىرقى يەتتە كۈنىدە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، رەسۇلۇللاھقا ئېيتقاندا، رەسۇلۇللاھ « رامىزاننىڭ ئاخىرقى يەتتە كېچىسى ھەققىدىكى چۈشۈڭلار ئاساسەن ئوخشاپ قالىدىكەن، كىم قەدىر كېچىسىنى تاپماقچى بولسا، رامىزاننىڭ ئاخىرقى يەتتە كېچىسى ئىچىدىن ئىزدىسۇن » دېگەن ( بۇخارى ۋە مۇسلىم ).

بۇ نەقىل رەسۇلۇللاھنىڭ قەدىر كېچىسىنىڭ قايسى كېچە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقى ئىپادىلىمەيدۇ. رەسۇلۇللاھ قانداق بولۇپ بىلمەي قالىدۇ؟ قۇرئان ئۇنىڭغا نازىل بولدى ۋە قۇرئان نازىل بولغان كېچە ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ بۇرۇلۇش نوقتىسى ئىدى. بىر كىشىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتنى ئۇنۇتۇپ قېلىشى مۇمكىنمۇ؟ بۇ يەردە بىزنىڭ تېمىمىز بۇ ئەمەس، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ۋاقىتنى ئېيتماسلىقتىكى سەۋەپ نېمە؟ بۇ ئەسلى تېمىمىز.
نەچچە ئەسىردىن بۇيان مۇسۇلمان ئەنئەنىسى، نەقىللەرنىڭ ياردىمى بىلەن رامىزاننىڭ 27 – كېچىسىنى قەدىر كېچىسى دەپ بۇ كېچىنى ئۇلۇغلاپ ئىبادەت قىلىپ كەلمەكتە. يۈز مىليۇنلىغان مۇسۇلمان چاڭقىغان يۈرەكلىرىنى، لەۋلىرىنى رەببىنىڭ رەھمەت ۋە شەپقەت بۇلىقىغا مىڭ بىر ئۈمىد بىلەن ئۇزاتماقتا.

بۇ سىمۋول خاراكتېرلىك تەبرىكلەشتە تەك يۈرەككە ئايلانغان يۈز مىليۇنلىغان مۇسۇلماننىڭ بىردىنبىر ئارزۇسى، بۇ خوش بىشارەتكە نائىل بولۇشتۇر: « پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن ( زېمىنغا ئاللاھ تەقدىر قىلغان ) بارلىق ئىش ( تىنچلىق، خاتىرجەملىك، سائادەت… ) ئۈچۈن چۈشىدۇ. شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ – ئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر » ( 97:4،5 ).

چۈنكى ۋەھىي ئېلىپ كەلگەن تىنچلىق، ھوزۇر، سائادەت، خاتىرجەملىك ۋە ھۆرلۈك ( سەلام ) پەقەت ماددىي نوقتىغا خاس ئەمەس بولۇپ، ئۇ ھېس – تۇيغۇ، چۈشەنچە ۋە ھەرىكەت شەكلىدە بىر كىشىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەخس بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، جەمىئىيەتنىڭ تىنچلىق، ھوزۇر، ساھادەت، ۋە خاتىرجەملىكىنىڭ بەرپا قىلىنىشى، فىترەت بىلەن ئوخشاش بىر مەنبەگە مەنسۇپ بولغان ۋەھىينىڭ ھايات بەخش ئەتكۈچى نەپەسىگە ئېرىشىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.

بىز بۇ كېچىدە بۇ زېمىننى ۋەھىيدىن مەھرۇم قىلغانلارنىڭ ھىدايىتى ۋە ئىسلاھى ئۈچۈن، باشقىلار ئۈچۈن دۇئا قىلىمىز. چۈنكى بەك چاڭقاپ كەتتۇق.