ئىتىكاپ: ھىرانى قايتىدىن باشتىن ئۆتكۈزۈشتۇر

 

ئىتىكاپ ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئاللاھ قا يېقىنلاشتۇرۇش نىيىتدە بىر مەسجىدكە بەنت قىلىشىدۇر.

ئاللاھ رەسۇلى ھىجرەتتىن كېيىن، ئۆمرىنڭ ئاخىرىغىچە رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىنى ھېچ تەرك قىلماي، ئىتىكاپتا بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىكەن. ئىتىكاپتا ئولتۇرالمىغان بىر يىلى ئىتىكاپنىڭ قازاسىنى قىلغان.

رەسۇلۇللاھ ئۈچۈن ئىتىكاپتا ئولتۇرۇش ھىرا سەرگۈزەشتىسىنىڭ يېڭىلىنىشى ئىدى. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە ھىرا سەرگۈزەشتىسىگە ئۆزىمىزدىن باشقا كىشىلەر ۋە شەيئىلەرگە كۆڭۈل بۆلىۋاتقان، باشقا ئىنسانلار ۋە شەيئىلەرنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشىۋاتقان بىز بەكمۇ مۇھتاج.

بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھىرا بىر مەنىۋى ھىجرەت، مەنىۋى كۆچۈشتۇر؛ بىپايان مەنىۋى دۇنيادا ئىنساننىڭ ئۆزى ھەققىدىكى ئىزدىنىشىدۇر. ئىنسان بۇ مەنىۋىي ئالەمدە ئىزدىگىنىنى تاپقاندا، خۇددى غايىپ بولغان مەۋجۇدىيەت يىپىنىڭ بىر ئۇچىنى قولىغا قايتىدىن ئالغاندەك بولىدۇ.

ھەمىشە باشقىلار ھەققىدە پاراڭلىشىمىز.

ھەمىشە باشقىلارنى قۇتقۇزىمىز.

ھەمىشە باشقىلاردىن قىلغانلىرىنىڭ ھېسابىنى سورايمىز. ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىمىز، ئۇلارنى سوتلايمىز.

ئۆزىمىزچۇ؟ بۇ تۇرقىمىز بىلەن، خۇددى ئۆزىگە ئوت تۇتاشقان ئوت ئۆچۈرگۈچىلەرگە ئوخشايمىز. ئۆزىگە تۇتاشقان ئوتنى ئۆچۈرەلمىگەن بىرسىنىڭ، باشقىلارغا تۇتاشقان ئوتنى ئۆچۈرەلىشىگە كىم ئىشىنىدۇ؟

بۈگۈنكى كۈندە، تەپەككۇر خۇددى ئىسمىنى پەقەت كىتاپلاردا ئۇچرىتىدىغان ئەنقاغا ئوخشايدۇ. ۋەقە، باشقىلار ۋە ئەڭ يامان بولغىنى ئۆزى ھەققىدە سۆز قىلغانلار ئارىسىدا تەپەككۇر غايىپ بولىدۇ. تەپەككۇرنى يوقاتقانلار پىكىر يۈرگۈزۈش دەسمايىسىنى يوقۇتۇپ قويغانلار بولۇپ، دەسمايىسى يوق كىشى ئاچقان دۇككاندا قۇرۇق گەپ، قۇرۇق پاراڭدىن باشقا نېمە سېتىلىدۇ دەيسىز؟!

ئىتىكاپتا يوقاتقان خىسلەتلىرىمىزنى ئىزدەپ تېپىشنىڭ، يارىلانغان قەلبىمىزنى داۋالاشنىڭ، كىشىلەر تەرىپىدىن قاراجا ئەخمەت مازارىغا ئايلاندۇرۇلغان قەلبىمىزنى خارابىلىقتىن خالىي قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى. قەلبنى يىڭى ئازاپلارغا، يىڭى قەھىرلىنىشكە چىداملىق ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن « رېمونت قىلىش » دېگەنلىكتۇر.

ئىتىكاپ سۈننىتى، ئەسلىدە بىر تۈرلۈك ئىچكى دۇنيانى تەربىيەلەش سەپەرۋەرلىكى بولۇپ، ھەر يىلى رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە، مەسجىدلىرىمىز بىر مەكتەپكە ئايلىنىشى لازىم. ئىتىكاپ قىلغۇچىلار بۇ « مەكتەپ »نىڭ ئوقۇغۇچىلىرى؛ قۇرئان بۇ مەكتەپنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ئوقۇشلىقى؛ ھېيىت كۈنى، بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى بولىشى كېرەك.

تۈركىيەدە ئىتىكاپقا قارىتا غەلىتە بىر سۇس كەيپىيات بار. دىيانەت ئىشلىرى ئىدارىسى پۈتۈن كادىرلىرىنى ئىشقا سېلىپ بۇ ئىبادەتنى خەلققە چۈشەندۈرىشى كېرەك. باشقا مۇسۇلمان ئەللەردە ئىتىكاپ سۈننىتى ئەڭ يۇقىرى كەيپىياتتا ئادا قىلىنىدۇ. بەزى ئىسلام دۆلەتلەردە ئىتىكاپ ئىبادىتىنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىغا ئۆزەم شاھىت بولدۇم. بەزى مەسجىدلەردە توپ – توپ بولۇپ ئىتىكاپقا كەلگەن ياشلار پىلانلىق ۋە پروگراممىلىق بىر تەربىيەدىن ئۆتكۈزلۈپ، ئىسلام تەربىيىسى ئالىدۇ، دىنى بىلىملىرى يېڭىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ مەسجىدلەردە ئىبادەت قىلىدىغان كىشىلەر ياشلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە يېقىن مۇناسىۋەت قۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.

كىشى ئۆزىدىن مۇنداق بىر سوئالنى سورىماي تۇرالمايدۇ: مەنىۋىيەت بايلىقىغا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولغان تۈركىيە مۇسۇلمانلىرى، ئىتىكاپنىڭ مۇھىملىقىنى قاچان چۈشىنىپ يېتىدۇ؟ تاشلىنىپ قالغان بۇ سۈننەتنى قاچان تىرىلدۈرۈپ، يارىلانغان قەلبىگە مەلھەم قىلىپ سۈرتىدۇ؟

ھە راست، چاي سۆھبەتلىرىدە ۋالاقلاپ ئۆتكۈزگەن شۇ بىر يىل ۋاقىتنى يىغسىڭىز، قانچە ئىتىكاپقا توغرا كېلەر؟