ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن قېرىنداشلار،

ھەممىڭلارغا ئۇزۇندىن بېرى ھەر دۈشەنبە كۈنى ئاخشىمى سائەت 10 دا ھىلال تېلېۋېزىيىسىدە نەق مەيداندىن بېرىلىدىغان ئەردەم ئۇيگان ئەپەندىمنىڭ رىياسەتچلىكىدىكى « يۈكسەلگەن سۆزلەر » پروگراممىسىنىڭ ئۇچۇرلىرىرىنى فېيىسبۇك بېتىمدە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق، سىلەرنى پىروگراممىنىڭ تېمىسى ۋە مېھمانلارنىڭ ئىسىملىرى بىلەن بولسىمۇ ۋەقىپلەندۈرۈپ تۇرغۇنىمدىن تولىمۇ خۇرسەن بولۇپ يۈرەتتىم.

بۇ دۈشەنبە ئاخشىمى 2014-2015 يىلىدىكى بىرىنچى مەۋسۇمنىڭ ئاخىرقى سۆھبىتىگە، يەنى 28 – سانىغا تۈركىيەدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ھەر ساھە زىيالىلىرى ئارىسىدا تونۇلغان ئۈچ داڭلىق زىيالى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىدىغان « دىن ۋە بىلىمنىڭ مۇناسىۋىتى » ھەققىدىكى بەش بۆلۈملىك سۆھبەت پروگراممىسىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، پروگرامما باشلىنىشتىن 4 سائەت بۇرۇن ئەردەم ئۇيگان ۋە ھىلال تېلىۋىزىيە تەشۋىقات مۇدىرى خاقان ئەپەندىمدىملەر بىلەن ئالاقىلاشتىم. ئۇلار  كەچ سائەت 9 دىن بۇرۇن تېلىۋىزىيەگە كېلىپ بولۇش شەرتى رۇخسەت قىلدى.

ئۇستاز جانان تاسلامان، ئەمرە دورمان ۋە سىنان جانان ھەمدە رىياسەتچى ئەردەم ئۇيغانلار بىلەن تونۇشىۋېلىش ئۈچۈن سائەت 7:30 دا مېترو بىلەن يولغا چىقىپ، 9:15 دە ئاران دېگەن ھىلالغا يېتىپ باردىم ۋە كۈتۈش ئۆيىدە ئەڭ ئالدى بىلەن ئەردەم ئۇيگان ئەپەندىم بىلەن ئەسرالاشتىم.

بۇياقنى ئۆتكەن يىلقى رامىزاندا، تېلىۋىزىيە 8 قانىلىنىڭ 2014 – يىلدىكى رامىزان پروگراممىسى « يۈكسەلگەن سۆزلەر » مۇنبىرىدىن تونۇغان ئىدىم. ئۇ يىلى رامىزان ئەشۇ پروگرامما بىلەن بەكلام ئېسىل ئۆتكەن ئىدى. پىروگرامما تۈركىيەنىڭ قايناق رامىزانلىق ھاياتىغا ھايات قوشقان بولۇپ، شۇ پروگرامما سايىسىدە قۇرئان ئېيىدا قۇرئاننى تېخىمۇ ياخشى ئىدراك ئەتكەن ئىدۇق…

رامىزان تۈگىگەندىن كېيىن، قانداق بولدى « يۈكسەلگەن سۆزلەر » ھىلال تېلىۋىزىيەسىدە تەكلىپ بىلەن داۋام قىلدى. پروگراممىنىڭ سۈپىتى يەنە بىر ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ۋە قېتىلغان مېھمان ئۇستازلارمۇ تېخىمۇ سەرخىل بولۇشقا باشلىدى. بىزمۇ زېرىكمەي ۋە تېرىكمەي پروگراممىنى كۆرۈپ كەلدۇق. ھەتتا بىر نەچچە قېتىم فېيىسبۇك ئارقىلىق ئەردەم ئۇيگانغا:

بارلىق يۈكسەلگەن سۆزلەرنى بىر تور بېتىگە يىغىپ، ئاندىن ئۇ سۆھبەتلەرنىڭ تۈركچە خېتىنى يازدۇرۇپ، ۋاقىت ئوقىغا تىزدۇرۇپ، ھېچبولمىغاندا قولىقى ئاڭلىمايدىغان تۈركلەرگە بولسىمۇ خەتلىك فىلىم ۋە بىزدەك تۈرك مىللەتلىرى ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن بولىمىز، سېنىڭ كۆرۈرمەن ۋەيا ئوقۇغۇچىلرىڭنىڭ ئارىسدىن بۇ ئىشنى خالىسانە قىلىپ بېرىدىغانلارغا قىلدۇرغان بولساڭ بەك بەلەن بولاتتى، دەپ مەسلىھەت بەردىم.

ئۇ بۇ مەسلىھەتىمدىن بەكمۇ سۆيۈنۈپ « بەكمۇ بەلەن پىكىر ئىكەن !!!» دەپ ئاقىشلىغان ئىدى… ھەتتا مەن بىزنىڭ « مۇستافا ئىسلامئوغلىنىڭ تەفسىر دەرسىنى خەتلىك قىلىش گۇرۇپپىسى » نىڭ خىزمەتلىرىنى مىسال كۆرسۈتۈش ئارقىلىق ئۇنى قايىل قىلىشقا تىرىشقان ئىدىم.

سىتۇدىيۇدا ئۇ مېنى ئىتتىكلام تونىدى. ياخشى ئەسرالاشتۇق. ئاخىرىدا مەن:

  • رامىزاننىڭ باشلىنىشىغا ئاز قالغاندا، نېمە سەۋەپتىن بۇ « يۈكسەلگەن سۆزلەر »نىڭ ئاخىرقى بۆلۈمى بولۇپ قالدى؟ دەپ سورىدىم. ئۇ:
  • ئامال يوق، دېدى.

بىر قانچە مىنۇتتىن كېيىن سورۇنغا دوكتور سىنان جانان كىرىپ كەلدى. ئەردەم ئەپەندىم بىزنى بىر – بىرىمىزگە تونۇشتۇردى. سىنان ئۇستاز ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمنى دوپپامدىن تونۇۋالدى ۋە بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئۆزىگە مۇشۇنداق دوپپىدىن بىرنى سوۋغا قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، « چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار بەك بەلەن جۇما! » دەپ قويدى ۋە بىرقانچە ئېغىز پاراڭلىشىپ تۇرىشىمىزغا پروف. در. جانان تاسلامان يېتىپ كەلدى. ئەردەم ئەپەندىم مېنى ئۇستازغا تونۇشتۇرۇپ بىزنىڭ پروگراممىنى ۋە ئۇستازلارنى تەقىپ قىلىۋاتقانلىقىمىزنى، ھەمدە تەرجىمە ئىشلىرى بىلەنمۇ مەشغۇل ئىكەنلىكىمىزنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇستاز جانەر تاسلامانمۇ ئۆزىنىڭ يېڭى چىققان كىتاپلىرىنى پىروگراممىدا تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن رىياسەتچى ئەردەم ئەپەندىگە بەردى ۋە ماڭىمۇ تونۇشقانلىقىمىزنىڭ ھەدىيىسى سۈپىتىدە مۇشۇ رەسىمدە كۆرگىنىڭىزدەك « قۇرئان ۋە ئىلمىي زېھىننىڭ ئىنشاسى ( بەرپا قىلىنىشى ) » ناملىق ئەسىرى بىلەن « تەڭرى پارچىسى – پەلسەپىۋى ۋە تېئولوجىك مۇلاھىزىلەر » ناملىق نەشىردىن يېڭى چىققان كىتاپنى ھەدىيە قىلدى. مەن بەكمۇ سۆيۈنۈپ كەتتىم…چۈنكى تۈركىيەدىكى بارماق بىلەن سانىغىلى بولىدىغان ئىلىم – پەن ۋە دىن، ھەمدە پەلسەپىنى بىر – بىرىگە باغلىغان ھالدا، زىتلەشتۈرمەستىن، بۇلارنىڭ بىر – بىرىگە زىت ئەمەسلىكىنى، ھەتتا زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن تېلىۋېزىيە پروگراممىلىرىدا، داڭلىق ئاتېئىستلارنىڭ يالغانلىرىغا دادىل رەددىيە بېرىپلا قالماي، يەنە ئىسلامغا دىن سۈپىتىدە كىرىپ قالغان بەزى خۇراپات چۈشەنچىلەرگىمۇ قۇرئان دەلىلى بىلەن دادىل قارشى تۇرۇشلىرىغا ھەيرانۇ – ھەس قالاتتىم. ھەتتا بۇ ئۇستازنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى يوقمىدۇ؟ دەپ بىرەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسىنىڭ بولىشىنى ئارزۇ قىلىپ يۈرگەن داڭلىق ئالىملاردىن بىرسى ئىدى. ئۇنىڭ قولىدىن ئەڭ يېڭى كىتابىنى ئۆز قولىدىن ئېلىش، مەن ئۈچۈن چوڭ خۇشاللىق ھېساپلىناتتى…
ئۇستازمۇ بوشكەلمەي، مېنىڭ تور بېتىمدە بېسىپ سېتىلغان بارلىق كىتاپلىرىمنىڭ ئېلكىتاپ نۇسقىلىرى بار، ئۇيغۇرلار www.canertaslaman.com توربېتىمدىكى كىتاپلارنى چۈشۈرۈپ ئوقۇسىمۇ ۋەيا تەرجىمە قىلىۋالسىمۇ بولىدۇ، دېدى.

ئۇزۇن ئۆتمەي ئاجى بادەم ئۈنىۋېرسىتىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى در. ئەمرە دورمان يېتىپ كەلدى ۋە پروگرام باشلىنىشقا ئاز قالغانلىقتىن، دەرھال كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ باشقا ئۇستازلار بىلەن سىتودىيۇغا كىرىپ كېتىشتى… مەن قېرىندىشىم بىلەن كۈتۈش ئۆيىدىكى ئېكراندىن پروگراممىنى كۆردۇق. ئۇكام ئۈزلىكسىز كۆزىنى تېلىۋۇزۇردىن ئۈزمەي، بېرىلىپ پىروگراممىنى كۆرۈپ چىقتى، مېنىڭ كۆزۈم تېلىۋېزوردا بولغىنى بىلەن زېھنىمدە مىللىتىمىزنىڭ ئارىسىدىكى ئالىملىرىمىز ۋە زىيالىيلارنى، نورمال ۋە بىنورمال ئادەملىرىمىزنى تۈركلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ قېلىپ چىقتىم… ھەقىقەتەنمۇ بىز خەقتە ئۆزىنى « تولغان »، « ئالىم » چاغلايدىغان ۋە « ئۇيغۇر دېگەن ئانداق تەقۋا مانداق تەقۋا … »، « بۇيەردىكى خەقلەر بەكلام … ئۇنداق… مۇنداق… » دەپ ئەسەبىي مىللىيەتچىلىك ۋەيا تەكەببۇرلۇق دەستىدىن نائىنساپلىق بىلەن غادىيىپ يۈرۈپ، ئۆزى تۇرۇۋاتقان مەملىكەتتىكى خەلىقنىڭ ياخشى يەرلىرىنى كۆرمەستىن، ھەمىشە خاتا يېرىگىلام نەزەر تاشلاپ يۈرىيدىغان؛ چوڭچىلىق قىلىپ ئۆدەككە سۇ يۇقمىغاندەك، بۇ ۋەتەننىڭ داڭلىق ئالىملىرى ۋە سېخى ئىنسانلىرىنىڭ بىلىملىرى بىلەن ئۆزىنىڭ بىلملىرىنى سېلىشتۇرۇپ، ئىلىمىنى بېيىتىشقا تىرىشمايدىغان، كەچكىچە غاجاپلام يۈرگەن قىسمەن ھالىمىزغا قاراپ ھالىمىزغا ئېچىندىم. مۇشۇنداق ئالىملار بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلارنىڭ ئىلمىدىن پايدىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ھازىرچە سانى ساناقلىقلام بولسىمۇ، كۆڭۈلنى خوشال قىلىدىغان بەزى ئىلگىرلەشلەرنى كۆرۈپ، تولىمۇ خۇرسەن بولغان بولدۇم…

پروگرام يېرىم سائەتتە بىر بېرىلىدىغان ئېلانلاردىن كېيىن يەنە داۋام قىلىۋاتاتتى. ھەممەيلەننىڭ روھى – كەيپىياتى جايىدا، ناھايىتىمۇ خۇشخۇي كەيپىياتتا بولۇپ پروگرام كۆڭۈللۈك داۋام قىلىۋاتاتتى…

ئىنىم بىلەن مەن قايتىشتا  قاتناشتىن قىينىلىپ قالمايلى دەپ، مېترو توختاشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن، 11:30 دا تېلىۋىزىيە بىناسىدىن ئايرىلدۇق.

ئۆيگە يېتىپ كېلىپ سائەت 00:30 دا تور تېلىۋىزىيەسىنى ئاچسام، سۆھبەت ئاخىرىغا يېقىنلىشىپ قالغان ئىكەن… كېيىن يۇتىيۇبدىن كۆرۈۋالارمەن دەپ، بەرگەن كىتاپلىرىنى بىراز ۋاراقلىغان بولدۇم… ۋە كۆڭلۈمدە ئۇستازلارنى ئۇيغۇرلارغا تونۇشتۇرۇش كېرەك دەپ ئويلاپ قالدىم.

شۇنداق قىلىپ « يۈكسەلگەن سۆزلەر » پىروگراممىسىنىڭ تۈگەنچىسىنى ناھايىتى بەلەن تۈگەتكەن بولدۇم، ئۇ كۈنۈمدىن قەۋەتلام رازى بوپكەتتىم…

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن ئۇستاز جانەر تاسلاماننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى، « قۇرئان ۋە ئىلمىي زېھىننىڭ ئىنشاسى » ناملىق ئەسىرىنىڭ مۇندەرىجە ۋە كىرىش سۆزلىرىنى سىزلەرگە تەرجىمە قىلىپ يوللاپ ئامانەتنى سىلەرگە يەتكۈزگەن بولاي. بەلكىم بۇ چاققىچە ئۇ كىتابىنىڭ ئېلكىتاپ نۇسقىسى تورىدا ئېلان قىلىنغان بولىشىمۇ مۇمكىن.

جانەر تاسلامان، ئالىي مەكتەپنى بوغاز ئىچى ئۈنىۋېرسىتىسىنىڭ جەمىئىيەتشۇناسلىق ئىلمىدا ئوقۇپ تۈگەتكەن. مارمارا ئۈنىۋېرسىتسى پەلسەپە ۋە دىن ئىلىملىرى بۆلۈمىدە « بىگباڭ، يەنى بۈيۈك پارتىلاش تىئورمىسىنىڭ پەلسەپە ۋە تېئولوگىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى » دېگەن ماقالىسى بىلەن ماگىستېرلىقىنى ۋە « تەدرىجىي تەرەققىيات تېئورىمىسىنىڭ پەلسەپە ۋە تېئولوگىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى » ناملىق ماقالىسى بىلەن دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملىغان. ئىككىنجى دوكتورلۇقىنى ئىستانبۇل ئۈنىۋېرسىتىسى سىياسىي بىلىملەر پاكۇلتېتىنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇشىنى « دۇنياۋىلىشىش جەريانىدا تۈركىيەدە ئىسلام » ماقالىسى بىلەن پۈتكۈزگەن. دوكتور ئاشتىلىق ماقالىسىنىڭ تېمىسى بولسا « كۇانتىيۇم تېئورمىسىنىڭ پەلسەپە ۋە تېئولوگىيە بىلەن مۇناسىۋىتى » ھەققىدە ئىدى.

ئۇ، باشتا توكيو ئۈنىۋېرسىتىسىدە، كېيىنچە ئوكىسفورد ئۈنىۋېرسىتىسىدە دوكتۇر ئاشتى تەتقىقاتىنى ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭدىن باشقا خارۋارد ۋە كەمبىرىج ئۈنىۋېرسىتەلىرىدە زىيارەتچى ئاكادېمىك بولغان. ھازىر يىلدىز تەكنىك ئۈنىۋېرسىتىسىدە دوتسېنت بولۇپ ئىشلىگەچ تەتقىقاتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. زامانىۋى بىلىم – پەلسەپە – دىن مۇناسىۋەتلىرى ساھەسى، ئۇ ئەڭ قىزىقىدىغان نوقتىلار بولۇپ، دىن پەلسەپىسى، دىن جەمئىيەتشۇناسلىقى، بىلىم پەلسەپىسى، فىزىكا پەلسەپىسى ھەم بىئولوگىيە پەلسەپىسى قاتارلىقلار  ئۇنىڭ تەتقىقات ساھەسىدۇر.

ئۇستاز بىلەن بىرلىكتە « قۇرئان ۋە ئىلمىي زېھىننىڭ ئىنشاسى » ناملىق ئەسەرنى يازغان ئەنىس دوكو  Enis DOKO، ئورتتۇرا شەرىق تېخنىكا ئۈنىۋېرسىتىسى ئالىي فىزىكا ۋە پەلسەپە بۆلۈمىنى ئالىي دەرىجە بىلەن پۈتكۈزگەن. ئاندىن كوچ ئۈنىۋېرستىسى فىزىكا بۆلۈمىدە كۇانتىيۇم مېخاينىكىسى ساھەسىدە دوكتورلۇقىنى داۋاملاشتۇرغان. تەتقىقات ساھەسى كۆپ پارچىلىق كۇانتىيۇم تېئورمىسى، ئۇلتۇرا سوغۇق ئاتوم فىزىكىسى، فىزىكا پەلسەپىسى، بىلىم پەلسەپىسى، ئالەم بوشلىقى ۋە زامان پەلسەپىسى، دىن – بىلىم مۇناسىۋىتى ۋە دىن پەلسەپىسىدۇر.  بۇنىڭدىن بۇرۇن بىلىم – پەلسەپە – دىن مۇناسىۋىتىگە ئالاقىلىق « ئاللاھ، پەلسەپە ۋە بىلىم » كىتاۋىنىڭ مۇھەررىرلىكىنى، « داھىي ۋە دىندار: ئېساق نىيوتون » ناملىق كىتابىنى يازغان.

ئۇستازنىڭ ئەسەرلىرىنى www.enisdoko.com دىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.

 

 

« قۇرئان ۋە ئىلمىي زېھىننىڭ ئىنشاسى ( بەرپا قىلىنىشى ) » ناملىق كىتاپنىڭ كىرىش سۆزى:

كۈنىمىزدە ئىنسانلارنىڭ، ھاياتىغا يۆلىنىش بەلگىلەشتە مۇنۇ ئىككى ساھەنىڭ تەسىرى دائىرىسىدىن قوتۇلالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتمەكتىمىز. بۇ ئىككى ساھە دىن ۋە بىلىمدۇر.
بۇ ئىككى ساھەنىڭ بىر – بىرىگە زىت ئىكەنلىكىنى، ھەتتا بىر – بىرى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلار بولغاندەك، بۇنىڭ دەل ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلارمۇ بار. تەتقىقاتىنىڭ ئاساسلىق قىسمى بىلىم – پەلسەپە – دىن مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە بولغان ئاكادېمىكلاردىدن بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ ئۈچ خىل كۆز – قاراشتىن ئىجابى مۇناسىۋەت قۇرغان كۆز قاراشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى قوللىغۇچىلاردىنمىز. شۇنداقتىمۇ بۇنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا « قايسى دىن ۋە قايسى پەلسەپە ھەققىدە سۆزلەۋاتىسىلەر؟ » دېگەن سوئالنىڭ جاۋابىنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭ ئېنىق بايان قىلىنىشى كېرەك ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسلىتىپ ئۆتىشىمىز كېرەك. دىنلارنىڭ ۋە بىلىملەرنىڭ ئىچىدە بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىنكاسلار بار بولۇپ، بىلىم – پەلسەپە – دىن مۇناسىۋەتلىرى نوقتىسىدىن بۇ ئوخشىماسلىقلارنىڭ تېپىپ چىقىلىشى ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

بۇ يەردە بىلىم – پەلسەپە – دىن مۇناسىۋىتى، باش تېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر نوقتا ئاساسىدا، يەنى ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى مەنبەسى بولغان قۇرئان ئاساسىدا مۇلاھىزە قىلىنىشى كېرەك. قۇرئان مەزمۇنىنىڭ ئىلمىي پائالىيەتلەر بىلەن قانداق مۇناسىۋەت قۇرغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىش، بۇ كىتاپنىڭ ئاساسلىق نىشانىدۇر. بۇنى، بولۇپمۇ قۇرئان ئوتتۇرىغا قويغان تېئىست ( پەلسەپىۋى ياكى ئەقلىي دەلىل – ئىسپاتلار ئاساسىدا ئىلاھنىڭ بارلىقىنى قوبۇل قىلىش )  چۈشەنچىسىنى، بۈگۈنكى ئاكادېمىك دۇنياسىدا كەڭ تارقالغان ناتۇرالىسىت – ئاتېئىست چۈشەنچە سېلىشتۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىمىز. مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بولغان قۇرئانى كەرىم، مەزمۇنلىرى ئارقىلىق ئىشەنگەنلەر – مۇئمىنلەرنىڭ زېھنىنىنى ئىنشا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. قۇرئان، زېھنىمىزدە مەۋجۇت بولغان يۈزەكى چۈشەنچە ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقچى بولغان ھەرىكەتلەر ئۈچۈن ئىلھام بەخىش ئېتىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىلمىي مەشغۇلاتلىرىمىزنى زېھنىمىزدىكى يۈزەكى چۈشەنچىلەرگە ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرماقتىمىز ۋە ئىلمىي پائالىيەتلەرمۇ ھەر قانداق پائالىيەتلەرگە ئوخشاش ئىلھامغا يەنى مۇھتاج. بۇ كىتاپتا، قۇرئاننىڭ ئىلمىي پائالىيەتلەر ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان يۈزەكى چۈشەنچىلەرنى ئىنشا قىلغانلىقى ۋە بەرگەن ئىلھاملىرىنى ھاياتىمىزدىكى ئىلمىي ئەمگەكلىرىمىزگە مۇجەسسەملەشتۈرۈشىمىزنى تەشۋىق قىلغانلىقىنى كۆرسۈتۈپ بېرىشكە تىرىشماقتا. قۇرئاننىڭ تىلغا ئېلىنغان تېما ھەققىدىكى يۈزەكى چۈشەنچىلەرگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات، تەكشۈرۈپ چىققىنىمىزدەك بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ تەتقىقاتىمىزنىڭ ئالاھىدە قىسمىنى تەشكىل قىلماقتىدۇر.

قۇرئان مەزمۇنىنىڭ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن شەكىلدىكىدەك ئىكەنلىكىگە ئائىت تەتقىقاتىمىزنىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ مەزمۇنغا مۇناسىپ پوزىتسىيەدە بولغانلىقىغا ئالاقىدار بىر قاراشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىغىمۇ دىققەت ئېتىبارىمىزنى بېرىشىمىز كېرەك. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلمىي مۇۋەپپىقىيەت ۋەياكى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان دەۋىرلىرى، بۇ دەۋىرلەرنىڭ سەۋەپلىرى، بۇ دەۋىرلەرگە قۇرئاننىڭ قانچىلىك تەسىرى بولغانلىقى باشقا بىر تەتقىقات تۈرىنىڭ تېمىلىرىدۇر. بۇ خىل تەتقىقاتلاردا ئەلۋەتتە بۇ كىتاپتا ئىلگىرى سۈرۈلگەن كۆز قاراشلاردىن پايدىلانسا بولىدۇ. لېكىن بۇ كىتاپتا ئىلگىرى سۈرۈلگەن قاراشنىڭ، پەقەت قۇرئاننىڭ مەزمۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتىمىز.

باشقا ئەسەرلىرىمىزدىن خەۋەردار بولماقچى بولغانلار ۋە بۇ كىتاپقا مۇناسىۋەتلىك پىكىر – تەلەپ ھەم ئىنكاسلىرىنى بىزگە يەتكۈزۈشنى خالىغانلار www.canertaslaman.com ۋە www.enisdoko.com  ئىنتېرنېت ئادرېسىمىزغا كىرسىڭىز بولىدۇ. بۇ كىتاپقا قىزىققان سىز قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرىمىزگە ۋە بولۇپمۇ بۇ كىتاپنىڭ پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپىسى بولغان كالام تەتقىقات ۋە مېدىئاغا Kalam Reseach & Media ۋە فاتىھ فىدانغىمۇ ئالاھىدە تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز.
مۇندەرىجىسى

 

كىرىش سۆز

مۇقەددىمە

  1. بۆلۈم

قۇرئان ۋە ئىلمىي پائالىيەتلەرگە ھەمرا بولغان يۈزەكى چۈشەنچىلەر

1 – كائىناتنىڭ راتسىيونال، چۈشەنگىلى بولىدىغان تۈزۈلىشى باردۇر

2 – ئىنسان زېھنى ئالەم ھەققىدە توغرا ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايدۇ

3 – ئالەمنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى كەشىپ قىلالايمىز

4 – تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى ئالەمشۇمۇلدۇر

5 – ئالەمنى كۆزىتىشنىڭ قىممىتى بار

6 – ئالەم ھەققىدە بىلىمگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن كۆزۈتۈش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە

7 – ئالەمنى چۈشۈنۈشتە ماتېماتىكا مۇھىم رول ئوينايدۇ

2 . بۆلۈم

قۇرئان ۋە ئىلمىي پائالىيەتلەر ئۈچۈن ئىلھام

خۇلاسە
پايدىلانغان ماتېرىياللار

***********************************

بۇ تېمىغا تۇتۇش قىلىشتىن بۇرۇن « تەڭرى پارچىسى » ناملىق 55 بەتلىك كىتابىنىمۇ نەچچە سائەتتە تېزلا ئوقۇپ تۈگەتكەن ئىدىم.

بۇ كىتاپ ھەققىدە ھىلال تېلېۋېزىيەسىدە مەن ھەۋەس قىلىدىغان بۇ 4 ئۇستازلارنىڭ پاراڭلىرىدىن تۆۋەندىكى سۆزلەر ئېسىمدىن كەچكەن ئىدى، سىلەر بىلەن ئوتاقلىشاي:

ئەردەم ئۇيگان:

  • خوجام بۇ كىتابىڭىزنى بىر تىنىقتىلام ئوقۇم تۈگەتتىم ۋە شۇنداق لەززەت ئالدىم. كىتاپ شۇنداق چاققان. سىنان جانان خوجا:
  • نېمە دېسەك بولار؟! بۇ دەۋىر، بولۇپمۇ كېيىنكى نەسىللەر بىز زامانىدا تالىشىپ ئوقۇيدىغان توم – توم رومان ياكى قېلىن كىتاپلارنى ئوقۇشقا پېتىنالمايدىغان، ئوقۇيالمايدىغان بوپ كېتىدىغان بولۇشتى. ھازىر ھەمىشە قىسقا نەرسىلەرنىلا ئوقۇشقا كۆنۈپ كېتىشتى…

مەنمۇ شۇنى دېمەكچىتتىم.

شۇنداق، مۇشۇ تىۋىتتېر ۋە فېيسبۇكتەك ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرى سەۋەبىدىن قىسقا  قىسقا مەزمۇنلارغىلا كۆنۈپ كەتتى. دېگۈم كەلگەنتى، ئاغزىمدىن چىقىرىپ بولغۇچە سىتودىيەگە كىرىپ كېتىشتى…

دېمىسىمۇ بىزنىڭ ھايات كىتابىم تورىمىزدىكى تەجرىبىمىزگە قارىغاندا، ئوقۇرمەنلىرىمىز كۈندۈلۈك تەرجىمىلىرىمىزنى ئوقۇشقا ئادەتلىنىپ، پۈتۈپ چىققان كىتاپلىرىمىزنى باشتىن – ئاياق ئوقۇپ چىقىدىغانلارنىڭ سانى نىسبەتەن ئاز. ( بەلكىم بۇ تەسەۋۋۇرىمىز خاتادۇ، خاتا بوپ چىقىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمىز ).

شۇنداق قىلىپ ئۇستازنىڭ ئۆتۈنىشىنى بەجا كەلتۈرگەن بولدۇم. چەتئەلدە ۋەيا تۈركىيەدە، شۇنداقلا ۋەتەندە ئوقۇۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ پروف. در. جانەر تاسلامان ھەققىدە كۆپرەك ئىزدىنىشىنى، سۆھبەتلىرىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپ چىقىشىنى، تۈركىيەدىكى ئۇستازلارنىڭ ھەرخىل پىكىردىكى ھەر قانداق كىشىلەر بىلەن ئولتۇرۇپ دادىل سۆھبەت ئېلىپ بارالايدىغان ئىملىي ئەخلاقى ۋە ئېغىر – بېسىق تەمكىن روھلىرىنى يېتىلدۈرۈشلىرىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىت قىلىمىز.

كېيىنكى يازمامدا، ئۇ كۈنى تۈزۈكمۇ تونۇشالمىغان، ئەمما ھىلال تېلىۋىزىيەسىدىكى « ئەقىل ۋە ئىمان » پىروگراممىسى ئارقىلىق يۈىكىمىزنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن ئورۇن ئالغان ئاجىبادەم ئۈنىۋېرسىتىسىنىڭ دوتسېنتى دوچەنت دوكتور ئەمرە دورمان ئۇستازنى ئوقۇرمەنلىرىمىزگە تونۇشتۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىمەن.

ئۇ ۋاقىتقىچە « دىن ۋە بىلىم مۇناسىۋىتى » ناملىق « يۈكسەلگەن سۆزلەر » پروگراممىسىنىڭ تۈگەنچىسى بولغان 28-سانىنىڭ ئاۋازلىق نۇسقىسىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

http://bilimilim.org/kaznak/08-06-2015_Din%E2%80%93Bilim-Iliskisi-Yukselen-Sozler%E2%80%93HILALTV.mp3

ھۆرمەت بىلەن
ھايات كىتابىم تورىدىن ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق
2015 – يىل 13 – ئىيۇن كېچە 2:30
ئىستانبۇل، تۈركىيە