روسسىيە 2020 – يىلى

يېڭىدىن ماسلىشىش

جۇغراپىيلىك چوڭ مەسلىلەر قايتىدىن تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: فرانسىيە ۋە گىرمانىيە، ياكى روسسىيە ۋە پولشا بىر قانچە قېتىم ئۆزئارا ئۇرۇشتى. دۆلەتلەر ئارىسىدىكى بىر مەسىلە يالغۇز بىر قېتىملىق ئۇرۇش بىلەن ھەل قىلىنمىسا، ئۇرۇشلار تەكرارلىنىشى مۇمكىن.  يەنە بىر قېتىم  ئۇرۇش بولمىسا، ئوتتۇرىدىكى سۈركىلىش ۋە زىددىيەت داۋاملىشىدۇ. روشەن ھالدىكى چىقىشالماسلىق ئاستىغا بەزى ھەقىقەتلەر يوشۇرۇنغان بولۇپ، بۇلار ئاسانلىقچە يوقاپ كەتمەيدۇ. ئۆتكەن ئەسىردە بالقانلاردا ئوتتۇرىغا چىققان مەسلىلەر ۋە قايتىدىن تەكرارلانغان ئۇرۇشلارنى ئۇنۇتۇپ قالماسلىق كېرەك.

روسسىيە ياۋروپانىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، باشقا ياۋروپا ئەللىرى بىلەن بىر قانچە قېتىم ئۇرۇشتى. ئۆتمۈشتە ناپالىئون ئۇرۇشى، ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى، بىر ئاز روسسىيەنىڭ سىياسىي ئورنى ۋە ياۋروپا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى سەۋەبىدىن بولدى. لېكىن، بۇ ئۇرۇشلارنىڭ ھېچبىرسى مەسلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلالمىدى. چۈنكى، نەتىجە ئىتىبارى بىلەن روسسىيە مۇستەقىل بىر دۆلەت سۈپتىدە مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالدى. ھازىر بىرلىككە كەلگەن بىر روسسىيىنىڭ ياۋروپا ئۈچۈن مەسىلە پەيدا قىلغۇچى ئاكتىپ بىر مەنبە بولىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

روسسىيە زېمىنى كەڭ ۋە نوپۇسى كۆپ چوڭ دۆلەت بولۇپ، ياۋروپا ئەللىرىگە قارىغاندا نامرات بولسىمۇ، زېمىن كەڭ، تەبىئىي بايلىقى مول بىر دۆلەت. بۇ سەۋەپتىن ياۋروپالىق كۈچلەر شەرققە ئېچىلىش ۋە ئۇنىڭ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن پۇرسەت ئىزدەۋاتىدۇ. لېكىن، تارىختا روس زېمىنغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ياۋروپالىق كۈچلەرنىڭ ھەممىسى مەغلۇپ بولغان. روسسىيىگە يېڭىلمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇرۇش ئۇلارنى ھالىدىن كەتكۈزىۋەتكەن ۋە ئاجىزلاشتۇرغان بولۇپ، نەتىجىدە باشقىلارنىڭ نوپۇزى ئاستىغا كىرىپ قالغانىدى. روسسىيىمۇ پۇرسەت تاپسىلا غەربكە يۈرۈش قىلىپ، ياۋروپالىقلارغا تەھدىد سالغانىدى. روسلار كۆپىنچە باشقىلارنىڭ نوپۇزىغا كىرىپ قالدى، لېكىن باشقىلارمۇ روسسىيىنى كۆزگە ئىلماسلىقنىڭ زىينىنى تارتتى.

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەسلىنى ھەل قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن مەسىلىنى نىگىزىدىن ھەل قىلالمىدى. روسسىيە فدېراتسىيونى 1990 – يىللاردا پارچىلانغان ۋە رايوندا كىچىك دۆلەتلەر قۇرۇلغان بولسا ئىدى، ئوتتۇرىدا روس كۈچى ۋە تەھدىدى قالمىغان بولاتتى. ئا ق ش، ياۋروپا ۋە جوڭگو روسسىيىگە قارشى ئىتتىپاقلاشقان بولسا، روسسىيە مەسىلىسى دېگەن بىر مەسىلە قالمىغان بولاتتى. 20 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ياۋروپا ئاجىز ئىدى ۋە پارچىلانغانىدى؛ جوڭگو بېكىنمە ھالدا بولۇپ، ئىچكى مەسلىلىرى بىلەن ئاۋارە ئىدى. ئامېرىكىلىقلارمۇ 11 – سېنتەبىر تېرور ۋەقەسىدىن كېيىن، مۇسۇلمان تېرورچىلار مەسلىسىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنماقتا ئىدى. ئا ق ش بۇ سەۋەپتىن بۇ مەسىلىدە ھەرىكەتكە ئۆتمىدى. روسسىيىمۇ بۇ ۋەزىيەتنى كۆرۈپ، ئالدىدىكى خېيىم – خەتەرنى سەزدى ۋە تەدبىر ئېلىشقا باشلىدى.

روسسىيە پارچىلانمىغانلىقى ئۈچۈن روسسىيىنىڭ جۇغراپىيۋى سىياسىي مەسلىسى، بىر مۇددەتتىن كېيىن يەنە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ۋە روسسىيە ھازىر كۈچ يىغىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ. 1- دۇنيا ئۇرۇشى ناپالىئون ئۇرۇشىنىڭ داۋامى بولىغىنىدەك، يېڭى توقۇنۇشلارمۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ داۋامى بولالايدۇ، ئەلۋەتتە. لېكىن، كونا بىر مەسىلە تەكرارلىنىدۇ. روسسىيە بىر پۈتۈن مىللىي دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن، چېگرالىرى قەيەرگىچە بولىدۇ ۋە روسسىيىنىڭ خوشنىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ بۇ سوئال دۇنيا تارىخىدا بۇنىڭدىنمۇ كېيىنمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ۋە 2020 – يىلىغىچە جاۋاب بېرىلىشى ناتايىن.