wpid-kuransurelirininkimlikiqr.jpg

ھەر مىللەت ئۆزىنىڭ كىملىكى ھەققىدە، بولۇپمۇ ئۇنىڭ تەكتىدىكى ئاساسى ئامىل بولغان ئىنساننىڭ  كىملىكى ھەققىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ تەپەككۇر قىلىۋاتقان بۇ تارىخى جەرياننىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە سىز ۋە بىزمۇ تەپەككۇر دېڭىزىنىڭ تېرەنلىكلىرىگە شۇڭغۇپ دۇر- دانىلەر قېزىشقا تىرىشتۇق، تىرىشىپ كېلىۋاتىمىز…

ھايات ئەنە شۇ ئىزدىنىش جەريانىدىلا ئاندىن ھەقىقىي مەنىگە ئىگە بولغان ئىدى.
ئەپسۇس، ئىنسانلارنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئىزدىنىشى، ئۆزىنى ياراتقان رەببى ئاللاھ نىڭ « ئىنسان » ھەققىدە يازغان چۈشەندۈرۈش كىتابىدا ئېيتىلغان ھەقىقەتلەردىن چەتنەپ كەتكەنلىكتىن، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانلىق ئەسلى ۋەسلىنى ئۇنتۇپ، بامباشقا بىر كىملىك بىلەن ئۆزلىرىنى تونۇشقا ۋە تونۇتۇشقا تىرىشتى، تىرىشىپ كەلمەكتە. نەتىجىدە ئاللاھ بىزنى توغرا چۈشەندۈرگەن، ئىچىدە ھېچقانداق بىر شۈبھە بولمىغان « ئەلكىتاپ »تىن چەتنىگەن قۇرئانىسىز ھايات قاينىمىدا، بەزىلەر رېلستىن چىقىپ كەتكەن تەپەككۇرىنىڭ يەكۈنى بولغان ناتوغرا كىملىك بىلەن « ئىنسان »نى تونۇشقا ۋە تونۇتۇشقا، ئەسلى « ۋەزىپىسى»نى بەلگىلەشكە ئىنتىلىپ كەلدى.

مۇسۇلمان كىملىكىگە ئېرىشەلمىگەنلەرنى بىر تەرەپتە قويۇپ تۇرايلى، قۇرئان  بايانى بىلەن « سەن بۇ دۇنياغا رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلدىڭ » تەرىپلەنگەن بىر  نەبىنىڭ ئۈممىتى، بۈگۈن بىرى – بىرىنىڭ گىلىنى بوغۇشقا ئالدىرايدىغان بولۇپ قالدى. مۇسۇلمان كىملىكى بىلەن تونۇلغان جايلاردا كۆز – ياشلارنىڭ قۇرماس، دەريادەك ئېقىۋاتقان قانلارنىڭ توختىماس، دۇنياغا رەھمەت نەزىرى بىلەن قارىماس بولۇپ قالدى. ئالەملەرگە رەھمەت بولغان رەسۇلنىڭ ئۈممىتى قانداق بولۇپ ئىنسانىيەتكە زەخمەت، زېمىنغا يۈك ھالغا كېلىپ قالدى؟!

بىزدىن بۇ زەخمەتلەر ئۈچۈن دەلىل كۆرسەت دەيدىغانلار كۆزىنى يوغان ئېچىپ، بىر زامانلار قۇرئانغا ئېسىلغانلىقى ئۈچۈن دۇنياغا رەھمەت بولغان،  زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارغا باشپاناھ بولغان، ئەمدىلىكتە ( تۈمەن مىڭ ئەپسۇس! ) قان كۆلىگە تولغان ئوتتۇرا شەرىق رايۇنىغا قارىسا ھەممە ئىش ئايان بولىدۇ…

بىزمۇ بۇنىڭدىن يېتىپ ئاشقۇچە نېسىۋىمىزنى ئالدۇق. ئەمما، قاچان دەرسىمىزنى ئالامىز؟ بۇنىسى نامەلۇم.

ئۆزۋاقتىدا دۇنيا سەھنىسىدە چاڭ چىقارغان كەت سىتىۋېن ( Cat Steven )نىڭ موسۇلمان بولۇش ھېكايىسىنى ئاڭلىمىغانلار بولمىسا كېرەك. ئۇستاز قېرىندىشى سوۋغا قىلغان قۇرئانى كەرىمنىڭ ئىنگىلىزچە يەشمىسىدىن سۈرە يۈسۈپنى ئوقۇغاندىن كېيىن موسۇلمان بولىدۇ ۋە ئىسمىنى يۈسۈپ ئىسلام دەپ ئۆزگەرتىدۇ.

تارىختىن ئۆرنەك كۆرسىتىشكە توغرا كەلسە، ئىسلام ئېتىقادىنىڭ تۇنجى نەسلى بۇ ئۆزگۈرۈشكە ئۆرنەك بولالايدۇ. بىز بىلىدىغان « ساھابە » ئۇنىۋانىغا لايىق بولغان شۇ مۇبارەك ئىنسانلار، ۋەھىي كېلىشتىن بۇرۇن باشقا بىر ئېتىقادنىڭ ئىنسانلىرى ئىدى. ئۇلار ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئادىتى، دۇنيا قارىشىنى بۇ ئېتىقادقا ماس ھالدا ئۆزگەرتتى. ئەنئەنە شەكلىدە يېتىپ كەلگەن، ئەمما ئەسلى ماھىيىتىدىن يىراقلاشقا بەزى ئادەتلەرنى ئەسلىگە قايتۇردى ( ھەج، قۇربانلىق ). مانا بۇلاردىكى بۇ ئۆزگۈرۈش جانابى ئاللاھنىڭ « دىنغا پۈتۈنلەي كىرىڭلار » تەلىماتىنىڭ ئەسەرى ئىدى. ئۇلار ياخشىلىقنى داۋاملاشتۇردى، يامانلىقنى تاشلىدى. قارا قويۇق ھالدا ئادەت دەپ ئېسلىۋالـمىدى. ئۇلاردا بىر ئۆزگۈرۈش، يامغۇرنىڭ تۇپراققا جان بېرىپ ياشناتقىنىدەك گۈللىنىش ئېلىپ كەلگەن ئېتىقاد بىزدە ئۇنى روياپقا چىقارمىغان بولسا، بىز ئۆزىمىزنى ئۇنىڭغا ماس ھالدا ئۆزگەرتمىگەنلىكىمىزدىندۇر.

مېنىڭ ھاياتىمغا ئەڭ تەسىر قىلغىنى ئۇنىڭ « ئەگەر مەن قۇرئان بىلەن تونۇشۇشتىن بۇرۇن مۇسۇلمانلار بىلەن تونۇشقان بولسام ھەرگىز موسۇلمان بولالمايتتىم »  دېگەن سۆزىدۇر.

دېمىسىمۇ ئۇستاز مەلكۇم ئېكىس ئېيتقاندەك  « ئىنسانلار، ھاياتىنىڭ يېگانە بىر كىتاپ ئارقىلىق تامامەن بۇرۇلۇش ياسايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ »  دېگىنىدەك، ئۆزىنى مۇسۇلمان كىملىكى بىلەن تونۇتىۋاتقان ۋەيا ئۆزى قارى قۇررا تۇرۇپمۇ ھاياتىدا بىرەر قېتىم باشتىن – ئاياغ قۇرئانى كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى باشتىن – ئاخىر ئوقۇپ باقمىغان كىشىلەرنى ئارىمىزدىن تېپىش ئۇنچىلا قىيىنغا توختىمايدۇ.

ھەتتا ئەگەر « ھاياتىڭىزدا بىرەر قېتىم بولسىمۇ قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە ۋەيا سىز ئەڭ ياخشى چۈشىنىدىغان تىلدا باشتىن – ئاياق ئوقۇپ چىققانمىتىڭىز؟ » دەپ سورىساق، خىجىللىقتىن قۇلاق تۈۋىمىزگىچە قىزىرىپ كېتىشى نۇرمال بىر ئەھۋال.

ئەمما سىز « سەن بۇ كىتاپتىن سورىلىسىەن؟ » دېيىلگەن « ئەلكىتاپ »نىڭ قۇرئانى كەرىم ئىكەنلىكىدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟ ياكى بولمىسا « ئوقۇ! ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇ! » دەپ ئەمىر قىلغان ئەررەب بولغان تەربىيەچىمىز، ئۇلۇغ  پەرۋىشكارىمىز ئاللاھ سۇبھانە ۋە تائالانىڭ قىيامەتتە بىزگە « ئوقۇدۇڭمۇ؟ » دەپ سوئال قويۇش ھەققى يوق دەپ قارامسىز؟
ئەلۋەتتە، ئۇنداق دېيىشكە ھەددىمىز ھەلەپ، ئېشىكىمىز سامان يېمەيدۇ. چۈنكى بۇلار ئايەت بىلەن سابىت، ئۆزگەرمەس ھەقىقەتلەردۇر.

بۇ مۇناسىبەت بىلەن بۇ ئېلكىتاپنى خالىسانە ئىشلەپ بەرگەن، ئۆزى ئىزدەپ بىزگە ياردەم قىلغان قېرىندىشىمىزغىمۇ رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. دۇئايىڭىلاردا بىزلەرنى ئۇنۇتماڭلار!

بۇ كىتاپ تۈركىيەدە نەشىر قىلىنغان قىسقىغىنە 2 – 3 يىل ئىچىدە ئەڭ ئاز 30-40 قېتىم نەشىر قىلىنىپلام قالماستىن، قۇرئان ھالقىلىرى ۋە سۆھبەت ھەم دىنىي تەلىم – تەربىيەلەردە قولدىن چۈشۈرمەي ئەتىۋارلىنىدىغان دەرسلىك كىتابىغا ئايلىنىپ بولغىلى نە ۋاخ! كىتاپ « ھايات كىتابى قۇرئان » ئوكيانۇسىدىن بىر تامچە. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھايات كىتابىمىز بىلەن ئىچقويۇن – تاشقويۇن بولۇش مۇساپىسىدىكى بىرىنچى قەدەم، خالاس. ئەسەردىن تەنقىدىي نوقتىئىينەزدەر تۇرۇپ پايدىلىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

قېرىندىشىمىز باتۇر قاراخانلې ئەپەندىمنىڭ ئىش ۋە ئائىلە ھاياتىدىكى بىباھا ۋاقتى ھەمدە قۇرئانى ھەقىقەتلەرگە بولغان ئىشقى-مۇھەببىتىدىن ئېنىرگىيە ئېلىپ، ھاردىم-تالدىم دېمەستىن، دوست يارەنلىرىنىڭ ئىلھام بېرىشى ۋە ئائىلىسىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى نەتىجىسىدە 4 – 5 ئاي ۋاقىت ئىچىدە بىرتەرەپتىن كۈندۈلۈك تەرجىمىلەر قاتارىدا ھايات كىتابىم تورىمىزغا ئېچىلغان « قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ كىملىكى » سەھىپىسىگە ھەركۈنى دېگۈدەك ئۈزۈلدۈرمەي قۇرئان كائىناتىنىڭ 114 مەملىكىتىدىن، نۇزۇل تەرتىپىگە كۈندە بىر سۈرى ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشنى تەقدىم قىلىپ تۇردى. بىزنىڭلام ئەمەس، ئۆز ھاياتىغىمۇ ھەركۈنى دېگۈدەك يېڭى بىر مەنا قېتىپ، بېيىتىپ ماڭدى.

ئاللاھ قېرىندىشىمىزنىڭ قەلىمىنى تېخىمۇ ئۆتكۈر، ھاياتىنى تېخىمۇ بەرىكەتلىك قىلسۇن! ئۇنى ئۈن – تىنسىز قوللاپ خىزمىتىدە بولغان يەڭگىمىزگە ۋە ئوماق ئىككى پەرزەنتىگە ھايات كىتابى قۇرئان ئارقىلىق تېخىمۇ بەخىتلىك ياشاپ، ئۇلارنىڭمۇ ھاياتى ۋە ھاياتىمىزنى ھايات نۇرىمىز بولغان قۇرئان بىلەن نۇرلاندۇرۇشقا نېسىپ قىلسۇن!

« قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ كىملىكى » نىڭ تەرجىمىسى ئاخىرلاشقانلىقىنىغا بىر – ئىككى ھەپتە بولغان بولسىمۇ، قېرىندىشىمىز يەنە بىرقۇر كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقتى. سەۋىيەنىڭ چەكلىك بولىشى سەۋەبىدىن تەرجىمە جەريانىدا ئىپادىلەش، سۆز ئىبارىلەرنىڭ ئىشلىتىلىشىدە بەزى مەسلىلەر كۆرۈلگەن بولىشى مۇمكىن، بۇ سەۋەپتىن ئوقۇرمەنلىرىمىزدىن ئەپۇ سورايمىز. تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى باسسىڭىز ھەدىيەڭىزنى ئالالايسىز.

Quran surilirining kimliki

ئاللاھ نىڭ مەڭگۈلۈك ئەسىرى بولغان ئىنسان مەھسۇلاتنىڭ چۈشەندۈرۈش قوللانمىسى قۇرئانى كەرىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ھېسابىدىكى ئۈشبۇ ئەسەرنى كىملىكىمىز ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر خەلقىمىز ئۈچۈن ۋەقىف قىلىۋەتتۇق. خالىغان كىشى ئىملا خاتالىقلىرى بولسا تۈزىتىپ، مەزمۇنىغا چېقىلمىغان ئاساستا رەسمىي ۋەيا باشقا نەشىرىياتلاردا نەزەر قىلىپ تارقاتسا، ئاندىروئىد ۋەيا ئالما ۋەيا باشقا سېستىمىلار ئۈچۈن ئەپكىتاپ، ئۈنكىتاپ ۋەيا باسما كىتاپ قىلىپ تارقاتسا، ھېچقانداق پىكرىمىز يوق، ھەتتا چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى ئالدىنئالا ئېيتىمىز! رەھمەت سىلەرگە! ئاللاھ بەرىكىتىڭلارنى بەرسۇن!

ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى، گەپنىڭ دەل مېغىزىنى ئېيتساق: قۇشلارنى ياراتقان ئاللاھ ئۇلارغىمۇ ئۇچۇش يولىنى كۆرسۈتۈپ بەرگەندەك، بىزنىمۇ خەرىتىسىز قويغىنى يوق. ھايات يۇلىڭىزنى توغرا تېپىۋېلىشىڭىز ئۈچۈن قۇرئان خەرىتىسىنى قولىڭىزغا ئېلىپ، ئەقىل كومپىسىڭىزنى ئىككى دۇنيالىق جەننىتىڭىزگە توغرۇلاڭ!

قېنى مەرھەمەت! جەننەت سەپىرىڭىز ۋە سەپىرىمىزنى ئوڭۇشلۇق بولسۇن! ھەرزامان قۇرئان كىملىكىڭىز يېنىڭىزدا يار بولغاي!
ھۆرمەت بىلەن
ھايات كىتابىم تورىدىن
ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق
3-ئىيۇن سەھەر 2015
تېكىرداغ، تۈركىيە