image

ناماز دېگەن نېمە؟
ناماز نېمە ئۈچۈن ئوقۇلىدۇ؟
ناماز قانداق ئوقۇلىدۇ؟
نامازنىڭ ئىچىدىكى ئالتە شەرتى
ناماز قەيەردە ئوقۇلىدۇ؟
ئىسلامدا مەسجىت / جامەنىڭ رولى نېمە؟
جۈمە كۈنىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟
جۈمە نامىزى قانداق ناماز؟
خۇتبە دېگەن نېمە؟
باشقا دىنغا ئائىت مۇقەددەس ماكانلار / ئىبادەتخانىلارغا قارىتا ئىسلامنىڭ پوزىتسىيىسى قانداق؟
ئەزان نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟
قامەت دېگەن نېمە؟
ناماز ۋاقىتلىرى
نامازنى كىملەر ئادا قىلىدۇ؟
ناماز كىمگە قارىتا ئوقۇلىدۇ؟
ناماز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن باشلانغانمۇ؟

ناماز دېگەن نېمە؟

نامازنىڭ ئەسلى ئەرەپچە ئاتىلىشى سالات بولۇپ، بىر نەرسىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان تۈرۈك، تېرەك دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. قۇرئاندا كۆپ مەنىدە يەنى، قۇل بولۇش، ئىبادەت، دۇئا، تەلەپ، ياردەم دېگەندەك مەنىلەردە ئىشلىتىلگەن. ناماز بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا يەتكۈزۈپ كېلىنگەن ئىسلام ئىبادەتلىرىدىن بىرسى. ئەھلى كىتاپلاردىن بەزىلىرى بۇ ئىبادەت شەكلىنى نەسىلدىن نەسىلگە يەتكۈزۈپ كەلگەن. ناماز ھەر مۇسۇلمان ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان كۈندىلىك ئىبادەتتۇر. نامازنىڭ بەزى ئالاھىدە شەرتلىرى بار.
ناماز، رەسۇلۇللاھنىڭ ئىپادىسى بىلەن « دىننىڭ تۈرىكى».
ناماز، ئىنساننىڭ ئاللاھ ھوزۇرىدا ھۆرمەتتە تۇرىشىدۇر.
ناماز، ئىنسان بىلەن ئاللاھ ئارىسىدا ئەمەلىيلەشكەن دىئالوگدۇر.
ناماز، ئاللاھ ئىنسانغا بەرگەن ئالاھىدە ئۇچرىشىش ۋاقتىدۇر.
ناماز، ئىنساننىڭ ئاللاھ بىلەن قىلغان ئەھدىسىگە بولغان ساداقىتىدۇر.
ناماز، بارلىقى ئاللاھقا قەرزدار بولغان ئىنساننىڭ رەببىگە بولغان مىننەتدارلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
ناماز، ئىنسانغا قۇل بولماسلىق، يىگانە ئاللاھ قىلا قۇل بولغانلىقتۇر.
ناماز، شان – شەرەپ بولۇپ، پەقەت ئاللاھ ئالدىدىلا باش ئىگىش، ئاللاھتىن غەيرىگە باش ئەگمەسلىكتۇر.
ناماز شاھىتلىقتۇر. ناماز ئوقۇغان كىشى گۇۋاھچى بولىدۇ ۋە گۇۋاھچى تۇتىدۇ. مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئەقلى، پۈتۈن مەۋجۇدىيەتنى گۇۋاھچى بولالايدۇ دەپ بىلىدۇ. ناماز ئوقۇلغان ماكان، ۋاقىت ۋە بۇ ۋاقىتلارنى شەكىللەندۈرگەن قوياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلار بىرەر گۇۋاھچىدۇر ( سۈرە شەمس، 1-4 – ئايەت )، تەھەرەت ئېلىنغان سۇ، يۇيۇلغان ئورگانلار گۇۋاھچىدۇر ( سۈرە ياسىن، 65 – ئايەت ).

ناماز نېمە ئۈچۈن ئوقۇلىدۇ؟

قۇرئانغا كۆرە نامازنىڭ مۇنداق ئىككى مەقسىتى بار ( سۈرە ئەنكەبۇت 45 -ئايەت ):
1. ئىنسانغا قارىتىلغان مەقسىتى: ئىنساننى ھەر تۈرلۈك قەبىھ ئىشلاردىن ( فاھشا ) ۋە ئىنسانىيەت ئورتاق ئەقلى يامان كۆرگەن يامان قىلمىشلار، گۇناھلار ( مۇنكەر )دىن توسىدۇ.
2. ئاللاھقا قارىتىلغان تەرىپى: ئاللاھ نى ئەسلەش ۋە ئاللاھ تەرىپىدىنمۇ ئەستە تۇتۇلۇش.

ناماز قانداق ئوقۇلىدۇ؟

نامازنىڭ ئالتىسى تېشىدا ۋە تەييارلىق، ئالتىسى ئىچىدە بولۇپ 12 تۈرلۈك شەرتى بار.
سىرتىدىكى ئالتە شەرتى:
1. ھىسسى پاكلىق – جۇنۇپلۇق ۋە ھەيىزدارلىققا ئوخشاش، بەدەن مەنىۋىي دۇنيادا پەيدا قىلغان، مەنىۋىي كىرلىك تۇيغۇسى بەرگەن بېسىمىدىن يۇيۇنۇش ئارقىلىق خالىي بولۇش.
2. بەدەنى پاكلىق – ۋۇجۇدىنى، كىيىم – كىچىكىنى ۋە ئىبادەت قىلىدىغان يەرنى، نىجاسەت ۋە سۈيدۈك قاتارلىق بارلىق ماددىي بۇلغۇنۇشتىن پاك قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. جىسمى / بەدەنى پاكلىق مەنىۋىي ئىبادەت بولغان نامازنىڭ بىر پارچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇنداق دېگەنلىك بولىدۇ: بەدەن بىلەن رۇھ، جىسىم بىلەن مەنا، فىزىك بىلەن مېتافىزىك ئارىسىدىكى باغلىنىشنى ئۈزۈپ قويماسلىق، بۇ بىر جۈپلەرنى دىراماتىك شەكىلدە بىر – بىرىدىن جۇدا قىلماسلىق…
تەھەرەتمۇ بۇ شەرتنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، نامازنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولغان ئالاھىدە بىر پاكلىنىش ھەرىكىتى. تەھەرەتسىز ناماز ئوقۇغىلى بولمايدۇ. تەھەرەت، ئادەتتە كۆرۈنۈپ تۇرغان ۋە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگەن ئورگانلارنى سۇ بىلەن پاكلاش ھەرىكىتى ( سۈرە مائىدە 6 – ئايەت ).
قۇرئانغا كۆرە تەھەرەت ئالدى ۋە ئارقا تەرەت يولىدىن بىر نەرسە چىققاندا ۋە جىما قىلغاندا بۇزۇلىدۇ ( سۈرە مائىدە 6 – ئايەت ).
سۇ يوق يەردە تەھەرەت پاك توپراق بىلەن ئېلىنىدۇ ( سۈرە نىسا 43 – ئايەت ). بۇ سىمۋول خاراكتىرلىق تەھەرەت بولۇپ، ھەرقانداق ئەھۋالدا نامازنىڭ مۇئمىن ئۈچۈن ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان ئىبادەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
3. ئورنۇش / ھىجاپ – ئايال كىشىنىڭ قول، يۈز ۋە ئاياق قىسمىدىن باشقا ۋۇجۇدىنىڭ بارلىق يېرىنى؛ ئەر كىشىنىڭ كىندىك بىلەن تىزى ئارىسىنى ئىبادەت ئىچىدە ئاللاھ قا بولغان ھۆرمەت ئۈچۈن يېپىشى بولۇپ، بۇ ئەڭ تۆۋەن ئورنۇش شەكلىدۇر. ھىجاپلىنىش مۇئمىننىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان ئۇچرىشىشغا بەرگەن ئەھمىيىتىنىڭ بىر نامايەندىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
نامازدا ھىجاپلىنىش، بەدەننى يۆگەپ رۇھنى ئېچىشنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، بىر نەرسىنى يېپىپ قويۇش، مۇنداق قىلىپ ئېيتساق، ئۇنى ئارقىغا ئېلىش؛ بىر نەرسىنى ئېچىش بولسا، ئۇنى ئالدىغا چىقىرىش ھەرىكىتىدۇر. مەنىۋىيەت ئالدىنقى قاتارغا ، ۋۇجۇت ئارقىغا ئېلىنىغان تۇرۇش، نامازنىڭ ئەسلى ماھىيىتىگە مۇناسىپ بولغان شەكلىدۇر.
4. قىبلە – دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولۇشتىن قەتىئىينەزەر كەبە تەرەپكە يۈزلىنىشتۇر ( سۈرە بەقەرە، 144 – ئايەت ). چۈنكى كەبە، ئىنسان زېمىندا بەرپا قىلغان تۇنجى ئۆي ( سۈرە ئالىئىمران 96 – ئايەت ). قىبلە شەرتى، مۇئمىن كىشىدە ماكان ۋە جۇغراپىيە ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈش بىلەن بىرگە، تەرەپ ئىدراكنى ئويغۇتىدۇ.
نامازدا كەبىگە يۈزلىنىش، ئىنسانىيەتنىڭ ئاتا ماكانىغا يۈزلىنىشتۇر. بۇ زېمىندا تۇنجى مەدەنىيەتلىشىش ۋە بىناكارچىلىق ھەرىكىتىگە كۆرسىتىلگەن ھۆرمەتتۇر. كەبىنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە قايتىدىن ئېگىزلەتكەنىدى ( سۈرە بەقەرە 127 – ئايەت ). كەبىگە يۈزلىنىش پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاتىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ چاقىرىقىغا مەنىۋىي جەھەتتىن ئاۋاز قوشقانلىق بولىدۇ ( ھەج سۈرىسى 27 – ئايەت ).
ئىبادەتتە بەدەننىڭ قىبلىسى كەبە، قەلبنىڭ قىبلىسى ئاللاھ قا يۈزلەنگەن بولىدۇ ( بەقەرە سۈرىسى 115 – ئايەت ). ئاللاھ ئىنسانغا جان تومۇرىدىنمۇ يېقىن ( قاف سۈرىسى 16 – ئايەت ). ئىنسان ئۆزىگە قانچە يېقىنلاشقانسېرى، ئاللاھ قا شۇنچە يېقىنلىشىدۇ.
5. ۋاقىت – بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا نامازنى ئادا قىلىش. ناماز ۋاقتىنىڭ پەرز قىلىنىشى، ئىنساندا ۋاقىت ئېڭىنى بەرپا قىلىش ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتكۈنچى ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
ناماز مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىدىكىگە ئوخشاش مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىدىمۇ بەش ۋاقىت قىلىپ بەلگىلەنگەن.
ناماز ۋاقتىنى بەلگىلەشتە قوياشنىڭ ئورنى ئاساس قىلىنىدۇ، قوياشنى ئۆلچەم قىلىش مۇمكىن بولمىغان شارائىتتا ئىنساننىڭ بىئولوگىيلىك سائىتى ئاساس قىلىنىدۇ. ناماز ۋاقىتلىرىنى بىلىشتە، مۇئمىن دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە ئاسانلا بىلەلىسۇن دەپ، قوياشنىڭ ئورنى ناماز ۋاقتىنى بەلگىلەشتە ئۆلچەم قىلىنغان. بۇ ئىبادەتتە بىرلىكنى ساقلاش ۋە بىركۈننىڭ ھەر سائىتىدە زېمىننى نامازسىز قويماسلىقنى كۆرسىتىدۇ.
6. نىيەت – قىلغان ئىشنى ئاڭقىرىغان ھالدا قىلىش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. مۇئمىن ئىبادەت قىلىش ئىرادىسىنى ئۆزىگە جاكارلاپ، رەببىگە ئاڭلىق، مەقسىتىنى بىلگەن ھالدا يۈزلىنىشنى ئىپادىلەيدۇ. نىيەت ئەقلىنى ئىشلەتكەن قەلبنىڭ ئىبادىتى بولۇپ، شۇڭا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام « ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق » دېگەنىدى.

نامازنىڭ ئىچىدىكى ئالتە شەرتى

1. تەكبىر – ئاللاھ دائىم ئۇلۇغدۇر مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان ئاللاھۇ ئەكبەر بىلەن نامازنى باشلاشنى كۆرسىتىدۇ. باشتا نازىل بولغان ئايەتلەرنىڭ بىرسىدە « پەرۋەردىگارىڭنى ئۇلۇغلا » ( مۇدەسسىر، 3 – ئايەت ) بۇيرىقى بېرىلگەن.
ئاللاھۇ ئەكبەر ئىپادىسىنى كۆرسىتىدىغان تەكبىر ئۇقۇمى، ئاللاھ نى ھەر قانداق نىسبەتتىن يىراق تۇتقان ھالدا ئەڭ ئۇلۇغ، بىردىنبىر ئۇلۇغ، شەرتسىز ئۇلۇغ دەپ بىلىشتۇر. ئىنسان تەكبىر ئېيتقاندا، دۇنيانى ئارقىسىغا چۆرۈپ تاشلايدۇ. ئالدىدا پەقەت رەببىگە ئۇلاشتۇرىدىغان بىر يول قالىدۇ. ئۇ يول ھەر مۇئمىن نامىزىنىڭ ھەر رەكىتىدە ئوقۇيدىغان فاتىھە سۈرىسىدە تىلغا ئېلىنغان « سىراتەل مۇستەقىيم – توپتوغرا يول »دۇر.
2. قىيام – ئاللاھ ھۇزۇرىدا تۇرغاندەك ھېس – تۇيغۇ بىلەن ئاڭلىق ۋە ئەدەبلىك ھالدا ئۆرە تۇرۇشنى كۆرسىتدۇ ( فۇرقان، 64؛ ئالئىمران، 191 – ئايەت ).
قىيامدا تۇرۇش، ئۆرە تۇرۇش، تىك تۇرۇش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. قىيام كەلىمەئى تەۋھىدنىڭ باشتىكى يېرىمىدۇر. يەنى « لا ئىلاھە ئىللەللاھ ( ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر ) » نىڭ « لاھ ئىلاھە » قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. يەنى بۇ شېرىككە، كۇپۇرغا، ئىسيانغا، تۇغيانغا قارشى چۇقاندۇر. قىيامىمۇ بۇ مەنىگە ئىگە. مۇئمىن قىيامدا تاغلارنى تەمسىل قىلىدۇ. تاغلار چوقىلاردىن ئوزۇق ئالىدۇ. ئۇلارنى سۇغۇرپ تۇرغان يامغۇر بۇلۇتتىن چۈشىدۇ. قەلب تۇپرىقىنىڭ يامغۇرى بولغان ۋەھىيمۇ ئاللاھ نىڭ ئەرشىدىن چۈشىدۇ.
3. قىرائەت – ئوقۇش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ نىڭ كالامى ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتقان قۇرئاندىن، ئاللاھ بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندەك تۇيغۇدا، چىن يۈرەكتىن ئاڭلىغان، ئەقىل بىلەن چۈشەنگەن، تەپەككۇر قىلغان، تىل بىلەن تەلەپپۇز قىلغان ھالدا بىر مىقدار ئوقۇشتۇر قىرائەت ( مۇززەممىل، 4 – ئايەت ).
قىرائەت، قۇرئاننىڭ ناماز ئىچىگە ئېلىپ كىرىلىشىدۇر. ناماز ۋەھىينىڭ بەدىنى، ۋەھىي نامازنىڭ رۇھىدۇر. قۇرئان بىلەن ئادا قىلىنغان ناماز، ئىچىگە رۇھ ئۇپلەنگەن بىر ئىبادەتتۇر. قىرائەت تىرىكلىك بەخش ئەتكۈچى ۋە تىرىلدۈرگۈچىدۇر. قىرائەت ئوقۇشتۇر. ئوقۇشتىن مەقسەت ياشاشتۇر، ھاياتقا تەدبىقلاشتۇر. چۈشەنمەي تۇرۇپ ھاياتقا تەدبىقلاش مۇمكىن ئەمەس.
فاتىھە – قىرائەتنىڭ يۈرىكىدۇر. فاتىھە رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسىدە بايان قىلىنغاندەك « ئاللاھ بىلەن بەندىنىڭ سۆزلىشىشىنى تەمسىل قىلىدۇ ». يەنى فاتىھە، نامازنى بەندە بىلەن ئاللاھ ئارىسىدىكى سۆھبەتكە ئايلاندۇرىدۇ. شۇڭا رەسۇلۇللاھ « فاتىھەسىز ناماز بولمايدۇ » دېگەن. قىيام تاغلارنى تەمسىل قىلغان بولسا، قىرائەت مۇئمىننىڭ يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ تۇرىدىغان يامغۇر بۇلۇتىنىڭ مىسالىدۇر.
4. رۇكۇ – بەلنىڭ يۇقىرى قىسمىنىڭ يەرگە پاراللىل شەكىلدە ئىگىلىشدۇر ( بەقەرە، 43 – ئايەت ). ئاللاھ تىن غەيرى ئالدىدا ئىگىلمەسلىكنىڭ نامايەندىسىدۇر. ئىنساننىڭ شان – شەرىپىنى قوغداش ھەققىدە بەرگەن بىر ۋەدىسىنىڭ ئىپادىسىدۇر. رۇكۇ ئۆز ئالدىغا بىر ئىجتىمائىي تەسلىمىيەتنى، سەجدە شەخسى تەسلىمىيەتنى نامايەندە قىلىدۇ. چۈنكى « رۇكۇ قىلغانلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىڭلار » ئايىتى بار، لېكىن « سەجدە قىلغۇچىلار بىلەن بىللە سەجدە قىلىڭلار » ئايىتى يوق. رۇكۇ قىيام بىلەن سەجدە ئارىسىدىكى بىر بىكەتتۇر.
رۇكۇدا بەندە تۆت پۇتلاپ ماڭىدىغان جانلىقلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ جەھەتتىن ناماز، ئىنساننىڭ مەۋجۇدىيەتكە ۋاكالىتەن ئاللاھ ھوزۇرىغا چىقىپ بەرگەن بىر خەلىپىلىك ئەھدىدۇر. رۇكۇ سەجدە بىلەن بىرلىكتە « لاھ ئىلاھە ئىللەللاھ » نىڭ ئىككىنجى يېرىمى بولغان « پەقەت ئاللاھ ئىبادەت قىلىشقا لايىق » مەنىسىدىكى « ئىللەللاھ » نى بىلدۈرىدۇ. رۇكۇ « ھەمدۇ – سانا » نىڭ بەدەن تىلىدىكى ئىپادىسىدۇر. شۇڭا رۇكۇدىن تۇرغاندا، بەندە « ھەمد ئېيتقۇچىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ ( سەمى ئاللاھۇ لىمەن ھەمىدەھ )» دەيدۇ.
5. سەجدە – ئىنساننى ھايۋانلاردىن ئايرىپ تۇرغان ئەڭ ئېنىق ئورگان بولغان باشنىڭ ئالدى قىسمى ( پىشانە )نى يەرگە تەككۈزۈشتۇر. ئىنسان بۇ ئارقىلىق ئاللاھ قا، ياراتقۇچى رەببىگە قارشى كىبىرلىك قىلمىغانلىقىنى ۋە ھەددىنى بىلگەنلىكىنى نامايەن قىلىدۇ. سەجدە بەندىنىڭ ئاللاھ ئالدىدا ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ( ئەلەق، 19 – ئايەت ) بولۇپ، ھۆرمەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى چىكىنى ئىپادىلەيدۇ.   
خۇشۇ ھېس قىلغان قەلب باشتا ساھىبىنى ئورنىدىن تۇرغۇزىدۇ ئاندىن بويۇن ئەگدۈرىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا سەجدە قىلدۇرىدۇ. سەجدە ئىنساننىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى ئاجىزلىقى ۋە بەندىلىكىنىڭ سىمۋولىدۇر.
سەجدە ئاللاھقا قۇربان بولۇشتۇر. « سەجدە قىلغىن ۋە يېقىنلىق ھاسىل قىلغىن» ( ئەلەق، 19 – ئايەت ) ئايىتى بۇنى كۆرسىتىدۇ.
سەجدە ئانا قوسقىدىكى ساپ ھالەتكە قايتىشتۇر. بۇ سەۋەپتىن سەجدىدىكى تۇرۇش شەكلى ھامىلىنىڭ ئانا قوسقىدىكى تۇرۇش شەكلىگە ئوخشايدۇ.
شۈبھىسىزكى، سەجدە سىمۋول خاراكتېرىگە ئىگە، مەنىۋىي قىممىتى يۇقىرى بولغان بىر تۇرۇش شەكلىدۇر. سەجدە ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنىلەر ئارىسىدا، ئىنسان ئاناتومىيسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر تەرەپ بار. ئاناتومىيە نوقتىسىدىن سەجدە، ئىنساننىڭ ئىنسانلىقىنى ئاللاھ ھوزۇرىدا يەرگە تەڭ قىلىشىدۇر. 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يۈز بەرگەن بىر ۋەقە نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمىزنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بىر تۆمۈر يول ئىشچىنىڭ پىشانىسىگە كېتىۋاتقان پويىزنىڭ ھەرىكىتى سەۋەپلىك چاچراپ چىققان بىر تاش تېگىدۇ. ئىشچى بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئىنسانىي خۇسۇسىيەتلىرىنى يوقۇتۇپ، ھاياتىنى بىئولوگىيلىك بىر جانلىق سۈپتىدە داۋاملاشتۇرغان. ئىنسانلىقىمىزنىڭ سىمۋولى بولغان پىشانىمىزنى ئاللاھ ھوزۇرىدا يەرگە تەككۈزىشىمىز، بارلىقىمىز، ئىنسانلىقىمىز جەھەتتىن قەرزدار بولغان ئاللاھ قا ئېيتقان مىننەتدارلىقىمىزنىڭ نامايەندىسىدۇر.
6. قادە – نامازدىن پەراغ بولۇشتىن بۇرۇن رەببىمىز ھوزۇرىدا ئولتۇرغاندەك، ئاللاھ نىڭ ھەيۋىتى ئالدىدا ھۆرمەتتىن پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز تىترىگەن ۋە ئەيمەنگەن بىر ھېس – تۇيغۇ ئىچىدە ئولتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.
ئولتۇرۇش، سەپەرنىڭ ئاخىرقى نوقتىسىنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ناماز ئىچىدە دۇئانىڭ ئەڭ كۆپ قىلىنغان قىسمىدۇر. دۇئا پەقەت « ئىبادەتنىڭ نىگىزى » بولۇپلا قالماستىن، نامازنىڭمۇ نىگىزىدۇر. سالام مىراج سەپىرىنىڭ ئاخىرقى نوقتىسىنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئوڭ ۋە سول تەرىپىڭىزدىكى پۈتۈن مەۋجۇدىيەتكە سالام بېرىش ئارقىلىق، مەۋجۇدىيەتكە ۋاكالەتەن بۇ مىراج سەپىرىنى ئادا قىلغانلىقىڭىزنى بايان قىلغان بولسىز.
ناماز ئاللاھ قا تەسلىمىيىتىڭىزنىڭ ئالامىتىدۇر.
سالام ۋە سالامەت تەسلىمىيىتىڭىزنىڭ مۇكاپاتىدۇر.
تەسلىمىيىتىڭىز ئىسلامىڭىزنىڭ بەلگىسىدۇر.
سالام بېرىش ئارقىلىق تەسلىمىيىتىڭىزنىڭ مۇكاپاتىنى پۈتۈن مەۋجۇدىيەت بىلەن بىرگە بەھرىمان بولغان بولسىز.

ناماز قەيەردە ئوقۇلىدۇ؟

يەر يۈزىنىڭ پاكىز بولغان ھەرقانداق جايىدا ناماز ئوقۇشقا بولىدۇ. ئىسلام تەسەۋۋۇرىغا كۆرە، ناماز ئوقۇلغان ھەرقانداق جاي ناماز ئوقۇغان كىشىگە گۇۋاھچى بولىدۇ. ھەر مۇئمىن بىردىن ئارتۇق ماكاننىڭ ئۆزى ئۈچۈن شاھىت بولىشغا تىرىشىشى كېرەك.

ئىسلامدا مەسجىت / جامەنىڭ رولى نېمە؟ 

مەسجىتلەر كەبىنىڭ تارماقلىرى قاتارىدا بولۇپ، ئاللاھ نىڭ ئۆيى دەپ قارىلىدۇ. مەسجىتلەرنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى ئاللاھ تۇر: « مەسجىدلەر ئاللاھ قا خاستۇر، ئاللاھ قا قوشۇپ ھېچكىمگە ئىبادەت قىلماڭلار » ( جىن، 18 – ئايەت ). مەسجىدلەرنىڭ ئىشكىنى بەندىلەرگە ئېتىۋېلىش ھوقۇقى ھېچكىمگە بېرىلمىگەن. مەسجىدكە كىرىش ئۈچۈن ھېچكىم بىراۋدىن ھەق تەلەپ قىلالمايدۇ. مەسجىدكە كىرىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەزا بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق. مەسجىدكە كىرىپ پاناھلانغۇچىنى ھېچكىم سىرىتقا مەجبۇرىي چىقىرىۋېتەلمەيدۇ.
ئىسلامدا مەسجىد پەقەت بىر ئىبادەتخانا رولىنى ئويناپلا قالماستىن، ئىسلام جامائىتىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ يۈرىكىدۇر. مەسجىدنىڭ رولى خۇددى يۈرەكنىڭ كۆك تومۇر يولى بىلەن كىرلەنگەن قاننى يىغىپ، تازلانغان قاننى قىزىل تومۇر ئارقىلىق ۋۇجۇدقا تارقىتىشىغا ئوخشاش بولۇپ، ئىسلام جامائىتىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىرلەنگەن ئەزالىرىنى يىغىپ، ئۇلارنى ئەقلىي جەھەتتىن بىلىم بىلەن، قەلبى جەھەتتىن ئىبادەت بىلەن پاكلاپ جەمىئىيەتكە قايتۇرىدۇ.

جۈمە كۈنىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟

جۈمە كۈنى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن « جەم بولۇش كۈنى ». جۈمە « جەم بولۇش، يىغىلىش، كېڭىشىش » دېگەنلىك بولىدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ شەنبە، خىرىستىيانلارنىڭ يەكشەنبە كۈنىدىن جۈمە كۈنىنى ئايرىپ تۇرغان ئەڭ مۇھىم نوقتا، مۇسۇلمانلارنىڭ جۈمەنى « ھەپتىلىك ئىبادەت كۈنى » دەپ قارىماسلىقى بولۇپ، جۈمە نامىزىنى ئۆزگىچە قىلغان ئايەت « تىجارىتىڭلارنى توختۇتۇپ، ئاللاھ نى ياد قىلىش ئۈچۈن كېلىڭلار » ( 62:9 ) دەپ بۇيرىشىدۇر. بۇنىڭدىن ئىسلامدا يەھۇدىيلىك ۋەياكى خىرىستىيانلىقتىكىگە ئوخشاش بىر « ھەپتىلىك ئىبادەت كۈنى » چۈشەنچىسى يوق. قالغان نامازلارغا ئوخشاش جۈمە نامىزىمۇ مۇئمىنگە پەرز.   

جۈمە نامىزى قانداق ناماز؟

جۈمە نامىزى ھەر مۇئمىنگە پەرز قىلىنغان بىر ئىلاھى بۇيرۇق بولۇپ ( جۇمۇئە، 9 – ئايەت )، مۇسۇلمانلارنىڭ جامائەت شەكلىدە ئادا قىلىشى زۆرۈر بولغان ھەپتىلىك ئىبادىتى. جۈمە نامىزى جۈمە كۈنى پىشىن نامىزىنىڭ ئورنىغا ئادا قىلىنىدۇ. جۈمە ئوقۇغان كىشىنىڭ پىشىن نامىزى ئوقۇشىنىڭ ھاجىتى يوق.
جۈمە نامىزىنى پىشىن نامىزىدىن ئايرىپ تۇرغاغ ئەڭ مۇھىم خۇسۇس، پىشىننىڭ تۆت رەكەت، جۈمەنىڭ ئىككى رەكەت بولىشى. پىشىن نامىزى جۈمە كۈنىگە خاس قىلىپ ئەسلىدىكى ئىككى رەكەتىنى ئاۋامغا ئوچۇق بولغان تەلىم تۈرى بولغان « خۇتبە » گە بەرگەن. 

خۇتبە دېگەن نېمە؟

خۇتبە – خىتاپ قىلىش، نەسىھەت قىلىش، سۆزلەش دېگەنلىك بولۇپ، خۇتبىنى « ئىبادەت تەربىيسى » ياكى « پەرز بولغان تەلىم » دېسەكمۇ بولىدۇ. ئومۇمىي تەربىيە شەكلىنىڭ دۇنيادا ئەڭ كەڭ تارقالغان تۈرى بولۇپ، ئاقىل ۋە بالىغ ( يېتىلگەن ) بولغان بولغاندىن كېيىن، تاكى ئۆلگىچە ھەر مۇئمىننىڭ بۇ تەلىم – تەربىيگە ئاۋاز قوشۇشى ئاللاھنىڭ ئەمرىدۇر.
خۇتبىلەردە ئىسلام جامائىتىنىڭ مەسلىلىرى قۇرئان كۆزنىكىدىن مۇلاھىزە قىلىنىدۇ ۋە ئىسلام جامائىتىنىڭ ئاقىل، بالىغ بولغان بارلىق ئەزالىرىغا مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىدۇ. خۇتبىلەر مەسجىدلەرنى بىر ئىلىم بۇلىقىغا، ئىبادەتنى بىر تەلىم ۋە دەرسكە، ئىماملارنى بىرەر ئوقۇتقۇچىغا، جامائەتنى بىرەر ئوقۇغۇچىغا ئايلاندۇرىدۇ.

باشقا دىنغا ئائىت مۇقەددەس ماكانلار / ئىبادەتخانىلارغا قارىتا ئىسلامنىڭ پوزىتسىيىسى قانداق؟

ھۆرمەت ۋە قوغداش. قۇرئان باشقا دىنلارغا مەنسۇپ ئىبادەتخانىلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى بىر – بىرىگە قارشىلىق كۆرسەتكۈزمىگەن بولسا، راھىبلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى، چىركاۋلار، يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى ۋە ئاللاھ نىڭ نامى ئەڭ كۆپ ياد قىلىنىدىغان مەسجىدلەر ئەلۋەتتە ۋەيران قىلىناتتى،… ( 22:40 ).

ئەزان نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟

ئەزان ناماز ۋاقىتلىرىدا مۇئمىنلەرگە يۇقىرى ئاۋازدا قىلىنغان چاقىرىقتۇر. مەقسىتى، مۇئمىنلەرگە ناماز ۋاقتىنىڭ كىرگەنلىكىنى بىلدۈرۈش. مۇسۇلمانلارنىڭ ئەزانى، يەھۇدىيلىكتىكى بۇرغا ئاۋازى، خىرىستىيانلىقتىكى قوڭغۇراق ئاۋازىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ.  ئەزاندا تەبىئىي ئىنسان ئاۋازىنىڭ ئىشلىتىلىشى، چاقىرىقنىڭ ئىنسانىيەتنى ۋە تەبىئىيلىكنى بىلدۈرىدۇ. ئەزاننىڭ باشتىن ئاخىرى چوڭقۇر مەنىگە ئىگە جۈملىلەردىن تەركىپ تېپىشى، مەقسەتنىڭ پەقەت  « چاقىرىق » ئەمەسلىكىنى، ئىنسانغا ئاساسىي ھايات مىزانىنى ئەسلىتىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەزاننى تەشكىل قىلغان جۈملىلەر، ئىمان بىلەن ئىبادەت ئارىسىدىكى ئۈزۈلمەس مۇناسىۋەتنى تەكىتلەيدۇ.
ئەزان بىر ھاكىمىيەت ياكى كۈچنىڭ سىمۋولى ئەمەس، بەلكى بىر تىنچلىق ۋە دوستلۇق چاقىرىقىدۇر.
ئەزاننىڭ سۆزلىرى، رەسۇلۇللاھ نىڭ زامانىدا بەلگىلەنگەن. بۇ سۆزلەر ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ مەركىزى بولغان تەۋھىدنى تەمسىل قىلىدۇ. ئەزان شۇ سۆزلەردىن تەشكىل تاپىدۇ:
ئاللاھۇئەكبەر – ئاللاھ ئەڭ ئۇلۇغ  (  4 قېتىم )
ئەشھەدۇئەللا ئىلاھە ئىللەللاھ – ئاللاھ تىن باشقا ئىلاھ يوقلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىمەن (  2 قېتىم )
ئەشھەدۇئەننە مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ – مۇھەممەدنىڭ ئۇنىڭ ئەلچىسى ۋە بەندىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن (  2 قېتىم )
ھەييا لەل سالاھ – ئىبادەت / نامازغا كېلىڭلار (  2 قېتىم )
ھەييا لەل فەلاھ – نىجادلىققا كېلىڭلار (  2 قېتىم )
ئاللاھۇئەكبەر – ئاللاھ ئەڭ ئۇلۇغ  (  2 قېتىم )
لا ئىلاھە ئىللەللاھ – ئاللاھ تىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر (  2 قېتىم )

قامەت دېگەن نېمە؟

نامازنىڭ پەرز قىلىنغان قىسمىنى باشلاشتىن بۇرۇن، جامائەت بىلەن ياكى ئۆزى يالغۇز ناماز ئوقۇماقچى بولغان مۇئمىن ئوقۇشقا بۇيرۇلغان ئىچ ئەزان بولۇپ، سۆزلىرى ئەزان بىلەن ئوخشاش. بىر پەرقى « ھەييا لەل فەلاھ – نىجادلىققا كېلىڭلار » جۈملىسىدىن كېيىن « قەدى قامەتى سالاھ – مانا نامازغا تۇرۇش ۋاقتى » جۈملىسى ئېيتىلىدۇ.  قامەت جۈملىلىرىنىڭ تەكرارلىنىشى قېتىم سانى ئەزان بىلەن ئوخشاش.

ناماز ۋاقىتلىرى

ناماز بىر كۈننىڭ بەلگىلىك ۋاقىتلىرىدا ئادا قىلىنىدۇ. بۇلار 24 سائەتلىك بىر كۈننىڭ مۇھىم پارچىلىرىنى بىر بىرىگە باغلىغان ھالقىلىق نوقتىلار بولۇپ، ناماز ئوقۇغان مۇئمىن ۋاقىت دەرياسىدا ئېقىپ كېتىۋاتقان بىر جىسىمغا ئايلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ. بۇ ئارقىلىق كىشى ۋاقىتنىڭ پاسسىپ بىر نەرسىسى ئەمەس، ئەكسىچە ئاكتىپ ساھىبىغا ئايلىنىدۇ.
بامدات نامىزى – كۈن چىقىشتىن بۇرۇن ئوقۇلىدۇ. كۈن چىقىشتىن بۇرۇن سەھەرنى ئۆزىگە شاھىت قىلىپ، مەن تۇغۇلدۇم رەببىم دېگەنلىكتۇر.
پىشىن نامىزى- كۈن تىكلىشىپ قايرىلغاندىن كېيىن ئوقۇلىدۇ. بۇ كۈندۈز ۋە ئاللاھنىڭ بىر ئايىتى بولغان قوياشنى ئىمانىغا شاھىت قىلغانلىق بولۇپ، مەن ئۈچۈن سەن بىلەن ئالاقىلىشىش ھەممىدىن مۇھىم رەببىم دېگەنلىكتۇر.
ئەسىر / ناماز دېگەر – پىشىن بىلەن شام نامىزى ئارىسىدا ئوقۇلىدۇ. بۇ بىر كۈننىڭ ئەڭ ئالدىراش ۋاقتىدا، ئىشلىرىنىڭ ئالدىراش بولىشىغا قارىماستىن، ئىلاھىي ئۇچرىشىشنى تاشلاپ قويمىدىم، ھوزۇرۇڭغا كەلدىم رەببىم دېگەنلىكتۇر.
ناماز شام – كۈن پېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئوقۇلىدۇ. بۇ يۇلتۇز ۋە گۇگۇم ۋاقتىنى ئىمانىمغا شاھىت قىلدىم رەببىم دېگەنلىكتۇر.
خۇپتەن – كۈن پېتىپ، شەپەق ئولتۇرغاندىن كېيىن ئوقۇلىدۇ. بۇ كېچىنى ئىمانغا شاھىت قىلغانلىق بولۇپ، كېچە ھەر قانچە قاراڭغۇ بولسىمۇ، مېنى سەندىن يوشۇرالمايدۇ رەببىم دېگەنلىكتۇر.
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئەي بەندە! بۇ شەكىلدە بىر كۈننىڭ بەلگىلىك ۋاقىتلىرىنى ئۆزەڭگە شاھىت قىلغىن! ۋاقىت ۋە ماكاندىن ئايرىلما! ۋاقىتنى ساڭا ئاتا قىلغان رەببىڭگە ياتلاشما! كۈندىلىك ھايات قاينىمىدا ئاللاھنى يادىڭدىن چىقارمىغىنكى، ئاللاھمۇ سېنى ئۇنۇتمىسۇن!

نامازنى كىملەر ئادا قىلىدۇ؟

ئاقىل ۋە بالىغ بولغان ھەر مۇئمىن ئادا قىلىدۇ. بۇ ساپ ئىمان، ئىختىيارغا تايىنىدۇ. ئىختىيارلىقى بىلەن بولۇش پاراسەتلىك بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. بالىغ بولۇش « مەسئۇلىيەت قوبۇل قىلىش يېشىنى » كۆرسىتىدۇ. ئاقىل ۋە بالىغ بولۇش، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن مەسئۇلىيەت قوبۇل قىلىشنى ئىپادىلەيدۇ. ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىماننى تاللىغۇچى، نامازدىن جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ. نامازدىن جاۋاپكارلىققا ئىشتىراك قىلىش نامازنى ئادا قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ.

ناماز كىمگە قارىتا ئوقۇلىدۇ؟

ناماز پەقەت ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلەپ ئادا قىلىنىدۇ. ئاللاھتىن غەيرىنىڭ رىزالىقى مەقسەت قىلىنمايدۇ. ئىسلامدا بارلىق ئىبادەتلەر پەقەت ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن قىلىنىدۇ.

ناماز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن باشلانغانمۇ؟

ناماز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن باشلانمىغان. قۇرئان ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ نامىزىدىن مەلۇمات بېرىدۇ. سالات كەلىمىسىنىڭ ئۆزى « دۇئا » ۋە « بەندە » دېگەنلىكتۇر. دۇئا تۇنجى ئىنساندىن تارتىپ بار بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆگەتكەن مەنىدىكى سالاتنىڭ ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ بىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلار قۇرئاندا يەر ئالماقتا.
سالات « ئىبادەت » مەنىسىدە، ئىلگىرىكى ۋەھىي مەنسۇپلىرىغىمۇ بۇيرۇلغان ( بەييىنە، 5 – ئايەت ).
سالات بارلىق پەيغەمبەرلەرگە بۇيرۇلغان ( ئەنبىيا، 73 – ئايەت ).
ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ئەھلىنى نامازغا بۇيرىغان ( مەريەم، 55 – ئايەت ).
سالات بەنى ئىسرائىلدىن ئېلىنغان بەش تۈرلۈك ۋەدىدىن بىرسىدۇر ( بەقەرە، 83 – ئايەت ).
مۇسا ئەلەيھىسسالامغا، تەۋھىدتىن كېيىن سالات بۇيرۇلغان ( تاھا، 14 – ئايەت ).
لوقمان ئوغلىغا سالاتنى ۋەسىيەت قىلغان ( لوقمان، 17 – ئايەت ).
مەريەم ئوغلى ئىسغا بۇيرۇلغان ئىككى پرىنسپتىن بىرسى سالات ئىدى ( مەريەم، 31 – ئايەت ).
قۇرئاننىڭ بۇ مەلۇماتىنى دەلىللەيدىغان بەزى مەلۇماتلار، كانونىك ئىنجىللاردىن بەزىلىرىدە ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، ئىنجىل يازغۇچىلىرىدىن ماركوس، مەريەم ئوغلى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىرقى كېچىسىنى بايان قىلغاندا، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پېترۇس، ياقۇب ۋە يۇھاننا بىلەن بىرگە يۇرتىنى تاشلاپ يىراقلارغا كەتكەنلىكىنى ۋە « سەجدىدە دۇئا قىلىشقا باشلىغانلىقى »نى بايان قىلىدۇ ( 14:32،35 ). ماركوس بايان قىلغان « سەجدىدە دۇئا قىلىش » دېگىنى ئەسلىدە قۇرئان « سالات » دەپ ئاتىغان نەرسىنىڭ دەل ئۆزى. ماركوسنىڭ بۇ جۈملىسى، مۇسۇلماننىڭ نامىزىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولغان « سەجدە » نىڭ باشقىچە ئىپادىلىنىشى.

ئەپكىتاپ – « قۇرئانغا كۆرە ئىسلام نېمە؟ »
– https://yuzlen.net/?p=2754
ئىنگىلىزچىسى: https://yuzlen.net/?p=3043

image