ئىخلاس سۈرىسى

 

سۈرە، مۇھاتابىنىڭ « ئاللاھ » تەسەۋۋۇرىنى شېرىكتىن خالىي قىلغانلىقى ئۈچۈن « ئىخلاس » ئىسمى بىلەن ئاتالغان. مەزمۇنىغا مۇناسىپ ھالدا تەۋھىد سۈرىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

بەزى رىۋايەتلەردە بىرىنچى ئايىتى بىلەن ئاتالغان.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، سۈرىنىڭ ئۇسلۇبى ۋە مەزمۇنىمۇ بۇ قاراشنى كۈچلەندۈرمەكتە. دەسلەپكى نۇزۇل تەرتىپلىرىنىڭ ھەممىسىدە مەككىدە نازىل بولغان سۈرىلەر قاتارىغا تىزىلغان. مەدىنىدە نازىل بولغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلار سەۋەبى نۇزۇل رىۋايەتلىرىگە ئاساسلانغان بولسا كېرەك. ھەزرىتى ئوسمانغا نىسبەت قىلىنغان نۇزۇل تەرتىۋىدە فەلەق ۋە ناس سۈرىلىرىنىڭ ئارقىسىغا، نەجم سۈرىسىنىڭ ئالدىغا تىزىلغان. ئىبن ئابباس تەرتىۋىدە كافىرۇن – نەجم سۈرىسى ئارىسىغا يەرلەشتۈرۈلگەن. سۈرە رىسالەتنىڭ 3 – يىلىدا نازىل بولغان بولىشى مۇمكىن.

ئىخلاس سۈرىسى، كەلىمەئى تەۋھىد ( لا ئىلاھە ئىللەللاھ )نىڭ تەپسىرى خاراكتېرىدە بولۇپ، ئۈچ بولۇشلۇق ۋە ئۈچ بولۇشسىزدىن ئىبارەت ئالتە جۈملىدىن تەركىپ تاپقان. سۈرىنىڭ ئاساسىي تېمىسى تەۋھىد بولۇپ، خىتاپ قىلىنغۇچى ئېڭىدا توغرا بولغان ئاللاھ تەسەۋۋۇرىنى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلماقتا. ھەر جۈملە ئارىسىدا سەۋەپ – نەتىجە مۇناسىۋىتى بار:

قُلْ هُوَ اللَّهُ أَحَدٌ (1) اللَّهُ الصَّمَدُ (2) لَمْ يَلِدْ وَلَمْ يُولَدْ (3) وَلَمْ يَكُنْ لَهُ كُفُوًا أَحَدٌ (4)

« ( ئى مۇھاتاب! ) ئېيتقىنكى، ئۇ – ئاللاھ بىردۇر، سامەدتۇر ( ھەممە ئاللاھ قا مۇھتاجدۇر ). ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس. ھېچقانداق مەۋجۇدىيەت ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ » ( 1 – 4 ).

ئاللاھ بولىشى نەتىجە، قالغانلىرى سەۋەپ بولغاندا، بۇنىڭ مەنىسى مۇنداق بولىدۇ:

ئۇ ئاللاھ تۇر. چۈنكى، تەڭدىشى ۋە ئوخشىشى يوقتۇر. سامەدتۇر، بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس، ھېچقانداق بىر مەۋجۇدىيەت ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ.

ئاللاھ بولىشى سەۋەپ، قالغانلىرى نەتىجە بولغاندا، ئۇنىڭ تەڭدىشى ۋە ئوخشىشى يوقتۇر. ئۇ سامەدتۇر، ئۇ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس. ھېچقانداق بىر مەۋجۇدىيەت ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ. چۈنكى، ئۇ ئاللاھ تۇر.

سۈرە تەۋھىد سۈرىسى بولۇپ، تەۋھىد ئاللاھ نى ئاللاھ تونۇشتۇرغان شەكلىدە بىلىشتۇر.

ئىخلاس سۈرىسى بىر پۈتۈن ھالىتىدە ئاللاھ نى تونۇشتۇرىدۇ. بەندىنىڭ رەببىگە ئىخلاس بىلەن يۈزلىنىشىنى ئىما قىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ مەزكۇر سۈرىنى « قۇرئاننىڭ ئۈچتەنبىرىگە تەڭ كېلىدۇ » دېگەن ( بۇخارى ۋە مۇسلىم ). بۇ مەدھىيە، سۈرىنىڭ مەزمۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، قۇرئاننىڭ ئاساسلىق تېمىلىرى تەۋھىد، نۇبۇۋۋەت ۋە ئاخىرەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رەسۇلۇللاھ بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتى ۋە ھېيىت نامازلىرىدا بۇ سۈرىنى كافىرۇن سۈرىسى بىلەن قوشۇپ ئوقۇيتتى. سۈرىنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى ھەققىدە توغرا بولغان رىۋايەت، ئىبن مەسئۇد، ئۇبەي ب. كائاب ۋە جابىر ب. ئابدۇللاھتىن ئايرىم – ئايرىم ھالدا كەلگەن تۆۋەندىكى رىۋايەتتۇر:

« قۇرەيش، رەسۇلۇللاھقا: » بىزگە رەببىڭنى تونۇشتۇرغىن! » دېدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ سۈرە نازىل بولدى » ( تىرمىزى، تەپسىر 3361،3362 ).

بۇ سۈرە ئاللاھ نى تونۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ سەۋەپتىن مەزكۇر سۈرە ۋەھىينىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر سۈرە مەۋجۇدىيەتنىڭ ئەڭ يۇقىرىسى بولغان ئاللاھ تىن سۆز قىلماقتا.

قۇرئاندا ئاللاھ نى تونۇشتۇرغان ئايىتەل كۇرسى ۋە ھەشىر سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئايەتلىرىمۇ بار. لېكىن، ئىخلاس سۈرىسى ئاللاھ نى تونۇشتۇرغان مۇستەقىل سۈرىدۇر.