ناس سۈرىسى

« ئىنسانىيەت » ۋە « ئىنسانلار » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان سۈرە ئىسمى « ناس » مەزكۇر سۈرىدە ئۈچ قېتىم تەكرارلانغان:

« ( ئەي مۇھاتاب! ) ئىنسانلارنىڭ رەببى، ئىنسانلارنىڭ ئىگىسى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى ( ئاللاھ )غا سېغىنىمەن، دېگىن! » ( 1 – 3 ).

بارلىق مۇسھابلارنىڭ ئاللاھ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلىنىپ « ئىنسانىيەت » ئىسمى بىلەن ئاخىرلىشىشى ناھايىتى مەنىلىك بولۇپ، بۇ تاسادىبىيلىق ئەمەس. « رەب »، مەلۇم بىر تاللانغان تەبىقىنىڭ، سىنىپنىڭ ياكى مەلۇم بىر ئېتىقاد گۇرۇھىنىڭ، بەلگىلىك جامائەتلەرنىڭ ۋە دىن مەنسۇبىنىڭ رەببى ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ رەببىدۇر.

مەزكۇر سۈرە مۇسھاب ۋە تەپسىرلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە « ناس » ئىسمى بىلەن تىلغا ئېلىنغان. بۇ سۈرىنى رەسۇلۇللاھ بىرىنچى ئايىتى بىلەن ئاتىغان.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. بارلىق قۇرئان نۇزۇل تەرتىۋىدە بۇ سۈرە فەلەق –  ئىخلاس سۈرىسى ئارىسىدا يەر ئالغان. سۈرە رىسالەتنىڭ 3 – يىلى نازىل بولغان بولسا كېرەك.

رەسمىي مۇسھاب تەرتىپلىرىدە مەزكۇر سۈرە 114 –  قاتارغا تىزىلغان. بۇ سايىدە ئاللاھ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلانغان مۇسھاب، « ناس ( ئىنسانلار ) » سۈرىسى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئاللاھ ۋەھىينىڭ مەنبەسى، ئىنسان ۋەھىينىڭ نىشانى. ۋەھىينىڭ ئىككى مەقىسىتى بار، يەنى تەۋھىد ۋە ئادالەت. بىرىنچىسى، بەندىدىن ئاللاھ قا؛ ئىككىنجىسى، بەندىدىن ئىنسانغا قارىتىلغان. ئىلاھىي خىتاپ بۇ سەۋەپتىن بىر ئۇچى ( بېشى ) سامادا، يەنە بىر ئۇچى ( ئايىغى ) يەردە بولغان بىر خىتاپتۇر. ئۇنىڭ ئاياقلىرىنى ئىنسانىيەت تەمسىل قىلماقتا.

ناس سۈرىسى، دەسلەپكى مەزگىلدە نازىل بولغان باشقا سۈرىلەرگە ئوخشاش خىتاپ قىلىنغۇچىدا بەلگىلىك ئاڭ شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلماقتا. فەلەق سۈرىسىدە « فەلەق »نىڭ رەببىگە سېغىنىش تەۋسىيە قىلىنغان بولسا، بۇ سۈرىدە « ئىنسانىيەت »نىڭ رەببىگە سېغىنىش تەۋسىيە قىلىنماقتا:

قُلْ أَعُوذُ بِرَبِّ النَّاسِ (1) مَلِكِ النَّاسِ (2) إِلَهِ النَّاسِ (3)

« ( ئەي خىتاپ قىلىنغۇچى! ) ئىنسانلارنىڭ رەببى، ئىنسانلارنىڭ ئىگىسى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى ( ئاللاھ )قا سېغىنىمەن، دېگىن! » ( 1 – 3 ).

فەلەق سۈرىسىدە كېچىنى « يامانلىق ئىلاھى » دەپ تەسەۋۋۇر قىلىش رەت قىلىنىدۇ. ناس سۈرىسىدە، كۆرۈنىدىغان ۋە كۆرۈنمەيدىغان، ئىنسان ۋە جىن شەيتانلارنىڭ « يامانلىق ئىلاھى » دەپ تەسەۋۋۇر قىلىنىشى رەت قىلىنىدۇ:

مِنْ شَرِّ الْوَسْوَاسِ الْخَنَّاسِ (4) الَّذِي يُوَسْوِسُ فِي صُدُورِ النَّاسِ (5) مِنَ الْجِنَّةِ وَالنَّاسِ (6)

 

« كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا دائىم ۋەسۋەسە قىلغۇچى جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان شەيتانلارنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن » ( 4 – 5 ).

سۈرىنىڭ ئاخىرقى ئايىتىدىن « شەيتان » ئىسمىنىڭ پەقەت كۆرگىلى بولمايدىغان مەۋجۇدىيەتلەرنىڭ شەررىگىلا قارىتىلماستىن، ئىنساننىڭمۇ يامانلىق ئېلىپ كەلگۈچىلىرىگە قارىتىلغانلىق چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئىنساندىن ئىنسانلارنىڭ رەببىگە سېغىنىمىز. سۈرىدە شەيتاننىڭ « رەب »كە ئىزافەت ( ئېنىقلىغۇچى ) بولۇپ كەلمەسلىكى، شەيتاننىڭ ئىسيان سەۋەبىدىن ئىلاھىي تەربىيىنى رەت قىلغانلىقى، ئىنساننىڭ تەۋبە بىلەن ئىلاھىي تەربىينى قوبۇل قىلغانلىقى مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۈرىنىڭ تۇنجى مۇھاتابى رەسۇلۇللاھ بولۇپ، ئۇنىڭدا پەقەت كۆرۈنمەيدىغان مەخلۇقلارغىلا ئەمەس، ئىنسانلار ئارىسىدىكى شەيتانلاشقان كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن پاناھ تىلەپ ئاللاھ قا سېغىنىش ئېڭىنى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان. بۇ بىر ئىلاھىي تەسەللى بولۇشتىن زىيادە، بىر كاپالەت مەنىسىگە ئىگە. چۈنكى، بۇ ئىلاھىي كاپالەتنىڭ ئەڭ ئېغىر شارائىتتا قانداق نامايەت بولغانلىقىغا تارىخ شاھىت.

يىغىنچاقلىغاندا، ئاللاھ ئۆزىگە سېغىنىپ پاناھلىق تىلگۈچىنى، پەقەت كۆرۈنمەيدىغان مەخلۇقلارنىڭ شەررىدىنلا ساقلاپ قالماي، پاناھلىق تىلگۈچىنىڭ ئۆز جىنسىدىن بولغان بارلىق يامانلىقلارنىڭ شەررىدىنمۇ ساقلايدۇ.

ئاللاھ نىڭ « ئىنسانلارنىڭ رەببى » بولىشى، ئىنسانلار جەمىئىيتىنىڭمۇ خۇددى بىر شەخسىكە ئوخشاش ئىلاھىي تەربىينىڭ نىشانى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ ھەقىقەت:

« شۈبھىسىزكى، بىر قەۋمنىڭ ئەزالىرى ئۆزىنىڭ ھالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ » ( رەئىد، 11 – ئايەت ) ئاساسىدا چۈشۈنۈلىشى كېرەك.