بەلەد سۈرىسى

سۈرە بىرىنچى ئايەتتە مەككە كۆزدە تۇتۇلغان ھالدا تىلغا ئېلىنغان « جاي، يەر » مەنىسىدىكى « ئەل – بەلەد » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان:

« بۇ شەھەر ( مەككە ) بىلەن قەسەم قىلىمەنكى » ( 1 ).

بەلەد كەلىمىسى بىلەن مەككە نەزەردە تۇتۇلغان. چۈنكى قۇرئاندا « ھازەل بەلەد » ئىپادىسى ئاساسەن مەككىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئىپادە يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مەقسەتتە ئىبراھىم سۈرىسى 35 – ئايەت ۋە تىن سۈرىسى 3 – ئايەتتە تىلغا ئېلىنماقتا. بەلەد ئىپادىسى بىلەن نەزەردە تۇتۇلغان مەككە، ئىنسان تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان جاي. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەر يۈزىنىڭ خەلىپىسى بولغان ئىنساننىڭ، زېمىندا تۇنجى مېمارچىلىق ھەرىكىتىنىڭ نامايەندىسى بولغان تۇنجى ئۆي، مانا بۇ ماكاندا بىنا قىلىنغان. ئاللاھ ئىنساننىڭ تۇنجى مېمارچىلىق پائالىيىتىنى « ئاللاھ نىڭ ئۆيى » سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ، ئۇنى « بەيتۇللاھ » دەپ ئاتىغان.  بەيتۇللاھنى زىيارەت قىلىش پائالىيىتى بولغان ھەج ئىبادىتى، ئىنسانىيەتنىڭ ئاتا يۇرتىغا قايتىشنى سىمۋول قىلماقتا.

سۈرە تەپسىر ۋە مۇسھابلاردا « بەلەد » ئىسمى بىلەن ئاتالغان. بۇخارىدا « لا ئۇقسىمۇ » ئىسىمى بىلەن ئاتالغان.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، دەسلەپكى نۇزۇل تەرتىپلىرىدە قاف – تارىق سۈرىلىرى ئارىسىغا تىزىلغان. ھەزرىتى ئوسمان تەرتىۋىدە 35 – قاتاردا، ئىبن ئابباس تەرتىۋىدە 33 – قاتاردا يەر ئالغان. قاف سۈرىسىنىڭ دەۋەتنىڭ 5 – يىلىدا نازىل بولغانلىقىنى قوبۇل قىلساق، بۇ سۈرىنىمۇ 5 – يىلدا نازىل بولغان سۈرىلەر قاتارىدا دەپ قاراش خاتا بولمىسا كېرەك. سۈرە نازىل بولغان مەزگىل مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئېغىر كۈنلەر باشلىغان دەۋر ئىدى. مەككە مۇشرىكلىرى، ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغان مۇئمىنلەر ئىچىدىكى قۇل ۋە يوقسۇللارغا قارىتا سىستېمىلىق ھالدا قاتتىق زۇلۇم ۋە ئېتىقادىدىن ۋاز كەچكۈزۈش سىياسىتى يۈرگۈزىۋاتقانىدى. سۈرىدە قۇللارغا ۋە يوقسۇللارغا ياردەم قىلىش ھەققىدە توختالغان ئايەتلەرنىڭ بولىشى بۇ دەۋر ئارقا كۆرنىشىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە.

مەزكۇر سۈرە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىنسان ۋە مەسئۇلىيەتنى ئاساسىي تېما قىلغان ئاساستا، بىۋاستە ھالدا ئىنسان ۋىجدانىغا خىتاپ قىلىدۇ.

سۈرە زېمىندا ئىنساننى كۈتىۋالغان جاينىڭ مەركىزى بولغان مەككە ۋە ئۇ يەرنى تارىخنىڭ سوقۇۋاتقان قەلبىگە ئايلاندۇرغان ھەزرىتى ئىبراھىم ۋە ھەزرىتى ئىسمائىلغا ( ياكى ھەزرىتى ئادەم ۋە بالىلىرىغا ) قەسەم قىلىش بىلەن باشلىنىدۇ:

لَا أُقْسِمُ بِهَذَا الْبَلَدِ (1) وَأَنْتَ حِلٌّ بِهَذَا الْبَلَدِ (2) وَوَالِدٍ وَمَا وَلَدَ (3)

« بۇ شەھەر ( يەنى مەككە ) بىلەن قەسەمكى، سەنمۇ بۇ شەھەرنىڭ ( ھۆرمەتلىك ) ئاھالىسىدىن بىرى. ئاتا ۋە ( ئۇنىڭ ياخشى ) پەرزەنتلىرى بىلەن قەسەمكى! » ( 1 – 3 ).

ئاندىن 4 – 7 – ئايەتلەردە ھەزرىتى ئىنساننىڭ ئاجىزلىقلىرى ھەققىدە توختالغان. ئاندىن ئاللاھ نىڭ ئىنسانغا بەخش ئەتكەن قابىلىيەت ۋە ئىقتىدارلار ئەسلىتىلگەن ( 8 – 10 ).

ئىنسان بۇ ئىقتىدار ۋە قابىلىيەتلىرى بىلەن ئاخىرى جەننەتكە تۇتاشقان « ئاقابە – داۋان »نى ئېشىشى كېرەك. ئىنسان، ئىنساننى ھەر خىل قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە مال – مۈلۈكنى مۇھتاجلار بىلەن تەڭ بەھرىمان بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى پۇت ئارقىلىق بۇ داۋاندىن ئاشالايدۇ. ئايەتلەر بۇ ھەقىقەتنى بايان قىلماقتا:

فَلَا اقْتَحَمَ الْعَقَبَةَ (11) وَمَا أَدْرَاكَ مَا الْعَقَبَةُ (12) فَكُّ رَقَبَةٍ (13)

« لېكىن، ئۇ ( ئاخىرى جەننەتكە تۇتىشىدىغان ) داۋاننى ئېشىش ئۈچۈن ھېچقانداق بىر قۇربانلىق بەرمىدى / پىداكارلىق كۆرسەتمىدى. ئۇ داۋان ئېشىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ بىر كىشىنى قۇللىقتىن ئازات قىلىشتۇر » ( 11 – 13 ).

قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇش، پەقەت بىر كىشىنىڭ ئىلكىدىكى بىر خىزمەتكارنى سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭ بويۇنتۇرىقىدىن قۇتقۇزۇپ جىسمانىي ئەركىنلىككە ئىگە قىلىشنىلا كۆرسەتمەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، كىشىنى ئۆز شەخسىيەتچىلىكىگە، نەپىس – خاھىشىغا، ھەۋەسلىرىگە، شەيتانغا، گۇناھقا، بۇتلارغا ۋە ئىنسانلارغا قۇل بولۇشتىن قۇتۇلدۇرۇپ، پەقەت ئاللاھ قا بەندە قىلىشمۇ « قۇل ئازات قىلىش » دائىرىسىگە كىرىدۇ. جىسمانىي قۇللۇققا قارىغاندا، يۇقىرىدا ساناپ ئۆتكەن مەنىۋىي قۇللۇق ھەر زامان ۋە ماكاندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

« ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى توپىدا ياتقان مىسكىن ( ھالى ناچار كەمبەغەل )گە تاماق بېرىشتۇر » ( 14 – 16 ).

پەقەت بەندىگە ۋە مال – مۈلۈككە قۇل بولۇشتىن ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ قالالىغان كىشىلەرلا، مال – مۈلۈكىنى مۇھتاجلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن سەرپ قىلالايدۇ. مال – مۈلۈكنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالغانلار بۇنى قىلالمايدۇ. چۈنكى، ھەر قانداق بىر قۇل خوجايىنىنى باشقىلارغا بېرىۋېتەلمەيدۇ.

مانا بۇ داۋانلارنى ئېشىشنىڭ ئۆزى بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قالماي، ئاكتىپ ياخشىلاردىن بولۇش، ياخشىلىق ۋە مەرھەمەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىپ ئۇنى ئومۇمىيلاشتۇرۇش كېرەك ( 17 ).

مانا بۇ ئايەتلەر قۇرئاننىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىن تارتىپلا قۇللۇقنى بىكار قىلىشنى كۆزلىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. مەزكۇر ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان داۋان، ئەسلىدە ئادىمىيلىك داۋىنى بولۇپ، ئەگەر ئىنسانلار بۇ داۋاندىن ئاشمىسا، ئىنسانىيەت زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىك ئىچىدە قالىدۇ. ئەگەر بۇ داۋان ئېشىلسا، ئىنسانىيەت تۈزلەڭلىككە چىقىدۇ، نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. تۆۋەندىكى ئايەت مانا بۇ داۋاننى ئاشالىغانلارغا خوشخەۋەر بەرمەكتە:

« ئەنە شۇلار ۋىجدانلىق، سائادەتمەن كىشىلەردۇر » ( 18 ).

ئىنسانىيەت ۋىجدانىنى ئويغۇتۇش ئۈچۈن، ساماۋى دوستىخان سۈپىتىدە ئىنسانىيەت ۋىجدانىغا نازىل قىلىنغان قۇرئان ۋەھىينى ئىنكار قىلىش، ئەسلىدە ئىنسانىي قەدىر – قىممەتنى ئىنكار قىلغانلىقتۇر. بۇ ئىنسانغا ۋە مال – مۈلۈككە قۇل بولۇشنى ياقىلىغانلىقتۇر. « ئۇلار ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلاتتى » ( 19 ). ئىنسانىيەتنى زۇلۇمغا مەھكۇم قىلغۇچىلار، ئاخىرەتتە بۇ قىلىمىشىنىڭ جازاسى سۈپىتىدە دوزاخقا تاشلىنىدۇ ( 20 ).