قۇرەيش سۈرىسى

 

سۈرە بىرىنچى ئايەتتە ۋە قۇرئاندا پەقەت مۇشۇ ئايەتتىلا تىلغا ئېلىنغان « قۇرەيش » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان:

« قۇرەيش قوغدالغانلىقى ( بىرلىك ۋە تىرىكلىك ھەققى ) ئۈچۈن، ئۇلار ياز ۋە قىشتا قىلغان تىجارەت سەپەرلىرى قوغدالغانلىغى ئۈچۈن، بۇ ئۆي ( يەنى بەيتۇللاھ )نىڭ رەببى ئۈچۈن ئىبادەت قىلسۇن! » ( 1 –  3 ).

قۇرەيش كەلىمىسى ئىككى سۆز تومۇرىغا نىسبەت قىلىنىدۇ، يەنى،  بىرىنچىسى « لەھەڭ » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « قىرش » سۆز يىلتىزى؛ ئىككىنجىسى، « يىغىش ۋە بىرىكتۈرۈش » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « قارش » كەلىمىسى. ئەركىلەتمە شەكلىدە كەلگەن قۇرەيشنىڭ مەنىسى بىرىنچى ئېھتىمالدا « لەھەڭ بالىسى »؛ ئىككىنچى ئېھتىمالدا « پارچە پۇل، بىر قانچە تەڭگە » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. فىھر بىن مالىك ۋەياكى ئۇنىڭ دادىسى قىنانەلى نادرنىڭ نەسلىدىن كەلگەن مەككە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا مۇقىم ماكانلاشقان قەبىلىلەرنىڭ ئومۇمىي ئىسمى.

مۇسھابلاردا، تەپسىرلەردە ۋە بۇخارىدا بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان. ئىككىنجى نەسىل ( تابىئىن ) سۈرىنى « لى ئىلافى قۇرەيش » ئىسمى بىلەن ئاتالغان.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. دەسلەپكى مەزگىلدە نۇزۇل تەرتىپلىرىنىڭ ھەممىسىدە تىن – قارىئە سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. بۇ بىر قانچە نوقتىدىن توغرا بولمىسا كېرەك. بىرىنچىدىن، تىن سۈرىسى قارىئە سۈرىسىدىن كېيىن، يەنى ئەڭ ئاز بىر يىل كېيىن نازىل بولغان بولىشى مۇمكىن. ئىككىنچىدىن، قۇرەيش سۈرىسى بىلەن پىل سۈرىسى ئارىسىدا مەزمۇن جەھەتتىن زىچ مۇناسىۋەت بار. بىز ئىگە بولغان مەلۇماتلار بۇ سۈرىنىڭ فىل سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا تىزىلسا توغرا بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. يەنى:

دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئالىملاردىن فەررا، ئاھفەش ۋە باشقىلار قۇرەيش سۈرىسىنىڭ بىرىنچى ئايىتى بىلەن فىل سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئايىتى ئارىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ قاراشنى ئايەت مەزمۇنىمۇ توغرىلىماقتا. چۈنكى، ئىككى سۈرىدە ئاللاھ تۇنجى خىتاپ قىلىنغۇچىلارغا بەرگەن نېمەتلىرىنى ئەسلەتمەكتە. ھەزرىتى ئۆمەر بىر پەرز نامازنىڭ ئىككىنجى رەكىتىدە باشتا فىل سۈرىسىنى، ئاندىن قۇرەيش سۈرىسىنى ئوقۇغان ( تابارى ). ئۇبەي بىن كائاب مۇسھابىدا بۇ ئىككى سۈرىنىڭ ئارىغا بىسمىللاھ قويماستىن ئارقا –  ئارقا ھالدا تىزىلغانلىقى ھەققىدە رىۋايەتلەر بار. بۇ رىۋايەتلەر ئىككى سۈرىنىڭ بىر سۈرە ئىكەنلىكىنى ئەمەس، مەنا ۋە مەزمۇن جەھەتتىن بىر – بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ مەلۇماتلار نەزەردە تۇتۇلغاندا، سۈرە دەۋەتنىڭ ئىككىنجى يىلىنىڭ ئاخىرى نازىل بولغان دېيىشكە بولىدۇ.

سۈرىنىڭ مەركىزى ئىددىيىسى – بۇ سۈرە فىل سۈرىسىگە ئوخشاش تۇنجى خىتاپ قىلىنغۇچىلىرىغا ئاللاھنىڭ بەرگەن كاتتا نېمەتلىرىنى ئەسلىتىدۇ. چۈنكى، مەككە ئاھالىسى بولغان قۇرەيش قەبىلىسى، ھەممە نەرسىسىنى جانلىق شاھىت سۈپىتىدە گۇۋاھچى بولۇپ تۇرغان كەبىگە، ئۇنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ قا قەرزدار. تىجارەتنىڭ قۇرەيش ئۈچۈن قانچىلىك ھاياتى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلمەستىن، بۇ سۈرىنى ياخشى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. بۇ ھەقىقەتنى مۇنداق ئىپادىلەش مۇمكىن، تىجارەت بولمىسا قۇرەيش يوق، ئىلاف بولمىسا تىجارەت يوق. بۇ ھەقىقەتنى قۇرەيشنىڭ ئەڭ چوڭ سودىگەرلىرىدىن بىرى بولغان ساففان بىن ئۇمەييەنىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلافنىڭ ئىككى قانىتىدىن بىرىنى تىزگىنى ئاستىغا ئالغانلىقىنى ئىپادىلىگەن بۇ سۆزلىرى ناھايىتى روشەن ئىپادىلەپ بەرمەكتە:

« قانداق قىلىمىز، قەيەرگە بارىمىز، بىلەلمەيۋاتىمىز. بۇ يەردە ئولتۇرۇپ قالساق، دەسمايىمىزنى يەپ تۈگىتىمىز. مەككىدىكى مەۋجۇدىيىتىمىز ياز شام، قىشتا ھەبەشىستان بىلەن بولغان تىجارەتكە تايىنىدۇ » ( ۋاقىدى، مەغازى، بەيرۇت، 1404، 197 – بەت ).

لېكىن، بۇ رىئاللىقنىڭ پەقەت يېرىمى. ھەقىقەتنى بۇ جۈملە ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئىپادىلىگەن: « ئەگەر كەبە بولمىسا، تىجارەتمۇ، ئىلافمۇ بولمايدۇ. كەبە بەرىكىتىنى ئۆزىدىن ئەمەس، رەببىدىن ئالىدۇ ». سۈرە بۇ ھەقىقەتنى ئەسلىتىدۇ:

فَلْيَعْبُدُوا رَبَّ هَذَا الْبَيْتِ (3) الَّذِي أَطْعَمَهُمْ مِنْ جُوعٍ وَآَمَنَهُمْ مِنْ خَوْفٍ (4)

« ئىبادەتنى بەيت ( بەيتۇللاھ )نىڭ رەببىگە قىلسۇن. چۈنكى، ئۇ ( ئاللاھ ) ئۇلارنى ئاچلىقتا تويغۇزدى، ھەر خىل خېيىم – خەتەردىن ساقلاپ، ئەمىن قىلدى » ( 3 –  4 ).

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نوقتا، ئىبادەتنى بەيت ( بەيتۇللاھ ) كە ئەمەس، ئۇنىڭ رەببىگە قىلسۇن… بۇ ئارقىلىق، نانغا ئەمەس، نان بەرگۈچىگە رەھمەت ئېيتسۇن! دېمەكتە بۇ ئايەت.