ئاللاھ خاتا ۋە يامانلىقنى ئۆزىگە ئەمەس، ئىنسانغا نىسبەت قىلغان

قۇرئان باشتىن – ئاخىر بۇ ھەقىقەتنى ئىپادىلىگەن ئايەتلەر بىلەن تولغان. بىز بۇ يەردە بىر قانچە مىسال كەلتۈرۈش بىلەن كۇپايىلىنىمىز.

شەر ( يامانلىق ) پېئىلىنىڭ قۇرئاندىكى ئىشلىتىشىنى ئالدىنقى تېمىلاردا چالا قويماي ھەممىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتۇق. قۇرئاندا شەر ئاللاھ قا ئەمەس، ئىزچىل رەۋىشتە مەخلۇقاتلارغا نىسبەت قىلىنىدۇ ۋە قارىتىلىدۇ.

قۇرئاندا زۇلۇم كەلىمىسى ۋارىيانتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ 300 گە يېقىن ئورۇندا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ھېچقانداق يەردە ئاللاھ قا نىسبەت قىلىنمىغان. ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىزچىل ھالدا ئاللاھ تىن نەفىي قىلىنغان ۋە ھەر دائىم ئىنسانغا نىسبەت قىلىنغان:

« بىز ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدۇق، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى » ( ھۇد، 101 ).

« بۇ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىندۇر، ئاللاھ بەندىللىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر » ( ئالىئىمران، 182 ).

يامانلىق مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « سۇئى » ۋە « سەييئ » كەلىمىسى قۇرئاندا 140 نەچچە يەردە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ھەممىسىدە ئىنسانغا نىسبەت قىلىنغان. مەسىلەن:

« كىمكى بىرەر يامانلىق قىلسا ۋەياكى ئۆزىگە زۇلۇم قىلىپ قۇيۇپ، ئاندىن ئاللاھ تىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا، ئۇ ئاللاھ نىڭ مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايتىمۇ مېھرىبان ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ » ( نىسا، 110 ).

« ( ئاللاھ ۋەدە قىلغان ساۋاپ ) سىلەرنىڭ قۇرۇق ئارزۇيىڭلار ۋە ئەھلى كىتاپنىڭ قۇرۇق ئارزۇسى بىلەن قولغا كەلمەيدۇ، كىمكى بىر يامانلىق قىلىدىكەن بۇنىڭ ئۈچۈن ( دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە ) جازالىنىدۇ، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئاللاھ تىن باشقا ھېچقانداق دوسىت ۋە ھېچقانداق مەدەتكار تاپالمايدۇ » ( نىسا، 123 ).

قۇرئاندا « پاساد » كەلىمىسىمۇ ۋارىيانتلىرى بىلەن بىرگە 50 ئورۇندا ئىشلىتىلگەن ۋە ھەممىسىدە ئىنسانغا نىسبەت قىلىنغان ۋە قارىتىلغان. تۆۋەندىكى مىساللارغا قاراپ باقايلى:

« ئاللاھ ( ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ ) يەر يۈزىنى تۈزىگەندىن كېيىن، يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلماڭلار » ( ئەئراف، 56 ).

« ئىنسانلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا ئاپەت يۈز بەردى، ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبە قىلسۇن دەپ قىلمىشلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ( جازاسىنى ) ئۇلارغا تېتىتتى » ( رۇم، 41 ).

قۇرئاندا يەنە خاتا كەلىمىسى ۋارىيانتلىرى بىلەن بىرگە 22 ئورۇندا ئىشلىتىلگەن ۋە ئىزچىل ھالدا ئىنسانغا قارىتىلغان. مەسىلەن:

« ئۇنداق ئەمەس، كىمكى گۇناھ قىلسا ۋە گۇناھقا چۈمۈپ كەتسە، ئەنە شۇلار ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئەھلى جەننەتتۇر، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ » ( بەقەرە، 81-82 ). بۇ ئايەتلەردە گۇناھ ۋە خاتا، شۇنداقلا ئىمان ۋە سالىھ ئەمەلنىڭ ئىگىسى ئىزچىل ھالدا ئىنساندۇر.

ئىمام ئەلبەسرى، قۇرئاننىڭ نەبىلەرنىڭ خاتالىقىنى تىلغا ئالغانلىقىنى، خاتالىقى كۆرسىتىلگەن ھەر يەردە نەبىلەرنىڭ خاتالىقىنى رەببىگە ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىگە نىسبەت قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بىر قانچە مىسال كۆرسىتىپ ئۆتەيلى:

ھەزرىتى ئىنساننىڭ سىمۋوللۇق ئاتىسى ھەزرىتى ئادەم ۋە رەپىقىسى جەننەتتە ئۆزلىرىگە قويۇلغان ئىلاھى چەكلىمىلەرگە رىئايە قىلماي ئاللاھ قا ئاسي بولغان ۋاقىتتا: « رەببىم سېنىڭ قازايى – قەدەرىڭ بۇ ئىكەن » دېمىگەنىدى. بۇنىڭ دەل ئەكسىچە: « رەببىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزگە رەھىم قىلمىساڭ، بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز » (ئەئراف، 23 ) دېگەن ئىدى.

ھەزرىتى نۇھ ئىمان كېمىسىگە چىقمىغان ئوغلىنىڭ كۆز ئالدىدا بوغۇلىشىنى قوبۇل قىلالماي قالدى ۋە « ئۇ مېنىڭ ئائىلەمدىن ئىدى » دېدى. رەببىدىن ئاگاھلاندۇرۇش خاراكتېرىدىكى شۇ جاۋاپنى ئالدى: « ئى نۇھ! شۈبھىسىزكى ئۇ سېنىڭ ئائىلەڭدىن ئەمەس، بۇ قىلىقىڭ ياخشى بولمىدى ».  ھەزرىتى نۇھ دەرھاللا رەببىدىن: « رەببىم! مەن بىلمىگەن نەرسىنى سوراشتىن سېنىڭ پاناھىڭغا سېغىنىمەن! ئەگەر ماڭا مەغپىرەت قىلمىساڭ ۋە رەھىم قىلمىساڭ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمەن » ( ھۇد، 47 ) دەپ ئەپۇ سورىدى.

ھەزرىتى مۇسا بىر مۇشىت بىلەن ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغاندا رەببىگە « بۇنى ماڭا سەن قىلدۇردۇڭ »، « بۇ سەن ماڭا يازغان قازايى – قەدەر ئىدى » دېمىدى. ئەكسىچە: « رەببىم! مەن ھەقىقەتەن ئۆزەمگە زۇلۇم قىلدىم، مېنى مەغپىرەت قىلغىن » ( قەسەس، 16 ) دېگەن ئىدى.

ھەزرىتى ياقۇپ خاتالىقىنى رەببىگە ئەمەس، ئۆزىگە نىسبەت قىلىپ « رەببىم! مەن ئۆزەمگە زۇلۇم قىلدىم » ( نەمىل، 44 ) دېگەنىدى.

ئىسرائىل ئوغۇللىرى پىرئەۋىندىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، پىرئەۋىننىڭ قەۋمىنىڭ تەڭرىلىرىدىن بىرى بولغان كالا ( ھاتور )نىڭ موزىيغا چوقۇنغان. ئىلاھى كالام « ئۇلارنى ئاللاھ ئازدۇرۋەتتى، چۈنكى ئاللاھ خالىغىننى ئازدۇرىدۇ » دېمەستىن، « ئى قەۋمىم سىلەر مۇزاينى مەبۇد قىلىپ، ھەقىقەتەن ئۆزەڭلارغا ئۆزەڭلار زۇلۇم قىلدىڭلار » ( بەقەرە، 54 ) دېگەن.

يۇقىرىقى مەزمۇن مۇسىبەت ئۈچۈنمۇ ئوخشاش كۈچكە ئىگە. مۇسىبەت كەلىمىسىمۇ زۇلۇم، سۇئى ۋە خاتالىقلارغا ئوخشاش ئاللاھ قا ئەمەس ئىنسانغا نىسبەت قىلىنىدۇ: « سىلەرگە ( يەنى جېنىڭلار ياكى مېلىڭلارغا ) ھەر قانداق بىر مۇسىبەت يەتسە، ئۇ سىلەرنىڭ قىلغان گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن كەلگەن بولىدۇ » ( شۇرا، 30 ).

شۈبھىسىزكى، قۇرئاندا باشتىن – ئاخىر بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئۆرنەكلەر بىلەن تولۇپ تاشقان. مۇھەققەقكى ئاللاھ ھەقىقەتنى بايان قىلىدۇ.