فىل سۈرىسى

 سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « فىل » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان:

« رەببىڭنىڭ فىل قوشۇنىنى قانداق قىلغانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟ » ( 1 ).

قۇرئاندا ھايۋان ئىسمى بىلەن ئاتالغان بەش سۈرە بار، يەنى بەقەرە ( كالا )، نەھل ( ھەسەل ھەرىسى )، ئەنكەبۇت ( چىشى ئۆمچۈك )، نەمل ( چۈمۈلە ) ۋە فىل سۈرىلىرى بولۇپ، بۇلاردىن بىرى فىل سۈرىسى. فىل سۈرىسىگە ئەبرەھەنىڭ قوشۇنىنىڭ ئەڭ ئالدىدا ماڭغان پىلنىڭ ئىسمى بېرىلگەن. پىلنىڭ قوشۇن سۆزىگە ئەمەس، قوشۇننىڭ پىلغا ئېنىقلىغۇچى بولۇپ كېلىشىدە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر نوقتا بار. يەنى، پىللار ھەر قانچە مەجبۇرلانغان بولسىمۇ كەبىگە ھۇجۇم قىلىشتىن قاچقان بولۇپ، پىل، قوشۇن ۋە ئۇنىڭ قۇماندانلىرىدىن ئەقىللىق ئىدى. شۇڭا سۈرىدە « قوشۇننىڭ پىلى » ياكى « ئەبرەھەنىڭ قوشۇنى » دەپ ئېلىنماي، « پىل قوشۇنى » دەپ ئاتالغان.

مەزكۇر سۈرە بۇخارىدا ۋە قۇرتۇبى نەقىل قىلغان رىۋايەتتە « ئەلەمتەرا » ئىسمى بىلەن تىلغا ئېلىنغان.

سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. ھەزرىتى ئوسمان نۇزۇل تەرتىۋىدە كافىرۇن – فەلەق سۈرىسى ئارىسىغا جايلاشقان. ئىبن ئابباس تەرتىۋىدە مائۇن – كافىرۇن سۈرىسى ئارىسىغا جايلاشقان. بىزنىڭ ئىزاھاتلىق تەرتىۋىمىزدە تەببەت – قۇرەيش سۈرىسى ئارىسىغا توغرا كەلمەكتە. نازىل بولۇش ۋاقتى نوقتىسىدىن بىز ئىگە بولغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، سۈرە رىسالەتنىڭ 2 – يىلىغا توغرا كەلمەكتە. قۇرەيش سۈرىسى بىلەن بۇ سۈرە ئارىسىدا مەزمۇن جەھەتتىن زىچ مۇناسىۋەت بار.

سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى، خىتاپ قىلىنغۇچىدا كۈچ – قۇۋۋەت ئەخلاقىنى تىكلەشنى مەقسەت قىلىدۇ. مەزكۇر سۈرە تارىخى پىل ۋەقەسىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، كۈچىنى زۇلۇمغا ئىشلەتكەن، كۈچ ئەخلاقىدىن يوقسۇنلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئىشغالچى « پىل قوشۇنى ( ئەسھابۇل فىل ) »، ھەر دەۋرىدە مەۋجۇت بولىدىغان زوراۋان كۈچنىڭ سىمۋولى. ئۇلار « مەن كۈچلۈك، شۇڭا مېنىڭ راست ( زامان زورنىڭ ) » دەيدىغان مەنتىق بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ مەنتىق بىلەن ھەرىكەت قىلغۇچى ھامان بىر كۈنى زاۋال تاپىدۇ:

أَلَمْ تَرَ كَيْفَ فَعَلَ رَبُّكَ بِأَصْحَابِ الْفِيلِ (1) أَلَمْ يَجْعَلْ كَيْدَهُمْ فِي تَضْلِيلٍ (2)

« رەببىڭنىڭ فىل قوشۇنىنى قانداق قىلغانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇ ئۇلارنىڭ ھىيلە – مىكرىنى بەربات قىلمىدىمۇ؟ » ( 1 – 2 ).

سۈرىدە پىل – ئەبابىل ( قۇشلار )دىن ئىبارەت بىر – بىرىگە زىت قۇتۇپلار تىلغا ئېلىنغان:

وَأَرْسَلَ عَلَيْهِمْ طَيْرًا أَبَابِيلَ (3) تَرْمِيهِمْ بِحِجَارَةٍ مِنْ سِجِّيلٍ (4)

« رەببىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە توپ – توپ قۇشلارنى ئەۋەتتى. قۇشلار ئۇلارغا ساپال تاشلارنى ئاتاتتى » ( 3 – 4 ).

بۇ يەردىكى پىل يوغان ۋە كۈچلۈك، لېكىن ھەقسىز زالىمنىڭ؛ ئەبابىل ( قۇشلىرى ) ئۆزى كىچىك، ئەمما زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ سىمۋولى. ئاللاھ، بىردىنبىر ۋە ھەقىقىي كۈچ – قۇدرەت ساھىبىدۇر.

خۇلاسىلىگەندە، كۈچكە چوقۇنىدىغان ھەر ئەخلاقسىزلار ۋە كۈچگە ئىشىنىپ زومگەرلىك قىلىدىغان ھاماقەتلەر ھامان بىر كۈنى غەزەپكە ئۇچرايدۇ.

سۈرىنىڭ تارىخى ئارقا كۆرنىشى

سۈرە ئىما قىلغان تارىخىي ۋەقەنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق:

ئۆز ۋاقتىنىڭ ئىككى چوڭ كۈچى بولغان پارس بىلەن رىم ئىمپېرىيىسى بىر –  بىرى بىلەن رىقابەت ھالىتىدە ئىدى. مىلادى 6 – ئەسىرنىڭ ئىككىنجى يېرىمىدا بۇ رىقابەت تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن. بۇ رىقابەتنىڭ قارا سايىسى مەككىگىمۇ چۈشكەن بولۇپ، نوپۇزلۇق قەبىلىلەر مۇتەييىبىن ۋە ھەلىف ئىسمى بىلەن ئىككى تەرەپكە ئايرىلغان. مۇتەييىبىن دەپ ئاتالغانلار پارس ئىمپېرىيىسى تەرەپتارلىرى بولۇپ، تەخت تالىشىش كۆرەشلىرى سەۋەبىدىن ئۆز ئىچىدە بوغۇشاۋاتقان شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى ئاجىزلاشقان، پارسلار ئۇلاردىن ئۈستۈن ئورۇنغا ئۆتكەنىدى. بۇ سەۋەپتىن پارسلار رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى رايۇنلاردىن ئۆزىگە ئىتتىپاقداش ئىزدەۋاتقانىدى. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ كونا نوپۇز دائىرىسى ھەبەشىستان ۋە يەمەن ئىدى.

ھىجاز رايونى بۇ ئىككى كۈچنىڭ نوپۇزى ئاستىغا كىرمىگەن بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپ ھاكىم كۈچلەرنىڭ نوپۇزى ئاستىقا كىرىپ باقمىغان. ھىجاز رايونىنىڭ دورا – دەرمەك، خۇش –بۇي باھارات تىجارەت يولى ئارقىلىق شىمال – جەنۇپ ئارىسىدىكى تىجارەتتىن كېلىدىغان پايدىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى بۇ رايوندىكى تىجارەتچى ئائىلىلەر ئالاتتى. ئۇلار تىجارەت يولىدا پات – پات پەيدا بولۇپ تۇرىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە يولنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، شۇ دەۋرنىڭ ھاكىم كۈچلىرىدىن بىرسىنىڭ ھىمايىسى ئاستىغا كىرىشكە مەجبۇر بولغانىدى. مانا بۇ سەۋەپتىن مەككىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر جەمەتلەردىن بىرى بولغان ھاشىم ئوغۇللىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىغا قارشى كۈچلۈك بىر كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقماقچى بولغان ئەبۇ سۇفياننىڭ ئاتىسى ئۇمەييە ئوغۇللىرى ۋە ئەبۇ جەھىلنىڭ ئاتىسى مەھزۇن ئوغۇللىرى، رەقىپلىرىگە قارشى مەككىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن پارسلارغا يېقىنلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە رىم ئىمپېرىيىسى ۋە ئۇنىڭ مەزكۇر رايوندىكى ۋەكىلى بولغان ھەبەشىستان بىلەنمۇ يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتماقچى بولىدۇ.

مىلادى 570 – يىللىرىدا مەككىدىكى ئىران تەرەپتارلىرىنىڭ نوپۇزى كۈچىيىشىكە باشلايدۇ. بۇ مەزگىلدە يەمەندە تەختنى تارتىۋالغان ئەبرەھە، ئولپان تاپشۇرۇش شەرتى بىلەن خىرىستىيان ھەبەش دۆلىتىگە ۋە بۇ ئارقىلىق شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھىمايىسى ئاستىغا كىرىدۇ. ئۇ جەنۇپ – شىمال ئارىسىدىكى تىجارەتتىن كېلىدىغان پايدىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن تىجارەت مەركىزىنى مەككىدىن ساناغا قايدۇرماقچى بولىدۇ ۋە كەبىگە رەقىب سۈپىتىدە بىر چىركاۋ ياسىتىدۇ. ئاندىن بۇ چىركاۋغا قىلىنغان ھۇجۇمنى باھانە قىلىپ، كەبىنى چېقىپ تاشلاش ئۈچۈن پىللار بىلەن جابدۇلغان قوشۇنىنى ئېلىپ مەككىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. پىل قوشۇنى مەككىگە يېقىنلاشقاندا، ئاللاھ ئەۋەتكەن قۇشلار تەرىپىدىن يەريەكسان قىلىنىدۇ.

سۈرە مانا بۇ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان سەپەرنى مەككىلىك مۇشرىكلەرگە ئەسلىتىپ، ئۇلارنى رەسۇلۇللاھقا قارشى ئەبرەھەنىڭ رولىنى ئوينىماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ ۋە ئاللاھ قا قارشى كۈچ كۆرسەتمەكچى بولغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ناھايىتى ئېنىق ھالدا: « چاينىۋېتىلگەن ساماندەك بولۇپ كېتىش » ۋە ھىمايىسىز قېلىش ئىكەنلىكىنى ئىما قىلىدۇ.

بۇ قىسسەنىڭ قۇرئاننىڭ باشقا جايلىرىدا قايتا تەكرارلانماسلىقىدا مۇنداق ئىككى سەۋەپ بار:

بىرىنچىسى، پىل قوشۇنىنىڭ ھالاكىتىنىڭ ئاستىدا بىر پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلىش، يالغانچى قاتارىغا چىقىرىش يوق.

ئىككىنجىسى، مۇشرىكلارنىڭ بۇ ۋەقەدىن ئۆزىگە نېسىۋە چىقىرىپ، ئۇنى سۈيئىستىمال قىلماسلىقى نەزەردە تۇتۇلغان.