لەيل سۈرىسى

سۈرىنىڭ ئىسمى 1 – ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « كېچە » مەنىسىدىكى « لەيل » سۆزىدىن ئېلىنغان:

« قاراڭغۇلۇقى ئالەمنى قاپلىغان كېچە بىلەن قەسەمكى!… » ( 1 ).

لەيل، قۇرئان تىلىدا ئىچىدىن يورۇتقىلى بولىدىغان قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىسمى بولۇپ، كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، كېچىدىن قۇتۇلۇش شەرت ئەمەس. ئۇنىڭ ئىچىدە تۇرۇپمۇ قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ. ئاي يورۇقى بۇنىڭ تىپىك دەلىلى.

يەنە شۇنداق بىر قاراڭغۇلۇق باركى، ئۇنى ئىچىدىن يورۇتقىلى بولمايدۇ. قۇرئان بۇ خىل قاراڭغۇلۇقنى « زۇلۇمات » دەپ ئاتايدۇ. ئۇنىڭ بىرلىك شەكلى « زالام » بولۇپ، بۇ قاراڭغۇلۇق كېچە قاراڭغۇلۇقىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىچىدىن چىقىش لازىم. ئۇ خۇددى باتىلغا ئوخشايدۇ. باتىلنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ھەقىقەتكە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. شۇڭا، باتىلدىن قۇتۇلۇش لازىم. زۇلمەت بىلىنمىگەن ۋە كۆرۈنمىگەن نەرسە بولۇپ، كېچە جاھىلىيەت ئىنسانى نەزرىدە ئىلاھقا ئوخشايدۇ. « جاھالەت »، ئىنسان قورقۇ ھېس قىلىدىغان بىر زامان تىلىمىدۇر. قۇرئان بۇ جاھىلىيەت چۈشەنچىسىنى رەت قىلىپ، كېچىنىڭمۇ ئاللاھ نىڭ بىر مەخلۇقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. شۇنداق كېچىلەر باركى، مىڭ ئايدىنمۇ خەيرىلىك بولۇپ، مانا بۇ كېچىدە قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىغان. بەسىر ۋە ئالىم بولغان ئاللاھ ئۈچۈن كېچە ۋە كۈندۈزنىڭ پەرقى يوق.

سۈرە بەزى تەپسىرلەردە « ۋەللەيلى » دەپ ئاتالغان. بۇخارى ۋە تىرمىزىدا بىرىنچى ئايىتى بىلەن ئاتالغان.

سۈرە رىسالەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، سۈرىنىڭ تېمىسى ۋە ئۇسلۇبى بۇنى دەلىللىمەكتە. سۈرىنى مەدىنىدە نازىل بولغان دېگۈچىلەر، باش قەھرىمانى ئەنسارلاردىن سابىت بىن داھداھ ئەل بەلەۋى بولغان بىر ئىنفاق ۋەقەسىنى، 5 – 10 – ئايەتلەرنىڭ نۇزۇل سەۋەبى دەپ كۆرسىتىدۇ. بۇ توغرا ئۇسلۇب ئەمەس. چۈنكى، يىللار ئىلگىرى نازىل بولغان سۈرە ياكى ئايەتلەر بىلەن، يىللار كېيىن يۈز بەرگەن ۋەقە ئارىسىدا مۇناسىۋەت قۇرۇش، قۇرئان نەسلىنىڭ ۋەھىيگە بىر جانلىق خىتاپ نوقتىئىنەزىرى بىلەن قارىغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر. سۈرىنىڭ مەدىنىدە نازىل بولغانلىقى ھەققىدىكى قاراشنى ئەنئام سۈرىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئۆلچەملەر تەستىقلىمايدۇ.

سۈرە دەسلەپكى مەزگىلدىكى نۇزۇل تەرتىپلىرىدە ئەئلا – فەجر سۈرىسىنىڭ ئارىسىدا يەر ئالغان بولۇپ، بۇ سۈرىنىڭ كېچىگە قەسەم قىلىش بىلەن باشلانغان تۇنجى سۈرە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. تىلغا ئېلىنغان كېچىنىڭ مۇھاتابقا مەلۇم ئىكەنلىكى مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « ال » قوشۇمچىسى بىلەن « اللَّيْلِ – ئەللەيل » دەپ تىلغا ئېلىنىشى ۋە شاھىت قىلىنغان ھالدا باشلىنىشى، مەزكۇر كېچىنىڭ خىتاپ قىلىنغۇچى ( رەسۇلۇللاھ ) بىلىدىغان كېچە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. بۇنىڭ قۇرئان نازىل بولغان كېچە بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. بىزنىڭ ئىزاھاتلىق نۇزۇل تەرتىۋىمىزدە سۈرە 10 –  ئورۇنغا يەرلەشتۈرۈلدى.

سۈرە خىتاپ قىلىنغۇچىدا مال – مۈلۈكنى قانداق سەرپ قىلىش ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلماقتا. مال – مۈلۈك ئىنسانغا ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن بىر ئامانەت بولۇپ، ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق كېرەك. شاھىت بولۇش مۇئمىننىڭ مەسئۇلىيىتىدىن بىرى. مەزكۇر سۈرە ئىككى جۇپ شاھىتنى گۇۋاھچى قىلىش بىلەن باشلايدۇ. بىرىنچىسى، مەخپىي ۋە ئاشكارا بېرىلگەن سەدىقىنى ئىما قىلغان كېچە ۋە كۈندۈزنى؛ ئىككىنجىسى، پېقىرلىق ۋە بايلىقنى ھاياتنىڭ قوشماق قۇتۇپلۇق قانۇنىيىتى ئىچىدە چۈشۈنۈشىمىز ئۈچۈن، بۇ مىزاننىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى بولغان ئەركەك – چىشىلىقنى شاھىت قىلىش بىلەن باشلىغان ( 1 – 3 ). بۇنىڭغا ماس ھالدا ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى ئىجتىمائىي ئورنى، خىزمەت ساھەسى ۋە دائىرىسىدىكى ئوخشاشماسلىقلارغا كىشىنىڭ دىققىتىنى بۇرايدۇ. ئاندىن ئىنساننى مال – مۈلۈكنىڭ قۇلى ئەمەس، ئۇنىڭ خوجايىتىنى بولۇشقا چاقىرىدۇ ( 4 ).

فَأَمَّا مَنْ أَعْطَى وَاتَّقَى (5) وَصَدَّقَ بِالْحُسْنَى (6) فَسَنُيَسِّرُهُ لِلْيُسْرَى (7) وَأَمَّا مَنْ بَخِلَ وَاسْتَغْنَى (8) وَكَذَّبَ بِالْحُسْنَى (9) فَسَنُيَسِّرُهُ لِلْعُسْرَى (10) وَمَا يُغْنِي عَنْهُ مَالُهُ إِذَا تَرَدَّى (11)

« كىمكى ( ئاللاھ ئۈچۈن ) تەمەسىز ھالدا بەرسە ۋە ئاللاھ قا مۇھتاج ئىكەنلىكى چۈشەنچىسى بىلەن ھەرىكەت قىلسا، ھەمدە تېخىمۇ ياخشىسى بىلەن ( مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىغا ) ئىشەنسە، ئۇنىڭغا ھوزۇر ۋە خوشالىققا ئېرىشتۈرىدىغان يولنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىمىز ».

« كىمكى بېخىللىق قىلىسا ۋە ئۆزىنى ئۆزىگە يېتەرلىك كۆرسە ( ئۆزىنى ئاللاھتىن بىھاجەت ھېسابلىسا )، ھەمدە ئەڭ ياخشىنىڭ ( ۋەھىيسىنى ) ئىنكار قىلسا، ئۇنىڭغا قېيىنچىلىق ۋە پالاكەت بىلەن تولغان يولنى ئوڭايلاشتۇرۇپ بېرىمىز. ئۇ جەھەننەمگە بېشىچىلاپ تاشلانغان ۋاقىتتا، ( ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن تەڭ بەھرىمان بولمىغان ) مېلى ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ » ( 5 – 11 ).

بۇ ئايەتلەردە ئاللاھ تەرىپىدىن ئىكرام قىلىنغان مال – مۈلۈكنى باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىمان بولۇش ياكى بولماسلىقنىڭ، ئەسىلىدە ئىنساننىڭ زېھنىدىكى ئاللاھ تەسەۋۋۇرى، ئاخىرەتكە ئىمان ۋە مەسئۇلىيەت ئەخلاقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. ( بېرىلگەن نېمەتنى ) ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغۇچىغا جەننەتكە يەتكۈزىدىغان يول ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ ( 7 ). بۇ سەۋەپتىن مۇئمىن شۇنى ئۇنتۇماسلىقى ۋە تۆۋەندىكى ئاڭنى ئۆزىدە يېتىلدۈرۈش لازىم:

ئاللاھ بەندىدىن ھەرگىزمۇ ئېلىش ئۈچۈن بىر نەرسىنى تەلەپ قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىش ئۈچۈن سەرپ قىلىشقا بۇيرىيدۇ.

 

« توغرا يولنى كۆرسىتىشكە شەك – شۈبھىسىز بىز مەسئۇلمىز » ( 12 ) دېگەن ئاللاھ، مال – مۈلۈك ئامانىتىگە خىيانەت قىلغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: « سىلەرنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتتىن ئاگاھلاندۇرىمەن » ( 14 ) دەيدۇ.

مال – مۈلۈكنى باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولغاندا، قارشى تەرەپتىن تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئىگە بولۇش ۋەياكى باشقا بىر نىيەت بىلەن بەھرىمان بولماسلىق كېرەك. بۇ « ھېساب ئەخلاقى »غا مۇناسىۋەتلىك. ھالبۇكى، ۋەھىي مۇھاتابىدا « ھاسبى ئەخلاق » ئېڭىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇ ئاللاھ ئۈچۈن خالىسلىقتۇر. يەنى، پەقەت ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بولىشى كېرەك.

الَّذِي يُؤْتِي مَالَهُ يَتَزَكَّى (18) وَمَا لِأَحَدٍ عِنْدَهُ مِنْ نِعْمَةٍ تُجْزَى (19) إِلَّا ابْتِغَاءَ وَجْهِ رَبِّهِ الْأَعْلَى (20)

« ئۇ شۇنداق كىشىدۇركى، مېلىنى چىن دىلىدىن ( ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ) سەرپ قىلىپ پاكلىنىدۇ. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندا ھەرگىزمۇ بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۇلۇغ رەببىنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىشتىياقى بىلەن قىلىدۇ » ( 18 -20 ).

سۈرە دائىم ئەسكەرتىلىشى كېرەك بولغان ھەقىقەتلەرنى ئەسلەتكەن ھالدا ئاخىرلىشىدۇ.

ئاللاھ ئۈچۈن سەرپ قېلىش ئايرىلىپ قېلىش ئەمەس، ئەكسىچە ھەسسىلەپ ئېلىشتۇر ( 21 ).