قۇرئان ياخشىلىقنى ئاللاھقا نىسبەت قىلىدۇ، يامانلىقنى نىسبەت قىلمايدۇ

 

ئەمدى نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ زېھنىدە مۈجمەل بولغان يامانلىق ( شەر ) توغرىسىدا، ئەقلىمىزنى تەرەت ئالدۇرۇش ئۈچۈن، ئاللاھ نىڭ كەرىم كىتابىنىڭ بۇ ھەقتە نېمىلەرنى ئېيتقانلىقىغا قاراپ باقايلى.

ياخشىلىق ( خەيىر ) ئاللاھ نىڭ قۇرئاندا زىكرى قىلىنغان ئىسمىدۇر. قۇرئاندا خەيىر 20 نەچچە ئايەتتە ئاللاھ قا نىسبەت ۋە ئېنىقلىغۇچى قىلىپ ئىشلىتىلگەن. بىراق شەر كەلىمىسى 30 يەردە تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچبىر يەردە ئاللاھ قا نىسبەت ۋە سۈپەت قىلىپ ئىشلىتىلمىگەن. تۆۋەندە بۇلارنى بىرمۇ – بىر كۆرۈپ چىقايلى:

  1. يامانلىق، ئىنساننىڭ ئارزۇ – ئىستەكلىرىگە نىسبەت قىلىنغان: « سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرماسلىقىڭلار مۇمكىن، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرماسلىقىڭلار مۇمكىن، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن زىيانلىقتۇر ( يامانلىقتۇر ) » ( بەقەرە، 216 ).

« ئىنسان ( ئۆزىگە ۋە بالا – چاقىلىرىغا ) خەيرىلىك دۇئا قىلغاندەك، ( ئاچچىغى كەلگەندە ) شەرنى تىلەپ دۇئا قىلىدۇ، ئىنسان ئالدىراڭغۇدۇر » ( ئىسرا، 11 ).

  1. 2. يامانلىق، ئىنساننىڭ بېخىللىقىغا نىسبەت قىلىنغان: « ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسىلەرگە (يەنى پۇل – مالغا ) بېخىللىق قىلىدىغانلار، بېخىللىقنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ گۇمان قىلمىسۇن، ئەمەلدە بۇ ئۇلار ئۈچۈن شەر / زىيانلىق ( يامانلىق )تۇر » (ئالىئىمران، 180 ).
  2. يامانلىق، مۇئەييەن ئىگىگە قارىتىلماستىن ئابستراكت ھالدا ئىشلىتىلگەن: « ئىنسانغا ( تۈرلۈك نېئمەتلەرنى ) بەرسەك، ئوتتۇرىغا مۇساپە قويۇپ يىراقلىشىدۇ ۋە ( مەسئۇلىيەتتىن ) يۈز ئۆرۇيدۇ؛ ئۇنىڭغا بىرەر شەر / كۆڭۈلسىزلۈك يەتسە، مەيۈسلىنىپ كېتىدۇ » ( ئىسرا، 83 ).

« ئىنسان ( ئۆزىگە ) ياخشىلىق تىلەشتىن زېرىكمەيدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر شەر / يامانلىق يېتىپ قالسا، تولىمۇ ئۈمىتسىزلىنىپ كېتىدۇ » ( فۇسىلەت، 49 ).

« ئىنسانغا نېئمەت ئاتا قىلساق يۈز ئۆرۈيدۇ، ھاكاۋۇرلىشىپ كېتىدۇ؛ ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر شەر / يامانلىق يەتسە، يالۋۇرۇپ ئۆزلۈكسىز دۇئا قىلىشقا باشلايدۇ » ( فۇسىلەت، 51 ).

« ئىنسان ھەقىقەتەن سەبىرسىز يارىتىلدى، ئۇنىڭغا بىرەر كۈڭۈلسىزلىك يەتكەن چاغدا زارلانغۇچىدۇر، بىرەر ياخشىلىق يەتكەن چاغدا ئۇنى ھەممە كىشىدىن قىزغانغۇچىدۇر » ( مەئارىج، 19 – 21 ).

  1. يامانلىق، جەھەننەمگە نىسبەت قىلىنغان: « ئېيتقىنكى، مەن سىلەرگە بۇنىڭدىنمۇ شەر بولغاننى / يامانراقىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇ دوزاختۇر، ئاللاھ ئۇنى كاپىرلارغا ۋەدە قىلدى، ئۇلار قايتىپ بارىدىغان جاي نېمە دېگەن يامان! » ( ھەج، 72 ).

« بۇ ( ھەقىقەتتۇر ) كاپىرلارنى / ھەددىنى بىلمەس ئازغۇنلارنى ( ئاخىرەتتە ) ھەقىقەتەن ئەڭ شەر / يامان جاي كۈتۈپ تۇرماقتا » ( ساد، 55 ).

  1. يامانلىق، ئىگىسى نامەلۇم شەكىلدە كەلگەندە، ئۇنىڭ زىتى بولغان رۇشد ( ياخشىلىق ) رەبكە قارىتىلغان: « بىز شۇنى ھېس قىلدۇقكى، ھەقىقەتەن بىز ( غەيبنى ) بىلمەيدىكەنمىز. ( مەسىلەن ) زېمىندىكىلەرگە شەر / يامانلىق ئىرادە قىلىندىمۇ ياكى رەببى ئۇلارنى رۇشد / توغرا يولغا يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلدىمۇ؟ ( بۇ بىزگە نامەلۇم ) » ( جىن، 10 ).
  2. يامانلىق، ھەممىگە مەلۇم بولغان ياخشىلىق سۈپىتىدە مۇستەقىل ۋە مەجھۇل ئىسم ھالىتىدە كېلىدۇ. مەسىلەن، تۆۋەندىكى ئايەتتە ھەزرىتى ئائىشەگە چاپلانغان بۆھتان ھەققىدە بولۇپ: « بۇ سىلەرگە يەتكەن يامانلىق / شەر دەپ ئويلاپ قالماڭلار، ئەكسىچە بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىلىقتۇر » ( نۇر، 11 ).
  3. يامانلىق، ئازغۇنلۇقنى تاللىۋالغانلىقى ئۈچۈن بىۋاستە ھالدا ئىنسانغا نىسبەت قىلىنغان: « كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ، كىمكى زەررىچىلىك يامانلىق قىلىدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ » ( زەلزەلە، 7 – 8 ).
  4. يامانلىق، يەھۇدىيلەشكەن بەنى ئىسرائىل قارىتىلغان: « ئەنە شۇلارنىڭ ئورنى ئەڭ ياماندۇر ( يەنى دوزاختۇر )، توغرا يولدىن ئەڭ كۆپ ئاداشقانلار مانا بۇلاردۇر » ( مائىدە، 60 ).
  5. يامانلىق، ئەقلىنى ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ھەقىقەتكە قارىتا كور ۋە گاس مۇئامىلىسىدە بولغانلارغا نىسبەت قىلىنغان: « شۈبھىسىزكى ھايۋانلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ يامىنى ( ھەقىقەتنى ئاڭلىماي ) گاس بولىۋالغان، ( ھەقىقەتنى سۆزلىمەي ) گاچا بولىۋالغان، ياخشى – ياماننى پەرىق ئەتمەي ) ئەقلىنى يوقاتقان كىشىلەردۇر » ( ئەنفال، 22 ).
  6. 10. يامانلىق، ئىمان ئېيتماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، نانكورلۇق قىلىۋاتقانلارغا نىسبەت قىلىنغان: « ئاللاھ نىڭ نەزىرىدە ھايۋانلارنىڭ ئەڭ يامىنى كۇفۇردا چىڭ تۇرغانلاردۇركى، ئۇلار ھەقىقەتەن ئىمان ئېيتمايدۇ » ( ئەنفال، 55 ).
  7. يامانلىق، جەھەننەملىك كىشىلەرگە نىسبەت قىلىنغان: « ئەنە شۇلار مەخلۇقاتلارنىڭ يامىنىدۇر » ( بەييىنە، 6 ).
  8. يامانلىق، ھەزرىتى يۈسۈپنىڭ تىلى ئارقىلىق ئۆزىگە ئورا كولىغان قېرىنداشلىرىنىڭ قىلمىشىغا نىسبەت قىلىنغان: « يۈسۈف ( ئىچىدە ) سىلەرنىڭ مەۋقەيىڭلار ئەڭ ياماندۇر، دېدى » ( يۈسۈف، 77 ).
  9. يامانلىق، ئاللاھ نىڭ زاتىدىن نەفىي قىلىنىپ، ئازغۇنلۇقنى تاللىۋالغان ئادەمنىڭ جەھەننەمدىكى ئەھۋالىغا نىسبەت قىلىنغان: « ( ئى مۇھەممەد! ) ئېيتقىنكى، كىمكى گۇمراھلىقتا بولىدىكەن، مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئۇنىڭغا مۆھلەت بېرىدۇ، تاكى ئۇلار ئازاپ ۋە قىيامەتتىن ئىبارەت، ئاللاھ ئۇلارغا ۋەدە قىلغان نەرسىلەرنى كۆرگەندە ئاندىن كىمنىڭ ئورنى يامان ۋە كىمنىڭ لەشكىرى ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ » ( مەريەم، 75 ).

« ئۇلار جەھەننەمگە يۈزلىرى بىلەن سۆرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ جايى ئەڭ يامان، يولى ئەڭ ئازغۇندۇر » ( فۇرقان، 34 ).

  1. 14. يامانلىق، بىۋاستە ھالدا ھېساپ كۈنىگە نىسبەت ۋە سۈپەت قىلىنىدۇ: « ئۇلار ئۈستىگە قەسەم ئىچىپ ئالغان ئىشنى ئورۇنلايدۇ ۋە دەھشىتى ( شەررى ) كەڭ دائىرلىك بولغان كۈندىن ( يەنى قىيامەت كۈنىدىن ) قورقىدۇ » ( ئىنسان،7 ).

« ئاللاھ ئۇلارنى شۇ كۈننىڭ شەررىدىن ساقلايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە نۇر، ( دىللىرىغا ) خۇشاللىق ئاتا قىلىنىدۇ » ( ئىنسان، 11 ).

  1. يامانلىق ( شەر )نىڭ كۆپلۇك شەكلى بولغان ئەشرار ساد سۇرىسىنىڭ 62 – ئايىتىدە جەھەننەمگە كىرگەن كاپىرلارنىڭ، مۇئمىنلەر ھەققىدىكى خاتا گۇمانى سۈپىتىدە نەقىل قىلىنىدۇ.
  2. يامانلىق، دارىتمىلىق ھالدا ئاللاھ تىن ( نەفىي ) ئۇزاق قىلىنغان: « ئەگەر ئاللاھ يامانلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، ئۇلار تەلەپ قىلغان ياخشىلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئالدىرغاندەك ئالدىرسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ھالاكىتى بىلەن ئاخىرلىشىدىغان ھۆكۈم دەرھال ئىجرا قىلىناتتى (يەنى ھالاك بۇلاتتى ) » ( يۇنۇس، 11 ). بۇ يەردە شەر سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان ئامىل « جازا »دۇر. ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئىبرەت ئېلىپ، تۆۋبە قىلغىلى بولمايدىغان بىر جازا بولغانلىقى ئۈچۈن « شەر » دەپ تىلغا ئېلىنغان. بۇ يەردىكى « جەئەلە » پېئىلى بىلەن قىلىنغان قاراتما، رەت قىلىش مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن. يەنى، « ئەگەر…خالىغان بولسا ئىدى، بىراق ئۇنداق قىلمىدى » مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن.
  3. يامانلىق، ئاللاھ قا ئەمەس، بەلكى ئاللاھ نىڭ مەخلۇقلىرىغا نىسبەت قىلىنش بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانلارغا ئۇ مەخلۇقلارنىڭ شەررىدىن قېچىپ ئاللاھ قا سېغىنىشقا بۇيرۇلغان: « مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن، قاراڭغۇلىقى بىلەن كىرگەن كېچىنىڭ شەررىدىن، تۈگۈنلەرگە دەم سالغۇچى سېھرىگەرلەرنىڭ شەررىدىن، ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى شەررىدىن سۈبھىنىڭ رەببى ( ئاللاھ ) غا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن » دېگىن ( فەلەق، 1 – 4 ).

فەلەق سۈرىسىدە شەر ياراتقۇچىغا ئەمەس، يارىتىلغۇچىغا نىسبەت قىلىنغان. يامانلىق ئەسلىدىنلا مەخلۇقاتنىڭ جەۋھىرىدە يوق بولۇپ، ئۇنىڭغا كېيىن ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن يۇققان ياكى قۇشۇلغان نەرسىدۇر. چۈنكى يامانلىق ئەسلىدىنلا نىسپىيدۇر. يارىتىلغان شەيئىنى يارىتىلىش مەقسىتىگە مۇناسىپ رەۋىشتە ئىشلەتكەندە يامانلىققا ئېلىپ بارمايدۇ. ئۇنى خاتا ئىشلىتىش يامانلىققا ئېلىپ بارىدۇ. ئايرىم ھالدا مۇلاھىزە قىلغاندا يامانلىق دەپ قارالغان ئىش، بىر پۈتۈنلۈك ئىچىگە قويۇپ مۇلاھىزە قىلىنغاندا ياخشىلىق بولۇپ چىقىدۇ. بەندە نەزەر تاشلىغان نوقتىدىن قارىغاندا « شەر » بولۇپ كۆرۈنگەن نەرسە، ئاللاھ « نەزەر تاشلا » دېگەن يەردىن قارىغان ۋاقىتتا « خەيىر » بولۇپ كۆرۈنىدۇ. « مەخلۇقاتنىڭ شەررى » كىشىنىڭ قاپ – قاراڭغۇ كېچىدە ھېس قىلغان قورقۇسىغا ئوخشايدۇ. ئەسلىدە بۇ قورقۇنچنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى كېچە ئەمەس، دەل ئەكسىچە بىلمەسلىك، يەنى جاھالەتتۇر. ئارام ئالىدىغان ۋاقىت سۈپىتىدە ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانغا بەخش ئېتىلگەن كېچىگە « يامانلىق ئىلاھى » رولىنى يۈكلەش، شۈبھىسىزكى، ئەقىل ۋە ئىرادىنى تورمۇزلايدىغان جاھالەت قاراڭغۇلىقىنىڭ شەررىگە گىرىپتار بولغانلىقتۇر. قۇرئان ۋەھىينىڭ ئۆز دەۋرىدىكى تۇنجى مۇھاتاپلىرى كېچىنى شۇ قەدەر قورقۇنۇچلۇق قىلىۋېتىشكەنكى، ئۇنىڭغا قانداقتۇر بىر خىل « يامانلىق ئىلاھى » سۈپىتىدە ئەقىدە قىلىشقا باشلىغان. فەلەق سۈرىسى 3 – ئايەتتە بۇ مەسىلە تىلغا ئېلىنىدۇ.

  1. 18. يامانلىق، ئىنسانغا قىلىنىدىغان ۋەسۋەسە تۈپەيلى شەيتانغا نىسبەت قىلىنغان: « دېگىن » بۇيرۇقى بىلەن باشلانغان سۈرە « شەر » دىن ئاللاھ قا سېغىنىشنى بۇيرىيدۇ. « (ئى ئىنسان!) دېگىنكى: ئىنسانلارنىڭ رەببى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى ( ئاللاھ )غا سېغىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە قىلغۇچى جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان يوشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسسىنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن » ( ناس، 1 – 4 ).

30 ئايەتلىك تىزىملىكنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايىتى، ئەنبىيا سۈرىسىنىڭ 35 – ئايىتىدۇر. بۇ ئايەتمۇ قۇرئاندا يامانلىقنىڭ ئاللاھ قا نىسبەت ۋە سۈپەت قىلىنمايدىغانلىقى پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلمايدۇ. بۇنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن ئايەتكە كۆز يۈگۈرتۈپ چىقايلى:

كُلُّ نَفْسٍ ذَائِقَةُ الْمَوْتِ وَنَبْلُوكُم بِالشَّرِّ وَالْخَيْرِ فِتْنَةً وَإِلَيْنَا تُرْجَعُونَ

« ھەر بىر جان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر، سىلەرنى بىر يامانلىققا مۇپتىلا قىلىش، ياخشىلىق بېرىش ئارقىلىق سىنايمىز، سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر ( ئەمىلىڭلارغا يارىشا جازالايمىز ) » ( ئەنبىيا، 35 ).

شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ ئايەتتە يامانلىق ئاللاھ قا نىسبەت قىلىنمايدۇ، ئەگەر شۇنداق بولسا ئىدى « ئاللاھ نىڭ يامانلىقى » ( شەررۇللاھ ) ياكى « ئۇنىڭ يامانلىقى » ( شەررەتۇ/شەررەھ ) ئىبارىلىرى ئىشلىتىلەتتى. دېمەك، ئاللاھ قا نىسبەت قىلىنمىغان، ئۇنداق بولسا ئىدى جۈملە بىۋاستە ھالدا مۇتلەق مەفئۇل( چۈشۈم كېلىش ) بولۇپ كېلەتتى.

ئايەتتە ئاللاھ قا ئىشارەت قىلىدىغان « بىز  – نەھنۇ » ئالمىشى بىلەن يامانلىق ئارىسىغا ئىككى پاسىل كىرگەن. بىرسى « نەبلۇ » پېئىلى، يەنە بىرسى بولسا « ب » قۇشۇمچىسى. دېمەك، ئاللاھ يامانلىق بىلەن ئۆز زاتى ئوتتۇرسىغا ئىككى لەفىزى مۇساپە قويغان. چۈنكى ئايەتتە يامانلىق بىۋاستە ھالدا ئاللاھ نى كۆرسىتىدىغان « بىز » ئىگىنىڭ تولدۇرغۇچىسى قىلىنمىغان. بۇنىڭ ئەكسىچە بالا – مۇسىبەتكە مۇناسىۋەتلىك قىلىنغان. بۇنىڭ ئىزاھاتى مۇنداق: بىز ئىنساندىن ئېمتىھان ئالىمىز، ئېمتىھان بىزنىڭ ئىنساننى پاكلاش ۋاستىمىزدۇر ۋە بۇ ياخشىلىقتۇر. بۇ ياخشىلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن ۋاستە بولغان ئېمتىھاندا ياخشىلىق ۋە يامانلىق بىر ۋاستە ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. نەتىجىدە، « بىز سىلەرنى يامانلىققا مۇپتىلا قىلىش، ياخشىلىق بېرىش ئارقىلىق سىنايمىز » جۈملىسىدىن « ئاللاھ نىڭ شەررى » ياكى « ئۇنىڭ شەررى» ۋەياكى « شەرنىڭ ياراتقۇچىسى ئاللاھ » دېگەندەك مەنىلەر چىقمايدۇ. ئايەت ئەسلىدە ئىنتايىن ئوچۇق بولۇپ، ئاللاھ نىڭ ئىنساننى ياخشىلىق ۋە يامانلىق بىلەن سىنايدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە. تېكىستتە يامانلىقنىڭ « ب » بىلەن بىللە ئىشلىتىلىشى شەرنىڭ « ئېمتىھان ۋاستىسى » قىلىنغانلىقىدىندۇر. دېمەك ئايەتتە يامانلىق ئاللاھ قا ئەمەس، بالا – مۇسىبەتكە قارىتىلغان، بالا – مۇسىبەتنىڭ سۈپىتى بولۇپ كەلگەن.

بۇ ئايەتتە شەرنىڭ باغلىغۇچى « ب » قوشۇمچىسى بىلەن ( بِالشَّرِّ ) ئىشلىتىلىشىنىڭ مۇنداق ئىككى سەۋەبى بار:

بىرىنچىسى، يامانلىقنى ئاللاھ قا نىسبەت قىلماسلىق ۋە قاراتماسلىق ھەققىدىكى قۇرئانى ئۆلچەمنى بىلدۈرۈش. بۇنى يۇقىرىدا ئىزاھلاپ ئۆتتۇق.

ئىككىنجىسى: زەردۈشتلىك، مازدەكچىلىك، مانىئېزىم قاتارلىق گنوستىك دۇئالىزىمنى ( كۆپ ئىلاھلىق ) ئاساس قىلغان ھەرخىل شىرىك ئەقىدىنى رەت قىلىش.

دۇئالىستىك ( ئىككى مەنبەلىك ئىلاھ ) شىرىك ئەقىدىسى « ياخشىلىق ۋە يامانلىق تەڭرىسى » ئىدىيسىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ يامانلىقنىڭ مەنبەسىنىڭ  ئىلاھىي ئىكەنلىكىنى ئېيتىش ۋە بۇ ئارقىلىق يامانلىقنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ، شەر / يامانلىققا، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن بىر ئىلاھىي كىملىك بېرىشتۇر. بۇ كۆز قاراش، يامانلىققا قارشى كۆرەشنى قېيىنلاشتۇرىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭغا يان بېسىش، ئۇنىڭ تەرىپىدە سەپ تۇتۇشقا يول ئاچىدۇ. بۇ چۈشەنچىگە ئاساسلانغاندا، يامانلىققا قارشى كۆرەش قىلىش تەڭرىگە ۋە ھەقىقەتكە قارشى تۇرغانلىق بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇ ئايەت، ئاللاھ تىن باشقا بىر ياراتقۇچى ۋە قورقۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان « يامانلىق تەڭرىسى » ئىجادىيتىنى پۈتۈنلەي رەت قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. قىسقىسى، ئاللاھ نىڭ ئىنساندىن ئېمتىھان ئېلىشى ياخشىلىقتۇر، ئىنساندىن ئېمتىھان ئالغاندا ئاللاھ ئىشلەتكەن ئېمتىھان ۋاستىلىرىنى ياخشىلىق ياكى يامانلىق دەپ باھا بېرىش ئىنساندىن سادىر بولىدىغان مەسىلە. بۇ، ھەرگىزمۇ يامانلىقنىڭ ئاللاھ قا نىسبەت ۋە سۈپەت قىلىنىشى ئەمەس.

مەسىلەن، ھەزرىتى يۈسۈپنىڭ بۆھتانغا ئۇچرىشى بىلەن ئاخىرلاشقان ۋەقەلەر زەنجىرى،  پەقەت مۇشۇ پارچىنى مۇلاھىزە قىلغۇچىغا « يامانلىق » سۈپىتىدە كۆرۈنىدۇ. چۈنكى تۆھمەت، تۆھمەتكە ئۇچرىغۇچىغا نىسبەتەن « يامانلىق » دەپ قارىلىدۇ. بىراق ئىنسان ئاللاھ « نەزەر تاشلا » دېگەن نوقتىدىن قارىغان ۋاقتىدا، بۇلارنىڭ ئەسلىدە ياخشىلىق ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ، ئەمىليەتتىمۇ نەتىجە شۇنداق بولغان. ھەزرىتى ئەييۇپنىڭ كېسەللىكى يۈزەكى قارىماققا « يامانلىق »تەك كۆرۈنىدۇ. كېسەللىكنىڭ ئۆزى « يامانلىق »تەك كۆرۈنسىمۇ، ئاللاھ « نەزەر تاشلا » دېگەن نوقتىدىن قارىغان ۋاقىتتا، ياخشىلىق بولۇپ كۆرۈنىدۇ. ئەگەر روھنىڭ پاكلىنىشى ئۈچۈن بەدەننىڭ كېسەل بولىشى كېرەك بولسا، بۇنىڭ نېمە يامانلىقى بولسۇنكى؟! مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ رەسۇلۇللاھقا يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرى يۈزەكى قاراشتا « يامانلىق »تەك كۆرۈنىدۇ، بىراق ئاللاھ « نەزەر تاشلا » دېگەن نوقتىدىن قارىغان ۋاقىتتا، ماھىيەت جەھەتتە « ياخشىلىق » ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

قۇرئاندىكى « شەر » ئىبارىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئايەتلەرنى تىزىملىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئايەتلەرنىڭ ھېچبىرىدە ئاللاھ يامانلىقنى سادىر قىلغۇچى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنمايدۇ ۋە ھېچبىر ئايەتتە « شەر »  ئاللاھ قا نىسبەت ۋە سۈپەت قىلىنمىغان.

سوئال: ئۇنداقتا « ئاللاھ نىڭ لەنىتى يالغانچىلارغا بولسۇن! » (ئالىئىمران، 61 )؛ « راستىنلا ئاللاھ نىڭ لەنىتى زالىملارغا بولىدۇ » ( ھۇد، 18 )؛ « ئاللاھ ئۇلارغا غەزەپ قىلدى، ئۇلارغا جەھەننەمنى تەييارلىدى » ( فەتىھ، 6 ) غا ئوخشاش ئايەتلەرنى قانداق چۈشۈنۈشىمىز كېرەك؟

ئەلجاۋاپ: ھەقنىڭ ئەمىلىيلىشىشى يامانلىق ئەمەس، ياخشىلىقتۇر. جازاغا لايىق بولغان كىشىلەرنىڭ تېگىشلىك بولغان ئازار – كۈلپەت ۋە ئازاپقا دۇچار بولىشىنى « يامانلىق » دەپ ئىزاھلىغىلى بولمايدۇ. ئۇنداق بولسا ئىدى، ئادالەتنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى ۋە ھەقنىڭ ئىگىسىگە تاپشۇرۇلىشى شەر / يامانلىق بولاتتى. لېكىن بۇلار ياخشىلىقتۇر. ھەتتا جازالانغان كىشىگە نىسبەتەنمۇ ياخشىلىق بولۇپ، يامانلىق ئەمەستۇر. دۇنيادا جىنايەتچىنىڭ جازاسىنى تارتىشى، ھەم جىنايەتچى ئۈچۈن، ھەم زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئۈچۈن، شۇنداقلا ھەم جەمىئىيەت ئۈچۈنمۇ ياخشىلىقتۇر. بۇ ھەقىقەت « ھەدلەر كەفارەتتۇر » دەستۇرىدا يارقىن ئىپادىلەنگەن ( ئىبنى ھاجەر، « فەتھۇلبارى »، XII, 74 ). ئاخىرەتتە بولسا بۇ تېخىمۇ خەيرىلىكتۇر. ئەلبەسىرنىڭ زۇمەر سۈرىسى 75 – ئايەتتىكى ئىزاھلانمىغان، ھەمدۇسانانى جەھەننەملىكلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان رەۋىشتە چۈشۈنىشى، بۇ ھەقىقەتنىڭ يىرىك ئىپادىسىدۇر. چۈنكى جەھەننەملىكلەرمۇ ھېساپ كۇنى ئەڭ ئىنچكىلىك بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىلاھىي ھەققانىيەتكە شاھىت بولغان ۋاقىتتا، دۇچار بولغان ئاقىۋەتكە ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن لايىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىدۇ ۋە ئاللاھ نىڭ ھەققانىيەت ئىگىسى ئىكەنلىكىگە قايىل بولىشىدۇ، بۇنىڭ نېمىسى يامانلىق بولسۇن؟