ئەئلا سۈرىسى

 

مەزكۇر سۈرە 1 – ئايەتتە ئىسمى سۈپەت بولۇپ كەلگەن « مۇتلەق ئۈستۈن، ئۇلۇغلۇقتا تەڭدىشى يوق » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « ئەئلا » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان:

« ھەممىدىن ئۈستۈن رەببىڭنىڭ نامىنى پاك دەپ ئېتىقاد قىل! » ( 1 ).

سۈرىنىڭ ئىسمى ئاللاھ نىڭ ئەسمائى ھۇسناسىدىن بىرىدۇر. بۇ ئىسىم قۇرئاندا بۇ يەردىن باشقا يەنە بىر يەردە، يەنى لەيل سۈرىسى 20 – ئايەتتە ئاللاھ نىڭ سۈپىتى ھالىتىدە ئىشلىتىلگەن.

ئەئلا سۈرىسى، ئاللاھ نىڭ ئەسمائى – ھۇسناسى بىلەن ئاتالغان نۇر، فاتىر، غافىر ( مۇئمىن ) ۋە رەھماندىن ئىبارەت بەش سۈرىدىن بىرى.

سۈرە، مۇسھاپ ۋە تەپسىرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىدە بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان. ساھابىلەردىن كەلگەن رىۋايەتلەردە بىرىنچى ئايەت بىلەن ئاتالغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

سۈرە رىسالەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە مەككىدە نازىل بولغان سۈرىلەردىن بولۇپ، ئىبن ئابباس، ئىكرىمە رەزىياللاھۇئەنھۇ ۋە ھەسەن ئەلبەسىرىدىن كەلگەن رىۋايەتلەردە « ئالاق، قەلەم، مۇززەممىل، مۇددەسسىر، مەسەد ۋە تەكۋىر سۈرىلىرىدىن » كېيىن 7 –  قېتىمدا نازىل بولغان سۈرە قاتارىغا تىزىلغان. جابىر بىن زەيىد تەرتىۋىدە فاتىھە تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن 8 – ئورۇنغا تىزىلغان. بىزنىڭچە بۇ سۈرە تەكۋىر سۈرىسى بىلەن لەيل سۈرىسى ئارىسىدا يەنى 9 – ئورۇنغا توغرا كېلىدۇ.

سۈرە، ئىنسان ئۈچۈن ھەم نېئمەت ھەم ئاجىزلىق بولغان ئەستە تۇتۇش ۋە ئۇنتۇش قابىلىيىتى ئانا تېما قىلغان.

سۈرە دەسلەپكى مەزگىلدە نازىل بولغان باشقا سۈرىلەرگە ئوخشاش، ۋەھىينىڭ تۇنجى مۇھاتابى بولغان رەسۇلۇللاھنىڭ شەخسىيىتىنى، دۇنيا قارىشىنى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. ئالدىنقى توققۇز ئايەتتە خىتاب بىۋاستە ھالدا تۇنجى مۇھاتابقا قارىتىلغان. بىرىنچى ئايەت بىر ئەمىر / بۇيرۇقتۇر:

سَبِّحِ اسْمَ رَبِّكَ الْأَعْلَى

« ھەممىدىن ئۈستۈن رەببىڭنىڭ نامىنى پاك دەپ ئېتىقاد قىل! » ( 1 ).

ھەر نامازدا سەجدىدە تەكرارلانغان نەبەۋى تەسبىھات، مەزكۇر سۈرىنىڭ 1 – ئايىتىدە بېرىلگەن بۇ ئىلاھىي بۇيرۇقنىڭ ئېغىزدىكى جانلىق تەدبىقىدۇر.

2 – 5 – ئايەتلەردە ئاللاھ نىڭ مەخلۇقاتنى يارىتىپلا قالماستىن، ئۇنى يارىتىلىش مەقسىتىگە يۈزلەندۈرگەنلىكى ۋە ئۈگەتكەنلىكى بايان قىلىنىش بىلەن بىرگە، يارىتىلىش ۋە ئاخىرلىشىشتىن ئىبارەت ئىلاھىي قانۇنىيەت ( سۈننەتۇللاھ ) ئەسكەرتىلىپ، ئۆسۈملۈكلەر مىسال قىلىنىش ئارقىلىق ئىنساننىڭمۇ بىر كۈنى بۇ دۇنيادىن خوشلىشىدىغانلىقى ئىما قىلىنغان.

الَّذِي خَلَقَ فَسَوَّى

« ئاللاھ پۈتۈن مەخلۇقاتلارنى ياراتتى ۋە ئۇلارنى يارىتىلىش مەقسىتىنى ئادا قىلغۇدەك بىر قابىلىيەتكە ئىگە قىلدى » ( 2 ).

سۈرە ھەجىم جەھەتتىن كىچىك بولسىمۇ، قۇرئاننىڭ ئانا تېمىسى بولغان ئاللاھ – كائىنات – ئىنسان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدە قىسقىچە توختۇلۇپ، بۇ مۇناسىۋەتنىڭ ئېغىپ كەتمەسلىكىدە ۋەھىينىڭ ئوينايدىغان رولى تەكىتلەنگەن.

ھەزرىتى ئەلى، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ سۈرىنى نامازلاردا كۆپ ئوقۇشىنى، رەسۇلۇللاھ بۇ سۈرىنى ياخشى كۆرەتتى دەپ ئىزاھلىغان. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ سۈرىگە ئەھمىيەت بېرىشىنىڭ سەۋەبىنى، سۈرە ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇندىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، رەسۇلۇللاھ ۋاپاتىدىن بۇرۇن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم جامائەت بىلەن ئادا قىلغان نامىزىدا، ئەئلا ۋە كافىرۇن سۈرىسىنى ئوقۇغان.

6 – 10 – ئايەتلەردە، رەسۇلۇللاھقا ئىلھام بېرىلگەن بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئاللاھ نىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. ئاللاھ نىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، ئاللاھ ھەققىدە، كىشىلەر تەسەۋۋۇرىدا ئورۇنلاشقان ناتوغرا چۈشەنچىگە رەددىيە بېرىلگەن. ھەقىقەتكە قۇلاق سالغۇچىلارغا قۇرئان ئارقىلىق ۋەز – نەسىھەت قىلىشقا بۇيرۇلغان.

11 – 13 – ئايەتلەردە قۇرئاندىن يۈز ئۆرىگۈچىلەرنىڭ سۈپىتى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى سەۋەپلىك ئاخىرەتتە دۇچار بولىدىغان ئاقىۋىتى بايان قىلىنغان.

14 – 15 – ئايەتلەردە ئاخىرەتلىك مەقسىتىگە يەتكۈچىلەرنىڭ سۈپىتى بايان قىلىنغان.

16 – 17 – ئايەتتە ئىنساننىڭ دۇنيالىق نەرسىلەرگە بېرىلىپ كېتىدىغان ئاجىزلىقى تىلغا ئېلىنىپ، دۇنيالىق نەرسىلەرنىڭ ئىنسانغا ئېمتىھان قىلىپ بېرىلگەنلىكى، ئۇنىڭغا قۇل بولۇپ قالماسلىق تەۋسىيە قىلىنىش بىلەن بىرگە، مۇئمىننىڭ ئۇپۇقىدا ھەر دائىم باقىي بولغان ئاخىرەت بولىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن.

18 – 19 – ئايەتلەردە قۇرئاندىكى ۋەز – نەسىھەتلەرنىڭ قۇرئاندىن بۇرۇنقى ئىلاھىي كىتاپلاردىمۇ بارلىقى، يەنى ھەزرىتى ئىبراھىم ۋە مۇسانىڭ دىنى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىنىڭ بىر ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.