ياپۇنىيىدىكى ئۆزگۈرۈش

سانائەت ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن يېڭىلىقلار نەتىجىسىدە 2020 – يىللىرىدا دۇنيا نوپۇسىدىكى كۆپىيىش ئازىيىدۇ ۋە ئىش تېپىش تېخىمۇ قىيىنلىشىدۇ. بەزى ئەللەردە بىر جەھەتتىن ئەنئەنىنىڭ تەسىرى سەۋەپلىك كۆچمەن بولۇپ يات ئەللەرگە كېتىش بىر چارە سۈپتىدە قوبۇل قىلىنمايدۇ ياكى كۆچمەن بولۇپ ياقا يۇرتلارغا كېتىش قىيىنلىشىدۇ. مەسىلەن: ياپۇنلار كۆچمەن بولۇشنى ياقتۇرمايدۇ، لېكىن ياپۇنلار قول ئاستىدىكىلەرگە ۋە كونا خىزمەتچىلىرىگە يار يۆلەكتە بولىدىغان ئىش تېپىشقا مەجبۇر. ياپۇنىيە كۆچمەن ئېقىمىغا ئۇچراشنى خالىمايدۇ، چەتئەللىكلەرگە
گاراژدانلىق بەرمەيدۇ، بۇ سەۋەپتىن چەتئەللىك ئىشچىلارمۇ ياپۇنىيىگە بەك بېرىپ كەتمەيدۇ. ياپۇنىيىدە ئىشلەيدىغان جەنۇبىي چاۋشىيەنلىكلەرمۇ ياپۇنىيە پۇقراسى ئەمەس. ئۆمۈر بويى ياپۇنىيىدە تۇرسىمۇ « جەنۇبىي چاشىيەنلىك » دېگەن خەت يېزىلغان كېنىشكا بىلەن تۇرىدۇ.
جوڭگودا ئىش ھەققى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، جوڭگولۇقلار ياپۇنىيىگە بارالمىغانلىقى ئۈچۈن ياپۇنلار جوڭگوغا كېلىشكە باشلايدۇ. بۇ ئەھۋالدا ياپۇنلارنىڭ جوڭگوغا مەبلەغ سېلىپ يېڭى ئىش پۇرسەتلىرى يارىتىشى ۋە جوڭگولۇق ئىشچىلارنى ئىشلىتىشى، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىر يولى بولىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئىش پۇرسەتلىرىنى ياراتقۇچىلار كارۋانىغا باشقىلارمۇ قوشۇلىدۇ.
بېيجىڭ پۈتۈن جوڭگودىكى تەسىر كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. لېكىن، بۇ ۋەزىيەتتە جوڭگودا سۈرئىتى ئاستا بولغان ئىقتىسادى تەرەققىياتنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ياپۇنىيىلىكلەرنىڭ جوڭگونىڭ ئەمگەك كۈچىدىن پايدىلىنىشى يەرلىك ئىش ساھەسى، ھۆكۈمەتلەر ۋە ھەتتا بېيجىڭنى راھەت نەپەس ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشى مۇمكىن، لېكىن بۇنىڭ سىياسىي جەھەتتىن بىر پايدىسى بولمايدۇ. بۇ سىياسەت بېيجىڭنىڭ سىياسىي مەنپەئىتىگە زىيانلىق بولىشى مۇمكىن. چۈنكى ياپۇنىيە جوڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ پۇلنىڭ ئېقىش يۆنىلىشىنى ئۆزى تەرەپكە قارىتىۋېلىشىنى خالىمايدۇ.

بۇ ئەھۋال ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتىگە زىت. ياپۇنىيە 2020 – يىللىرى ئەتراپىدا جوڭگوغا سالغان مەبلەغلىرىنى ئۆزىگە پايدىلىق ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جوڭگولۇق شىرىكلىرىنىمۇ بۇ ئىشنىڭ ئىچىگە سۆرەپ كىرىدۇ. دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەر ياپۇن مەبلەغلىرىنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن بىر – بىرى بىلەن رىقابەتلىشىشى جەريانىدا بېيجىڭنىڭ بېسىمىغا ۋە مىللەتچىلىك ئىدىولوگىيىگە قارشى تىركىشىدۇ. جوڭگونىڭ دېڭىزدىن يىراق ئىچكى قىسىملىرى ياپۇن مەبلەغلىرىنى جەلىپ قىلالماسلىقى مۇمكىن. ياپۇن شىركەتلىرى چوڭ مىقداردا مەبلەغ سالىدۇ ۋە ئىچكى قىسىملارغا ياردەم قىلىشنى خالىمىغان دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەردىن شىرىكلەرنى ناھايىتى ئاسان تاپالايدۇ. دېڭىز بويىدىكى رايونلارنىڭ ھەمكارلىشىشى نەتىجىسىدە ياپۇنىيە بېيجىڭ ئالدىدا تېخىمۇ كۈچلۈك ھالغا كېلىدۇ. ياپۇن شىركەتلىرى دېڭىز بوي رايونلىرىغا ئېلىپ كەلگەن بايلىق كوممۇنىست پارتىينى پارچىلاشقا ۋە مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىغا بولغان تەسىرى ئاجىزلاشقا باشلايدۇ.