تەكۋىر سۈرىسى

 

مەزكۇر سۈرىنىڭ ئىسمى 1 – ئايەت تىلغا ئېلىنغان « يۆگەلدى، يىغىلۋېتىلدى، ئېلىپ تاشلاندى » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « كۇۋۋىرات » پېئىلىدىن كەلگەن.

« قوياشنىڭ نۇرى ئۆچكەن / يۆگەلگەن چاغدا… » ( 1 ).

بۇ يەر يۈزىنىڭ ئەجىلى بولغان قىيامەت ۋە ئاخىرقى سائەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، باشلىنىشى بولغان نەرسىنىڭ ئاخىرى بولىدۇ. پەيدا بولۇش ۋە يوقۇلۇش، مەخلۇقاتنى ياراتقان ئاللاھ نىڭ كائىناتقا قويغان سۈننىتىدۇر.

قۇرئاندا يارىتىلىش ۋە بۇزۇلۇش ( كەۋن ۋە فاساد ) ھەقىقىتىنىڭ ئۆزى بايان قىلىنغان ياكى بۇ ھەقتىكى بىرەر ئالاھىدىلىك بىلەن ئاتالغان 14 سۈرە بار بولۇپ، بۇلاردىن بىرى دۇخان سۈرىسى، قالغانلىرى جاسىيە، ۋاقىئە، ھاققا، قىيامەت، نەبەئ، تەكۋىر، ئىنفىتار، ئىنشىقاق، غاشىيە، فەجر، زەلزەلە، قارىئە ۋە فەلەق سۈرىلىرىدۇر.

بۇخارى ۋە تىرمىزىدا بۇ سۈرە بىرىنچى ئايىتى بىلەن ئاتالغان. دەسلەپكى مەزگىلگە ئائىت مۇسھاب ۋە تەپسىرلەردە تەكۋىر ئىسمى بىلەن ئاتالغان.

سۈرىنىڭ مەككە مەزگىلىنىڭ دەسلىپىدە، نەجم سۈرىسىدىن بۇرۇن نازىل بولغانلىقى ئېنىق. نەجم سۈرىسى 13 – 18 – ئايەتلىرىدىكى بايانلار بۇ سۈرىنىڭ 23 – ئايىتىنى ئىما قىلىدۇ.

سۈرە، دەسلەپكى مەزگىلدىكى نۇزۇل تەرتىپلىرىدە ئەئلا سۈرىسىنىڭ ئالدىغا، 7 – ئورۇنغا تىزىلغان. بىزنىڭچە ئىزاھاتلىق نۇزۇل تەرتىۋىمىزدە 8 – ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى، بۇ سۈرىنىڭ 22 – ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان « مەجنۇن ئەمەستۇر » جاۋابى، دەل رەسۇلۇللاھنىڭ مەككىلىك مۇشرىكلار تەرىپىدىن « مەجنۇن، ساراڭ، جىن چاپلىشىپ قالغان » دەپ ئەيىپلىنىۋاتقان دەۋر ئارقا كۆرنۈشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرمەكتە. بۇ يىپ ئۇچى مەزكۇر سۈرىنىڭ رىسالەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە نازىل بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى، ئاخىرقى سائەت ۋە ھېساپ كۈنى ھەققىدە بولۇپ، سۈرىنىڭ بېشىدا يەر يۈزىنىڭ ئاخىرقى سائىتىدىكى ئۇ مەنزىرىلەر جانلىق شەكلىدە تەسۋىرلەنگەن ۋە بۇ ئارقىلىق ئاللاھ قويغان قانۇنىيەت دائىرىسىدە كائىناتنىڭ بۇزۇلۇش ھەقىقىتى بايان قىلىنغان. بۇ بۇزۇلۇشنى « مالىمانچىلىق » دەپ سەلبىي نوقتىدىن ئىزاھلىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى بۇزۇلۇش ئاللاھ نىڭ ئەمرى بىلەن بولىدىغان ئىلاھىي قانۇنىيەتكە تەۋە بۇزۇلۇشتۇر. بۇ ئاللاھ تىن غەيرى تەسۋىرلەپ بېرەلمەيدىغان مىسلىسىز ھەقىقەتتۇر.

ئەنبىيا سۈرىسى 104 – ئايەتنى بۇ ئىلاھ يۆگىلىشنىڭ تەپسىرى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئىلاھىي بۇزۇلۇشتىن كېيىن مەيدانغا كېلىدىغان ئىلاھىي يېڭىدىن يارىلىش باسقۇچى ئىنفىتار سۈرىسىدە بايان قىلىنغان.

بۇ سۈرە شۇ ئىككى ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە، باشلىنىشى بولغان ھەر نەرسە ھامان بىر كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. ئىنسان بۇ دۇنياغا پەقەت مېھمان، يەر يۈزى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئۆتەڭ بولۇپلا قالماستىن، ئۇمۇ ئىنسانغا ئوخشاش بىر مېھمان. يەر يۈزىنىڭ ئۆمرىگە قارىغاندا، يوق دېيەرلىك ئۆمۈرگە ئىگەن بولغان « ئەي ئىنسان! نېمەڭگە ئىشىنىپ تەكەببۇرلۇق قىلىسەن؟ ».

1 – 13 – ئايەتتە « ئىزا » ۋاقىت رەۋىشى دەل 12 قېتىم ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ ھەر جۈملىنىڭ مەنە جەھەتتىن مۇستەقىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، كۈچەيتىش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭ ئالتىسى دۇنيا ئۈچۈن، ئالتىسى ئاخىرەت ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن بولۇپ، « ئەي ئىنسان، بۇ ئاگاھلاندۇرۇشتىن خېلى كۆپ زامان ئۆتتى دەپ ئاخىرەت رىئاللىقىنى ئۇنتۇپ قالما! » دېمەكتە.

ئاخىرقى سائەتنىڭ دەھشىتىنى بايان قىلغان بىرىنچى بۆلەك، قۇرئاندا بايان قىلىنغان قىيامەت سەھنىلىرى ئارىسىدا ئۆزگىچە ئورۇننى ئىگىلەيدۇ:

إِذَا الشَّمْسُ كُوِّرَتْ (1) وَإِذَا النُّجُومُ انْكَدَرَتْ (2) وَإِذَا الْجِبَالُ سُيِّرَتْ (3) وَإِذَا الْعِشَارُ عُطِّلَتْ (4) وَإِذَا الْوُحُوشُ حُشِرَتْ (5) وَإِذَا الْبِحَارُ سُجِّرَتْ (6) وَإِذَا النُّفُوسُ زُوِّجَتْ (7) وَإِذَا الْمَوْءُودَةُ سُئِلَتْ (8) بِأَيِّ ذَنْبٍ قُتِلَتْ (9) وَإِذَا الصُّحُفُ نُشِرَتْ (10) وَإِذَا السَّمَاءُ كُشِطَتْ (11) وَإِذَا الْجَحِيمُ سُعِّرَتْ (12) وَإِذَا الْجَنَّةُ أُزْلِفَتْ (13) عَلِمَتْ نَفْسٌ مَا أَحْضَرَتْ (14)

« قوياشنىڭ نۇرى يۆگەلگەن / ئۆچكەن چاغدا، يۇلتۇزلار ئۆچۈپ تۆكۈلگەن چاغدا، تاغلار گۇمران بولغان چاغدا، بوغاز تۆگىلەر تاشلىۋېتىلگەن چاغدا، ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا، دېڭىزلار بۇلدۇقلاپ قاينىتىلغان چاغدا، پۈتۈن ئىنسانلار ئايرىلغان چاغدا، تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا، ( ئىنسانلارنىڭ ) ئەمەل دەپتىرى ئېچىلغان چاغدا، ئاسمان ئېچىپ تاشلانغان چاغدا، جەھەننەمنىڭ ئوتى قىزىتىلغان چاغدا، جەننەت يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا، ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ نېمە تەييارلىغانلىقىنى ( يېقىندىن ) بىلىدۇ » ( 1 – 14 ).

14 – ئايەتتە ئىنسانغا بېرىلگەن ئۆمۈر ۋە بارلىق ئىمكانلارنىڭ ھېسابى ئېلىنىدىغانلىقى، ئۇنىڭغا قارىتا ئىنسانغا مۇكاپات – جازا بېرىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، « قازاندا نېمە بولسا، چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ » دېمەكتە ۋە ئىنسانلارنى ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا ۋە ھەر ئىشنى قىلغاندا ئاخىرەتتىكى جاۋاپكارلىقنى ئۇنتۇماسلىققا دەۋەت قىلماقتا.

15 – 25 – ئايەتلەردە  يۇلتۇز، كېچە ۋە سەھەر شاھىت قىلىنىپ، قۇرئان / ۋەھىينىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكى، ئۇنى رەسۇلۇللاھقا يەتكۈزگۈچىنىڭ جىبرىئىل ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ مەرتىۋىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇنى ئەسلى ھالىتىدە كۆرگەنلىكى تەستىق قىلىنغان. مۇشرىكلارنىڭ قۇرئان ۋە رەسۇلۇللاھقا قاراتقان ئىنكاسلىرىغا رەددىيە بېرىلىپ، ۋەھىينىڭ ئاللاھ نىڭ سۆزى ئىكەنلىكى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئاللاھ نىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

26 – ئايەتتە پۈتۈن ئىنسانىيەت ئورتاق خىتاپ قىلىپ « قەيەرگە كېتىۋاتىسىلەر؟ » دەپ سوئال قويغان ۋە ئىنسانلارنى يارىتىلىش مەقسىتى ۋە مەسئۇلىيىتى ھەققىدە ئويلىنىشقا چاقىرغان.

فَأَيْنَ تَذْهَبُونَ

« قەيەرگە كېتىۋاتىسىلەر؟ » ( 26 ).

27 –  29 – ئايەتلەردە قۇرئاننىڭ ئەۋەتىلىش مەقسىتىنىڭ ئىلاھى يېتەكچى ۋە يول كۆرسەتكۈچى ئىكەنلىكى بايان قىلىنىپ، ئەگىشىش – ئەگەشمەسلىك ئىختىيارىنىڭ ئىنساندا ئىكەنلىكى ئىما قىلىنغان. ئاللاھ نىڭ ئىنسانلارنى توغرا يولغا مېڭىشى ئۈچۈن ئەقىل، ئىرادە ۋە يېتەكچى بەرگەنلىكى، ئەگەر بۇلارنى بەرمىگەن بولسا ئىنسانلارنىڭ ھېچنەرسىنى تاللىيالمايدىغانلىقى ئەسلىتىپ ئۆتۈلگەن.

إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِلْعَالَمِينَ (27) لِمَنْ شَاءَ مِنْكُمْ أَنْ يَسْتَقِيمَ (28) وَمَا تَشَاءُونَ إِلَّا أَنْ يَشَاءَ اللَّهُ رَبُّ الْعَالَمِينَ (29)

« ئۇ زىكىر ( قۇرئان ) پۈتۈن ئەھلى جاھانغا نەسىھەتتۇر. ئىچىڭلاردىن توغرا يولغا مېڭىشنى خالايدىغانلارغا ( قۇرئان ) نەسىھەتتۇر. ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ ( سىلەرگە ئىرادە بېرىشنى ) خالىمىغان بولسا ئىدى، سىلەر ھېچنەرسىنى خالىيالمايتىڭلار » ( 27 – 29 ).