مۇددەسسىر سۈرىسى

 

سۈرىنىڭ بىرىنچى ئايىتى سۈرە « مۇددەسسىر » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان. يەنى:

« سەن ئەي ئىچىگە بېكىنىۋالغان كىشى! تۇر ۋە ( ئىنسانلارنى ) ئاگاھلاندۇر! ».

مۇددەسسىر كەلىمىسى قۇرئاندا پەقەت مۇشۇ ئايەتتىلا تىلغا ئېلىنغان.

سۈرە ئەڭ باشتا نازىل بولغان سۈرىلەردىن بىرى بولۇپ، ھەزرىتى ئائىشەدىن كەلگەن رىۋايەتتە، « ۋەھىي ئۈزۈلۈش ھادىسىسى »دىن كېيىن نازىل بولغان ( بۇخارى ۋە مۇسلىم ). جابىر بىن زەيد رىۋايىتىمۇ يۇقىرىدىكى رىۋايەت بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە ( مۇسلىم ).

رىۋايەتكە قارىغاندا رەسۇلۇللاھ ۋەھىي ئۈزۈلۈپ قالغان مەزگىلدە ( فەترەتۇل ۋەھىي ) ناھايىتى قايغۇرغان ۋە نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالغان. بۇ ھادىسە ئارقىلىق ۋەھىينىڭ ئېغىرلىقى ئاستىدا بېلى پۈكۈلگەن نەبىيگە، ۋەھىيسىز قېلىشنىڭ نەقەدەر ئىزتىراپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. فەترەتۇل ۋەھىي دەپ ئاتالغان بۇ ھادىسە، ئىلاھىي تەربىيلەشنىڭ بىر پارچىسى بولغانىدى.

بۇ ۋەقەنىڭ 3، 13، 15، 25، 40 كۈن، ياكى 6 ئاي ۋەياكى ئىككى يېرىم يىل داۋاملاشقانلىقىغا دائىر رىۋايەتلەر بار.

بۇ مۇددەتلەر ئەستايىدىللىق بىلەن تەھلىل قىلىنىشى لازىم. 3، 13، 15 ياكى 25 كۈنلىك بىر مۇددەت، « فەترەت » دەپ ئاتاشقا لايىق ئەمەس. چۈنكى 6000 دىن ئارتۇق ئايەتلىك بىر خەۋەر 23 يىللىق بىر زاماندا نازىل بولغان. بۇ نوقتا نەزەردە تۇتۇلغان ئاساستا چىقىرىلىدىغان ۋەھىي – زامان نىسبىتىگە ئاساسەن ئۈچ – بەش ھەپتىلىق بىر مۇددەت، ئۈزۈلۈش ئەمەس، ئەكسىچە نۇرمال تەربىيە مۇددىتىگە توغرا كېلىدۇ. رىۋايەت قىلىنغان ئەڭ ئۇزۇن مۇددەت بولغان ئىككى يېرىم يىللىق مەزگىل ھەققىدىكى رىۋايەت كىشىنى ئىشەندۈرىدىغان دەرىجىدە ئەمەس. ئەگەر بۇنداق بولغان بولسا ئىدى، 3، 13، 15، 25 كۈن دېگەندەك رىۋايەتلەر بولمايتتى. بۇ ئىككى مۇددەت ئارىسىدا ئاسمان – زېمىن قەدەر پەرق بار.

بۇ ئۈستىگە ۋەھىيدىن ئىبارەت ئېغىر يۈكنى ئالغۇچىنىڭ، بۇ يۈك بىلەن راھەت ئۇخلىيالمايدىغانلىقى ئىما قىلىنغان. رەسۇلۇللاھقا ئۈستىگە ئېغىر مەسئۇلىيەت ئارتىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ياتقان پاسسىپ ياخشىنى ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ ئاكتىپ ياخشى قىلىشنى مەقسەت قىلماقتا.

بۇ ۋەقەنى مۇنداق ئىزاھلاش مۇمكىن. يەنى، ۋەھىينىڭ باشلىنىش جەريانىدا رەسۇلۇللاھ ۋەھىي ئۈزۈلۈپ قالدى دەپ خاۋاتىرىلەنگەن. زۇھا 3- ئايەت بۇنىڭ شاھىتى. بۇ ئەندىشىمۇ بىر رەھمەت بولغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ۋەھىيدىن ئۇزاق قېلىشتىن تۇيۇلغان ئازاپ، ۋەھىي مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن تارتقان مۇشەققەتتىنمۇ قاتتىق ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. رەسۇلۇللاھنى ئەنسىرەتكەن نەرسە، ۋەھىي جەريانىدا يۇلۇقىدىغان بىر نەچچە ئايلىق توختاش ئىدى. لېكىن ۋەھىينىڭ نازىل بولۇش زىچلىقى تېخى ئېنىق مەلۇم بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئەھۋال فەترەت – ئۈزۈلۈش دەپ قارالغان.

سۈرە دەسلەپكى مەزگىلدىكى بارلىق تەرتىپلەردە مۇززەممىل سۈرىسىنىڭ ئارقىسىغا تىزىلغان. دېمىسىمۇ بۇ ئىككى سۈرە ئارىسىدا قۇرئاننىڭ قوشماق قۇتۇپلۇق قۇرۇلمىسىغا ( مەسانى ) ماس بىر مۇناسىۋەت بار.

مۇززەممىل سۈرىسى ئىنساننىڭ ھەرىكەت ئەخلاقىنى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان، مۇددەسسىر سۈرىسى كىشىنىڭ سۆز ئەخلاقىنى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

سۈرە مەزمۇنىنى نەزەردە تۇتقان ۋاقتىمىزدا، بۇ سۈرە فاتىھە، ئالاق، زۇھا ۋە مۇززەممىل سۈرىسىدىن كېيىن نازىل بولغان 5 – سۈرە دەپ قاراشقا بولىدۇ. « كاپىرلار » خىتابىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ سۈرىدە تىلغا ئېلىنغانلىقىمۇ، بۇ تىزىلىشنى توغرىلايدۇ ( 10 ).

سۈرە مەزمۇن جەھەتتىن قۇرئاننىڭ كىچىك كۆزنىكىگە ئوخشايدۇ. ئالدىنقى يەتتە ئايەتتە يەتتە بۇيرۇق يەر ئالغان بولۇپ، بۇ سۈرىنىڭ مۇھاتابىنى تەربىيلەشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. سۈرىنىڭ « تۇر! » خىتابى بىلەن باشلىنىشى، ئۈستىگە ۋەھىيدىن ئىبارەت ئېغىر يۈكنى ئالغۇچىنىڭ بۇ يۈك بىلەن راھەت ئۇخلىيالمايدىغانلىقى ئىما قىلماقتا. بۇ ئارقىلىق رەسۇلۇللاھقا ئېغىر مەسئۇلىيەت ئارتىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ياتقان پاسسىپ ياخشىنى ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ ئاكتىپ ياخشى قىلىشنى مەقسەت قىلماقتا.

يَاأَيُّهَا الْمُدَّثِّرُ (1) قُمْ فَأَنْذِرْ (2) وَرَبَّكَ فَكَبِّرْ (3) وَثِيَابَكَ فَطَهِّرْ (4) وَالرُّجْزَ فَاهْجُرْ (5) وَلَا تَمْنُنْ تَسْتَكْثِرُ (6) وَلِرَبِّكَ فَاصْبِرْ (7)

« سەن ئەي ئىچىگە بىكىنىۋالغان كىشى!

تۇر ۋە ( ئىنسانلارنى ) ئاگاھلاندۇر!

پەقەت رەببىڭنى ئۇلۇغلا!

كىيىمىڭنى پاكىز تۇت!

پۈتۈن ( جىسمانىي ۋە مەنىۋىي ) مەينەتچىلىكتىن يىراق بول!

ياخشىلىقنى ئۆزەڭگە كىرىم مەنبەسى قىلىۋالما! ( كۆپ ئېلىش نىيىتىدە بەرمە! )

رەببىڭ ئۈچۈن سەبىر قىل! » ( 1 – 7 ).

بۇ ئايەتلەر ( 1 – 7 ) خىتاپ قىلىنغۇچىغا يول كۆرسەتكۈچ ماھىيىتىدە بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا دىققەت قىلىشقا  ۋە قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارغا كىشىنىڭ دىققىتىنى بۇرىماقتا.

8 – 9 – 10 ئايەتتە ھېساپ كۈنىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، بۇ مەسئۇلىيەتتىن جاۋاپكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى ئەسلىتىلمەكتە.

بۇ بۆلەكتىن كېيىن تۇنجى مۇھاتابلار ئارىسىدا يەر ئالغان شەخس ئۈستىدىن ئىنكارچى ئەقىلگە خىتاپ قىلىنغان. بۇ ئىنكارچى ئەقىل، ئاللاھ ئېمتىھان قىلىپ بەرگەن مال – مۈلك ۋە پەرزەنتنى، ئاللاھ قا قارشى چىقىپ ھاكاۋۇرلۇق قىلىشقا ئىشلەتكەنىدى ( 11 – 17 ).

سۈرىدە يەر ئالغان دۇنياغا بېرىلىپ كېتىش ۋە باياشاتچىلىق ئىچىدە خۇدىنى يوقاتقان ئىنكارچى ئەقىل، تۆۋەندىكى بۆلەكتە شۇنداق جانلىق تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، بىز خۇددى ئۇنى ئۆز دەۋرىمىز ۋە ماكانىمىزدا كۆرىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىمىز:

إِنَّهُ فَكَّرَ وَقَدَّرَ (18) فَقُتِلَ كَيْفَ قَدَّرَ (19) ثُمَّ قُتِلَ كَيْفَ قَدَّرَ (20) ثُمَّ نَظَرَ (21) ثُمَّ عَبَسَ وَبَسَرَ (22) ثُمَّ أَدْبَرَ وَاسْتَكْبَرَ (23) فَقَالَ إِنْ هَذَا إِلَّا سِحْرٌ يُؤْثَرُ (24) إِنْ هَذَا إِلَّا قَوْلُ الْبَشَرِ (25)

چۈنكى ئۇ ( ۋەھىي ھەققىدە ) يۈزەكى ۋە خاتا ئويلاندى، پىلانلىدى.

لەنەتتەككۈر، قانداقمۇ پىلانلاشقا جۈرئەت قىلدى؟

يەنە لەنەت بولسۇنكى، قانداقمۇ پىلانلاشقا جۈرئەت قىلدى؟

ئاندىن ئەتراپقا قارىدى.

ئاندىن قوشۇمىسىنى تۈردى ۋە چىرايى ئۆزگۈرۈپ كەتتى.

ئەڭ ئاخىرىدا ( ھەقىقەتتىن ) يۈز ئۆرىدى ۋە كىبىر ئابىدىسى بولدى.

ئاخىرىدا « بۇ پەقەت ئۆتمۈشتىن مىراس قالغان سېھىردۇر. بۇ پەقەت پانى بىر ئىنساننىڭ سۆزىدۇر » دېدى ( 18 – 25 ).

بۇ بۆلەكتە تەپسىلىي بېرىلگەن تەسۋىر، تەسۋىرلەنگۈچىنىڭ تارىخى كىملىكىدىن زىيادە، تەپەككۇر شەكلىگە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرىدۇ.

مانا بۇ، ۋەھىينىڭ زامانلار ۋە ماكانلارنى ھالقىغان بايانىدۇر. ۋەھىي مۇئمىندە، ئۇ خىل كىشىلەرنى قەيەردە ئۇچرىتىشىدىن قەتئىينەزەر تونۇۋالالايدىغان بىر ئەقىل – پاراسەت يېتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئاينى، كېچىنى ۋە سەھەرنى شاھىت قىلىپ بۇ سۆزلەرنى قىلىشىمۇ دەل  بۇ سەۋەپتىن.

كَلَّا وَالْقَمَرِ (32) وَاللَّيْلِ إِذْ أَدْبَرَ (33) وَالصُّبْحِ إِذَا أَسْفَرَ (34)

« شۇنداق، ئاي شاھىت بولسۇن! ئۆتۈپ كەتكەن كېچە شاھىت بولسۇن! يورىغان سۈبھى شاھىت بولسۇن! » ( 32 – 34 ).

يۇقىرىدا تەپەككۇر شەكلى تەسۋىرلەنگەن باياشاتچىلىق ئىچىدە خۇدىنى يوقۇتۇپ قويغان تەكەببۇر ئىنكارچى ئەقىلنىڭ، ئۆزى تولۇق ئىشەنمەيدىغان ئاخىرەت ئۈچۈن ئۆزىگە قۇتقازغۇچى / شاپائەتچى پەيدا قىلىش سەۋداسى قاتتىق بىر تىل بىلەن رەت قىلىنىدۇ:

فَمَا تَنْفَعُهُمْ شَفَاعَةُ الشَّافِعِينَ

« مانا بۇلارغا ھېچقانداق بىر شاپائەتچىنىڭ شاپائىتى پايدا بەرمەيدۇ » ( 48 ).

49 – 51 – ئايەتلەر قۇرئاننى ئىنكار قىلغۇچى ئەقىلنىڭ قۇرئانغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە ئىچىدىكى ھەسەتنىڭ ئۇلارنى قايسى ھالغا كەلتۈرۈپ قويغانلىقىنى بايان قىلىنغان.

فَمَا لَهُمْ عَنِ التَّذْكِرَةِ مُعْرِضِينَ (49) كَأَنَّهُمْ حُمُرٌ مُسْتَنْفِرَةٌ (50) فَرَّتْ مِنْ قَسْوَرَةٍ (51)

« ئۇلار نېمىشقا ۋەز ( يەنى قۇرئان )دىن يۈز ئۆرۈيدۇ؟ گويا ئۇلار يولۋاستىن قاچقان ياۋايى ئېشەكلەردۇر » ( 49 -51 )

54 – 55 – ئايەتلەردە، قۇرئاننىڭ ۋەز – نەسىھەت ئىكەنلىكى، ئۇنىڭدىن خالىغانلارنىڭ ۋەز نەسىھەت ئالىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

كَلَّا إِنَّهُ تَذْكِرَةٌ (54) فَمَنْ شَاءَ ذَكَرَهُ (55)

« ياق، مۇقەررەكى، ئۇ ( يەنى قۇرئان ) ۋەز – نەسىھەتتۇر. خالىغان ئادەم ئۇنىڭدىن ۋەز – نەسىھەت ئالىدۇ ».

56 – ئاللاھ نىڭ زاتى ۋە چەكسىز مەرھەمىتىنىڭ ئىپادىسى بولغان رەھمىتى بايان قىلىنىپ، مۇئمىنلەرگە ئاللاھ تىن نائۈمىد بولماسلىق ئىما قىلىنغان ھالدا ئاخىرلاشقان.

وَمَا يَذْكُرُونَ إِلَّا أَنْ يَشَاءَ اللَّهُ هُوَ أَهْلُ التَّقْوَى وَأَهْلُ الْمَغْفِرَةِ (56)

« ئۇلار پەقەت خالىسا ئاندىن ( قۇرئاندىن ) ۋەز – نەسىھەت ئالىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئەيمىنىشكە تېگىشلىك زاتتۇر، بەندىلىرىنى مەغپىرەت قىلىشقا لايىق زاتتۇر ».