جوڭگودا سىياسىي بوھران

ياپۇنىيە مەسلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تەرەققىيات سۈرئىتىنى تۆۋەنلەتتى. ياپۇنىيە بۇنى قىينالمايلا ئەمەلگە ئاشۇرالىغۇدەك سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئىنتىزامچانلىققا ئىگە ئىدى. شەرقىي ئاسيا بۇ مەسلىنى مۇنداق ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلدى.  جەنۇبىي چاۋشىيەن ۋە تەيۋەن قاتارلىق ئەللەر قاتتىق تەدبىر قوللاندى، بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك كۈچەيدى. ئۇلارنىڭ كۈچلۈك ھۆكۈمەتلىرى بار ئىدى، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالىدى. ھىندونېزىيەگە ئوخشاش بەزى ئەللەر  مەسىلىنى ھەل قىلالمىدى.

جوڭگونىڭ مەسىلىسى سىياسىي بولۇپ، ئىدىئولوگىيە بىلەن ئەمەس، پۇلنىڭ كۈچى بىلەن ئۆرە تۇرىۋاتىدۇ. ئىقتىسادتا تارىيىش كۆرۈلۈپ پۇلنىڭ ئېقىشى توختىسا، بۇنىڭ زىيىنىغا پەقەت بانكىچىلىق سىستىمېىسىلا ئۇچراپ قالماستىن، پۈتۈن جوڭگو خەلقى ئۇچرايدۇ.  جوڭگودا ساداقەت يا سېتىۋېلىنىدۇ ياكى مەجبۇرلاش بىلەن قولغا كەلتۈرۈلىدۇ. پۇل بولمىغان ۋاقىتتا پەقەت مەجبۇرلاش يولىلا قالىدۇ. ئىش دۇنياسىدىكى ئىلگىرىلەشنىڭ ئاستىلىشى ئىش يەرلىرىنىڭ ۋەيران بولىشىغا، ئىشسىزلىققا سەۋەب بولىدۇ ۋە ئاخىرىدا قالايمىقانچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. كەمبەغەل ۋە
ئىشسىزلار كۆپ بولغان ئەللەردە ئىقتىسادىي مەسلىلەرنىڭ بېسىمى كۆرۈلگەندە سىياسىي مۇقۇملۇق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.
ئەنگىلىيەنىڭ جوڭگوغا قەدەم بېسىشى (1844 – ئەپيۇن ئۇرۇشى ) ۋە  ماۋ نىڭ زەپىرى( 1949 ) ئارىسىدا جوڭگونىڭ دېڭىز بويى ۋە ئىچكى رايونلار دەپ ئىككىگە ئايرىلغانلىقى مەلۇم. دېڭىز بويىدىكى رايونلار تاشقى سودا بىلەن تەرەققىي قىلىپ باي بولۇشى بىلەن تەڭ مەركىزى ھۆكۈمەتكە بوي سۇنمايدىغان بولۇشقا باشلىغانىدى. بۇ رايونلار جوڭگودا ئىقتىسادىي مەنپەئەتى بولغان ياۋروپا ئەللىرى ۋە ئا ق ش دىن ياردەم تەلەپ قىلدى. بۈگۈنمۇ ئەھۋال ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. شاڭخەيدىكى بىر سودىگەرنىڭ لوس ئانجىلىش، نىيوۋ يورك ۋە لوندوندا تىجارى مۇناسىۋىتى بار ۋە بۇ تىجارى مۇناسىۋەت سايىسىدە جوڭگودىكىگە قارىغاندا ناھايىتى كۆپ پۇل تاپىدۇ. بېيجىڭ بۇ سودىگەرگە بېسىم ئىشلەتسە، ئۇ ئۆز مەنپەئىتى بىلەن بىرگە چەتئەللىك شىرىكلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئەجنەبىيلەردىن ياردەم ئىزدەشكە باشلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىچكى قىسىمدا ياشايدىغانلار يا دېڭىز بويىدىكى رايونلارغا كۆچۈشكە باشلايدۇ ياكى ھۆكۈمەتنىڭ باي دېڭىز بوي رايونلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ باج ئېلىپ ئۆزلىرىنى يۆلىشىنى تاما قىلىشىدۇ. بېيجىڭ ئىككى تەرەپ ئارىسىدا قالغان بولۇپ،  ھاكىمىيەتنى قولدىن چىقىرىپ قويماسلىق ئۈچۈن قاتتىق تەدبىر قوللىنىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ،  بۇ قېتىم مەملىكەتنى ماۋ دەۋرىگە قايتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىق بىلەن تەنقىد ئوبىكتىغا ئايلىنىدۇ.

جوڭگودىكى تۈزۈم ئىككى چوڭ تۈرۈك ئۈستىدە تۇرىدۇ. بۇلاردىن بىرسى جوڭگونى باشقۇرىۋاتقان ئەمەلدارلارنىڭ مەنپەئىتى، يەنە بىرسى دۆلەتنىڭ ۋە كوممۇنىست پارتىينىڭ قوغدىغۇچىسى ۋە دېكتاتۇرىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى قوراللىق كۈچتىن ئىبارەت. ئۈچىنچى تۈرۈك بولۇپ ھېسابلانغان كومپارتىيە ئىدىيىۋى پرىنسىپى ھازىر يوق. باراۋەرلىك، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش پرىنسىپلىرى مودىدىن قالغان بولۇپ، خەلق بۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ ۋە بۇلار ئەمەلىيلەشتۈرۈلمەيدۇ.

ئىدىيە جەھەتتىكى گۇمرانلىقنىڭ تەسىرىگە خەلق ئاممىسىدىن باشقا يەنە دۆلەت، پارتىيە ۋە ئامانلىق سىستىمېسىمۇ ئۇچرىغان بولۇپ، كومپارتىيە ئەمەلدارلىرى يېڭى ۋەزىيەتتىن شەخسى ھالدا پايدىلاندى. ئەگەر تۈزۈم دېڭىز بويىدىكى رايونلارنى باشقۇرىشى ئاستىغا ئېلىشقا ئۇرۇنغان بولسا ئىدى، قاتتىق قوللۇق قىلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش توغرا بولمايتتى. چۈنكى، بۇ رايونلارنىڭ باي بولىشىغا يول قويغانمۇ ئوخشاش بىر تۈزۈم ئىدى. 19 – ئەسىردە دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى بېيجىڭنىڭ پەرمانلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خالىمىغاندىمۇ ئوخشاش مەسىلە
كۆرۈلگەنىدى. ئۇلار ئەجنەبىيلەر بىلەن سودا قىلىش تەرەپتارى ئىدى.

ئەگەر ھەقىقەتەن بىر ئىقتىسادى مەسىلە مەۋجۇد بولسا، مەركىزى ھۆكۈمەت كوممۇنىزمنىڭ ئورنىغا يېڭى بىر ئىدىيۋى ئېقىمنى دەسسىتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. خەلق ئىتىقادىغا ماس بىر نەرسە تېپىشى كېرەك. جوڭگولۇقلار كوممۇنىزمغا ئىشەنمىسىمۇ جوڭگوغا ھازىرمۇ ئىشىنىدۇ.    جوڭگو ھۆكۈمىتى مىللەتچىلىكنى قوللاپ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ.  جوڭگو تارىخىغا قارايدىغان بولساق، جوڭگولۇقلار ئەزەلدىن ياتلارغا ئىشەنمەيدۇ. كومپارتىيە ئىقتىسادى زاۋاللىقنى كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى دۆڭگەپ قويۇش ئۈچۈنمۇ بىر ئەجنەبىي ئىزدەيدۇ. ماۋ نىڭ جوڭگونىڭ
ئاجىزلىقى ئۈچۈن كەمبەغەللىكنى سەۋەپ قىلىپ كۆرسەتكىنىدەك، كومپارتىيمۇ ئىقتىسادىي مەسلىلەر ئۈچۈن ئەجنەبىيلەرنى ئەيىپلەيدۇ.

ئىقتىسادىي مەسلىلەردە ئەجنەبىي ھۆكۈمەتلەر بىلەن سۈركىلىشلەر بولىدىغانلىقى ( ئەجنەبىيلەر جوڭگوغا سالغان مەبلەغلىرىنى قوغدايدىغانلىقى  ) ئۈچۈن ھۆكۈمەت مىللەتچىلىك كوزىرىنى ناھايىتى ئاسانلا ئوينىيالايدۇ. جوڭگونىڭ چوڭ، كۈچلۈك دۆلەت ئارزۇسىنىڭ ئورنىنى كوممۇنىزم ئىدىيىسىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشى ئالىدۇ. تالاش – تارتىشلار جوڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئورنىنى كۈچلەندۈرىدۇ. چۈنكى جوڭگو ھۆكۈمىتى مەسلىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەجنەبىيلەرگە ئارتىپ ئۇلارنى ئەيىبلەيدۇ ۋە ئەجنەبىي ھۆكۈمەتلەر بىلەن دىپلوماتىك يوللار ۋە ھەربىي كۈچ كۆرسىتىش بىلەن
تالاش – تارتىش قىلىۋاتقاندا، تۈزۈم ئۈچۈن خەلقنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بۇلار 2010 – يىلىدا بولىشى مۇمكىن.

بۇ تالاش – تارتىشلار  ياپۇنىيە ياكى ئا ق ش بىلەن بولىدۇ. بۇ ئىككى دۆلەت ئۇنىڭ قەدىمكى دۈشمەنلىرى بولۇپ، بەزى مەسلىلەردە تالاش  – تارتىشلار ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ. روسسىيەنىڭ دۈشمەن دەپ قارىلىشى ۋە ياپۇنىيە  ياكى ئا ق ش بىلەن ھەربىي توقۇنۇشقا كىرىىش ئىھتىمالى ناھايىتى ئاز. جوڭگونىڭ بۇ ئىككى دۆلەتكە ئۈرۈش ئېلان قىلىشى ئاسان ئەمەس. جوڭگو دېڭىز ئارمىيسى ئاجىز بولۇپ، ئا ق ش دېڭىز ئارمىيسىگە قارشى ئۇزۇن مۇددەت پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن جوڭگونىڭ تەيۋەننى ئېلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مەنتىقىلىق ئەمەس.  جوڭگو دېڭىز ئارمىيسى تەيۋەن بوغىزىدا قېيىن ئەھۋالدا قالىدۇ ۋە قۇرۇقلۇققا چىقىدىغان قىسىملىرىغا ياردەم قىلالمايدۇ. جوڭگو ئون يىل ئىچىدە ئا ق ش بىلەن تەڭ تۇرالايدىغان بىر دېڭىز ئارمىيسىگە ئىگە بولالمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا جوڭگونىڭ ئالدىدا كەلگۈسى ئۈچۈن ئۈچ خىل يول بار. بىرىنجى، يۇقىرى نىسبەتتە داۋاملىق تەرەققىي قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش. بۇنى ھېچقانداق بىر دۆلەت ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى، جوڭگومۇ بۇ مەسلىدە بۇنىڭدىن خالى ئەمەس. كېيىنكى ئوتتۇز يىلدا بەرپا قىلىنغان دەرىجىدىن تاشقىرى ئىقتىسادى تەرەققىيات جوڭگو ئىقتىسادىدا ناھايىتى چوڭ تەڭپۇڭسىزلىق پەيدا قىلدى، بۇلار تۈزىتىلىشى كېرەك. جوڭگو مەلۇم بىر نوقتىدا باشقا ئاسيا ئەللىرىگە ئوخشاش يېڭى بىر تەڭشەش ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر.

ئىككىنچى بىر يول، جوڭگونىڭ يېڭىدىن ھوقوق مەركەزگە مەركەزلەشكەن ھاكىم مۇتلەقلىق ھالغا قايتىشى بولۇپ، ئىقتىسادىي تۇرغۇنلۇق سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان مەنپەئەت توقۇنۇشى ۋە رىقابەتلەر كۈچلۈك بىر مەركىزى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كونتىرول قىلىنىپ، رايونلارنىڭ ئۆز ئالدىغا باش – باشتاق ھەرىكەت قىلىشىغا يول قويماسلىق. بۇ بىر ئاز مەنتىقلىق. لېكىن، ھۆكۈمەتتىكى ئەمەلدارلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆز مەنپەئىتىنىڭ كويىدا بولغاچقا، ھاكىم مۇتلەقلىقنىڭ ئەمەلىيلىشىشى قىيىن. ھۆكۈمەت بەلگىلىمىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۆز ئىچىدىكى بۇ خىل كىشىلەرگە ئىشەنمەيدۇ، ئەلۋەتتە. مەركەزدىن باشقۇرۇشنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق يول يەنىلا مىللەتچىلىك بولىدۇ.

ئۈچىنجى يول، ئىقتىسادىي تۇرغۇنلۇق داۋاملىشىۋاتقاندا، جوڭگو بۇرۇنقىدەك رايونلارغا ئايرىلىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋالدا مەركىزى ھۆكۈمەتنى ئاجىزلىشىدۇ ۋە كەڭ دائىرىدە تەسىر كۈچىنى يوقتىدۇ. جوڭگو ئۈچۈن بۇ يول مەنتىقلىق كۆرۈنىدۇ، لېكىن بۇ بايلار تەبىقىسى بىلەن ئەجنەبىي مەبلەغ سالغۇچىلارغا پايدىلىق بولىدۇ. بۇ جوڭگونى ماۋ دىن بۇرۇنقى دەۋرگە ئېلىپ بارىدۇ. رايونلار ئارىسىدا رىقابەت باشلىنىدۇ ۋە مەركەز كونتىرول قىلىشقا ئاجىز كېلىدۇ. جوڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەڭشەش زۆرۈر بولسا، ھەمدە بۇ باشقا ئەللەردىكىدەك سۈركىلىش پەيدا قىلىدىغان بولسا، جوڭگو تارىخىغا قارىساق بۇ ئۈچىنجى يول رىئالىققا ئەڭ ماس كېلىدىغان يول بولۇپ كۆرۈنىدۇ.