فەتىھ سۈرىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

سۈرە، ئىسلام بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىكى، بولۇپمۇ پىسخولوگىيلىك توسالغۇلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، قەلبلەرگە تۇتاشقان يولنى ئېچىشنى بىلدۈرىدىغان « فەتىھ » ئىسمىنى بىرىنچى ئايەتتىن ئالغان.

بۇخارىدا نەقىل قىلىنغان بىر رىۋايەت، تۇنجى نەسىلنىڭ بۇ سۈرىنى مەزكۇر ئىسىم بىلەن ئاتىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بۇ سۈرىنىڭ بىر ئۇرۇش جەريانىدا ئەمەس، ھۇدەيبىيەدىن ئىبارەت تىنچلىق كېلىشىمىدىن كېيىن نازىل بولغانلىقى نەزەرگە ئېلىنغاندا، « فەتىھ »تىن نېمىنىڭ نەزەردە تۇتۇلغانلىقى تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ. بۇ، قۇرئاندا « فەتىھ » ئىسمى بىلەن ئاتالغان بىردىنبىر سۈرە بولۇپ، بۇنداق بىر سۈرىنىڭ تىنچلىق كېلىشىمىدىن كېيىن نازىل بولىشى ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ سۈرىگە « فەتىھ » ئىسمىنىڭ قويۇلىشى، ئىسلامدا فەتىھ مەقسىتىنىڭ زېمىن ئىشغالى ئەمەس، ئەكسىچە « قەلب/يۈرەك فەتھى » ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

سۈرە مەدىنىدە نازىل بولغان. ھۇدەيبىييە سۈلھىسىدىن كېيىن، مەدىنىگە قايتىش يولىدا نازىل بولغان بولۇپ، بۇ ئەھۋالدا سۈرىنىڭ ھىجرى 6 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا نازىل بولغانلىقى ئېنىق بولىدۇ. گەرچە سۈرىنىڭ نازىل بولۇش تارىخى ئېنىق بولسىمۇ، تۇنجى تەرتىپىلەردىكى ئورنى مەسىلىسىدە كۆپ پەرق بار. ھەزرىتى ئوسمان تەرتىۋىدە جۇمە – مائىدە، ئىبن ئابباس تەرتىۋىدە مۇمتەھانە – نىسا، جابىر بىن زەيد تەرتىۋىدە سەپ – تەۋبە، ئىمام جافەر تەرتىۋىدە تەغابۇن – تەۋبە سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان.

بىزنىڭ ئىزاھاتلىق نازىل بولۇش تەرتىۋىمىزدە مۇمتەھانە – ناسر سۈرىسى ئارىسىدا يەر ئالماقتا.

سۈرىنىڭ نازىل بولۇش مۇھىتىدىكى دەۋر ئارقا كۆرنۈشى قىسقىچە مۇنداق:

رەسۇلۇللاھ ۋە باشقا مۇھاجىرلار يىللاردىن بۇيان بارالمىغان ئانا يۇرتىنى بەكمۇ سېغىنغانىدى. رەسۇلۇللاھ بىر كۈنى چۈشىدە ئۆزىنى مەككە يولىدا، ئىھرام باغلىغان ۋە يېنىدا قۇربانلىقلىرىنى ئالغان ھالدا كۆرىدۇ ( 27 ). شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم، مۇئمىنلەرنى ئۆمرىگە دەۋەت قىلىدۇ. ئۆزۈرخالىق ئېيتقان ئىتتىپاقداش بەدەۋى ( چۆل ئەرەبلىرى ) قەبىلىلەردىن باشقا ( 11 ) 1400 – 1500 كىشى بۇ دەۋەتكە ئاۋاز قوشىدۇ. كارۋان، ئەرەپ ئەنئەنىسىدە ئۇرۇش قىلىش ھارام بولغان ئايلاردىن ھىجرى 6 – يىلى زۇلقائىدەنىڭ بېشىدا ( مىلادى 628، مارت )، يانلىرىغا قىلىچتىن باشقا قورال ئالماي ئىھرام بىلەن يولغا چىقىدۇ.

لېكىن مەككىلىكلەر مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان ئاي ئەنئەنىسىنى دەپسەندە قىلىپ، خالىد بىن ۋەلىد قوماندانلىقىدا 200 كىشىلىك چەۋەنداز ئەۋەتىدۇ. مەككىگە ئىككى كۈنلۈك مۇساپە قالغاندا، بۇ خەۋەر رەسۇلۇللاھقا يېتىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۆمرە ھەج كارۋىنىنى تىزلىك بىلەن جىددە – مەككە يولى ئارقىلىق، كەبىگە 20 كلومېتىر يىراقلىقتىكى ھۇدەيبىييەگە ئېلىپ كېلىدۇ. چۈنكى بۇ يەر مۇداپىئە ئۈچۈن مۇۋاپىق ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇھۇد ئۇرۇشىدىمۇ بۇ تاكتىكىنى ئىشلەتكەن بولۇپ، سان جەھەتتىن ئۆزىدىن ئۈستۈن بولغان دۈشمەن بىلەن مەيدان ئۇرۇشى قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئارقا تەرىپى پۇختا بولغان جاينى ماكان تۇتۇپ، دۈشمەنگە تەڭ كەلگۈدەك بىر كۈچ بىلەن جەڭ قىلىشنى تاللىغانىدى. ئائىلىسى ئەزەلدىن بۇيان ئەلچىلىك ۋەزىپىسى ئۆتەپ كەلگەن ئۆمەر بىن خەتتاب، ئۆزىگە بېرىلگەن ۋەزىپە ئۈچۈن ئۆزۈرخالىق ئېيتىپ، بۇ ئىشقا ئوسمان بىن ئەففاننىڭ تېخىمۇ لايىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئوسمان بىن ئەففاننى ئەسلى مەقسەتلىرىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن مەككىگە ئەۋەتىدۇ. ئوسمان بىن ئەففاننىڭ مەككىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ يېنىدىكى ھەممە كىشىدىن ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە قېنى قالغىچە ئۇرۇش قىلىدىغانلىقى ھەققىدە بەيئەت ئالىدۇ ( 10 ۋە 18 ). كېيىن ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. مەككىلىكلەر خۇلەيس بىن ئەلقەمنى مۇسۇلمانلارنى مەدىنىگە قايتىپ كېتىشكە قايىل قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىدۇ. بۇ كىشى مۇسۇلمانلارنى ئىھرام ئىچىدە قۇربانلىقلار بىلەن كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بىر ئېغىز گەپ قىلماستىن قايتىپ كېتىدۇ. بۇ ئارىلىقتا مەككىلىكلەر توختىماستىن ئېغۋاگەرچىلىك قىلىپ تۇرىدۇ. تەخمىنەن 40 كىشىلىك مۇشرىك قوشۇنى كېچىدە مۇسۇلمانلارغا باسقۇن قىلماقچى بولغاندا تۇتۇلۇپ قالىدۇ. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى جازالىماي، مەككىلىكلەرگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوخشاش ۋەقەگە 80 كىشىلىك بىر مۇشرىك قوشۇنى دۇچ كېلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن مەككىلىك مۇشرىكلار چىرايلىق مۇئامىلە قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ ۋە سۇھەيل بىن ئامر باشچىلىقىدا ئۈچ كىشىلىك بىر ھەيئەت ئەۋەتىدۇ. بۇ ھەيئەت بىلەن ئاللاھ رەسۇلى ئارىسىدا تۆت ماددىلىق تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىنىدۇ. كېلىشىمگە ئاساسەن:

  1. ئىككى تەرەپ ئارىسىدا10 يىلغىچە ئۇرۇش بولمايدۇ.
  2. سۈلھىدىن كېيىن، مەككىدىن مۇئمىنلەر تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەنلەر مەككىلىكلەرگە قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.مۇئمىنلەر ئارىسىدىن مەككە تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلەر قايتۇرۇپ بېرىلمەيدۇ.
  3. ئەرەپ قەبىلىلىرى ئۆزى خالىغان تەرەپ بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش ئىختىيارىغا ئىگە.
  4. سۈلھى تۈزۈلگەن يىلى مۇسۇلمانلار ئۆمرە قىلماي قايتىپ كېتىدۇ.ئىككىنجى يىلى مەككىلىكلەر، مەككىنى مۇسۇلمانلارغا ئۈچ كۈن تاشلاپ بېرىپ چىقىپ كېتىدۇ، مۇسۇلمانلار مەككىگە كىرىپ ئۆمرە قىلىدۇ.

قارىماققا مەككىلىكلەرنىڭ پايدىسىغا بولغاندەك كۆرۈنگەن بۇ سۈلھى، ئەمەلىيەتتە مەدىنە ئىسلام دۆلىتىنىڭ مەككە مۇشرىكلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى ئىدى. ھەممىدىن مۇھىمى، بۇ سۈلھى بىلەن بارلىققا كېلىدىغان تىنچ مۇھىت، ۋەھىينىڭ يۈرەكلەرنى فەتىھ قىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر ئىدى. بۇ، ئىنسان بىلەن ئىسلام ئارىسىدىكى ھېسسىي توسالغۇلارنىڭ ئاغدۇرۇپ تاشلىنىشى، يەنى بىر « فەتىھ » ئىدى. بۇ سۈلھىگە « ماقۇل » دېگەن رەسۇلۇللاھ، سۆزنىڭ كۈچىنىڭ، كۈچنىڭ سۆزىدىن غالىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. دېمىسىمۇ، بۇ سۈرە بۇ ھەقىقەتكە « فەتىھ » دەپ ئىسىم قويغان.

بۇ سۈلھى قەلبلەرنىڭ ئالدىغا سېلىنغان تاملارنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغانلىقى ئۈچۈن « فەتىھ » دەپ ئاتالغانىدى. رىسالەتنىڭ باشلىنىشىدىن تارتىپ ئۇ ۋاقىتقىچە بولغان 20 يىللىق مەزگىلدە ۋۇجۇدقا چىققان ئىنسان قولغا كەلتۈرۈش نىسبىتى، بۇ سۈلھىدىن كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە ھەسسىلەپ ئاشتى. بۇ تىنچلىق كېلىشىم تۈزۈلۈپ ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ رايۇندىكى ئەڭ چوڭ يەھۇدىي قەبىلىسىنىڭ قەلئەسى خەيبەر فەتىھ قىلىندى. رەسۇلۇللاھ دەۋەتكە يول ئېچىش ئۈچۈن « ئۆمرە قىلىش»نى ۋەسىلە قىلغانىدى. ئەسلى نىشان مەككىنىڭ فەتىھ قىلىنىشى ئىدى. لېكىن ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن شىمالدىكى خەيبەرنى فەتىھ قىلىپ بىخەتەر ھالغا كەلتۈرۈشى كېرەك ئىدى. رەسۇلۇللاھ قېيىن بولغاننى تاللىدى، ئالدى بىلەن تىنچ مۇھىتنى قولغا كەلتۈرۈش، ئاندىن خەيبەر زەپەرى ۋە ئاداققى نىشان بۈيۈك فەتىھ ئىدى. ئىككى يىل ئۆتمەستىن مەككىلىكلەر كېلىشىمنى بۇزدى ۋە مۇشرىكلار قەلئەسى بولغان مەككە فەتىھ قىلىندى. ھەر ئىككىسى مۇبىن، يەنى « روشەن » بىر فەتىھ ئىدى. چۈنكى بۇ فەتىھ قان تۆكۈلمەستىن ۋۇجۇدقا چىقتى. بۇنىڭ تەك بىر ئىسمى بار ئىدى – يۈرەك فەتھى.

سۈرىنىڭ كىرىشىدە ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەقىقەت، فەتىھنىڭ پەقەت ھەربىي ساھەگە مەھكۇم قىلىپ قويغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كەڭ دائىرىگە ئىگە ئۇقۇم ئىكەنلىكىدۇر. قۇرئان، قەلبلەرنىڭ ئەبەدىي ۋە يىگانە ھەقىقەتنىڭ يەنە بىر ئىسمى بولغان ئىسلامغا ئېچىلىش باسقۇچىنى « روشەن فەتىھ » دەپ ئاتىغان. بۇ سۈرە شەكىللەندۈرگەن چۈشەنچە بىلەن قارايدىغان بولساق، ۋەھىي ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانغا قارىتىلىغان فەتىھتۇر. ئىبادەت ئىنساندىن ئاللاھ قا يۈزلەنگەن فەتىھتۇر. جىھاد، ئىنساندىن ئىنسانغا يۈزلەنگەن فەتىھتۇر. بايقاش، ئىنساندىن تەبىئەتكە ۋە شەيئىلەرگە يۈزلەنگەن فەتىھتۇر.

سۈرە مۇنداق باشلىنىدۇ:

« ساڭا بىز ھەقىقەتەن روشەن فەتىھ / غەلىبە ئاتا قىلدۇق » ( 1 ).

روشەن فەتىھ، يەنى فەتھى مۇبىن. مۇبىن سۈپىتى، ھەم ئۆزىدە ئوچۇق، ھەم باشقا نەرسىلەرنى ئايدىڭلاتقۇچى / روشەنلەشتۈرگۈچى مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. كەلىمىنى ئىككى سۆز تومۇرىدىن تۈرلەپ چىققىلى بولغانلىقتىن ھەم ئۆتۈملۈق، ھەم ئۆتۈمسىزدۇر. فەتھى مۇبىن، نۇزۇل سەۋەبىدە بايان قىلىنغاندەك روشەن ھالدا ئىنسان ۋە قەلب فەتھىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، فەتھى مۇبىن، ھەقىقەتنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشتىكى توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىغانلىقى ئۈچۈن، ئىنسان بەخت – سائادىتىنىڭ يەنە بىر ئىسمى بولغان ئىسلامنى، ئۇنىڭدىن بىخەۋەر بولغان ئىنسانلارغا چۈشەندۈرۈپ يەتكۈزگەن بىر فەتىھتۇر.

تۆۋەندىكى ئايەتتىكى كۈچ – قۇدرەتنىڭ ئىگىسى، فەتىھ قىلىنىشقا لايىق بولغان دىللارنىڭ ئىگىسى ئەمەسمۇ؟

هُوَ الَّذِي أَنْزَلَ السَّكِينَةَ فِي قُلُوبِ الْمُؤْمِنِينَ لِيَزْدَادُوا إِيمَانًا مَعَإِيمَانِهِمْ وَلِلَّهِ جُنُودُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا

مۇئمىنلەرنىڭ ئىمانىغا ئىمان قوشۇلۇشى ئۈچۈن، اﷲ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا تەمكىنلىكنى چۈشۈردى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ( پەرىشتىلەردىن، جىنلاردىن، ھايۋانلاردىن ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرىدىن بولغان ) قوشۇنلىرى اﷲ نىڭدۇر، اﷲ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر » ( 4 ).

رەسۇلۇللاھنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۈچ كەلىمە بىلەن قىسقىچە بايان قىلغان تۆۋەندىكى ئايەتنىڭ تەپسىرى ئۈچۈن بىر جىلد ئەسەر سىزچە يېتەرلىك بولامدۇ؟

إِنَّا أَرْسَلْنَاكَ شَاهِدًا وَمُبَشِّرًا وَنَذِيرًا

« (ئى رەسۇل!) بىز ھەقىقەتەن سېنى شاھىد / گۇۋاھلىق بەرگۈچى، ( مۇئمىنلەرگە جەننەت بىلەن ) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، ( كاپىرلارنى ئازابتىن ) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق » ( 8 ).

سۈرىنىڭ داۋامىدىكى ئايەتلەر نازىل بولغان مەزگىلدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىرمۇ – بىر ئىما قىلىدۇ. رەسۇلۇللاھقا بەيئەت قىلغانلار ھەقىقەتەن ئاللاھ قا بەيئەت قىلغان بولىدۇ ( 10 ). ئەلچىگە بولغان ئىتائەت، ئەلچىنى ئەۋەتكۈچىگە ئىتائەتتۇر، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭدىن كېيىن، بەدەۋىيلەرنىڭ مەنپەئەتپەرەست ئىككى يۈزلىمىچىلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ ( 11 – 13 ). بەدەۋىيلەرنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكى ھەقىقەتەن چوڭ، ئەمما ئاللاھ نىڭ مەغپىرىتى ۋە ئەپۇسى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭدۇر ( 14 ).

رىزۋان بەيئىتى…

بۇ ئىسىم بىلەن مەشھۇر بولغان بۇ بەيئەت، مەككىگە ئەۋەتىلگەن ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى يالغان خەۋەر سەۋەبىدىن بولغانىدى. ئۇ يەردە رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرگە بولغانلار جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ، ئاللاھ رەسۇلىغا بەيئەت قىلدى. بۇ بەيئەت، دەۋرىمىزدە بەزىلەر چۈشەندۈرگەندەك ۋە ئېلىپ بېرىۋاتقان « بەيئەت قىل ۋە قۇتۇل » مەنىسىدىكى بەيئەت ئەمەس. ئەكسىچە، « جېنىڭنى ئالقىنىڭغا ئال ۋە ئۇنى ئېلىپ رەسۇلۇلاھنىڭ ئالقىنىغا قوي » بەيئىتى ئىدى. دەرۋەقە، شۇنداق بولدى. ئاللاھ مانا مۇشۇنداق بىر بەيئەت ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئايەتنى نازىل قىلدى:

لَقَدْ رَضِيَ اللَّهُ عَنِ الْمُؤْمِنِينَ إِذْ يُبَايِعُونَكَ تَحْتَ الشَّجَرَةِ فَعَلِمَ مَافِي قُلُوبِهِمْ فَأَنْزَلَ السَّكِينَةَ عَلَيْهِمْ وَأَثَابَهُمْ فَتْحًا قَرِيبًا

« ئۆز ۋاقتىدا ( ھۇدەيبىيىدە ) دەرەخ ( سايىسى ) ئاستىدا ساڭا بەيئەت قىلغان مۇئمىنلەردىن اﷲ ھەقىقەتەن رازى بولدى. اﷲ ئۇلارنىڭ دىلىدىكىنى ( يەنى راستلىق بىلەن ۋاپانى ) بىلىدۇ، اﷲ ئۇلارغا ( ئۇلار بەيئەت قىلىۋاتقاندا ) تەمكىنلىك چۈشۈرۈپ بەردى ۋە ئۇلارنى يېقىن غەلىبە بىلەن مۇكاپاتلىدى » ( 18 ).

بۇ سۈرىنىڭ بىرسى ئىجابىي، يەنە بىرسى سەلبى بولۇپ ئىككى قەھرىمانى بار. ئىجابىي قەھرىمانى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى؛ سەلبىي قەھرىمانى بولسا جاھىلىيەت غورۇرى ئىدى. 26 -ئايەت مانا بۇ ھەقىقەتنى بايان قىلىدۇ. مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە جاھىلىيەت غۇرۇرى ئارىسىدىكى كۆرەش، ئۇ كۈندىن بۈگۈنگىچە ھېچ تۈگىمىگەن ۋە بۇنىڭدىنمۇ كېيىن تۈگىمەيدۇ.

سۈرىنىڭ ئاخىرقى ئىككى ئايىتى تۆۋەندىكىچە:

هُوَ الَّذِي أَرْسَلَ رَسُولَهُ بِالْهُدَى وَدِينِ الْحَقِّ لِيُظْهِرَهُ عَلَى الدِّينِكُلِّهِ وَكَفَى بِاللَّهِ شَهِيدًا (28) مُحَمَّدٌ رَسُولُ اللَّهِ وَالَّذِينَ مَعَهُأَشِدَّاءُ عَلَى الْكُفَّارِ رُحَمَاءُ بَيْنَهُمْ تَرَاهُمْ رُكَّعًا سُجَّدًا يَبْتَغُونَ فَضْلًامِنَ اللَّهِ وَرِضْوَانًا سِيمَاهُمْ فِي وُجُوهِهِمْ مِنْ أَثَرِ السُّجُودِ ذَلِكَمَثَلُهُمْ فِي التَّوْرَاةِ وَمَثَلُهُمْ فِي الْإِنْجِيلِ كَزَرْعٍ أَخْرَجَ شَطْأَهُ فَآَزَرَهُفَاسْتَغْلَظَ فَاسْتَوَى عَلَى سُوقِهِ يُعْجِبُ الزُّرَّاعَ لِيَغِيظَ بِهِمُ الْكُفَّارَوَعَدَ اللَّهُ الَّذِينَ آَمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ مِنْهُمْ مَغْفِرَةً وَأَجْرًاعَظِيمًا (29)

« اﷲ ھەق دىننى پۈتۈنلەي ئوتتۇرىغا قويۇپ بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئەلچىسىنى توغرا يول يېتەكچىسى ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى ( بۇنىڭغا ) گۇۋاھلىق بېرىشكە اﷲ يېتەرلىكتۇر.

مۇھەممەد اﷲ نىڭ رەسۇلىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۇئمىنلەر كۇففارلارغا / ھەقنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا قاتتىقتۇر، ئۆزئارا كۆيۈمچاندۇر. ئۇلارنى رۇكۇ قىلغان، سەجدە قىلغان ھالدا كۆرىسەن. ئۇلار اﷲ نىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە سەجدىنىڭ ئەسىرىدىن نىشانلار بار، ئەنە شۇ ئۇلارنىڭ تەۋراتتىكى سۈپىتىدۇر، ئۇلارنىڭ ئىنجىلدىكى سۈپىتى بولسا ( ئۇلار ) شاخ چىقارغان، كۈچلىنىپ چوڭايغان، ئاندىن ئۆز غولى بىلەن ئۆرە تۇرغان، بوللۇقلۇقى ۋە كۆركەم كۆرۈنۈشى بىلەن، دېھقانلارنى مەمنۇن قىلغان بىر زىرائەتكە ئوخشايدۇ، اﷲ نىڭ ( مۇئمىنلەرنى مۇنداق زىرائەتكە ئوخشىتىش ) كۇففارلارنى خاپا قىلىش ئۈچۈندۇر، اﷲ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجىر ۋەدە قىلدى » ( 28 – 29 ).